يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 2459|ئىنكاس: 41

قاسىم سىدىق:ئۈچ ئەسىردىن ھالقىغان خاتا قاراش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۈچ ئەسىردىن ھالقىغان خاتا قاراش

_ بىكخامنىڭ يايسىمان تىرايىكتۇرىيىدە ھەركەت قىلىدىغان  توپى ۋە 29-تىئورما

قاسىم سىدىق

ئاپتۇرنىڭ ئىزاھاتى:
بۇ تېمىدا نىيوتۇندىن باشلىنىپ ھازىر غىچە ھەم ئۆزى ئايلىنىپ ھەم سىزىقلىق ئىلگىرلىمە ھەركەت قىلىۋاتقان توپلارنىڭ ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە ئېغىش ھادىسىسىنڭ سەۋەبى خاتا ئىزاھلىنىپ كىلىۋاتقانلىغى ھەققىدە مۇھاكىمە يۆرگۆزىلىدۇ.
تېمىنى قايتا-قايتا تەھرىرلەپ تولۇقلايمەن.يىتەكچى ئىدىيە ئۆزگەرمەيدۇ.مەن بۇ تېمىنى مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن تەييارلىماقچى.تورداشلارنىڭ ،كەسىپ ئېگىلىرىنىڭ ۋە فىزىكا ھەۋەسكارلىرىنىڭ تېما،ئىنكاسلىرىمغا قاراپ چىقىپ يىتەكچى ئىدىيەدە ۋە باشقا نۇقتىلاردا مەسىلە بايقىسا ئوتتۇرىغا قويۇشىنى سەممى ئۈمىت قىلىمەن ۋە قىزغىن قارشى ئالىمەن.

2013-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۇنى «پەن-تىخنىكا تورى»(科 学网)دا«揭秘贝克汉姆精准任意球 物理公式提出完美路线»دىگەن بۇ خەۋەر ئېلان قىلىندى.خەۋەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئېغىش ھادىسىسى شەكىل نەزەريىسىنىڭ29-تىئورمىسىنى يادىمغا سالدى..يەنى،پېقىرىتىپ تېپىلگەن  توپ سىزىقلىق ھەركەت جەريانىدا  ئاغىدىكەن.ئەنگىليەلىك 4نەپەر ماگىستىر ئاسپىرانىت بۇنداق ئېغىشنىڭ فۇرمىلاسىنى،ماتىماتىكىلىق ئاساسلىرىنى كەلتۆرۆپ چىقىرىپتۇ.بۇ ئەپەندىلەر بۇنداق ئېغىشنى   ماگنوس ئىففكىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ قارايدىكەن.4نەپەر ماگىستىر ئاسپىرانىتنىڭ ماقالىسى "特殊物理学论题"دائەمدى ئېلان قىلىنىدىكەن.

بۇ ئاسپىرانىتلار ئىشلىگەن تەڭلىمىدە توپنىڭ رادىئوسى،ھاۋا زىچلىغى،توپنىڭ بۇلۇڭلۇق تىزلىكى،سىزىقلىق تىزلىكى،توپنىڭ ماسسىسى،مۇساپىسى قاتارلىق ئەزالار بار ئىكەن.29-تىئورمىنىڭ ماتىماتىكىلىق مودىلىدا ھاۋانىڭ زىچلىقى(ρ)مەۋجۈت ئەمەس ۋە ھاجەت ئەمەس.29- تىئورمىدا بۇلۇڭلۇق ۋەسىزىقلىق تىزلىكلەرلا ئەڭ مۇھىم مىقدارلاردىن ئىبارەت.

