471-قەۋەت:
توقماق
muhakima يوللىغان ۋاقتى 2013-7-14 05:35 PM
كىلاسىك فىزىكا نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، قايسى تە ...
كىلاسىك فىزىكا نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، قايسى تەرەپنىڭ سىزىقىلىق تىزلىكىنىڭ چوڭ بۇلىدىغانلىقىغا مەنمۇ بىر نەرسە دىيەلمەيمەن ، بىراق ، نىسبىيلىك نەزەرىيەسىگە ئاساسلانغاندا سول تەرەپنىڭ سىزىقلىق تىزلىكى ھەقىقەتەن چوڭ بۇلىدۇ . بۇ - يۇقۇرىدا ئېينىشتىيىن تىزلىك قۇشۇش فورمۇلىسىنى يوللىشىمدىكى سەۋەپ !
مەن ھەقىقەتەن 29 - تىئورمىچە ئىغىشنىڭ ۋاكۇئۇمدىمۇ يۇز بىرىدىغانلىقىنى ھىساپلاپ چىققان ئىدىم، ھازىر شۇنى ھىساپلىغان ماقالىنى مۇتەخخەسس ئالىملارنىڭ تۇزەتمە پىكىرىگە ئاساسەن توزىتىۋاتىمەن ، پوتكۇل ئالەمدىكى سانسىزلىغان گۇزەللىكلەرنى ياراتقۇچى خالىسا پات ئارىدا ماقالە ئىلان قىلىنىدۇ، شۇۋاقتىدا سىلەرنى خەۋەردار قىلاي بۇلامدۇ.
______________
ئەجرىڭىزگە تەشەككۆر مۇھاكىمە ئەپەندى!.
تورداشلارغا مەلۆم بولغايكى،مۇھاكىمە ئەپەندىنىڭ يۇقۇرقى ئەمگىكى29-تىئورمىنىڭ بەكمۇ كەڭ تەجىربە ئاساسىغا ئىگە ئىكەنلىگى،ئۇنىڭ تەجىربىلىرىنى گورزىنتال تەكشىلىكتە،يانتۇ تەكشىلىكتە ئىشلىسە ئوخشاشلا ئورۇنلۇق بولىدىغانلىغى،ۋاكىئومدىمۇ بۇنداق ئېغىشىنىڭ ئوخشاش شەرىت ئاستىدا يۆز بېرىۋىرىدىغانلىغى،"
ئۈچ ئەسىردىن ئارتۇق خاتا قاراش"تا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاساسلارنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالايدىغانلىغى قاتارلىقلارنى ماتىماتىكا جەھەتتە تولۇق ئىسپاتلىدى.شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ئەمگەك شەكىل نەزەريىسىنىڭ 41-تىئورمىسىنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىگىنىمۇ ئىسپاتلىدى.
مۇھاكىمە ئەپەندىنىڭ ئەمگىكى ئارقىلىق شەكىل نەزەريىسىنىڭ ئالاقىدار ئىدىيە ،قاراشلىرىنى ماتىىماتىكىلىق كەلتۆرۆپ چىقىرىش يۇقۇرقىلار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ.مۇھاكىمە ئەپەندى ماتىماتىكىلىق ئوسۇلدا كەلتۆرۆپ چىقارغان شەكىل نەزەريىسىنىڭ ئىدىيىلىرى ئىچىدە"ھەركەتنىڭ خۇسۇسى خاراكتىرى ئەگىرى بولىدۇ"، "يورۇقلۇقنىڭ ماھىيىتى زەررىچە ،دولقۇنلۇق خۇسۇسىيەت زەررىچىنىڭ ھەركەت شەكلى"قاتارلىق بىر قانچىلىغان ئىدىيىلىرىمۇ(ئىسمى ئاتالمىغانلىرىمۇ) بار.ۋاقتى كېلىپ ئېلان قىلىنغاندا تولۇق خەۋەردار بولىسىلەر!.
پاكىت ئىسپاتلىدىكى، ئالى مەكتەپ ،مەخسۇس كەسىپتە ئوقۇمىغان،ئىنگىلىزچە بىلمەيدىغانلارنىڭمۇ قولىدىن ئىش كېلىدۇ.شەرىت:بىر نۇقتىدا ئىزچىل ئىزدىنىش،زىرىكمەي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشتە.ئەلۋەتتە بۇ چەتئەلدە ۋە كەسپى مەكتەپتە ئۇقۇشنىڭ لازىمى يۇق دىگەنلىك ئەمەس!.ياشلار بۇ پاكىتتىن ئىلھام ئېلىپ،ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسەتسە مۇئەييەن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۆرەلمەيدۇ دىيىشكە ھېچقانداق ئاساسىمىز يۇق.
پۆتكۆل ئىلىم -پەن تارىخدا يېڭى ئىدىيە،يېڭى ئۇقۇم كىرگۆزۆش ھەل قىلغۇچ رول ئۇيناپ كەلگەن.يېڭى ئىدىيە بولغاندىلا بۇ ئىدىيەگە ماتىماتىكىنى تەدبىقلىغىلى،تەجىربە ئىشلىگىلى بولىدۇ.شۇڭا يېڭى ئىدىيە ،يېڭى ئۇقۇملارغا يولۇققىنىمىزدا مەسخىرە قىلماي ھەمكارلىشىپ ئىشلەپ سىناپ بېقىش كىرەك.رىقابەت ۋە خىرسقا تولغان بۆگۆنكى كۈندە ئىلمى ھەمكارلىق بىزنىڭ بىردىنبىر تاللىشىمىزدىن ئىبارەت!.
مۇھاكىمە ئەپەندىنىڭ شەكىل نەزەريىسى ئىدىيىلىرىنى ماتىماتىكىلىق جەھەتتىن دەلىللەش ئەمگىكىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئىتىمەن.سىزنىڭ ئەمگەكلىرىڭىز شەكىل نەزەريىسى تەتقىقاتى تارىخىدا ئالاھىدە بىر سەھىپە بولۇپ قالىدۇ!.
كۆپچىلىككە رەھمەت!
ھۆرمەت بىلەن:قاسىم سىدىق
2013.7.14