كۆپچىلىكنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئۇدۇللۇق تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويماقچىمەن، خاتا كەتكەن يەرلىرى بولسا كۆرسىتىپ قويارسىلەر.
غەيرەت ئاسىمنى مەخسۇس زىيارەت: يەرلىكلەشتۈرۈش، يەر شارىلاشتۇرۇش ۋە قوش تىللىق يېزىقچىلىق
2013-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى
خۇاڭ جېنۋېي: ئەدەبىي ئىجادىيەت-تىل سەنئىتى دىمەكلىكتۇر، مەن سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنى ئوقۇغان، مەندىكى ئەڭ كۈچلۈك تەسىرات، سىز خەنزۇ تىلى ياتلاشتۇرۇلۇپ، نۇرغۇن يېڭى مەنالارنى يېزىپ چىقىتىڭىز، مېنىڭچە، سىز بىر يازغۇچى بولۇش ئورنىڭىزدىن خەنزۇ تىلى بىلەن يېزىقچىلىق قىلىش بىلەن ئۇيغۇر تىلىدا يېزىقچىلىق قىلىشنىڭ سېھرى كۈچى ۋە ئالاھىدىلىكى قايسى جەھەتلەردە ئىكەنلىكى ھەققىدە سۆزلەپ باققان بولسىڭىز.
غەيرەت ئاسىم: ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىقچىلىق قىلىش، ئانا مەدەنىيەت بىلەن يېزىقچىلىق قىلىشنى مەن بىر خىل يېقىنلىق ھېس قىلىمەن. نۇرغۇن ئىنچىكە تەسىراتلار، نۇرغۇن سەزگۈر بىر قىسىم كۆزقاراشلارنى تىل شەكلى ئارقىلىق تىل ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان ئاھاڭ، ئىنتۇناتسىيىلەر ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ، بىۋاسىتە، ۋاستىلىق شۇنداقلا يوشۇرۇن كۆز قاراش ۋە تەسىراتلارنىڭ ھەممىسىنى ئىپادىلىگىلى بولىدۇ. ئانا تىل بىلەن يېزىقچىلىق قىلغان چاغدا تۇرمۇشتىكى نۇرغۇن يېقىن كۆرىنىش، ئەسلىمە، بىز ئىنتايىن تەستە ئىپادىلەيدىغان كەيپىياتلار، بىۋاسىتە ۋە ۋاستىلىق سېزىلىدىغان يوشۇرۇن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى نامايەن قىلغىلى بولىدۇ. ئاشۇ خىل تەم، مەنا، ھەۋەس، تۇرمۇشقا يوشۇرۇنغان ئاشۇ خىل يوشۇرۇن نەرسىلەر بىر خىل يوشۇرۇن شەكىلدە ئىپادىلىنىپ، كىتاپخانلاردا ئوقۇغانچە تەسىرات پەيدا قىلىپ، ئازراق بولسىمۇ مەنا ئاتا قىلىدۇ، بۇ مېنىڭ ئىنتىلىدىغان بىر نىشانىم.
خۇاڭ جېنۋېي: سىز قوش تىللىق يازغۇچى، سىزنىڭچە خەنزۇ، ئۇيغۇر تىلىدىن ئىبارەت ئىككى خىل تىلدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەقلى زاكاۋەت، چەكلىمىلىك ۋە ئەڭ زور پەرق قايسىلار؟
غەيرەت قاسىم: مۇبادا مەن خەنزۇ تىلى ئارقىلىق ئۇيغۇرچە تۇرمۇشنى يازسام، تامامەن خەنزۇچە تەپەككۇر قىلىش شەكلىنى قوللانسام، ئۇنداقتا ئۆز مىللىتىمنىڭ مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادىتى، تۇرمۇشى، ھەۋىسى، ئەدەب-قائىدىسىسنى يېزىپ چىقالمايمەن، مۇبادا تامامەن ئۇيغۇر تىلى شەكلىدە ئىپادىلىسەم ھەم خەنزۇ تىلىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايمەن. مېنىڭ ھازىر تىرىشىپ قىلماقچى بولىۋاتقان بىر ئىشىم قانداق قىلغاندا ئۇيغۇر تىلىدا ئەڭ ئامىباپ، ئەڭ دەل، ئەڭ خاس، ئەڭ يۇمۇرستىك ئىپادىلەش شەكلى ئارقىلىق خەنزۇ تىلىنى ئەڭ نەپىس، ئەڭ چىرايلىق، ئەڭ ئېنىق، ئەڭ سۆيۈملۈك شەكىلدە بىرلەشتۈرۈپ ئىپادىلەپ، ئىككى خىل مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ جەۋھەرلىك، ئەڭ ئەڭ مۇلاھىزە قىلىشقا تېگىشلىك تەرەپلىرىنى بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت. مېنىڭچە، بۇ بىر خىل يېڭىچە ئوقۇش ئۈنىمىنى قولغا كەلتۈرۈش-كەلتۈرەلمەسلىكتىكى بىر خىل يېڭى سىناق ھېساپلىنىدۇ. مېنڭچە بۇ تەرەپلەردە بىرئاز ئىزدىنىۋاتىمەن.
خۇاڭ جېنۋېي: ئابىياتىن سىز تىلنىڭ ماڭرولۇق قاتلىمى جەھەتتىن يازغۇچىنىڭ تىل ئىشلىتىشىگە قارىتا توختالدىڭىز، مېنىڭچە ئەڭ ئىنچىكە، ئەڭ كونكىرتنى ھالدا ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ تىلىنى سېلىشتۇرغاندا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى قايسىلار؟
غەيرەت قاسىم: ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى ئېنىق، دەل، چۈشىنىشلىك، ئاددى، ئىخچاملىقتىن ئىبارەت. ئۇيغۇر تىلىدا 32 ھەرپ بار، ئۇ خەنزۇ تىلىدىكى نەچچە مىڭ يېزىققا ئوخشىمايدۇ. ھەر خىل كۆرىنىش، ھەر خىل ئەڭ قىيىن، ئەڭ تەستە ئىپادىلىگىلى بولمايدىغان تەرەپلەرنى بىز ئۇيغۇر تىلى ئىچىدە قۇراشتۇرۇپ ئىپادىلىيەلەيمىز، ئىپدىلەش ئۈنىمىمىزمۇ ئەڭ ئېنىق، ئەڭ چۈشىنىشلىك، ئەڭ روشەن بولىدۇ، ھەمدە ئاسان ئىگىلىگىلى بولىدۇ. ئۇنداقتا، بىز خەنزۇ تىلىدا ئىپادىلىگەن چاغدا، ئەگەر مانا مۇشۇنداق بىر خىل تىل شەكلىدە بىزىمەي، مەلۇم تېخنىكىلىق تەپەككۇرنى قوللانماي، مەلۇم پەلسىپەلىك، ئېتىكالىق قۇرۇلمىلارنى قوللانماي تۇرۇپ، خەنزۇ تىلىدا ئىپادىلەپ قالساق، بەك ئاددى بولۇپ قېلىشى، بەلكىم ئۇنچە لاتاپەتلىك چىقماي قېلىشى مۇمكىن، شۇنداق بولغاندا ئەڭ ئاخىرىدا ئىپادىلەپ چىقىلغان كەڭلىك ۋە چوڭقۇرلۇق ئۇنچىۋىلا مول بولماسلىقى كىتاپخانلاردا بىر خىل ئەپسۇسلۇق قالدۇرۇپ قويىشى مۇمكىن.
خۇاڭ جېنۋېي: ئابىياتىن سىز ئۇيغۇر تىلىدىكى كۆرىنىشنىڭ گېپىنى تىلغا ئالدىڭىز، بۇ خىل كۆرىنىش قانداق شەكىلدىكى كۆرىنىش، شېئردىكى ئىماگنىڭ گېپىمۇ؟
غەيرەت قاسىم: ئاساسى جەھەتتىن شېئرىدىكى ئىماگقا يېقىن كېلىدۇ، ئۇيغۇرلار شېئرى مىللەت، تارىختىن بۇيان يېغىندى بولۇپ كەلگەن مەدەنىيەتتە شېئرنى قەدىرلەش، ئىنتىلىش ۋە تەتقىق قىلىش بىر خىل ئۇزاق ئەنئەنىگە ئىگە. ھازىر ئۇيغۇر شائىرىلىرىنىڭ تارىخ، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئورنى ئىنتايىن يۇقىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، تۇرمۇشى، بىر قىسىم خوشاللىق ئىشلىرىدا، بىر قىسىم دوستلىرىنىڭ يىغىلىشلىرىدا،بىز قوللىنىۋاتقان يېزىق ئاساسى جەھەتتىن ئاشۇ كۆرىنىش(ئىماگ)لىك، ئاشۇ خىل ئومۇملاشتۇرۇش خارەكتېرگە، تەسەۋۋۇرچانلىققا ئىگە ئادەمگە بىر خىل گۈزەل، نەپسلىك تۇيغۇسى بېرىدىغان، ئىنتايىن لاتاپەتلىك ئارزۇ تىلەك ئاتا قىلىدۇ، بۇ ئىنتايىن گۈزەل، مۇبالىغە قىلىنغان بىر قىسىم سۆزلەر ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.
(داۋامى بار) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئابدۇجاپپار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-13 18:22
|