مەن  بىكخام تەپكەن توپتىكى بۇ خىل ئېغىشنى 29-تىئورمىچە ئېغىش،ئۇنىڭ ماگنوس ئىففىكىتى، بېرنوللى قانۇنى قاتارلىقلار بىلەن ئالاقىسى يوق، يۇقۇرقى تەجىربە ھەقىقى بوشلۇقتا ئىشلەنسىمۇ ئوخشاشلا يۇقۇرىغا يۆزلەنگەن ئېغىش ھادىسىسى يۆز بېرىدۇ.ھەتتا بۇ خىل ئېغىش تېخىمۇ گەۋدىلىك بولىدۇ، دەپ قارايمەن..ئاساسلىرىم تۆۋەندىكىچە:

ئايلىنىۋاتقان بىر جىسىمنىڭ بۇلۇڭلۇق تىزلىكىنىڭ ۋىكتۇرى ،بۇ جىسىمنىڭ ئۆچۆش(سىزىقلىق)تىزلىكىنىڭ ۋىكتۇرى بىلەن ئۆسىتمۇ-ئۆسىت چۈشمىگەندە(不重合时)،ئايلىنىۋاتقان بۇلۇڭلۇق تىزلىك ۋىكتۇرى ۋە سىزىقلىق تىزلىك ۋىكتۇرىدىن شەكىللەنگەن تەكشىلىكتە بىر ۋىرتىكال كۈچ پەيدا بولىدۇ.بۇ ۋىرتىكال كۈچنىڭ تەسىرىدىن جىسىملارنىڭ سىزىقلىق تىرايىكتورىيىسىدە ئېغىش يۇز بېرىدىغان ھادىسە ماگنوس ئىففىكىتى دەپ ئاتىلىدۇ.
بايقىشىمچە،ماگنوس ئىففىكىتىنىڭ يۇقۇرقىچە شەرھى بىلەن 29-تىئورما مەزمۇنى ئوتتۇرىسىدا پىرىنسىپال پەرىق يوق ئىكەن.ھالبۇكى ماگنوس ئەپەندىم بۇ ئىففىكىتنى ئاقارجىسىملار مىخانىكىسى نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئىزاھلاپتۇ.مۇبادا ماگنوس ئەپەندىم بۇ ئىففىكىتنى ھەقىقى بوشلۇققا كېڭەيتىۋەتكەن بولسا مىنىڭ 29-تىئورمىنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇمغا ھاجەت ۋە پۇرسەت قالمىغان بولار ئېكەن.ئېھتىمال بۇ تارىخنىڭ بىزگە قالدۇرغان كىچىككىنە پۇرسىتى بولسا كېرەك.
«ماگنوس ئىففىكىتى»گە ئالاقىدار  تەڭلىمىدە  بىر Sئەزا بولۇپ،ئۇ،جىسىم يۆزىدىكى ھاۋانىڭ قارشىلىق كۈچ كويفىنىستىغا ۋەكىللىك قىلىدىكەن.
ئەسكەرتىشكە تېگىشلىك مۇھىم نۇقتا شۇكى،29-تىئورما بۇيىچە ئۈزى ئايلاندۇرۆلۆپ تىپىلگەن بىكخامچە توپ ھەقىقى بوشلۇقتىمۇ(ۋاكۇئومدىمۇ) ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە قاراپ يايسىمان ئاغىدۇ.ئېغىشنىڭ ئەگرىلىك دەرىجىسى توپنىڭ پىقىراش تىزلىكى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ.


Heinrich Gustav Magnus-1802-1870




ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك:

يۇقۇردىكى رەسىمدىكى ھاۋانىڭ بىسىم پەرقىنىڭ چۈشەندۆرىلىشى خاتا.
سەۋەپ، توپ سىزىقلىق ئىلگىرلىمە ھەركەت جەرياندا سائەت سىتىرىلكىسى يۆنىلىشى بۇيىچە ئوڭ تەرەپكە  ئايلىنىۋاتقان ،ھەم ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە ئېغىۋاتقان ئەھۋالدا  توپنىڭ ئوڭ يىرىم شارىنىڭ يغىندى تىزلىكى سول يېرىم شارنىڭ يىغىندى تىزلىكىدىن تۆۋەن بولىدۇ.بىرنوللى قانۇنى بويىچە تىزلىك تۆۋەن تەرەپنىڭ ھاۋا بىسىمى تىزلىك يۇقۇرى تەرەپنىڭ ھاۋا بىسىمىدىن چوڭ بولىدۇ.
ھالبۇكى،ئەمەليەتتە پېقىراۋاتقان توپ سىزىقلىق ھەركەت جەريانىدا ھامان تىزلىك تۆۋەن تەرەپكە،يەنى بىسىم يۇقۇرى تەرەپكە ئاغىدۇ.



تۇۋەندىكى رەسىمدىكىدەك ئۇزئوقىدا ئايلانمايدىغان ،شەكلى ئايرۇپىلان قانىتىدەك ئاستى تۆز،ئۇستى  ئەگمەچ (سۆيۆر شەكىللىك)بولغان سىستىما ،جىسىملار بىلەن ئۆز ئوقىدا ئايلىنىدىغان سىستىمىلارغا(جىسىملارغا) بىرنوللى قانۇنى ماگنوس ئىففىكىتىنى تەدبىقلاشتا ھەر بىر ئىنچىكە ھالقىلارنى كونكىرىت تەھلىل قىلىش كېرەك.چۈنكى ئۇلارنىڭ شەرىتلىرى ئوخشىمايدۇ.
مەلۈمكى،ئايروپىلان قانىتىنىڭ ئاستى تۇز،ئۆستى ئەگرى قىلىنىپ لايىھلىنىشىدىن مەقسەت بىرنوللى قانۇنى بويىچە قاناتنىڭ ئاستى -ئۆستىدىن ئۆتكەن ھاۋانىڭ تىزلىك ۋە بىسىم پەرقىدىن پايدىلىنىپ كۆتۆرۆلۈش كۈچى شەكىللەندۆرۆشتىن ئىبارەت.يەنى بۇ ھالدا قاناتنىڭ ئۆستىدىكى ھاۋا بىسىمى تۆۋىنىدىكىدىن تۆۋەن بولىدۇ.يۇقۇرىدىكى ھاۋانىڭ تىزلىكىدىن تۆۋەندىكىسىنىڭ تىزلىكى تۆۋەن بولىدۇ.شۇ سەۋەپتىن ئايروپىلاندا كۆتۆرىلىش كۈچى شەكىللىنىدۇ دەپ قارىلىدۇ.

قۇش قانىتى.ئايرۇپىلان قاناتلىرى بىلەن بىكخام تەپكەن توپنىڭ شەرىتلىرى ئوخشاش ئەمەس،بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.




مەملىكەت ئىچى -سىرتىدا ھازىرغىچە بۇ مەسىلەتوپقا تەدبىقلانغاندا ئەكسىچە چۈشەندۆرۆلۆپ كېلىنىۋاتىدۇ.مۇبادابىرنوللى قانۇنى، ماگنوس ئىففىكىتى   قاتارلىقلار بۇنداق توپلارغىمۇ ئورۇنلۇق بولسا  توپ ئۇز ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە ئەمەس.قارشى تەرەپكە ئېغىشى كېرەك ئىدى.
منىڭ"بىكخامچە ئايلاندۇرۇلۆپ تېپىلگەن توپنىڭ ئېغىش سەۋەبى خاتا چۈشەندۆرۆلۆپ كەلدى دىگەن" بۇ تەشەببۇسۇمنى ياخشى چۈشىنىش ئۈچۈن ھەممەيلەن چۈشىنەلەيدىغان بىرئاممىباپ مىسال كەلتۈرىمەن:

مەلۆم تىزلىكتە خالىغان بىر يۆنىلىشتە كىلىۋاتقان ماشىنا ئەسلىدىكى يۆنىلىشىدىن  باشقا بىر تەرەپكە ئايلاندى دەپ پەرەز قىلىڭ.ئېنىق بولىشى ئۈچۈن ئوڭ تەرەپكە ئايلاندى دەيلى.ماشىنا ئايلىنىۋاتقان پەيىتتە ماشىنىنىڭ ئوڭ تەرەپتىكى چاقىنىڭ سىزىقلىق تىزلىكى يۇقۇرى بۇلامدۇ ياكى سول تەرەپتىكى چاقىنىڭ تىزلىكى يۇقۇرى بولامدۇ؟.ئوڭ تەرەپتىكى ھاۋا ئىقىمىنىڭ سۈرئىتى تىز بولامدۇ ياكى سول تەرەپتىكى ھاۋا ئېقىمىنىڭ سۈرئىتى تىز بولامدۇ؟.ئەلۋەتتە ئوڭ تەرەپتىكى چاقنىڭ تىزلىكى ئاستا،سول تەرەپتىكى چاقنىڭ تىزلىكى يۇقۇرى بولىدۇ.ئوڭ تەرەپتىكى ھاۋانىڭ تىزلىكى ئاستا،سول تەرەپتىكىسىنىڭ يۇقۇرى بولىدۇ.دىمەك بۇ ھالدا ،بىرنوللى قانۇنى بويىچەتىزلىك ئاستا بولغان ئوڭ تەرەپتىكى ھاۋا زىچلىغى يۇقۇرى دەپ قارىلىشى كېرەك.

بىكخام پېقىرىتىپ تەپكەن توپنىڭ ئەھۋالىمۇ يۇقۇرقى ئەھۋالغا  ئوخىشايدۇ.يەنى توپ سىزىقلىق ھەركەت جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە،يەنى ھاۋا بىسىمى ۋە قارشىلىق يۇقۇرى تەرەپكە ئاغىدۇ.دىمەك ،بىرنوللى قانۇنى،ماگنۇس ئىففىكىتى قاتارلىقلارنى پىقىرىتىپ تېپىلگەن توپقا يۇقۇرقىچە تەدبىقلاپ،ھاۋانىڭ بېسىم پەرىقلىرىنى يۇقۇرقىچە ئىزاھلاش پۈتۈنلەي خاتا.توپنىڭ بو خىل ئېغىشى تىپىك 29-تىئورمىچە ئېغىش.ھاۋا بىسىمى ئېغشقا ياردەم قىلمايلا قالماي،ھەتتا ئېغىشقا قارشىلىق كۈچ بولۇپ رول ئوينايدۇ.سەۋەپ ،ئوڭغائايلىنىۋاتقان ماشىنىغا تەسىر قىلىدىغان ھاۋانىڭ قارشىلىق كۈچى ئوڭ تەرەپتە تۆۋەن ،سول تەرەپتە يۇقۇرى بولىدۇ.

بىرنوللىنىڭ ئاقار جىسىملار مىخانىكىسىغا ئائىت كىتاۋى «ھىدرودىنامىكا» 1738-يىلى نەشىر قىلىنغان ئىكەن.ھېنرىخ ماگنوس"ماگنوس ئىففىكىتى"نى1852يىلى شەرىھلەپتۇ.
ئېتشلارغا قارىغاندا نىيوتۇن1672-يىلى كامبىرىج ئىنىستېتوتىدا(Cambridge college)سېتكا توپ ماھىرلىرىنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرگەندىن كىيىن بۇ خىل ئېغىش ھادىسىسىنى تەسۋىرلىگەن ۋەسەۋەبىگە "توغرا ھۆكۆم قىلغان" ئىكەن.
ئەگەر مىنىڭ ئاساسلىرىم پۇت تىرەپ تۇرالىسا  ھەم ئۇزى ئايلىنىۋاتقان(پىقىراۋاتقان)ھەم سىزىقلىق ئىلگىرلىمە ھەركەت قىلىۋاتقان توپلارنىڭ ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكەئېغىشىنىڭ سەۋەبىنى خاتا چۈشەندۆرۆش تارىخى 342يىلدىن بېرى ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بولىدۇ.يەنى نىيوتۇنمۇ بۇ ھادىسىنىڭ سەۋەبىگە 1672-يىلى توغرا ھۆكۆم قىلمىغان بولىدۇ.

نىيوتۇننىڭ 1-قانۇنى تاشقى كۈچ تەسىر قىلمىغان ئەھۋالداتوپلاردىكى 29-تىئورمىچە ئېغىشقا يول قويمايدىغان بولغانلىغى ئۈچۈن نىيوتۇننىڭ بۇ خىل ئېغشنى ھاۋانىڭ بىسىم پەرقى كەلتۆرۆپ چىقىرىدۇ دەپ قارىۋىلىشىدىن ئەجەپلىنىشكە بولمايدۇ.

مۇبادا يۇقۇرقى تەشەببۇسلىرىم ئورۇنلۇق دەپ قارالسا 29-تىئورما تەجىربىسى ھەم ئاددىلىشىپ ھەم ئاسانلىشىپ كەتكەن بولاتتى.مەن ھازىر نىيوتۇننىڭ 1-قانۇنىنىڭ ئۇقۇم دائىرسىنى كېڭەيتىش تەشەببۇسۇمنىڭ ئورۇنلۇق ئېكەنلىگىنى تېخمۇ ھېس قىلماقتىمەن.

تورداشلار،بۇ تەشەببۇسلىرىمدا نۇقسان بايقىساڭلار ئوتتۇرىغا قويۇشۇڭلارنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.

بۇ تېمىنى خالىغان تورلارغا كۆچۈرۈ شكە بولىدۇ.

http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=24483&page=1&extra=#pid55225 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-13 03:54  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-6-13 12:02:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداشلار،ئۆزىڭىز فىزىكىچى بولمىسىڭىزمۇ جەزمەن سىزنىڭ فىزىكىچى دوسىتلىرىڭىز،تونۇشلىرىڭىز بولىدۇ.شۇلارغا بۇ تېمىنى تەشەببۇس قىلىپ قويسىڭىز،ئۇلار مۇھاكىمىگە قاتناشسا ،قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقسا ،بۇمۇ چوڭ ياردەم ھېساپلىنىدۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-6-13 14:50:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
"ئىزدىنىش"،"ئەلكۈيى"،"قۇتاتقۇبىلىك"كە ئەزا تورداشلاربولسا بۇ تېمىنى شۇلارغا يوللاپ قويسا تەشەككۆر ئېتار ئىدىم.بۇ تېمىنى قاتتىق ۋە جىددى تەپتىش قىلىش كىرەك.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-13 14:53  


ۋاقتى: 2013-6-13 15:02:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېنىڭىز  سالامەت كۇنلۇرىڭىز  شات  ئوتكەي ،  ئىزدىنىشلىرىڭىز ئۇزۇلۇپ  قالمىسۇن .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-6-13 15:32:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈزەلنۇر ھېيت يوللىغان ۋاقتى  2013-6-13 15:02
تېنىڭىز  سالامەت كۇنلۇرىڭىز  شات  ئوتكەي ،  ئىزدىنىشلىر ...

رەھمەت.

ۋاقتى: 2013-6-13 16:29:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەركەزدىن قېچىش كۈچى

ۋاقتى: 2013-6-13 19:57:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىگەم سىزگە تېخىمۇ يۈكسەك پاراسەت بەرسۇن ۋە ئەشۇ پاراسەتنى دۇنيا سەھنىسىدە چاقناتقۇدەك پۇرسەتلەرگە يەتكۈزسۇن ،ئاكا.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-6-13 23:08:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مانا بۇ نەق 29-تىئورمىنى ئىپادىلىگەن سۆرەت.سۆرەت سىزغۇچى Uyghun
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-13 23:09  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-6-14 00:00:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھادىسىنى پەقەت كېڭەيتىلگەن ئىنىرىتسىيە قانۇنى ئارقىلىقلا چۈشەندۆرۆشكە بولىدۇ.بىرنوللى قانۇنى،ماگنوس ئىففىكتى قاتارلىقلار بۇ ھادىسىگە خاتا تەدبىقلانغان.

شەكىل نەزەريىسىدە تەشەببۇس قىلىنغان كېڭەيتىلگەن ئىنىرىتسىيە قانۇنىنىڭ بايانى:

زەررىچە ۋە جىسىملارغا كۈچ تەسىر قىلمىسا ئەسلىدىكى ھالىتىنى ساقلايدۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-14 00:00  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-6-15 07:54:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھاكىمە سوئالى

ئەگەر 29-تىئورما ئورۇنلۇق بولسا تىك ئۆچار ئايرۇپىلان  قانىتىنىڭ ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە ئىزچىل ئېغىپ كېتىشى كېرەك.مۇشۇنداق ئەھۋال بارمۇ-يوق؟،بۇنداق ئەھۋال بولسا ئۇنىڭغا قانداق تاقابىل تۇرىلىدۇ؟. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-15 07:54  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-6-16 08:42:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قىتىمقى تەجىربىنى ناھايتى پۇختا ئويلۇشۇپ،ياخشى لايىھىلەش،ھەممە ئوششاق ھالقىلارنى تولۇق نەزەرگە ئېلىش كىرەك.مۇھىمى ئىنىق بولغان سانلىق قىممەتلەرگە ئىرىشىش.ئېغش(ۋاكىئومدىكى) ئالدىنقى تەجىربىلەردە ئىسپاتلىنىپ بولغان.سانلىق قىممەتلەرنى قولغا كەلتۈرۆش بۇ قېتىمقى تەجىربىنىڭ تۆپ مەقسىدى قىلىنىشى كېرەك.

تېمىغا دىققەت قىلغانلىكى ئادەم بىلەلەيدۇكى، ماگنۇس ئىففىكىتىدە ئىككى تەرەپنىڭ بىسىم پەرقىنى چۈشەندۈرۆش،بىرنوللى قانۇنىنى تەدبىقلاشتا ئېغىر خاتالىققا يول قويۇلغان.توپنىڭ ئايلىنىۋاتقان(ئېغىۋاتقان)تەرەپتىكى يېرىم شارى سىزىقلىق ھەركەت يۆنىلىشىگە قارشى ھەركەت قىلىدۇ.بۇ ھالدا تەبىئىكى قارشى تەرەپتىكى يېرىم شارنىڭ سىزىقلىق ھەركەت يۆنىلىشىگە بولغان تىزلىكى چوڭ بولىدۇ.بىرنوللى قانۇنىدا ناھايتى ئىنىق قىلىپ تىزلىك ئاستا تەرەپتە بىسىم چوڭ بولىدىغانلىغىنى ئوتتۇرىغا قويغان.بۇنىڭ ئاددى تەجىربىسىنى ھازىر ئۇيىڭىزدىمۇ ئىشلىيەلەيسىز.

نىپىز بىر ۋاراق ئىش قەغىزىنى ئۇزۇنىغا تەڭ ئىككى پارچە قىلىپ يىرتىڭ.ئىككى قولىڭىزدا بۇ ئىككى پارچە قەغەزنى يېقىن كەلتۆرۆپ تۇتۇپ تۇرۇپ دەل ئوتتۇرىسىدىن پۆۋلەڭ.ئەسلى پۆۋلىگەندە ئىككى قەغەز ئارىلىغى كېڭىيىپ،بىر-بىرىدىن يىراقلىشىپ كىتىدۇ دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن.لىكىن ئەھۋال دەل ئەكسىچە، قانچە كۆچەپ پۆۋلىگەنچە ئىككى پارچە قەغەز بىر-بىرىگە شۇنچە يېقىنلىشىدۇ.سەۋەپ،ئىككى پارچە قەغەز سىرتىدىكىسىگە سىلىشتۇرغاندا ئىككى پارچە قەغەزنىڭ ئارىسىدىن ئۇتكەن ھاۋا سۆرئىتى تىز،قەغەزگە چۈشىرىدىغان بىسىمى تۆۋەن بولغاچقا ئىككى پارچە قەغەز بىر-بىرىگە يېقىنلىشىپ چاپلاشقىدەك بولۇپ كىتىدۇ. مانا بۇ بىرنوللى قانۇنىنىڭ مەزمۇنى.

ئەمدى بۇ ئەھۋاللارنى ۋە بۇ بىلىملەرنى بىكخامچە توپقا تەدبىقلاپ باقسىڭىز.ماگنوس ئەپەندىنىڭ بىرنوللى قانۇنىنى بىكخامچە توپلارغا خاتا تەدبىقلىۋالغانلىغىنى  بايقايسىز.مەن تېمىدا بۇ ئەھۋالنى بايان قىلغان. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-16 08:43  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-6-16 08:46:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ق.سىدىق يوللىغان ۋاقتى  2013-6-15 07:54
مۇھاكىمە سوئالى

ئەگەر 29-تىئورما ئورۇنلۇق بولسا تىك ئۆ ...
تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك قوش قاناتلىق تىك ئۆچار ئايروپىلاننىڭ قاناتلىرى بىر-بىرسىگە قارشى يۆلىنىشتە ئايلىنىدىغان قىلىپ لايىھىلىنىش ئارقىلىق ئايرۇپىلاننىڭ بىر تەرەپكە ئېغىپ كىتىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدىكەن.بۇنداق ئېغىپ كېتىش "ئەكىس تەسىرلىك ئايلىنىش مۇمىنتى"(旋翼反扭矩-antitorque of rotor)دىيىلىدىغان بىر ئۇقۇم ئارقىلىق شەرىھلىنىدىكەن.يەنى ئېتىلىشىچە،مىخانىك قوزغاتقۇچلۇق ئايلىنىدىغان قاناتلار ئايلانغان ۋاقىتتا ھاۋا ئايلىنىش مومىنتى شەكىللەندۆرگەندىن باشقا،ھاۋانىڭ ئەكىس تەسىرى قاناتتا چوڭ-كىچىكلىگى ئوخشاش،يۆنىلىشى قارمۇ-قارشى بولغان ئايلىنىش مومىنتى پەيدا قىلىدىكەن.

مەن ھازىرچە(旋翼反扭矩-antitorque of rotor) نى"ئەكىس تەسىرلىك ئايلىنىش مۇمىنتى"دەپ تەرجىمە قىلىپ توردۇم.كەسىپ ئىگىلىرى،مۇ تەخەسىسلەرۋاقتى كەلگەندە تەكلىپ بېرىپ توغرىسىنى بېكىتسە بولىدۇ.

ئەمدى ئۆزىمىزنىڭ نەق گېپىگە كەلسەك تىك ئۇچار ئايرۇپىلاننىڭ لەيلىتىش كۈچىنى پەيدا قىلغىنى ئەلۋەتتە ھاۋانىڭ بىسىم پەرقى،لىكىن،مۇشۇ"ئەكىس تەسىرلىك ئايلىنىش مومىنتى"نى پەيدا قىلغان سەۋەپ ھەرگىز ھاۋائەمەس،بەلكى 29-تىئورمىچە ئېغىشتىن ئىبارەت.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-16 08:47  


ۋاقتى: 2013-6-16 22:28:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەزكۇر تېمىنى «كائىنات»تا كۆرۈپ، چىققان ئىدىم.
شائىرنىڭ قولىدىكى بۇ فورمىلانىڭ ھامان بىر كۈنى دۇنيانىڭ بىر بۇرجىكىدىن قۇياش يۈزىگە يېزىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن...
ئۇلۇغ ئاللا مەدەت بەرسۇن!
داۋام ئەتكەيسىز....

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-6-17 15:46:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قارا ئۆڭكۆرئەتراپىدىكى گازجىسىملارنىڭ ھەركەت شەكلى تۆز سىزىق ئەمەس سىفرال(قاينام،گەردىش) شەكلىدە ئىكەن.بۇ ھالەتمۇ 29-تىئورمىغا نىسبەتەن يامان خەۋەر ئەمەس،ئەكسىچە  قۇلاققا خۆش ياقىدىغان خەۋەر.

美国宇航局科学家使用超级计算机模拟黑洞吸积盘物质坠落过程

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-17 15:59  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-6-17 16:16:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ق.سىدىق يوللىغان ۋاقتى  2013-6-17 15:46
قارا ئۆڭكۆرئەتراپىدىكى گازجىسىملارنىڭ ھەركەت شەكلى ت ...

شەكىل نەزەريىسىدە «ھەركەت شەكلى»مۇھىم ئۇقۇم سۈپىتىدە تۇرغۇزۇلغان.ئالدىدا ھەركەت شەكلىگە ھۆكۆم قىلىش ياكى بايقاش،ئاندىن كىيىن بۇ خىل ھەركەت شەكلىنىڭ سەۋەپلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش زۆرۆرى ئىككى باسقۇچ.
مەن بىكخامچە توپنىڭ ھەركەت شەكلىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن سەۋەپلەرنى ئىككىنجى باسقۇچتىكى مۇھاكىمە جەريانىدىن كەلتۈرۈپ چىقاردىم.ئالدىنقى باسقۇچ مۇھاكىمە قىلىشنىڭ ھاجىتى بولمىغان ھەممىگە ئايان پاكىت.
ماگنۇس ئىففىكىتنىڭ ئاساسلىرى ئۈزۈل - كېسىل رەت قىلىنغاندىن، كىيىن بىكخامچە توپنىڭ سەۋەبى 29-تىئورمىنىڭ ئۆزى بولۇپ قالدى،خالاس. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-17 16:43  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش