كۆرۈش: 585|ئىنكاس: 6

غەيرەت ئاسىم ھەققىدىكى مەخسۇس زىيارەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2537
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 149
تۆھپە : 3
توردا: 31
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-6

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-10 22:56:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«تىيەننەن 天南»ژۇرنىلى ئۇيغۇر يازغۇچىسى غەيرەت ئاسىم ھەققىدىكى مەخسۇس زىيارەت ۋېدىئوسىنى ئېلان قىلغان ئىكەن. ئادرېس: http://www.chutzpahmagazine.com.cn/CnVideoDetails.aspx?id=333





بۇ ئادرىستا : http://www.chutzpahmagazine.com.cn/CnVideoDetails.aspx?id=324  يازما نۇسخىسى بار ئىكەن. توردىكى تەرجىمانلار تەرجىمە قىلىپ قويسا.


mukam.cn

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 1804
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 5046
تۆھپە : 16
توردا: 373
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-11

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-10 23:19:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بىر ياخشى خەۋەركەنغۇ، دەرھال كۆرۈش كېرەكتە

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2948
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 190
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-30

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-11 17:33:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    تەرجىمە قىلىۋەتكەن بولساڭلار بەك ياخشې بولاتتى!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  383
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 213
تۆھپە : 0
توردا: 40
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-10

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-13 17:31:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپچىلىكنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئۇدۇللۇق تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويماقچىمەن، خاتا كەتكەن يەرلىرى بولسا كۆرسىتىپ قويارسىلەر.

غەيرەت ئاسىمنى مەخسۇس زىيارەت: يەرلىكلەشتۈرۈش، يەر شارىلاشتۇرۇش ۋە قوش تىللىق يېزىقچىلىق
2013-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى
خۇاڭ جېنۋېي: ئەدەبىي ئىجادىيەت-تىل سەنئىتى دىمەكلىكتۇر، مەن سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنى ئوقۇغان، مەندىكى ئەڭ كۈچلۈك تەسىرات، سىز خەنزۇ تىلى ياتلاشتۇرۇلۇپ، نۇرغۇن يېڭى مەنالارنى يېزىپ چىقىتىڭىز، مېنىڭچە، سىز بىر يازغۇچى بولۇش ئورنىڭىزدىن خەنزۇ تىلى بىلەن يېزىقچىلىق قىلىش بىلەن ئۇيغۇر تىلىدا يېزىقچىلىق قىلىشنىڭ سېھرى كۈچى ۋە ئالاھىدىلىكى قايسى جەھەتلەردە ئىكەنلىكى ھەققىدە سۆزلەپ باققان بولسىڭىز.
غەيرەت ئاسىم: ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىقچىلىق قىلىش، ئانا مەدەنىيەت بىلەن يېزىقچىلىق قىلىشنى مەن بىر خىل يېقىنلىق ھېس قىلىمەن. نۇرغۇن ئىنچىكە تەسىراتلار، نۇرغۇن سەزگۈر بىر قىسىم كۆزقاراشلارنى تىل شەكلى ئارقىلىق تىل ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان ئاھاڭ، ئىنتۇناتسىيىلەر ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ، بىۋاسىتە، ۋاستىلىق شۇنداقلا يوشۇرۇن كۆز قاراش ۋە تەسىراتلارنىڭ ھەممىسىنى ئىپادىلىگىلى بولىدۇ. ئانا تىل بىلەن يېزىقچىلىق قىلغان چاغدا تۇرمۇشتىكى نۇرغۇن يېقىن كۆرىنىش، ئەسلىمە، بىز ئىنتايىن تەستە ئىپادىلەيدىغان كەيپىياتلار، بىۋاسىتە ۋە ۋاستىلىق سېزىلىدىغان يوشۇرۇن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى نامايەن قىلغىلى بولىدۇ. ئاشۇ خىل تەم، مەنا، ھەۋەس، تۇرمۇشقا يوشۇرۇنغان ئاشۇ خىل يوشۇرۇن نەرسىلەر بىر خىل يوشۇرۇن شەكىلدە ئىپادىلىنىپ، كىتاپخانلاردا ئوقۇغانچە تەسىرات پەيدا قىلىپ، ئازراق بولسىمۇ مەنا ئاتا قىلىدۇ، بۇ مېنىڭ ئىنتىلىدىغان بىر نىشانىم.
خۇاڭ جېنۋېي: سىز قوش تىللىق يازغۇچى، سىزنىڭچە خەنزۇ، ئۇيغۇر تىلىدىن ئىبارەت ئىككى خىل تىلدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەقلى زاكاۋەت، چەكلىمىلىك ۋە ئەڭ زور پەرق قايسىلار؟
غەيرەت قاسىم: مۇبادا مەن خەنزۇ تىلى ئارقىلىق ئۇيغۇرچە تۇرمۇشنى يازسام، تامامەن خەنزۇچە تەپەككۇر قىلىش شەكلىنى قوللانسام، ئۇنداقتا ئۆز مىللىتىمنىڭ مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادىتى، تۇرمۇشى، ھەۋىسى، ئەدەب-قائىدىسىسنى يېزىپ چىقالمايمەن، مۇبادا تامامەن ئۇيغۇر تىلى شەكلىدە ئىپادىلىسەم ھەم خەنزۇ تىلىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايمەن. مېنىڭ ھازىر تىرىشىپ قىلماقچى بولىۋاتقان بىر ئىشىم قانداق قىلغاندا ئۇيغۇر تىلىدا ئەڭ ئامىباپ، ئەڭ دەل، ئەڭ خاس، ئەڭ يۇمۇرستىك ئىپادىلەش شەكلى ئارقىلىق خەنزۇ تىلىنى ئەڭ نەپىس، ئەڭ چىرايلىق، ئەڭ ئېنىق، ئەڭ سۆيۈملۈك شەكىلدە بىرلەشتۈرۈپ ئىپادىلەپ، ئىككى خىل مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ جەۋھەرلىك، ئەڭ ئەڭ مۇلاھىزە قىلىشقا تېگىشلىك تەرەپلىرىنى بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت. مېنىڭچە، بۇ بىر خىل يېڭىچە ئوقۇش ئۈنىمىنى قولغا كەلتۈرۈش-كەلتۈرەلمەسلىكتىكى بىر خىل يېڭى سىناق ھېساپلىنىدۇ. مېنڭچە بۇ تەرەپلەردە بىرئاز ئىزدىنىۋاتىمەن.
خۇاڭ جېنۋېي: ئابىياتىن سىز تىلنىڭ ماڭرولۇق قاتلىمى جەھەتتىن يازغۇچىنىڭ تىل ئىشلىتىشىگە قارىتا توختالدىڭىز، مېنىڭچە ئەڭ ئىنچىكە، ئەڭ كونكىرتنى ھالدا ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ تىلىنى سېلىشتۇرغاندا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى قايسىلار؟
غەيرەت قاسىم: ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى ئېنىق، دەل، چۈشىنىشلىك، ئاددى، ئىخچاملىقتىن ئىبارەت. ئۇيغۇر تىلىدا 32 ھەرپ بار، ئۇ خەنزۇ تىلىدىكى نەچچە مىڭ يېزىققا ئوخشىمايدۇ. ھەر خىل كۆرىنىش، ھەر خىل ئەڭ قىيىن، ئەڭ تەستە ئىپادىلىگىلى بولمايدىغان تەرەپلەرنى بىز ئۇيغۇر تىلى ئىچىدە قۇراشتۇرۇپ ئىپادىلىيەلەيمىز، ئىپدىلەش ئۈنىمىمىزمۇ ئەڭ ئېنىق، ئەڭ چۈشىنىشلىك، ئەڭ روشەن بولىدۇ، ھەمدە ئاسان ئىگىلىگىلى بولىدۇ. ئۇنداقتا، بىز خەنزۇ تىلىدا ئىپادىلىگەن چاغدا، ئەگەر مانا مۇشۇنداق بىر خىل تىل شەكلىدە بىزىمەي، مەلۇم تېخنىكىلىق تەپەككۇرنى قوللانماي، مەلۇم پەلسىپەلىك، ئېتىكالىق قۇرۇلمىلارنى قوللانماي تۇرۇپ، خەنزۇ تىلىدا ئىپادىلەپ قالساق، بەك ئاددى بولۇپ قېلىشى، بەلكىم ئۇنچە لاتاپەتلىك چىقماي قېلىشى مۇمكىن، شۇنداق بولغاندا ئەڭ ئاخىرىدا ئىپادىلەپ چىقىلغان كەڭلىك ۋە چوڭقۇرلۇق ئۇنچىۋىلا مول بولماسلىقى كىتاپخانلاردا بىر خىل ئەپسۇسلۇق قالدۇرۇپ قويىشى مۇمكىن.
خۇاڭ جېنۋېي: ئابىياتىن سىز ئۇيغۇر تىلىدىكى كۆرىنىشنىڭ گېپىنى تىلغا ئالدىڭىز، بۇ خىل كۆرىنىش قانداق شەكىلدىكى كۆرىنىش، شېئردىكى ئىماگنىڭ گېپىمۇ؟  
غەيرەت قاسىم: ئاساسى جەھەتتىن شېئرىدىكى ئىماگقا يېقىن كېلىدۇ، ئۇيغۇرلار شېئرى مىللەت، تارىختىن بۇيان يېغىندى بولۇپ كەلگەن مەدەنىيەتتە شېئرنى قەدىرلەش، ئىنتىلىش ۋە تەتقىق قىلىش بىر خىل ئۇزاق ئەنئەنىگە ئىگە. ھازىر ئۇيغۇر شائىرىلىرىنىڭ تارىخ، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئورنى ئىنتايىن يۇقىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، تۇرمۇشى، بىر قىسىم خوشاللىق ئىشلىرىدا، بىر قىسىم دوستلىرىنىڭ يىغىلىشلىرىدا،بىز قوللىنىۋاتقان يېزىق ئاساسى جەھەتتىن ئاشۇ كۆرىنىش(ئىماگ)لىك، ئاشۇ خىل ئومۇملاشتۇرۇش خارەكتېرگە، تەسەۋۋۇرچانلىققا ئىگە ئادەمگە بىر خىل گۈزەل، نەپسلىك تۇيغۇسى بېرىدىغان، ئىنتايىن لاتاپەتلىك ئارزۇ تىلەك ئاتا قىلىدۇ، بۇ ئىنتايىن گۈزەل، مۇبالىغە قىلىنغان بىر قىسىم سۆزلەر ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.

