地球
1.دىيامىتىرى 6000كىلومىتىردىن ئارتۇق بولغان بۇ،شار بىلەن دىيامىتىرى 5سانتىمىتر بولغان يەنە بىر شارنىڭ چوڭ كىچىكلىكلا پەرقى باركىن(ئىكىۋاتۇر مۆستەسنا قىلىنسۇن)شەكىل نۇقتىسىدىن نىمە پەرقى بار؟.پەرقى يوق!.
2.ھەركەت شەكلى نۇقتىسىدىن ئىتقاندا بۇ شارنىڭ بوشلۇقتا قالدۇرغان تىرايىكتورىيىسى بىلەن،بىرتال نۇرنىڭ تەكشىلىكتە قالدۇرغان تىرايىكتۇرىيىسىنىڭ نىمە پەرقى بار؟،پىرىنسىپال پەرقى يوق!.
3.ھەرئىككىسى ئايلىنىش يۈنىلىشى تەرەپكە ئاغىدۇ.بۇ خىل ھەركەت شەكلىدىمۇ پىرىنسىپال پەرىق يۇق.
4.ھەرئىككىسىنىڭ ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپنىڭ سىزىقلىق تىزلىكى قىسقا،ئوربىتا-تىرايىكتۇرىيىلىك يۆنىلىشىگە نىسبەتەن يۆنىلىشى قارشى.
5.يۇقۇرقى چوڭ شار"قوياشنى مەركەز قىلىپ ئايلىنىدۇ"دەپ قارىلىپ كەلگەن،لىكىن كىچىك شارنىڭ بىرنەرسىنى مەركەز قىلىپ ئايلىنىدۇ دىيىشنىڭ پاكىت ئاساسى يوق.
6."تارتىش كۈچى"نىڭ توشۇغۇچىسى گىراۋىتوندىن تېخى ئەسەر يوق.تارتىش كۈچى دولقۇنىدىن ھەم."ماكان ئەگرىلىگى"ئۆزۆل -كېسىل ئىسپاتلانغىنى يوق!.
7.نۆۋەتتە نۇرغۇن تەتقىقات،تەجىربىلەر شۇنداقلا 29-تىئورما تەجىربىلىرى تارتىش كۈچى ماسسىسى بىلەن ئىنىرىتسىيىلىك ماسسىنىڭ تەڭ ئەمەسلىكىنى،تەڭ ئۆنۆم پىرىنسىپىنىڭ چەكلىمىلىكلىگىنى ئىسپاتلىماقتا.
8.ھازىر دۇنيادا تارتىش كۈچى ئىدىيىسىگە بولغان گۇمانى پوزىتسىيىلەر ئاز ئەمەس!.
مانا مۇشۇنداق بىر مۇنچە ئاساسلار تورۇقلۇق بىز نىمە ئۈچۈن ئالەمنى 29-ۋە 41-تىئورمىلار نۇقتىسىدا تۇرۇپ تەسۋىرلەپ سىناپ باقمايمىز؟!.گىراۋىتۇن ۋە تارتىش كۈچى دولقۇنى تېپىلمىسا قانداق قىلماقچى؟!.ھامان باشقا "پەتىۋا"تېپىشقا توغرا كىلەر؟!.
"ئىنىرىتسىيە قانۇنى مەڭگۆلىك قانون،ھەممە كۈچلەر ئىنىرىتسىيىلىك كۈچنىڭ ئوخشىمىغان شەرىتلەر ئاستىدىكى ئىپادىلىنىش شەكلى،ھەممە كۈچلەرنى ئىنىرىتسىيىلىك كۈچكە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ،29-41-تىئورمىلار دەۋرى ئالەمنىڭ مىخانىكىلىق،دىنامىكىلىق شەرىتلىرىنى تورغۆزۆشتا كارغا يارايدىغان قورال!" _ مانا بۆلار مەن تەۋەككۆل قىلىپ مىڭىپ بېقىشنى ئىختىيار قىلغان تەپەككۆرنىڭ لايىھىسى!.
ئېھتىمال ،قىيىنچىلىقلار ئاز ئەمەستۇر،لىكىن ئۆمىت ھەم پۆرسەتمۇ ئاز ئەمەس.بۇ پۇرسەت ھازىرقى زامان فىزىكىسى ۋە ئالەمشۇناسلىغىنىڭ زىدىيەتلىرىنىڭ ئۆزىدىن ئىبارەت!.
قاسىم سىدىق
2013.7.19