چۈش كۆرىدۇ يوللار پەرىشان
ئابدۇۋەلى قۇربان كۆكتۈ*رك
قۇش يۈرىكى نىمجان يوپۇرماق
يۇلتۇزلارنىڭ ئىللىق چېھرىدىن،
تامچىلايدۇ كېچىنىڭ چۈشى.
يول-يوللاردا ئاقار پەرىشان،
يۈرەكلەرنىڭ مۇڭلۇق ئۆكسۈشى.
ئورمانلارغا تۆكۈپ سىرىنى ،
شىۋىرلايدۇ شاماللار ئۇزاق.
ئۇۋىسىدىن ئۇزايدۇ ئاستا...
قۇش يۈرىكى نىمجان يوپۇرماق.
چۈش كۆرىدۇ يوللار پەرىشان
ئاسمان مۇڭلۇق قارايغان كېچە،
يۇلتۇز جىمجىت چاقنايدۇ خىرە.
شاماللاردا يەلپۈنۈپ لەرزان،
پىچىرلايدۇ ياپراقلار يەنە.
سۈكۈناتقا قويۇپ بېشىنى،
«تۆشەكلەرگە سىغدالماقتا تۈن.»
چۈش كۆرىدۇ يوللار پەرىشان،
لاۋۇلدىغان قەدەملەر ئۈچۈن...
سېغىنىش
يۇلتۇزلارغا باقسام پەرىشان ،
قان تامچىتىپ خىياللىرىمدىن.
يۈرىكىمدىن ئۇچقان سېغىنىش،
ئات چاپتۇرۇپ ئۆتتى جېنىمدىن.
بارماقلىرىم كۆيۈشۈپ قات-قات،
نومۇرىڭنى باستىم ئاۋايلاپ.
تىنىقىڭدىن چاچرىغان ئوتتا،
غېرىبلىقىم كۆيمەكتە شۇتاپ.
مەن ئۆلگەندە
مەن ئۆلگەندە يۈرىۋەر جىمجىت،
بىلسەڭمۇ گەر بىلمەسكە سېلىپ.
قار ياغمىسۇن خىياللىرىڭغا،
ئاچچىق ھېسلار قەلبىڭنى تىلىپ.
مەن ئۆلگەندە يۈرىۋەر جمجىت،
بىر تامچىمۇ ياش تۆكمىگىن، بەس!
قايغۇرماستىن ياشاۋەر چۈنكى،
ئىچ ئاغرىتىش مۇھەببەت ئەمەس.
سەن كىملەرگە ئېچىلدىڭ گۈلدەك
جۈپ كۆزۈڭدە بېقىپ بىر قىيا،
تولۇنئايدەك چېچىپ نۇر-زىيا،
سەن كىملەرگە ئېچىلدىڭ گۈلدەك.
كىيىك بولۇپ جىمجىت ئورماندا،
قوياش كەبى پارلاپ تۇماندا،
سەن كىملەرگە ئېچىلدىڭ گۈلدەك.
ئوق ياغدۇرۇپ بىشىمغا تىمتاس،
يۈرىكىڭدىن ئېلىپ ھەم قىساس،
سەن كىملەرگە ئېچىلدىڭ گۈلدەك.
(ئاپتور: پەيزىۋات ناھىيە قىزىلبويى يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتىدە)
«مۇزات دولقۇنلىرى» ژۇرنىلى 2012- يىللىق 1- سانىدىن
|