(داۋامى بار) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇجاپپار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-13 18:22  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  383
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 213
تۆھپە : 0
توردا: 40
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-10

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 11:35:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇاڭ جىنۋېي: سىزنىڭ ھېكايىلىرىڭىزنى شېئىر تىلنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندەك قىلدىم، سىزنىڭ ئىجادىيەتلىرىڭىز قايسى شائىرلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، قايسى ئۇيغۇر شائىرلار سىزگە تەسىر كۆرسەتكەن؟
غەيرەت ئاسىم: ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرى ھەققىدە توختالغاندا، ئەڭ بۇرۇن ماڭا تەسىر كۆرسەتكەن شائىر نىمشىھېت، ئۇ كلاسسىك ھەم ھازىرقى زامان شائىرى، ئاندىن قالسا ل. مۇتەللىپ، ئۇنىڭ “يىللارغا جاۋاب” شېئىرى ماڭا چوڭقۇر تەسىر قىلغان. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شائىرلىرىدىن تېيىپجان ئېلىيوپ، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندى. چەتئەلنىڭكدىن كۆپرەك ئوقۇغىنىم پوشكىننىڭ شېئىرلىرى. دۆلەت ئىچىدىكىدىن ئەي چىڭ، گۇۋ شياۋچۈەنلەرنىڭ شېئىرلىرىنى كۆپرەك ئوقىدىم، كېيىنچىرەك سەي چىجياۋنىڭ، يەنە گۇڭگا شېئىرلاردىن بېي داۋ، شۇ تىڭلارنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقىدىم. شۇ تىڭنىڭ
“ئۇچراشقاندا جۈپ كۆزلىرىمىز، روھلار گويا گۈللۈك دالا. تارام-تارام قۇياش نۇرلىرى، جەلپ قىلار چوڭقۇرلۇقلارغا. ”
(يەنە مۇنداق ئالساق بولامدۇ-يوق: “كۆزلىرىمىز تىكىلگىنىدە جىممىدە، روھلار گۈلدەك ئېچىلار دالىلاردا،  تارام-تارام كۈننىڭ نۇرى،جەلپ قىلار قەلب قاتلاملىرىنى” )
像舒婷的“当我们的眼睛悄悄对视 / 灵魂像画展中的田野 / 一窝一窝儿阳光 / 吸引我们向深处走去”,
دەپ يازغان مىسرالار شۇنداق نەپىس چىققان ئىدى. پوشكىندىن باشقا يەنە بىرمۇنچە چەتئەللىك شائىرلاردىن ئامېرىكىلىق شائىر خۇتمان دىگەندەكلەرنىڭكىنى ئوقۇدۇم.  ئۆزىمىزنىڭ كلاسسىك، يېقىنقى زامان، ھازىرقى زامان شېئىرلىرىنى، خەنزۇلارنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرىنىمۇ ئوقۇدۇم، ئەلۋەتتە بىر قىسىم تەرجىمە قىلىنغان قازاقچە شېئىرلارنىمۇ ئوقۇدۇم، بۇ شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنى مەن خېلىلا ياخشى كۆرىمەن، مەن تىل ئىشلىتىش جەھەتتە ئۇلارنىڭ تەسىرگە بىر ئاز ئۇچرىدىم.
خۇاڭ جېنۋېي: ئابىياتىن بىز سىزنىڭ شېئىرلىرىڭىزنىڭ نىمشىھىت، تېيىپجان قاتارلىق شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنىڭ  تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىڭىز ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ باردۇق، ئۇنداقتا سىز يەنە قايسى ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىدىڭىز؟
غەيرەت قاسىم: ئاساسلىقى ئۇيغۇر يازغۇچىسى زوردۇن سابىرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدىم، ئۇ مىللىتىمىزنىڭ كاتتا يازغۇچىسى، ئالدىنقى قاتاردىكى يازغۇچىسى بولۇپ، ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇ خەنزۇ تىلىغىمۇ ئىنايىن ئوبدان ئىدى. بىز ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئىچىدە خەنزۇ تىلىغا نىسبەتەن ياخشىلىرىدىن زوردۇن سابىر، ئەكبەر مىجىت، مۇھممەد باغراش قاتارلىقلار شۇنداقلا بىر قىسىم يازغۇچىلاردىن ئەختەم ئۆمەر، يەنە مەمتىمىن ھوشۇر قاتارلىقلار مېنىڭ ماڭا بىۋاسىتە ياكى ۋاستىلىق تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇلارنىڭ يېزىقچىلىق ئۇسلۇبى رىئال تۇرمۇشتىن كەلگەن، ئۇلار تىل ئىشلىتىش جەھەتلەردە ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە، قىزىق، يۇمۇرلۇق، ئەركىن، جانلىق، لېكىن ئۇلارمۇ ناھايىتى چوڭقۇر قاتلاملىق ئىنتىلىش تەرىپىگە ئىگە. ئۇلارنىڭ ھەممىسى زامانىۋى، ھازىرقى زامانغا تەۋە. ئەگەر يەنىمۇ ئالدىغا سۈرىسەك، يۈز يىلدىن ئىلگىرىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئاساسلىقى يەنىلا ئەل ئارا ئەدەبىيات، ئېغىز ئەدەبىياتى،  تارىخى ئېپۇس، ئەل ئارىسىدىكى داستان، خەلق چۆچەكلىرى ئاساس قىلىنغان.
خۇاڭ جىنۋېي: ئىجادىيىتىڭىزدە سوۋېت رۇسىيىسى ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپسىز، سىز سوۋېت رۇسىيىسى ئەدبىي ئەسەرلىرىنى خەنزۇ تىلى ئارقىلىق ئوقۇغانمۇ ياكى ئۇيغۇر تىلى ئارقىلىقمۇ؟
