كۆرۈش: 1937|ئىنكاس: 37

تۇرپان يازغۇچىلىرىنىڭ گەنسۇ زىيارىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  69
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 819
تۆھپە : 12
توردا: 267
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-13 17:42:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرپان يازغۇچىلىرىنىڭ گەنسۇ زىيارىتى

تۇرپان ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسنىڭ تەستىقلىشى بىلەن تۇرپان ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ غوللۇق 6 ئەزاسى 3 – ئىيۇندىن 12 – ئىيۇنغىچە گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ گۇاجۇ ناھىيەسى، سۇنەن يۇغۇر (سېرىق ئۇيغۇر) ئاپتونوم ناھىيەسى، جيۇچۈەن، جاڭيې، ۋۇۋېي، لەنجۇ، دۇنخۇاڭ (دەشتئاتا) شەھەرلىرىدە ئېكسكۇرسىيە، زىيارەت، تۇرمۇش ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىدە بولدى.
تۇرپان ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، «تۇرپان»ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ئۆمەرجان سىدىق ئۆمەك باشلىقى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى، «تۇرپان»ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى تۇرغۇن جالالىدىن مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى بولغان بۇ گۇرۇپپىغا تۇرپان ۋىلايەتلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇت (جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ توختاملىق يازغۇچىسى، تۇرپان ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى)، تۇرپان ۋىلايەتلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ كادىرى ئەكبەر داۋۇت تەنھا (تۇرپان ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى)، توقسۇن ناھىيە غولبويى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئابلەت باھايىدىن (تۇرپان ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئەدەبىي تەرجىمان)، توقسۇن ناھىيە غولبويى يېزا «زوقلان»فىلىم ئىشلەش مەركىزىنىڭ مەسئۇلى پەرھات باھايىدىن (تۇرپان ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى)قاتارلىقلار قاتناشتى. ئۆمەك مەخسۇس ماشىنا بىلەن يول بويى ئەركىن پائالىيەت قىلىپ سەپەرنى داۋاملاشتۇردى.
تارىختىكى مەشھۇر تۇرپان ئىنانچىخانى ئىمىن غوجا جۇڭغارلارنىڭ پاراكەندىچىلىكىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن مىلادىيە 1732 – يىلى تۇرپاندىكى 10  مىڭغا يېقىن ئاھالىنى باشلاپ، گەنسۇنىڭ شىنجاڭ چېگراسىغا يېقىن بولغان گۇاجۇ ناھىيەسىگە كۆچۈپ، بۇ يەردە 24 يىل تىرىكچىلىك قىلغاندىن كېيىن مىلادىيە 1756 – يىلى تۇرپانغا قايتىپ كەلگەن. 24 يىل جەريانىدا گۇاجۇدىكى تۇرپان ئاھالىلىرى 5 قورغانغا بۆلۈنۈپ مەھەللە بەرپا قىلىپ، يەر تېرىپ، قوغۇن ئۆستۈرۈپ، بۇ يەردە نۇرغۇن ئىزلىرىنى قالدۇرغان. بىر قىسىم كىشىلەر بۇ يەردە قازا قىلىپ، مىيىتى شۇ جايغا قويۇلغان، بۇ يەردە تۇغۇلغان بىر قىسىم ياشلار تۇرپانغا قايتىشنى خالىماي، گۇاجۇدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان. تۇرپان يازغۇچىلىرى تۇرپان ئاھىلىلىرى تۇرغان قورغان، سېپىل، ئاھالىلەر تۇرالغۇ رايونلىرىنىڭ خارابىلىرىنى تەكشۈرۈپ، زىيارەت قىلىپ، چەكسىز ھاياجانغا چۆمۈشتى.
سۇنەن يۇغۇر  ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى سېرق ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك تەركىبى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بىر بولۇپ، ئۇلار مىلادىيە 840 – يىللاردا ئۇرخۇن دەرياسى بويىدىن غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ گەنسۇغا ئورۇنلاشقان قىسمىنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. ئۇلار گەنسۇدا قۇرۇلغان گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى تەركىبىدە بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەن، كېيىن ئۇرۇش، تەپرىقىچىلىكتىن يەنە كۆچۈپ، شىنجاڭنىڭ چەرچەن، چارقىلىق بويلىرىدا تىرىكچىلىك قىلغان، ئەڭ ئاخىرىدا يەنە گەنسۇغا قايتىپ، چىلان (چىلەنشەن)تاغلىرى باغرىدىكى ھازىرقى سۇنەنگە ماكانلاشقان. ئۇلارنىڭ بىر قەبىلىسىنىڭ تىلى ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىنىڭ تۈرك تىلى تارمىقىغا تەۋە بولۇپ، تىلىدا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاتالغۇلار كۆپ، شۇڭا سۆزلەشكەندە 30 پىرسەنت تىلىنى ئۇققىلى بولىدۇ. تۇرپان يازغۇچىلىرى سۇنەندە قىزغىن كۈتۈۋېلىشقا مۇيەسسەر بولۇپ، سېرىق ئۇيغۇر قېرىنداشلار بىلەن چوڭقۇر ھاياجان ئىلكىدە پىكىرلەشتى. چىلان تېغى باغرىدىكى گۈزەل يايلاققا چىقىپ، سېرىق ئۇيغۇر چارۋىچىلار بىلەن ھال – مۇڭ قىلىشتى.
مىڭخۇا سېرىق ئۇيغۇر مەكتىپىگە بېرىپ، مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، شىنجاڭ پىدائىيلار جەمئىيىتى تۇرپان پونكىتىنىڭ مەسئۇلى ئەكبەر داۋۇت تۇرپان پىدائىيلىرىغا ۋاكالىتەن ئېلىپ كەلگەن كومپيۇتېرلارنى بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا تەقدىم قىلدى.
جيۇچۈەن، جاڭيې، ۋۇۋېي شەھەرلىرىدە قەدىمكى تارىخى مەدەنىيەت يادىكارلىق ئىزلىرىنى، گۈزەل مەنزىرىلىك جايلارنى زىيارەت قىلدى.
لەنجۇ شەھىرىدە غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتى ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى رەھبەرلىرىنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتلەشتى، بۇ مەكتەپتىكى مەرھۇم يازغۇچى زوردۇن سابىر تۇرغان كونا ئۆيلەرنىڭ ئىزلىرىنى تەكشۈردى. لەنجۇ شەھىرىدىكى ئانا دەريا سارىغ ئوگۇز (خۇاڭخې)نى، قەدىمكى ۋە ھازىرقى مەدەنىيەت يادىكارلىق، مەنزىرە نۇقتىلىرىنى زىيارەت قىلدى، 1940 - يىللاردا تۇرپانلىق مەشھۇر جەمەت ۋاجىدىلار جەمەتى لەنجۇدا قۇرغان «لەنجۇ – شىنجاڭ ئىدىقۇت شىركىتى»نىڭ كونا ئىزلىرىنى تەكشۈردى.
دەشتئاتا (دۇنخۇاڭ) شەھىرىنى زىيارەت قىلىش بىلەن بىرگە، بېرىپ كېلىشتە قۇمۇل شەھىرىگە كىرىپ، قۇمۇلدىكى ئەدىپ، يازغۇچىلار بىلەنمۇ پىكىر ئالماشتۇردى.
بۇ قېتىمقى سەپەردە گەنسۇدىكى ھەر قايسى ناھىيە، شەھەرلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىلىرى، يازغۇچىلار جەمئىيەتلىرى تۇرپان يازغۇچىلار زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ياتاق، تاماق، زىيارەت پائالىيەتلىرىنى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، قىزغىن كۈتۈۋالدى. بولۇپمۇ زىيارەت ئۆمىكىدىكى تۇرپان يازغۇچىلىرىنىڭ سەپەر جەريانىدىكى ھاياجېنى ناھايىتى زور بولدى، ئىلھام بۇلاقلىرى قايناپ – تاشتى، قولغا كەلتۈرگەن ھاسىلاتلىرى كۆپ بولدى. يەرلىكتىكى بىر يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ يازغۇچىلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە زىيارەتكە تەشكىللىشى تۇنجى قېتىملىق ئىش بولغاچقا، بۇ پائالىيەت ھەر ساھەنىڭ قىزغىن ئېتىراپ قىلىشىغا، مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى. بۇ قېتىمقى پائالىيەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق، جۈملىدىن تۇرپان ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتىش، يەرلىكتىكى يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيەت قىزغىنلىقىغا ئىلھام بېرىش، ھەر مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم رول ئوينىدى.
سۈرەتلەر: 1. 3351 – سۈرەت: تۇرپان ئەدىپلىرى قۇمۇل بىلەن گەنسۇ چېگرىسىدىكى ئارا يۇلتۇزدا.
3351.JPG



2. 0009 – سۈرەت: ئەدىپلەر گۇاجۇ ناھىيەلىك مەدەنىيەت ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدا.
09.JPG


3. 0044: ئەدىپلەر گۇاجۇ مەدەنىيەت ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئۇيغۇرچە ھۆسنخەت تەقدىم قىلدى. ھۆسنخەتنى تۇرپان ۋىلايەتلىك خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، تونۇلغان خەتتات ئەنۋەر ھەسەن باقى يازغان.
044.JPG


4. 0077: گۇاجۇ ناھىيەسى گۇاجۇ يېزىسى تەۋەسىگە جايلاشقان، تۇرپان ئىنانچىخانى ئىمىن غوجا ماكانلاشقان 1 – قورغاننىڭ خارابىسى.
77.JPG

0099: ئەدىپلەر خارابە ئالدىدا سۈرەتكە چۈشتى.
099.JPG

0103: ئەدىپلەر ئىمىن غوجا ھەربىي قورغىنى سېپىلى ئالدىدا.
0103.JPG

0172: ئەدىپلەر جيۇچۈەن شەھىرىدىكى غەربىي خەن سۇلالىسى مەدەنىيەت يادىكارلىق نۇقتىسىدا. (ئوڭدىن 3 – كىشى جيۇ چۈەن شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئۇيغۇر شائىرى تو چىڭدې).
172.JPG

0259: ئەدىپلەر چىلان تاغ باغرىغا، يايلاقنىڭ چېتىگە جايلاشقان سۇنەن يۇغۇر ئاپتونوم ناھىيەسىدە.
259.JPG

3604: ئەدىپلەر سۇنەن ناھىيە بازىرىدىكى دەريا بويىدا، يىراقتا كۆرۈنۈپ تۇرغىنى چىلان تاغلىرى، ئوڭدىكىسى سېرىق ئۇيغۇر يازغۇچىسى سۈتقىر، ئوتتۇرىدىكىسى سېرىق ئۇيغۇر شائىرى تىكەن لاۋا.
3604.JPG

0344: ئەدىپلەر غول ئېقىن يايلىقىدىكى سېرىق ئۇيغۇر چارۋىچىلىرىنىڭ ئۆيىدە.
_0344.JPG

0350: سېرىق ئۇيغۇر يايلىقىدا ھاياجان ئىلكىدە شېئىر يېزىۋاتقان ئەدىپلەر.
0350.JPG

0372: مىڭخۇا مەكتىپىدە سېرىق ئۇيغۇر قىزلىرى ئەدىپلەرنى قىزغىن كۈتۈۋالدى.
0372.JPG

0411: مىڭخۇا مەكتىپىدىكى كومپيۇتېر ئىئانە قىلىش پائالىيىتى.
0411.JPG

0471: جاڭيې شەھىرىدىكى توپا مۇنار ئالدىدا.
0471.JPG

0512: ۋۇۋېي شەھىرىدىكى لېيتەي مۇزېيىدا.
0512.JPG

0684: لەنجۇ شەھىرىدىكى غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتى ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىدىكى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن سۆھبەتتە.



0684.JPG
0693: غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتى مۇزېيى ئالدىدا.

0772: غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتى ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دوكتور، پروفېسسور ئابدۇۋەلى كېرەم غولبويى بىلەن سۆھبەتتە.
0772.JPG

0781: ئەدىپلەر لەنجۇ شەھىرىدىكى سارىغ ئوگۇز (خۇاڭخې ) دەرياسى بويىدا.
0781.JPG

0796: ئەدىپلەر لەنجۇ شەھىرىدە.

0796.JPG


_____
بۇ خەۋەرنى شائىر، تۇرپان ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئۆمەرجان سىدىق تەمىنلىگەن.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پەرھات كازىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-13 18:34  


كارىزلارنى قۇتۇلدۇرۇش، كارىزلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ھەر بىرىمىزنىڭ بۇرچى!
http://www.karizim.cn
idraksoft

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  246
يازما سانى: 222
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 709
تۆھپە : 1
توردا: 96
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-13 17:52:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنتايىن ياخشى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ،كۆڭۈللۈك زىيارەت بولۇپتۇ ...سۈرەتلەرمۇ يوللانغان بولسا -ھە؟

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 1897
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 5605
تۆھپە : 10
توردا: 541
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا مىراپ

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-13 18:13:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

   مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەر كۆپرەك بولۇپ تۇرسا-ھە!! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇرېھىم زۇنۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-18 00:45  


قالاشنى بىلسە، مۇزمۇ كۆيىدۇ.

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 1908
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 5639
تۆھپە : 8
توردا: 404
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-13 18:21:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مارەك بولسۇن، دوستۇم ئەرقۇت ۋە باشقىلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1714
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 461
تۆھپە : 0
توردا: 166
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-22

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-13 18:50:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەردىكى تەپسىلاتلارنى كۆرۈپ ناھايتى سۆيۈندۈم،يەنە ئەكبەر داۋۇت بوش كەلمەپتۇ-دە،شىنجاڭلىقلارنىڭ مېھرىنى يەتكۈزۈپتۇ ئەنە،ئەمدى قەلەم تۇلپارىڭلار ئەجداتلىرىمىزنىڭ گۇئاجۇدا ئۆيكۈزگەن كۈنلىرى ھەققىدە بىر چېپىپ باقسۇنچۇ،ئەي بۇرادەر ئەزىزلەر!؟.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1714
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 461
تۆھپە : 0
توردا: 166
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-22

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-13 18:53:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ تەشكۈللىگىچىسى بولغان ئۆمەرجان سىدىق ئەپەندىگە قۇت يار بولسۇن،بۇنداق ئامەتلەرنىڭ باشقا قەلەمكەشلەرگىمۇ نىسىپ بولىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلقمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  348
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 90
تۆھپە : 0
توردا: 11
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-13 19:01:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازغۇچىلارنى زىيارەت ۋە ئۆگىنىشلەرگە  ئۇيۇشۇتۇرۇشىنىڭ پايدىسى زور.دوستۇم ئۆمەرجان ژۇرنالغا باش بولغاندىن بويان بۇ تۈردىكى پائالىيەتلەرنى كۆپلەپ ئۇيۇشتۇرۇپ، «تۇرپان» ژۇرنىلى ۋە بۇ ژۇرنالنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشقان يازغۇچىلارنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتىۋاتىدۇ. سەپەرگە چىققان بارلىق دوستلارغا سالام، ئىجادىيىتىڭلا ئۇتۇقلۇق بولغاي.
مۇمكىن بولسا سەپەر تەسىراتلىرى تەپسىلىراپ بېرىلسە. بۇ جەھەتتە ئۆمەرجاننىڭ خېلى ئېپى بار. ئۆتكەن يىلى شاڭخەي سەپىرىنى قاينىتىۋەتكەن ئىدى.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  317
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 440
تۆھپە : 1
توردا: 55
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-13 19:16:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«تارىم» ژۇرنىلىمۇ ھەر خىل پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ، بىر تەرەپتىن ئاپتۇرلارنىڭ ئىجادىيەت قىزغىنلىقىنى ئاشۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن ژۇرنالنىڭ مۆتىۋەر ژۇرناللىق تەسىرىنى كېڭەيتىپ، ئەدەبىياتنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئاشۇرغان ئىدى. يېقىندىن بۇيان «تۇرپان» ژۇرنىلىمۇ بۇ جەھەتتە ئۇتۇقلۇق قەدەملەرنى بېسىپ، يەرلىك ژۇرناللارغا ئۆلگە بولماقتا.  «تۇرپان»  ژۇرنىلىنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ بۇنداق جانلىنىشى تۇرپاندىكى ئېلىم سۆيەر رەھبەرلەرنىڭ قوللىشى، جۈملىدىن ئۆمەرجان سېدىقنىڭ پائالىيەتچانلىقى، تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ماسلاشتۇرۇپ پىلانلاپ ياخشى تەشكىللىگەنلىكىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. دوستۇم ئۆمەرجاننىڭ بۇندىن كېيىنكى تەشكىلاتچىلىق ئىشلىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىغا، تۇرپان ئەدىپلىرىنىڭ ھەمكارلىشىش روھىنىڭ مەڭگۈلۈك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1383
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 192
تۆھپە : 0
توردا: 22
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-13 19:18:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئوھھۇي.....! تەپسىلاتلارنى كۆرۈپ ناھايتى سۆيۈندۈم. ياخشى سەپەر بوپتۇ، 6 نەپەر بۇرادەرنىڭ ئىلھام قايناقلىرى ھەرقايسىمىزگە زوق ئىلھام، ئالى يېتەكچى بولغاي.  قەلەم تۇلپارىڭلار قانات كەرگەي! تاتلىق مىۋىلەردىن بەھرلىنەيلى تېزراق! ئۆمەرجان ، پائالىيەتچانلىقىڭىز تىنمىغاي!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2572
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 68
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-6-13

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-13 19:27:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرپان ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەدىپلەرگە كۆڭۈل  بۆلۈشى ھەقىقىتەن ئادەمنى قائىل قىلىدىكەن، تۇرپان ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىيىتى ئۆز فۇنكىسىيەسىنى جارى قىلدۇرۇپ ئەدىپلەرگە ھەر تەرەپتىن ئەتراپلىق كۆڭۈل بۆلىۋېتىپتۇ! يازغۇچىلار جەمىيتىگە يەنىمۇ قۇتلۇق قەدەملەر يار بولسۇن!  

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2572
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 68
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-6-13

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-13 19:30:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمەرجان سىدىق،  ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇت، ئەكبەر داۋۇت،  تۇرغۇن جالالىدىن قاتارلىق ئەدىپلەرنىڭ ئېزگۈ قەدەملىرى تېخىمۇ نۇرلانسۇن!  

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1383
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 192
تۆھپە : 0
توردا: 22
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-13 19:38:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەدەبىيات سەنئىتىمىز  بولۇپمۇ ئوت يۇرتىمىز تۇرپاننىڭ يازغۇچىلىق، تەرجىمىچىلىك، رەسساملىق، سەنئەت پائالىيەتلىرى ...ئومۇمەن ئويمانلىق ئەدەبىيات سەنئىتى دوستىمىز ئەدىپ ئۆمەرجاننىڭ باش قاتتۇرۇشى،  ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەشكىلىنى جانلىق تەشكىللىشى، تىنىمسىز ئىزدىنىشى، ئاكتىپ ئالاقە ۋاستىلىرىنى ئىشقا سېلىشى،  تەر بەدەللىرى ئارقىسىدا ياخشى ئاساسلارنى، شارائىتلارنى يارىتىپ كەلمەكتە، ھەرقايسى ئورۇنلاردا تەربىلەش بازىلارنىڭ قۇرۇلۇشى، ئۈزلۈكسىز تەربىلەش كۇرسلىرىنىڭ، سىتىخيىلىك، سىتىخيىسىز مۇھاكىمىلەرنىڭ ، ئەدەبىي پائالىيەتلەرنىڭ، تەجىرىبە ئالماشتۇرۇش ئېكىسكۇرسىيە پائالىيەتلىرىنىڭ، يېڭى قان يېتىشتۈرۈش، تەۋسىيە قىلىش، ياخشى ئەسەرلەرنى ھەرقايسى نەشىرياتلارغا تەۋسىيە قىلىش، ھەممىگە كەڭ قۇرساقلىق بىلەن تەكشى مۇئامىلە قىلىپ مەدەت بېرىش، قوللاش ئىشلىرى .... ئەدەبىيات سەنئىتىمىزگە يېڭى جانلىنىشلارنى، يېڭى ئىستەكلەرنى ئېلىپ كەلمەكتە. ھارمىغايسىز بۇرادەر، ھارمىغايسىلەر ئوت يۇرتىدەك ئوت تەپتىلىك ئۇستاز ئورنىدىكى ئەدىپ بۇرادەرلەر! ياخشى سەپەر ياخشى باشلىنىش بوپ قالغۇسى!

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  228
يازما سانى: 928
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2194
تۆھپە : 4
توردا: 343
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-13

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-13 19:56:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك يىغىلىش بوپتۇ. خۇشال ئويناپ، كۆزىتىپ كېلەرسىزلەر...

يامان كۆرمەڭ مېنى دوستلار ،ئىگەمنىڭ بىر قۇلىدۇرمەن ،
كىشى قەدرىمنى بىلمەيدۇ،ۋەتەننىڭ گۆھىرىدۇرمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1108
يازما سانى: 179
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 453
تۆھپە : 0
توردا: 54
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-13 23:19:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  پائالىيەتچان، تىرىشچان،ئىزدىنىش روھىغا باي تۇرپان ئەدىبلىرىنىڭ ئېزگۈلۈككە تولغان  سەپەر قەدەملىرىدىن بەكمۇ سۈيۈندۈم.
ناھايىتىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىكىسكۈرسىيە  بوپتۇ. ئەزىزلەرنىڭ قەدەملىرىنىڭ قۇتقا، مەناغا تۇلىشىغا تىلەكداشمىز.
  سىلەرگە تۇغراقتەك ياش ۋە روھ يار بولغاي!!!

كىتاب ئوقۇمىغان مىللەت گۇمرانلىقتا قالىدۇ...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  59
يازما سانى: 219
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 727
تۆھپە : 0
توردا: 203
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-14 00:32:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك سەپەر بوپتۇ .ئەزىزلەرنىڭ سەپىرىگە قۇت تىلەيمەن...





كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش