شۇنداق كۈنلەردە مەنمۇ تۇرپان يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن گەنسۇ زىيارىتىنىڭ ئۇنتۇلماس تەسىرلىك دەقىقىلىرىگە نائىل بۇلىۋاتقىنىمدا، ئۇ يەردە كۆرگەنلىرىم مېنى تاھازىرغىچە ھاياجانغا سېلىپ تۇرماقتا. مېنى دەسلەپتىلا ئەڭ ھاياجانغا سالغىنى شۇ بولدىكى ، گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ سۇنەن ئاپتۇنۇم ناھىيەسىگە كىرىشىمىزگىلا ئۇ يەردە ياشاۋاتقان ‹‹ يۇغۇر ›› مىللىتىنىڭ تەققى - تۇرقى ، چىراي شەكلى بىز ئۇيغۇرلارغا بەجايى ئوخشاش ئىكەنلىكى بولدى. سەپەرداشلىرىمغا ئوخشاشلا يىنىمدىن ئۆتىۋاتقان قاش - كۆزلۈك ، قاڭشارلىق كىشىلەرگە ھەيرانلىق بىلەن قاراپ كەتتىم... ناۋادا مەن ئۇلارنىڭ خەنزۇ تىلىدا سۆزلىشىدىغان ‹‹ يۇغۇر ›› مىللىتى ئىكەنلىكىنى ئالدىن بىلمىگەن بولسام ، ئالدىغا يۈگىرەپ بېرىپ ، ئۇيغۇر تىلىدا ئەھۋاللاشقانمۇ بۇلاتتىم... شۇنىڭ بىلەن بۇ ھەيرانلىق قەلبىمدە ئاستا- ئاستا بىرخىل شادىيانە تۇيغۇغا ئاندىن بىر پارچە شېئىرغا ئايلاندى.
تۈرك تىلى بىلەن خەنزۇ تىلى ئارىلاشقان
يۇغۇر تىلى ئۇستىگە قۇردۇق بەداشقان.
قېنىمىزدا سۇغۇرۇلغان كىمخاپ يەرلەر،
كېلىدۇ قىيقاسلاپ بىر توپ ئاتلىق ئەرلەر.
توزۇيدۇ يۈرىكىدىن ۋەتەن توپىسى.
تىلى بىلەن ئۇچراشتى دىلىمىز،
دېلى بىلەن ئۇچراشتى تىلىمىز،
ھەر بىر كۆز گويا بىر ئۇيغۇر كوچىسى.
مېنى ھاياجانغا سالغان يەنەبىر ئىش شۇ بولدىكى ، كېيىن بىز سۇنەن ناھىيىسىنىڭ تاغلىق چارۋىچىلىق رايۇنىغا چىقىپ ، شۇ جايدا ياشاۋاتقان 60 ياشلار چاممىسىدىكى بىر چارۋىچىنىڭ تۇرالغۇسىدا قىزغىن مۇلاقاتلاردا بولدۇق. بىز گەپ ئارىلىقىدا ئۇنىڭدىن‹‹ سېرىق ئۇيغۇر››لارنىڭ ئىتنىك مەنبەسى ھەققىدە بەزىبىر ئۇچۇرلارنى سورىساق، ئۇ بىلىدىغانلىرىنى ئاز- تۇلا ئېيتىپ بەردى. ئارىدا بىز ئۇنىڭدىن ‹‹ شېجى - خاجوۋ ›› داستانىدىن بىرەر ئارىيە ئۇقۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدۇق. ئۇ شۇ چاغدا تۈرك تىلى ئارىلاشقان خەنزۇ تىلىدا ئۇنتۇقات ‹‹ ئۇنتۇقات - ئۇنتۇپ قاپتىمەن دىگەن مەنىدە ›› دەپ ئېيتقىلى ئۇنىمىغان بولسىمۇ ، بىزنىڭ كۈچلۈك تەلەپ قىلىشىمىز بىلەن داستاندىن ئىككى كوبلىتىنى ئاھاڭغا سېلىپ ئوقۇپ بەردى. ئەينى دەۋرلەردە ئەجدادلىرىمىز نىڭ قەھرىمانلىق كۈرەشلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن داستاندىن پارچىنى ئاڭلاپ ، قەلبىمىز لىققىدە ھاياجانغا تولدى. بىز چارۋىچىنىڭ ئۆيىدىن چىقىپ ، پەستە تاغ باغرىدا ئويناقشىپ ئېقىۋاتقان ئېقىن بويىغا كېلىپ، مۇزدەك ساپ تاغ ھاۋاسىدىن ھوزۇرلانغاچ ، نەچچە كۈننىڭ ياقى قەلبىمىزدە يېغىلىپ قالغان تەسىراتلىرىمىزنى خاتىرە دەپتەرلىرىمىزگە قوندۇرۇشقا باشلىدۇق. شۇ چاغدا مەن تۆۋەندىكى شېئىرنى دەپتىرىمگە پۈتكەن ئىدىم.
ئىدىقۇت تاغلىرىنى باغرىمدىن ئېلىپ،
بۇ كىم دەپ كۆرسەتتىم ئاڭا.
ئۇنتۇقات دېدى ئۇ سۈكۈتى بىلەن
بىر پارچە يايلاقنى كۆرسەتتى ماڭا.
تاغلارغا باغلانغان قاشقىلىق بىر ئات
قىياغا سۈركىمەس تۇياقلىرىنى.
ئۇ شۇدەم مەغرۇرلىقىدا ئۇنتۇغانمىدۇ؟
بىپايان چىليەنشەن يايلاقلىرىنى.
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن ، ئەسلىدە گەنسۇ تەسىراتىمنى تەپسىلى يازسام بولاتتى. بىراق مەندىكى شالاڭ ۋاقىت تۈپەيلى تەپسىلى يېزىشقا مۇمكىن بولمىدى. ناۋادا بۇ ھەقتە تەپسىلى ئۇچۇرغا ئىرىشىشنى ئىستىمەكچى بولسىڭىز، ‹‹ تۇرپان ›› ژورنىلىنىڭ 3 - سانىغا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرغايسىز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا زوقلان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-26 21:01