غەيرەت قاسىم: ئەڭ كۆپ ئوقۇغىنىم خەنزۇ تىلى، ئازراق ئوقۇغىنىم سىلاۋۋىيان يېزىقى بولۇپ، فۇچىكنىڭ “دار ئالدىدىكى دوكلات”نى سىلاۋىيان يېزىقىدا ئوقۇغان، ئۇ ئۇيغۇر تىلى تىرانسىكپىيەدىكى سىلاۋىيان يېزىقى ئىدى، ئۇقوغان چاغدا ئۇيغۇرچە بولغىنى بىلەن يېزىقى سىلاۋىيانچە ئىدى. مەن يەنە “بەخت” دىگەندەك  ۋەتەن ئۇرۇشىغا دائىر مەزمۇنلار يېزىلغان رومانلارنىمۇ ئوقۇغان، بۇنداق ئەسەرلەرنى ئازراق ئوقۇدۇم، يەنە خەنزۇ تىلىدا ئوقۇغانلىرىم كۆپ بولدى.
خۇاڭ جېنۋېي: قوش تىللىق يازغۇچىلاردا تىلدىن، مەدەنىيەتتىن ھالقىش ئەۋزەللىكى بار بولسىمۇ لېكىن ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئىككى خىل مەدەنىيەت، تىلنى بىرلەشتۈرۈش مەسىلىسى مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، سىز ئىجادىيەت قىلغان چاغدا، ئۇيغۇر تىلىدا يېزىقچىلىق قىلغاندا ئۇيغۇرچە تەپەككۇر قىلامسىز؟ خەنزۇ تىلىدا يېزىقچىلىق قىلغان چاغدا يەنىلا ئۇيغۇرچە تەپەككۇر قىلامسىز؟
غەيرەت قاسىم: مەن خەنزۇ تىلىدا ئەسەر يازغان چاغدا، تەپەككۈرىم گىرەلەشكەن بولىدۇ، بەزىدە خەنزۇ تىلىدا، بەزىدە ئۇيغۇر تىلىدا. بىر قىسىم ئىپادىلەشلەرنى خەنزۇ تىلىدا ئىپادىلىشىم ئىنتايىن ئاددى، ئەگەر مەن ئۇيغۇر تىلىدا ئىپادىلسەم، بىراز نازۇكراق بولىدۇ، بىراز مەزمۇنلۇق بولىدۇ. بىر قىسىم ئىپادىلەشلەرنى ئۇيغۇر تىلىدا ئىپادىلسەم نىسبەتەن بىۋاسىتە، ئاددى بولىدۇ، خەنزۇ تىلدا ئۇنىڭغا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان ئىپادىلەش ئۈستىدە ئىزدىنىمەن. بەزى چاغلاردا مەن ئۇيغۇر، خەنزۇ تىلىنى ئىپادىلەش شەكلىم بىرلىشىپ كېتىدۇ. مەندە خەنزۇچە تەپەككۈرمۇ، ئۇيغۇرچە تەپەككۈمۇ بار بولۇپ، ئۆزەمنىڭ بىر خىل ئۆزگىچە ئىپادلىەش شەكلىم ھېساپلىنىدۇ. مەسىلەن مەن مۇنداق بىر جۈملىنى يازماقچى بولسام: “时间语重心长地照耀我们” بۇ خىل ئىپادىلەش ئۇيغۇر تىلىدا يوق، خەنزۇ تىلىدىمۇ يوق، لېكىن ئىككى خىل تىل بىرلەشكەن چاغدا، ئۆزەمنىڭ بىر خىل تونۇشۇم، مۇلاھىزەم قوشۇلۇپ، مەن مانا مۇشۇنداق ئىپادىلەشنى ئويلايمەن. مەن تىل شەكلى ئارقىلىق، ھېكايە مەزمۇنىدا بىر قىسىم مەنالارنى ئىپادىلەيمەن. مەنا ئاساسىدا، ئىپادىلەشنى تېخىمۇ ۋايىغا يەتكۈزەلەيمەن، ۋايىغا يەتكۈزۈش ئاساسىدا بىر خىل نىبسەتەن تېرەن ئۈنۈمگە يېتەلەيمەن. ئىپادىلەشتە ئادەملەرگە بەكمۇ يېقىنلىشىپ كەتمەيمەن. ئىپادىلەشنى تونۇشىمىزدىن يىراقلاشتۇرۇشتا، بىز كۆپرەك مۇلاھىزە قىلىشىمىزغا-نىمىشقا شۇنداق قىلىدىغانلىقىمىز ھەققىدە ئويلىنىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر بىزنىڭ تونۇشىمىز بەك ئاسان بولىدىغان ئىش بولسا، ئۇنداقتا مېنىڭچە ئەدەبىيات مەۋجۈتلىقىدىن ئايرىلغان بولىدۇ. مېنىڭچە، ئىككى خىل مەدەنىيەتنىڭ ئوخشاشلىقى ۋە ئوخشاشماسلىقىنى ياكى ئىككىسىدە مەۋجۇت بولمىغان بىر خىل ئىپادىلەش شەكلىنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك.
خۇاڭ جېنۋېي: ئىجادىيەت بىر نازۇك جەريان، سىز ئىجاد قىلىۋاتقان چاغدا، ئىنتايىن ئېنىق ھالدا تىل تەپەككۇردىكى ئالماشتۇرۇش كودىنى ھېس قىلىسىز، مەسىلەن بۇ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تەپەككۈرى، بۇ خەنزۇ مىللىتىنىڭ تەپەككۈرى دىگەندەك، بۇلارنى قانداق پەرقلەندۈرىسىز؟ جەزمەن بىر قىسىم ئىچكى سىرلىق ئۆلچەملىرى بولىشى مۇمكىن.
غەيرە ئاسىم: كونكىرتنى ئىجادىيەت قىلىۋاتقان چاغدا، ئىنتايىن ئېنىق ھالدا تىل تەپەككۇردىكى ئالماشتۇرۇش كودىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. مېنىڭ تىلنىڭ ئىچكى ئۆلچىمىنى ئىگەللىشىم مۇنداق بولىدۇ: مۇبادا بۇ بىر ئىش، بىر كۆرىنىش(ئىماگ) بولغىنىدا مەن بىۋاسىتە خەنزۇ تىلىدا يازاي ياكى ئۇيغۇر تىلىدا يېزىپ چىقاي، بۇ خىل ئىپادىلەشنىڭ ئەھمىيتى بولمايدۇ. مەن ئۇنى مۇرەككەپلەشتۈرسەممۇ بۇ خىل مۇرەككەپلەشتۈرۈشنى ئوقۇغاندا ئېنىق بولماي قالىدۇ. كونكىرتنى قىلىپ ئېيىتسام، مەسىلەن جۈملىنى ئىشلىتىشنى مىسالغا ئالساق، بەزىلىرى تەرجىمە قىلىنغان ئۇيغۇرچە جۈملە بولىدۇ، بەزىلىرى مەن ئۆزەم ئىجاد قىلغان جۈملىلەر بولىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا ئەسلىدە بار نەرسە بىلەن خەنزۇ تىلىدا ئەسلىدە بار بولغان نەرسىنى قانداق قىلىپ ئۆزەمنىڭ نەرسىسىگە ئايلاندۇرۇشتا، مەن يەنە بىر قىسىم ئۆزەمنىڭ ئىجاد قىلغان سۆزلىرىمنى قوشىمەن، ئاندىن ئۇلارنى يۇغۇرۇپ بىر جۈملە قىلىمەن. بۇنداق ئىپادىلىگەندىن كېيىن ھەم خەنزۇ تىلىدىكى نەرسىمۇ بولىدۇ، ھەم ئۇيغۇر تىلىدىكى نەرسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر بۇ خىل ئىپادىلەشنى خەنزۇ تىلدا يېزىپ چىقىپ ئاندىن ئۇنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلساق، ئۇنى تەرجىمە قىلغىلى بولمايدۇ، ئەگەر ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلساق، قاندىغايدەك(ھېچنىمىگە ئوخشىماي) بولۇپ قالىدۇ. ئۇنداقتا، ئەگەر مەن ئۇنى ئۇيغۇر تىلدا ئوخشاش ھېكايىدە ئىشلەتمەكچى بولسام، جەزمەن بۇ خىل شەكىلدىن ۋاز كېچىپ، ئۇيغۇر تىلدا قايتا يېزىپ چىقىشىم كېرەك، قايتا يېزىپ چىققاندىن كېين، مەن ئاندىن ئۇيغۇر تىلىدا ھېكايىنى ئېنىق ئىپادىلەپ بېرەلەيمەن. شۇڭا، ئۆزگەرتىش جەريانىدا، نۇرغۇن بۇزغۇنچىلىقلار بولىدۇ، بۇزۇش جەريانىدا پەيدا بولغان بۇ خىل ئىپادىلەش شەكلى مېنىڭچە نىسبەتەن يېڭىچە بولىدۇ، ئوقۇشقىمۇ راۋان بولىدۇ.
خۇاڭ جېنۋېي: بىز كونكىرتنىراق قىلىپ ئېيىتىساق، ئابىياتىن سىز تىلغا ئالغان “时间语重心长地照耀我们” جۈملىنى ئۇيغۇر تىلىدا تەرجىمە قىلغىلى بولمامدۇ؟
غەيرەت ئاسىم: تەرجىمە قىلغىلى بولمايدۇ، مۇبادا تەرجىمە قىلساق قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ. ئۇيغۇر تىلى نۇقتىسىدىن ئېيىتقاندا، ۋاقىت قانداق قىلپ، تىل ئېغىرلىق مەرگىزىدىن بىزگە نۇر ياغۇرۇپ تۇرىدۇ؟ ۋاقىت قانداق ئۇقۇم؟ تىل ئېغىرلىق مەرگىزى قانداق ئۇقۇم؟ نۇر چېچىش قانداق ئۇقۇم؟ نۇر چېچىش قۇياشنىڭ ئىشى، مەن قۇياشنى ۋاقىتقا ئايلاندۇردۇم، تىل ئېغىرلىق مەرگىزى ئادەم بىلەن ئادەم ئارىسىدىكى بىر خل ئارزۇ، تىلەكدىن ئىبارەت، قۇياشنىڭ تىل ئىقتىدارى يوق، ئۇ قانداق قىلىپ تىل ئېغىرلىق مەرگىزىدە ئۆسىدۇ. بۇ يەرگە مەن ئادەم ئامىلىنى كىرگۈزدۈم، جىمى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئادەمنىڭ روھى ئىچىدە بولىدۇ، گەرچە قۇياش سۆزلىيەلمىسىمۇ لېكىن ئۇ بىر خىل سۆزلىيەلەيدىغان ئىللىقلىققا ئىگە، مەن مۇشۇ تەپەككۇر ئاقىلىق تىلنى تەشكىللىدىم. بۇ خىل ئىپادىلەشتە ئۇيغۇر تىلىنىڭ كۆلەڭگۈسى بار، ھەم خەنزۇ تىلىنىڭ كۆلەڭگۈسى بار بولسىمۇ لېكىن بىر خل ئۆزگىچە يازما ۋە ئىپادىلەشتىن ئىبارەت. ئۇنىڭ يىلتىزى يەنىلا خەنزۇ مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىڭ گىرەلەشمە بىرلەشتۈرىلىشىدە.
خۇڭا جېنۋېي: ئۆزگىچە تىل ئېڭىغا ئىنتىلىش بىر يازغۇچىنىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكىدىكى ئۆلچەملەردىن بىرى ھېساپلىنىدۇ، سىزدە قاچاندىن باشلاپ بۇ خىل كۈچلۈك تىل ئېڭى پەيدا بولغان؟
غەيرەت ئاسىم: يېقىنقى ئون يىلدا، مەن يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنۋاتقىلى 30 يىلدىن كۆپرەك بولدى. مېنىڭچە قوش تىللىق يازغۇچىلارنىڭ نىسبەتەن ئەۋزەلرەك تەرىپى ئۇلار ئىككى خىل مەدەنىيەت، ئىككى خىل يېزىقنى قوللىنىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ ئۇدۇل يولى. ئۇ ئىككى خىل مەدەنىيەت، تىل، يېزىقتىكى ئەڭ جەۋھەرلىك ئۇزۇقلۇقلاردىن پايدىلىنىدۇ، بۇمۇ ئۇنىڭ قولايلىقلىقى ۋە ئۇدۇل يولى،  لېكىن قوش تىللىق يازغۇچى يەنە بىر مۇھىم نەرسىسىدىن-ئانا مەدەنىيەتنى بايان قىلىشتىن مەھرۇم قالىدۇ، ئەگەر تامامەن ئانا مەدەنىيەتتىن پايدىلىنىدىغان بايان قىلىش تەلەپ قىلىنسا، بۇنى ساپ بىر خىل يېزىق بىلەن يېزىقچىلىق قىلىدىغان يازغۇچى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇ يازغۇچى ئەنە ئاشۇنداق ساپ، بىۋاسىتە بولىدۇ. مەيلى خەنزۇ تىلىدا يېزىقچىلىق قىلسۇن ياكى ئۇيغۇر تىلىدا يېزىقچىلىق قىلسۇن، سىزنىڭ تەپەككۈرىڭىز، بىلىشىڭىز، لوگىكىڭىز، پەلسەپىڭىز، تىلىڭىز ئككى خىل يېزىقنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپلا تۇرىدۇ، ئىكى خىل يېزىق قۇچاقلشىپ تۇرىدۇ، پايدىسىمۇ، زىيىنىمۇ بار. توغرىسىنى دىگەندە، نۇقسىنى(زىيىنى) ئۇنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغىنىمۇ ئەمەس، مۇكەممەل بولماي قالغىنى. ئەگەر ساپ خەنزۇ تىلىدا شېئىر يازىدىغان شائىر بولسا، ئۇ جەزمەن شۇ تىڭنىڭكىدەك لىرىك، بېي داۋنىڭكىدەك چوڭقۇر پىكىرلىك شېئرلارنى يېزىپ چىقالايدۇ، ئەگەر بىز شۇ تىڭ، بېي داۋدەك ئوخشاشلا ئىنگىلىز تىلىدا يېزىقچىلىق قىلىدىغان يازغۇچى بولساق، ئۇلارنىڭ خەنزۇ تىلىدىكى يازمىسى مانا مۇشۇنداق يارقىن، چوڭقۇر، يېقىن چىقارمىدى؟ قوش تىللىق يازغۇچىنىڭ ئىككىنچى خىل مەدەنىيىتى ئۇنىڭ ئانا مەدەنىيىتىدەك ئىنتايىن مېھرىبان، ئىنتايىن ساپ بولامدۇ-يوق، مەن ھېمىشە، قوش تىللىق يازغۇچىلار ئىگە بولغان ئىككى خىل مەدەنىيەت ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە بۇ يازغۇچىلارنىڭ ساپلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ ھېس قىلىمەن. ئۇ بىر بۇلاقنىڭ سۈيى ئەمەس، ئۇنىغا چوقۇمكى دەريا سۈيى، ئۆستەڭ سۈيى ھەتتا تاغ سۇلىرى ئارىلىشىپ كەتكەن بولىدۇ. مۇرەككەپلىك ۋە كۆپ خىللىقنى  ھازىرقى زامان تىل مۇھىتى ئىچىدە مۇھاكىمە قىلىش بىر ياخشى ئىش بولسىمۇ لېكىن باشقا بىر جەھەتتىن ئېيىتقاندا، ساپ ئانا مەدەنىيەتتە يېزىقچىلىق قىلىش بەك لاتاپەتلىك بولماي قالامدۇ قانداق. مېنىڭچە، قوش تىللىق يازغۇچى بۇ جەھەتتىكى چەكلىمىلەرگە ئۇچرىماسلىقى، ئۇلار بىر قىسىم نەرسىلەردىن مەھرۇم قالماسلىقى كېرەكمۇ قانداق، مەدەنىيەت، يازما، ھېسسىيات جەھەتتە، ئۇلارنىڭ ئۆزىدە مەدەنىيەتتىكى بىۋاسىتە، يېقىن، نازۇكلۇق قاتارلىق تەرەپلەر بار، بىر قىسىمىدىن مەھرۇم قالدىمۇ؟ مەن مۇشۇ تەرەپلەردە مۇلاھىزە قىلىمەن.
خۇاڭ جېنۋېي: ئابىياتن سىز تىلغا بولغان بىر قىسىم ئۆلچەملەر ھەققىدە توختالدىڭىز، مەيلى ئۇيغۇر ياكى خەنزۇ تىلى بولسۇن سىزنىڭچە ئەدەبىي تىلدىكى بىر قىىسم ئۆلچەملەر مەسىلەن، تېرەنلىك، ئىللىقلىق، كۆرنىش(ئىماگ)، گۈزەللكتىن باشقا، يەنە قانداق ئۆلچەملەر بار دەپ قارايسىز؟
غەيرەت ئاسىم: ياخشى تىل ئۆزىنى بىلەلمەي قالغان بالىلىق مەزگىلگە ئوخشايدۇ. سىز مۇنداق ئەسەرلەرنى ئوقىغان چېغىڭىزدا، ئۆزىڭىزنىڭ يېشىنى، مىللىتىنى، ئاتا-ئانىڭىزنى ئۇنتۇپ قالىسىز، بۇ ئائىلىدە بولماي قالىسىز، سىزنىڭ ھېچنىمىڭىز بولمايدۇ، ھەممە نەرسىنى ئۇنۇتۇپ كېتىسىز. كاللىڭىز خۇددى ئاپئاق قاردەك ساپ ، ساپ قاندەك قىپ-قىزىل بولۇپ، سىزگە سىرتقى جەھەتتىن ھېچقانداق كاشىلا بولمايدۇ، سىز ئاللىقاچان قىپيالىڭاچ ھالدا ئوقۇۋاتقان ئەسەرگە باغلىنىپ بولغان بولىسىز. ھاياجانىڭىز، تۆككەن ياشلىرىڭىز، كۆتىرىلگەن غەليانلار دەل مۇشۇنداق نەرسىلەردۇر. ئۇنىڭ بىرلەشتۈرۈش كۈچى ۋە جەلپ قىلىش كۈچى تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق خۇدىنى بىلمەسلىك بولۇپ، ئۇ ھەتتا دىننى تەقۋادارلىققا ئىگە بولىدۇ. مەن كىرگەن بولسام چىقالمايمەن، شۇنداق گۈزەل بولىدۇ. مېنىڭچە مانا مۇشۇنداق ئەسەرلەر ئەدەبىيات تارىخىدا ئىنتايىن كۆپ. مەن شولۇخۇپ، تولىستويلارنڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغاندا مۇشۇنداق ھېسسىياتقا كەلگەن، مەن لاتىن ئامېرىكىسىلىق يازغۇچىلارنىڭ، بېي داۋ، شۇ تىڭلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغاندىمۇ مانا مۇشۇنداق ھېسسىياتقا كەلگەن، شۇنداق تەبىئىي، گۈزەل. بالىلىق مەزگىلىمدىكىدەك ساپ، بالىلىق مەزگىلىمدىكىدەك غەرەزسىز سەبىئىي بولغان. ئەگەر بىزنىڭ ئەسەرلىرىمىز ئۇنداق بولمىسا، بىزنىڭ ھېكايىلىرىمىز، بىزنىڭ ئىپادىلىگەن تۇرمۇشىمىز ئۇنداق بولمىسا، ئەدەبىياتىمىزنى قانداق قانداق تەرەققىي قىلدۇرۇمىز ۋە يۇقىرى كۆتىرىمىز؟ شۇڭا بارلىق مەسىلىلەر ئۆزىمىزدە كۆرىلىۋاتىدۇ: بىز قانداق يېزىش، قانداق بايقاش ئېلىپ بېرىشىمىز، قىلغان ئىشلىرىمىزنىڭ ئوخشاش بولمىغان ياش باسقۇچى قاتلىمىدىكىلەرگە ياردىمى بار-يوقلىقى ھەققىدە ئويلىنىشىمىز، تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيىشىمىزنى، تەجرىبىلىرىمىزنى قانداق شەكىل ئارقىلىق ئىپادىلەشنى ئويلىنىپ كۆرىشىمىز لازىم.
خۇاڭ جېنۋېي: سىز ئىلگىرى مۇنداق بىر گەپنى قىلغان ئىدىڭىز: “ھېكايە ياۋرۇپالىقلار بىزگە بەرگەن سوۋغا ئەمەس، ھېكايە ئۆز ئوچىقىدا تاۋلانغان، بارلىق مىللەتلەرگە مەڭگۈ ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ تۇرىدۇ.” سىز ھېكايىنىڭ “ئۆز ئوچىقىدا تاۋلانغان” دىگەننى قانداق چۈشىنىشىسىز؟
غەيرەت ئاسىم: “ھېكايە ياۋرۇپالىقلارنىڭ بىزگە بەرگەن سوۋغىسى” دېگەن سۆزنى ئورخان پامۇك دېگەن، ئۇ “دادامنىڭ چامىدىنى” دېگەن ئەسىرىدە ۋە جۇڭگوغا كېلىپ لېكسىيە سۆزلىگەن چاغدا دېگەن، مېنىڭ بۇ سۆزگە پىكىرىم بار، بۇ كۆزقاراشقا قوشۇلمايمەن. لېكىن ئۇ مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى قىلغان: “ھېكايە باشقىلارنىڭ ھېكايىسىنى ئۆزىنىڭ ئىشى قىلىپ يېزىش بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئىشنى باشقىلارنىڭ ھېكايىسى قىلىپ يېزىشتۇر” مەن بۇ گەپكە ئىنتايىن قايىل. ھېكايىنى نېمە ئۈچۈن “ئۆز ئوچىقىدا تاۋلانغان” دەيمىز؟ دۇنيادىكى ھەرقايسى مىللەتلەر، ھەربىر مىللەت يېزىقى يوقلىقتىن يېزىقى بارلىققىچە بولغان جەرياندا، ھېكايىمىز بار دىيەلمىسىمۇ ئەمما ئۇلارنىڭ ھېكايىلىرى، ئەپسانىلىرى ئۇلاردىن ئىلگىرى، ئۇلارنىڭ بوۋا-مومىلىرى ئارقىلىق ئەۋلاتتىن-ئەۋلاتقا يەتكۈزىلىپ كەلگەن ئىشلىرى بار مانا بۇ ئۇلارنىڭ ھېكايىلىرى ھېساپلىنىدۇ. كېيىن يېزىق بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، ئۇلار بىۋاسىتە ۋە ۋاستىلىك ھالدا ھېكايىگە، شېئىرغا، نەسر قاتارلىق ھەر خىل شەكىلدىكى ئەدەبى شەكىللەرگە ئۆزگەرتتى. بۇ نەرسىلەر ئوخشاش بولمىغان ئەدەبىي شەكىل ئارقىلىق ھازىرقى زامان جەمئىيىتىنى بۆلۈش ئېلىپ باردى. ئەمىلىيەتتە، ھەر بىر مىللەتنىڭ ئۆز ھېكايىسى، ئەپسانىسى، ئېپۇس-داستانى بولىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ مىللىتىنىڭ ھېكايىلىرى، ئۇلار روھىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى نەرسىلەر. ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ روھىدا، ئۆزلىرىنىڭ روھىدا، ئۇلارنىڭ يازمىلىرىنىڭ روھىدا بار، بۇ نەرسىلەر خۇددى مەش(پېچ)كە ئوخشاش، بىزگە ئىللىقلىق ئاتا قىلىدۇ، بىزنىڭ روھىمىزنى ئىللىتىپ تۇرىدۇ. بىز ئەپسۇسلىنىمىز،  ئازابلىنىمىز ۋە ياش تۆكىمىز، يېقىنلىرىمىزدىن ئايرىلىپ قالىمىز، تەبىئىي ئاپەتلەرگە ئۇچراپ تۇرىمىز، لېكىن شۇنداق بولسىمۇ بېزدە ئۈمىد بار، بۇ خىل ئۈمىد بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنىڭ بىر قىسىمى، بۇ خىل مەدەنىيەتكە يوشۇرۇنغان بىر نەرسە، بىزنىڭ ئەپسانىلىرىمىز، ھېكايىلىرىمىز ئىنتىلىشلىرىمىز شۇنداقلا كەلگۈسىمىز بار. چۈنكى ئەۋلاتمۇ ئەۋلاد كىشىلەر بۇ روھتىكى ئەپسانىلەر، ھېكايىلەر ۋە ئىنتىلىشلەر ئىچىدە چوڭ بولدى، ئۇلار بىزنىڭ ھېكايىلىرىمىز، بىزنىڭ ئوچاقلىرىمىز، بۇلار بىزگە ئېللىقلىق ئاتا قىلىدۇ. شۇڭا، ھېكايە ياۋرۇپالىقلارنىڭلا سوۋغىسى ئەمەس، دۇنيانىڭ ھەرقانداق بىر بۇلۇڭ-پۇچقىقىدا، يېزىقى بار ياكى يېزىقى يوق مىللەت بولىشىدىن قەتئىنەزەر، ئۆزلىرىنىڭ ھېكايىلىرى بار، بۇ ھېكايە ئۇلارنىڭ مېشى(ئوچىقى)، ئۇلارنىڭ ئەپسانىسى، ئولارنىڭ تارىخى، ئۇلارنىڭ ئۆتمۈشى، ئۇلارنىڭ كېلىچەككە بولغان بىر خىل ئىنتىلىشىدۇر.
خۇاڭ جېنۋېي: ئەدەبىيات ۋارىسلىق قىلىنىدۇ ۋە ئەنئەنىگە ئىگە، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ ئۆز ئەنئەنىسى بار، سىزنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى قانداق چۈشىنىسىز؟
غەيرەت ئاسىم: ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئەنئەنىسى رىئالىزم، سوۋېت رۇسىيىسىنىڭ تەسىرىمۇ رىئالىزمدۇر، تولىستۇي، شولوخۇپ قاتارلىق نۇرغۇن يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنمىغان چاغدا، ئالدىنقى ئەسەرنىڭ 20-30-يىللىرىدا سىلاۋيان يېزىقىدا، رۇس يېزىقىدا شىنجاڭغا كىرگەن، زىيالىلار بۇ ئەسەرلەرنى ئوقۇغان، بۇ خىل تەسىردە شىنجاڭ ئەدەبىياتى يەنىلا بىر خىل رىئالىزملىق ئىپادىلەش شەكلىدۇر.
خۇاڭ جېنۋېي: ئىچكىرى ئۆلكىدىكىلەر شىنجاڭنى خىيال قىلغاندا تۇنجى تەسىراتى چۆللۈك، قۇملۇقتەك بۇ خىل نام بىلەن ئىماگلىنىدۇ.(كۆرىنىدۇ) لېكىن سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزدە ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى ئىنتايىن كونكىرتنى، يەنى ئۇيغۇر تۇرمۇشىدىكى ئۆرپ-ئادەت تۇرمۇشى قايتا نامايەن قىلىنغان، سىز “رىئالىزم” بىلەن بۇ ئورپ-ئادەت تۇرمۇشلىرىنى ئىپادىلەشتە، “مۇدىرنىزم”لىق ئەدەبىياتنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ باقتىڭىزمۇ، ياكى مۇنداقچە ئېيىتقاندا شىنجاڭ ئەدەبىياتىدا “مۇدىرنىزم ئېقىمى”نىڭ تەسىرى بارمۇ؟
غەيرەت ئاسىم: ئۇيغۇر يازغۇچىلارنىڭ “مۇدىرنىزم ئېقىمى”نىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىرى بار، شېئىرغا ئوخشاش، مەسىلەن، “تۇتۇق شېئىرلار”نىڭ تەسىرى، لېكىن بۇ خىل تەسىر ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا ئۇيغۇر شېئىرىيەت ئەنئەنىسى بىلەن بىرلىشىپ، بىر خىل تېخىمۇ مول بولغان ئىجادىيەت شەكلىگە ئايلاندى. ئۆزەممۇ ئىلگىرى بىر قىسىم مۇدىرنىزم ئېقىمىدىكى يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تىرىشىپ ئوقۇپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسىم نەرسىلىرىدىن پايدىلىنىپ باقماقچى بولغان بولساممۇ ئەمما مەن تامامەن ئۇلارنىڭ يولىدا ماڭمىدىم. چۈنكى ئەگەر ئۇلارنى دوراپ يازسام ، ئۇلارنڭ تۇرمۇشىنى، ۋاقتىنى ئىگەللىشىنى تەقلىد قىلسام، ئۇنداقتا مېنىڭ روھى دۇنيارىم تېخىمۇ بىپايانلىققا ئىگە بولسىمۇ ئەمما ئۆزەمنىڭ ھېچنىمىسى بولمايدىغاندەك ھېس قىلدىم. ئۇلارنىڭ يېزىقچىلىق ۋاستىسى جەھەتتە، مەن ئازدۇر-كۆپتۈر پايدىلاندىم، لېكىن ئىنتايىن ئاز، شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ جايدا كۆپ مىللەتلىك مەدەنىيەت مەۋجۇت، يەنىلا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئەڭ ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ، مەن ئاساسلىقى بۇ جاينىڭ ۋاقتى، تارىخى، تۇرمۇشى، كىشلەرنىڭ ھازىرقى گاڭگىرىشى، ئازاۋى، بەختىنى ئىپادىلەشنى ئويلايمەن. 