ئەسەبىي يوللىغان ۋاقتى 2013-6-22 11:09
http://www.chutzpahmagazine.com.cn/CnVideoDetails.aspx?id=333
بۇ فىلىمنىڭ ئاستىدىك ...
سالام ئەسەبىي ئەپەندى:
مەن سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزنى كۆرگەندىن كېيىن، ئەسلى جاۋاب قايتۇرماسلىق خىيالىغا كەلگەن. لېكىن ئويلاپ باقسام، سىزنىڭ دېگەنلىرىڭىز باشقا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭمۇ ئويى ئىكەن. مەن ئىلگىرى بۇنداق «سەمىمىي كۆيۈنۈش»لەرنى ئاڭلىغان ۋاقتىمدا، گەرچە تىشىمدا بىلدۈرمىگەن بىلەن ئەمما ئىچىمدە بەكلا ئازابلانغان ئىدىم. ئەمدى سۈكۈت قىلىشقا تاقىتىم يوق.
بىرىنچى بىر گەپ: سىز «غەيرەت ئاسىمنىڭ ئىسمىنىڭ ئېنگلىزچىسى Alat Asem دەپ ئالغانلىقى، بۇنىڭ ياكى ئۇيغۇرچە ئوقۇلۇش ئاھاڭىغا يا خەنزۇچە ئوقۇلۇش ئاھاڭىغا ئوخشىمايدىغان غەلىتە بىر يېزىلغان» غانلىقىنى ئېيىتپ، مېنىڭ ئىسمىمغا شۇنداق ئەستايىدل مۇئامىلە قىلغان مۇھەررېر غەيرەت ئاسىمدەك كاتتا يازغۇچىمىزنىڭ ئىسمىغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلغانلىقىدىن گۇمانلىنىپسىز ۋە مېنىڭ «بەزى گەپلىرىمگە ئالدىراپ ئىشىنىپ» كەتمەپسىز. مەن بۇنى كۆرگەندىن كېيىن غەيرەت ئاسىمدىن بۇ توغرۇلۇق سورىدىم، غەيرەت ئاسىم ئىسمىنىڭ ئىنگلىزچىسىدىن شۇنداق يېزىلغانلىقىدىن خەۋەردار ئىكەن. مەن يەنە ژۇرنال مۇھەررىرىدىنمۇ بۇ توغرۇلۇق سورىدىم، ئۇلار غەيرەت ئاسىمنىڭ ئىسمىنىڭ ئىنگلىزچىسى توغرۇلۇق غەيرەت ئاسىمدىن پىكىر ئالغانىكەن. شۇڭا، مېنىڭ ئىسمىمغا «شۇنداق ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلغان مۇھەررىر» غەيرەت ئاسىمدەك كاتتا يازغۇچىمىزنىڭ ئىسمىغىمۇ شۇنداق ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپتۇ. ئەمدى «بەزى گەپلەرگە ئالدىراپ ئىشىنىپ كەتمىگەن»لىكىڭىزگە كەلسەك، مەن رېئاللىقنى يازدىم، ھەق گەپنى دېدىم، چۈنكى، ھەقىقەت رېئاللىق ئارقىلىق ئەكىس ئېتىدۇ. سىزنىڭ بۇنىڭغا ئىشەنمەسلىك ھوقۇقىڭىز بار، مەن ھەم سىزنى ئىشەن دەپ تۇرۇۋالمايمەن.
ئىككىنچى بىر گەپ: «چوڭلىرىمىز» يېڭى تونۇشقاندا نېمىسىگە ئاساسلىنىپ مېنى مەنسىتمەيدىكەن؟ سىزنىڭ بۇ گىپىڭىزچە، «چوڭلىرىمىز» ئۆزىنىڭ «چوڭلۇقى» بىلەن بىزدەك «كىچىكلەر»نى مەنسىتمىسە، كېبىرى بىلەن بىزنى ئادەم قاتارىدا كۆرمىسە بولىدىكەن-دە؟ «چوڭلىرىمىز»غا ئادەم مەنسىتمەسلىك ئېمتىيازىنى كىم بەردى؟ ئەگەر مېنى مەنسىتمىسە، مەن ئۇنداق «چوڭلىرىمىز»نىڭ ماڭا ئۇنداق «نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىتىشى(سۆزلەپ بېرىشى)»گە مۇھتاج ئەمەس. چۈنكى، ئۈگەتكۈچى بىلەن ئۈگەنگۈچى باراۋەر ئورۇندا تۇرمىسا، ئۈگەتكۈچىنىڭ نوپۇزى مەجبۇرلاپ تېڭىلسا، ئۈگەنگۈچى ھېچنەرسە ئۈگىنەلمەيلا قالماستىن بەلكى بىر قۇلغا ئايلىنىپ قالىدۇ. نوپۇزىنى پەش قىلىپ، ئۆزىگە شەرتسىز بويسۇنۇشقا مەجبۇرلاش سىز ئەنسىرىگەن «مېڭە يۇيۇش»نىڭ بىر خىل شەكلىدۇر. ئەقىللىق ئاتا-بوۋىلىىرىمىز بىزگە شۇنداق ئۈگۈت قالدۇرۇپ قويۇپتىكەن « سۇنىڭ بېشى لاي بولسا ئايىغىمۇ لاي بولۇر» دەپ، يېڭى كۆرۈشكەندە مەنسىتمىسە، كېيىن مەنسىتىشى مۇمكىنمۇ؟! ئەگەر مەيلى قانچە «چوڭ» بولۇپ كەتسۇن، مېنى ئىززەت قىلمىسا، مەنمۇ ھۆرمەت قىلمايمەن. ئەگەر قانچە «كىچىك» بولۇپ كەتسۇن، ھۆرمىتىمنى قىلسا، مەنمۇ ئىززىتىنى قىلىپ، بېشىمدا كۆتۈرىمەن. شۇڭا مەن ھېچقاچان «خەخنىڭ كىچىككىنە غەمخۇرلۇقىدىن تەسىرلىنىپ كىتىپ» ئۇنى بېشىمدا كۆتۈرمىدىم،«چوڭلىرىمىزدىن رەنجىپ يامان گىپىنى قىل»مىدىم. سىزنىڭ ماڭا «دىققەت قىلىپ كىلىۋاتقان»لىقىڭىز، «كەلگۈسۈمدىن ئەنسىرىگەن»لىكىڭىزگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت. لېكىن، شۇنى ئەسكەرتىپ قويايكى، سىزنىڭ «ئەنسىرەش»لىرىڭىز پۈتۈنلەي ئارتۇقچە، سىز «ئەنسىرىگەن ئىش»مۇ يۈز بەرمەيدۇ. چۈنكى، مېنىڭ ئەقلى-ھوشۇم جايىدا، مېڭەممۇ ئەرزان رەخت ئەمەس، بىر يۇيۇپ بولغۇچە «يۇيۇلۇپ» رېڭى چىقىپ كېتىدىغان.
ئاخىردا دەيدېغىنىم شۇكى: «پۈتۈن جۇڭگۇدىكى مەتبۇئاتلارنى مېنىڭ ئەسەرلىرىم، مېنىڭ تەرجىمىھالىم قاپلاپ» كەتسىمۇ، مېنىڭ خەلقىم بولمىش سىز(سىلەر)نىڭ ئېتىراپ قىلمىسا يەنىلا «بىكار»لىقىنى ئېيتىپ، ماڭا يۇشۇرۇن تەھدىت ساپسىز. سىزنىڭ بۇ تەھدىتىڭىزدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، سېلەر تەرىپىدىن «ئېتىراپ قىلىنىش»قا ئېرىشىش ئۈچۈن، سېلەرنىڭ دېگەن سىزىقىڭلاردىن چىقماي، سىلەر قاياققا ھەيدىسەڭلار شۇياققا بويۇنتاۋلىق قىلماي مېڭىشىم، سىلەرنى ماختاپ-ئۇچۇرۇپ (يامان گىپىڭلارنى قىلماي)، مەنسىتمىسەڭلارمۇ رەنجىمەي بېشىمغا ئېلىپ كۆتۈرۈشۈم كېرەككەن. بولمىسا سېلەر بولمىش«خەلقىم»نىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمەي، «يەنىلا بىكار» بولىدىكەنمەن. كاللىڭىزنى سىز سىلكىۋېتىپ سۆزلەڭكى، ماڭا بۇنداق تەھدىت ئاقمايدۇ! چۈنكى، مېنىڭ خەلقىم سىز (سىلەر يەنى «چوڭلىرىمىز»)ئەمەس، مېنىڭ خەلقىمگە سىز (سىلەر يەنى «چوڭلىرىمىز»)ۋەكىللىك قىلالمايسىز.
ئادىل تۇنىيازنىڭ «پەيغەمبەر دىيارىدىكى كېچىلەر» دېگەن كىتابنى ئوقۇپ چىقىش ھەققىدىكى تەكلىپىڭىزگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. دېمىسىڭىزمۇ شۇنداق قىلاتتىم. چۈنكى، ئادىل تۇنىياز مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان شائىرلارنىڭ بىرسىى. لېكىن شۇنى ئەسكەرتىپ قوياي، ئادىل تۇنىياز بىز ئۇيغۇرلارنىڭلا شائىرى ئەمەس، بەلكى ئالەمنىڭ شائىرى، سۆزۈمگە ئادىل تۇنىياز «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى 2013-يىللىق 3-سانىدا ئېلان قىلغان «ئالەم شېئىرىيەت ئېقىمى خىتابنامىسى» دەلىل بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە شېئىر بىر مىللەتكە، بىر ئادەمگە تەۋە نەرسە ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئورتاق. ئەگەر بۇنداق بولمايدىكەن، بىز يەنە نېمە ئۈچۈن باشقا مىللەت شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىمىز، ئۇلاردىن ئۈگنىمىز؟ يەنە ئۇيغۇرچە يېزىلغان شېئىرلارنى باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىپ، ھەتتا تېخى «نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى» ھەققىدە چۈشلەرنى كۆرۈپ يۈرۈيمىز؟ شائىر، شېئىر پۈتۈن ئىنسانىيەتكە، ئالەمگە تەۋە، بۇ يەردە بىر مىللەتكە تەۋە بولىدىغىنى پەقەت شېئىرنى خاتىرىلىگەن يېزىق(تىلدۇر).
بۇندىن كېيىن ئورۇنسىز ئاچچىقلىنىپ يۈرمەڭ، ئۆزىڭىزنى كۆپ ئاسراڭ، چۈنكى ئاچچىقلىنىش جىگەرگە زىيانلىقتۇر.