30 نەچچە يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ھەر خىل ئېقىمدىكى “مۇدىرنىزمچىلار” ئەدەبىياتى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا بىر ئاز تەسىر كۆرسەتتى، لېكىن تەسىرى ئانچە چوڭ ئەمەس. چۈنكى تېخى نۇرغۇن ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئانا تىلدا يېزىقچىلىق قىلىدۇ، ئەگەر ئۇلار چەتئەللەرنىڭ “مۇدىرنىزىم ئېقىمى” ئەدەبىياتىدىن پايدىلانماقچى، تەتقىق قىلماقچى بولسا خەنزۇ تىلى سەھنىسى ئارقىلىق ئۇنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ، بۇنىڭغا يەنە بىر مەزگىللىك جەريان كېرەك.
خۇاڭ جېنۋېي: ئىجادىيىتىڭىزدە نۇرغۇن باش قېتىمچىلىقى بولغان ئىكەن، سىز خەنزۇ تىلىدا نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغان بولسىڭىزمۇ لېكىن ئۇيغۇر يازغۇچىلار سىزنى ئېتىراپ قىلمىغان، سىز ئۇيغۇر تىلدا كۆپلەپ ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغاندىن كېيىن ئاندىن ئەڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر يازغۇچىلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىپسىز، بۇ يەردە ئەمىلىيەتتە بىر يازغۇچىنىڭ “كىملىكىنى ئېتىراپ قىلىش” مەسىلىسى بار، سىز بۇ مەسىلىگە قانداق قارايسىز؟
غەيرەت ئاسىم: ئەينى چاغقا نىسبەتەن نۇرغۇن كىشىلەر بۇ مەسىلىنى ئىنتايىن ئېغىر دەپ قاراشقان ئىدى، بىر ئۇيغۇر يازغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن نىمىشقا خەنزۇ تىلىدا ئەسەر يازىدۇ؟ سىز ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرمەمسىز؟ سىز خەنزۇ تىلىدا يازغان ئەسەرنى بىز كۆرەلمىسەك، بۇ بىر مەسىلە ئىدى. يەنە بىر مەسىلە سىز بىر ئۇيغۇر تۇرۇپ، ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئەسەر يازمىسىڭىز، سىز يەنىلا يازغۇچى بولالامسىز؟ سىز كىمنىڭ يازغۇچىسى، خەنزۇلار  سىزنى ئېتىراپ قىلمايدۇ، ئۇيغۇرلارمۇ ئېتىراپ قىلمايدۇ، بۇ بەكلا نازۇك بىر ئىش، ئىنتايىن رىئال مەسىلە ئىدى. ئەينى چاغدا بۇ ئىشنىڭ ماڭا بولغان زەربىسى ئىنتايىن زور بولغان ئىدى، چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇسۇلى بىلەن مېنىڭ خەنزۇ تىلىدا يازغان ئەسەرلىرىمنى چۈشىنەتتى، بۇنىڭدا مىللى مەدەنىيەتكە ئاسىلىق قىلىدىغان نەرسىلەر بار ئىدى. مېنىڭ مەقسىدىم ئۇنداق ئەمەس ئىدى، مەن ئۆزەمنىڭ ئىجادىىيىتىمگە نىسبەتەن تولۇپ-تاشقان ئىشەنچكە ئىگە ئىدىم. شۇنداق قىلىپ مەن ئاخىرىدا، بۇ بىرنەچچە ئون يىلدا ئۆز مىللىتىمنىڭ مەدەنىيىتى ۋە تىلىنى تىرىشىپ ئۈگەندىم، ئۇيغۇر تىلىدا ئوننەچچە پارچە رومان، 7 پارچە پوۋېست، ھېكايىلەر توپلىمى يېزىپ چىقتىم. كۆپچىلىك بۇ ئىشلارنى ئىنتايىن ئېنىق كۆرۈپ يەتتى. ئاشۇ 30 يىلدىن كېيىن، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، كۆپچىلىك بىر يازغۇچىنىڭ كۆپ مەنبەئەلىك مەدەنىيەت، كۆپ مىللەتلىك مەدەنىيەت يولىدا مېڭىشى كېرەكلىكىنى ھېس قىلدى. بۇ جەرياندا، ئىلگىرى ماڭا قارشى تۇرغان، مېنى تەنقىتلىگەن نۇرغۇن كىشىلەر بۇ مەسىلىنى تەدرىجىي تونۇپ يەتتى. ئاشۇنداق بولغاچقا ئۆزەمنىڭ ئىجادىيىتىگە نىسبەتەن تېخىمۇ ئىشەنچ ۋە ئىگىلەش بولدى، مەن ئۆزەمنىڭ تۇرمۇش تەجرىبىلىرىم، مۇلاھىزىلىرىمنى ئۇيغۇر تىلىدا يېزىپ بولغاندىن كېيىن، بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان خەنزۇ تىلىدا نۇقتىلىق يېزىقچىلىق قىلىۋاتىمەن، مەن تىرىشىپ ئۆزەمگە تەۋە بولغان يېزىق ئۈستىدە ئىزدىنىمەن، ئۆزەمگە تەۋە بولغان تىل شەكلى ئۈستىدە ئىزدىنىمەن. مېنىڭ تىلىم قانداق بولىشى كېرەك؟ يېزىقىم قانداق بولىشى كېرەك؟ تىل جەھەتتە، مەن بىر خىل كۆپ مىللەتلەر قوبۇل قىلالايدىغان مۇشۇنداق ئىپادىلەشنى تېىپىپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىمەن، مەن قانداق شەكىلدىكى تۇرمۇشنى ئىپادىلىمەكچى بولسام، بۇ تۇرمۇش يىلتىزىنىڭ قايسى مىللەتنىڭ ئىكەنلىكىنى، يەرلىك ئالاھىدىلىكىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىپ، ئاندىن مۇشۇ ئاساستا، قانداق يەر شارىلاشتۇرۇشنى، بىر قىسىم نەرسىلەرنى مۇلاھىزە قىلىمەن. نۆۋەتتە، مەن ھېمىشە بۇ يولدا ماڭغىنىم توغرا بوپتىكەن دەپ ھېس قىلىمەن. ئەگەر مەن نوقۇل ھالدا بىر خىل يېزىقتا يېزىقچىلىق قىلغان بولسام، تېخىمۇ نۇرغۇن ھەر مىللەتتىن بولغان ئوقۇرمەنلەرگە قانداق يۈزلەنگەن بولاتتىم، بۇ بىر مەسىلە. مۇبادا ئىككى خىل يېزىقتا يېزىقچىلىق قىلسام، بىر قىسىم مەسىلىلەرنى ھەل قىلالىشىم، بىر خىل يېزىقتتا يەتكىلى بولمايدىغان ئۈنۈمگە ئېرىشىشكە، باشقا بىر خىل يېزىق ياردەمدە بولىدۇ، بۇ خىل مەدەنىيەتتە بولمىغىنى باشقا بىر خىل مەدەنىيەتتە بولىدۇ، بۇ خىل كۆپ مەنبەئەلىك مەدەنىيەتتىكى پايدىلىنىش ۋە ئەينەك قىلىش ئېھتىمال تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىشقا، تېخىمۇ نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەرنىڭ قوبۇل قىلىش ۋە ياخشى كۆرىشىگە تۈرتكە بولىشى مۇمكىن.
خۇاڭ جېنۋېي: ئەمىلىيەتتە بىز يەرلىكلەشتۈرۈش ۋە يەر شارىلاشتۇرۇش مەسىلىسى ھەققىدە سۆزلىشىپ بولدۇق، بىر، ئىككى مىڭ يىللار ئىلگىرى غەربىي يۈرت بىر “مەدەنىيەت مەرگىزى” بولغان ئىدى، مېنىڭ سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدىكى غايىڭىزدىكى “مەدەنىيەت مەرگىزى”نىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى بىلگۈم بار؟
غەيرەت ئاسىم: مېنىڭ چۈشەنچەمدىكى “مەدەنىيەت مەرگىزى” ئۇ ھەر بىر رايون، ھەر بىر دۆلەتنىڭ سىياسى، مەدەنىيەت مەرگىزى بىلەن يېقىن كېلىدۇ، بىرلىشىپ كېتىدۇ، مېنىڭچە رايون مەدەنىيتىدىكى “مەدەنىيەت مەرگىزى” بۇ رايۇننىڭ “مەرگىزى” بولىشى ناتايىن. بەلكىم ئۇ چەت ياقا بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بىز دەۋاتقان ئىقتىسادى، مەدەنىيەتتىكى “يەر شارىلاشتۇرۇش” غەربىي رايۇنىمىزنىڭ ئىقتىسادىنى مەلۇم دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، بىزنىڭ چەت رايۇنلىرىمىزدا تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادى قاتلامدىكى تۇرمۇش ئېھتىياجى ھەل بولغان ياكى قانائەتلەندۈرۈلگەندىن كېيىن، مېنىڭچە شۇ دەۋرگە بارغاندىن كېيىن رايون مەدەنىيىتى بىر مەرگەزگە ئايلىنىدۇ دەپ ئويلايمەن.  ھازىر “يەر شارىلاشتۇرۇش”نى تىلغا ئالغاندا، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىدە بىر خىل “ئوتتۇرىدىكى بەلۋاغ”دا مېڭىش ئارزۇسى بولماقتا، ئۇلار بىر خىل ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولماقتا، بىزنىڭ ئىقتىسادىمىز تەرەققى قىلىپ مەلۇم چەككە يەتكەن چاغدا، بىزنىڭ رايون مەدەنىيىتىمىز بىر خىل ئىنتايىن ئېنىق ئېھتىياجغا ئايلىنىدۇ، ئۇ چوقۇم “مەرگەز”گە ئايلىنىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى يېتىشىپ كېلىدۇ. بىزدە ھازىر نېمە ئۈچۈن نۇرغۇن ئارخولۇگىيلىك تەكشۈرۈشلەر بولىدۇ، نېمە ئۈچۈن ئىلگىرى مەھرۇم قالغان نۇرغۇن ئۆي ماكانلىرىمىزنى ۋە نەچچە مىڭ يىللار بۇرۇنقى نەرسىلەرنى ئىزدەيمىز، چۈنكى ھازىر بىز ئىلگىرىكى قىممىتىمىزنىڭ بىزنىڭ ھازىرقى نەرسلىرىمىزگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتۇق، ئۇنداقتا 50 يىل، 100 يىلدىن كېيىن بىز تېخىمۇ ھوزۇرلۇق پوزىتسىيە بىلەن بىزنىڭ رايون مەدەنىيىتىمىزدىكى ئەڭ قەدىمىي، ئەڭ ئىپىدائىي، ئەڭ ساددا، ئادەمنى ئەڭ خاتىرجەم قىلىدىغان تەرەپلەرنى ئىزدەيمىز، چۈنكى ئاشۇ ھازىرقى زامان ئىقتىسادى تۇرمۇشى، ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىدا ئۆزى ياسىغان ئاشۇ خىل تەۋەككۈلچىلىكلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقى بار.
(2013-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى، خۇاڭ جېنۋېي ئۈن ئالغۇغا ئاساسەن رەتلىىدى، ئوۋ نىڭ تەكشۈرۈپ چىقتى).

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1772
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 203
تۆھپە : 0
توردا: 36
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-7

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-19 10:59:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  قېرىندىشىم  ئابدۇجاپپار  ،رەخمەت سىزگە ،جاپا -چەكتىڭىز.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1476
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 87
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-11

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-19 11:45:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە رەھمەت!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش