ئىگىسى: abdurexit eli

كۆكتۈر*ۈكنىڭ ئاۋازى(18)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2012-4-13 13:58:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋالقى ئىنكاستىكىگە ئوخشاش مەزمۇن تەكرارلىنىپ قالغاچقا تەھرىرلەندى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئالىمجان قاسىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-13 14:00  


ۋاقتى: 2012-4-13 15:28:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېقىن دوستۇم ئابدۇۋەلىنىڭ تونۇشتۇرۇلغىنىدىن خۇش بولدۇم. ئۇنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق، تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2012-4-13 15:59:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سېنى بۇ يەردە كۆرۈپ پەخىرلەندىم بۇرادىرىم . ئىزدىنىشلىرىڭ ئاخىرى ئورنىنى تېپىپتۇ . ئەمدى بۇندىن كىيىنكى قەدەملىرىڭدە تىخىمۇ ئىسىل شېئىرلارنى سۇنىشىڭغا تىلىكداشمەن . بىلىمەن ، خىزمىتىڭ ناھايتى ئالدىراش . بىراق ، بۇنىڭلىق بىلەن شېئىرنى ئۇنتۇپ قالساڭ بولمايدۇ جۇمۇ . 608-ياتاقتىن  ( بىز ئابدۇۋەلى بىلەن ئۇنۋىرىستىتتا بىر يىل 608-ياتاقتا بىللە يېتىپ ، بىللە شېئىر يېزىشقان ئىدۇق . شۇ ۋاقىتلاردا ھەقىقىتەنمۇ تىز ئىلگىرلىگەن ئىدۇق )بىر يۇلتۇز چىقتى . ئەمدى بۇ يۇلتۇز ئۆز ئەتراپىدىكى باشقا يۇلتۇزلارنىمۇ نۇر چېچىشقا يېتەكلىيەلەيدۇ . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مىرئەھمەد مامۇت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-13 16:01  


ۋاقتى: 2012-4-13 16:04:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايا دىلبەر بوسۇغاڭدا دىلى ۋەيران قەلەندەرمەن،
جېنى ئۇسسۇز قېنى ئاتەش تېنى خۇمدان قەلەندەرمەن.
سەھەرنىڭ بەرگىدە ئوخچۇپ چاراسلاپ كۆيگىنىم كۆيگەن،
مۇھەببەت دەشتىدە يالغۇز غېرىب كارۋان قەلەندەرمەن.
جۇنۇنلۇق قىسمىتى تىلغاپ، جاراھەت ئەيلىدى جاننى،
چېقىلغان رەزگى ئەينەكتە ئېزىپ سەرسان قەلەندەرمەن.
شامالغا ئايلىنىپ ياشىم، چېچىڭنى يەلپۈتەر بەلكىم،
كۈتۈشلەر ئەۋجىدە مەستخۇش، نىگاھى قان قەلەندەرمەن.
كېچەمنىڭ ياپرىقى جىمجىت، چۈشۈمدىن سىرغىدى لەرزان،
كى كۈندۈز خويمۇ شاد - قوۋناق تۈنى پىنھان قەلەندەرمەن.

مانا بۇ قەلەندەردەك شىئىرىيەت ئوتىدا  گۇلخان بولۇپ شىئىرىيەتنىڭ بەھىرلىرىدە ئۇزۇۋاتقان تۇلپىرىمىز.شىئىرىيەتنىڭ كۆپ خىل ژانىرلىرىدا ئىجادىيەت ئېلىپ بارالايدىغان كۆپ قىرلىق ياش شائىرىمىز.
كۆكتۇرۇكنىڭ شئىرلىرىنى كۆرۇپ ئاشىق نەپەس شائىرىمىز مەشرەپنىڭ شىئىرلىرى يادىمغا كەلدى.مەن قەلەندەر،مەشىرەپ قاتارلىق كىلاسسك شائىرلىرىمزنىڭ  شىئىشرلىرىنى يىغىپ ئۆزۇمچە تەتقىق قىلىپ باققانىم.مەشرەپنى نەمەنگان سەھراسىدا،قەلەندەرنى ئىلىچى بازىرىدا  مەھبۇبنىڭ ۋىسال شارابىغا زار بولۇپ يۇرىكىدىن سىرغىپ چىققان ئوتلۇق شىئىرلارنى ساتارىغا تەڭكەش قىلىپ ئوقۇۋاتقان ھالەتتە تەسەۋۋۇر قىلاتتىم.
كۆكتۇرۇك يۇقىرىقى شىئىرلىردىن قەلەندەرنىڭ،مەشرەپنىڭ ئۇلۇغ سىيماسىنى كۆرگەندەك بولدۇم.بۇنىڭىدىن كىيىنكى ئىجادىيتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2012-4-13 20:31:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەزىزى مۆھتىروم مەن شېىرنى ئانچە چۇشۇنۇپ كەتمەيمەن، لېكن شۇنداق ئويلايمەن بىرياخشى شېىئرشائىرنىڭ ساپ ئەقىدە ئېتىقادى بىلەن رەھىمسز رىېئاللىق ئوتتۇرسىدىكى كەسكىن مۇنازىرە . شىئردائەنەشۇ رەھمسىزرىېئاللق شائرنىڭ ساپ ئەقىدە ئېتىقادى ئالدىداشۇقەدەر پەسكويغا چۈشۈپ كىتدۇكى ئاخىرى ئۆرنىڭ قلمىش ئەتمىشلىرىنى بىر-بىر ئقرارقىلىدۇ،ھەمدە ئۆزىنىڭ ئنسانلارتوپىغاقلغان زىيانكەشلىكلىرىنى بىر-بىربايان ئەيلەيدۇ.....بۇرادەر داۋاملىق تىرشىڭ،،شئېرلىرىڭىزغاپەلسەپىۋى چوڭقۇرلۇق،مەنىۋى يۈكسەكلىك،تەپەككۇرى كەڭلىك ھەرۋاقىت يار بولغاي.......

ۋاقتى: 2012-4-14 08:41:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جىمجىتلىقنىڭ ئىچىدە بەرق ئۇرغان كۆكتۈر*ۈك،
غېرىپلىقنى شېئىردا جىمىقتۇرغان كۆكتۈر*ۈك.
چۆكۈپ قەلب لەھزىگە،مەنا بېرىپ تىلغىمۇ،
شېئىر ئۈچۈن كۈنۈ-تۇن كۆيۈپ تۇرغان كۆكتۈر*ۈك.
كىرىپ يەنە مۇنبەرگە ،ھەتتا دوستلار قەلبىگە،
ئەدەبىيات يولىنى بىلىپ تۇرغان كۆكتۈر*ۈك.
ھەر كۈنىدە ھاياتنى بېزەپ مىسرا گۈلىدە،
ئىلھام بىلەن چوغلىنىپ ، يېنىپ تۇرغان كۆكتۈر*ۈك.

ۋاقتى: 2012-4-14 09:07:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام كۆكتۈر*ۈك، ياش قەلەم سەھىپىسىدە تونۇشتۇرۇلغىنىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن. بىز گەرچە تونۇشمىساقمۇ، ئاۋۇ تەرجىمىھالىڭىز ئاستىغا بېرىگەن شېئىرلرىڭىزنى ئوقۇپ، يىشىڭىزدىن ھالقىغان تەپەككۇرىڭىزدىن سۆيۈندۈم. ھەم ھەرقايسى ۋەزىنلەردىكى سىناقلىرىڭىزنىڭ ناھايتى ساغلام تەرەققى قىلىۋاتقانلىغىنى كۆرۈپ، يۇقاردا تورداشلار دېگەندەك يېڭىسار دىيارىدىن يىتىشىپ چىقىۋاتقان ئۆمۈدلۈك ئىز باسار ئىكەنلىكىڭىزگە ھەم كەلگۈسى نەتىجىلىرىڭىزگە كۆزۈم يەتتى. شۇڭا ئىككىلىك ئىنكاس ئارقىلىق سىزگە ئامانلىق تىلىگۈم كەلدى. ئامان بولۇڭ...

ۋاقتى: 2012-4-14 13:52:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئەسسالامۇئەلەيكۇم! سىزنىڭ مەكتىپىمىزگە يېڭى كەلگەن ۋاقتىڭىزدا ئىشخانامغا تارتىنىپقىنا كىرگىنىڭىز ۋە ئەسەرلىرىڭىزنى كۆرسەتكىنىڭىز، قاچانلا كۆرسەم قولىڭىزدا دەرسلىك ماتېرىيال كۆتۈرۈپ يۈرگىنىڭىز ھېلىقىدەك ئېسىمدە تۇرۇپتۇ. تىرىشچانلىقىنىڭىز ئاخىر مېۋە بېرىپتۇ. كۆپ ئالغا بېسىپسىز... ئاۋازىڭىزنىڭ تېخىمۇ ياڭراق چىقىشىغا تىلەكداشمەن، ئىنىم!

ۋاقتى: 2012-4-14 18:36:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇۋەلىنىڭ تۇنۇشتۇرۇلغىنىدىن  شۇنداق خۇشال بولدۇم، ئىشلىرىڭ تېخىمۇ روناق تاپقاي! بىزنىڭ ناھىيىدىن شائىر چىقسىلا ئىزچىللىقىنى ساقلىيالمايدىغان بىر ئىش بار. ئون نەچچە يىللار ئىلگىرى خېلى نام چىقارغان شائىرلار مانا ئەمدى قەلەمنى تاشلاپ يېتىۋالدى. ئەمما سېنىڭ ئىزچىللىقنى ساقلاپ تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقىشىڭغا تىلەكداشمەن، دوستۇم!

ۋاقتى: 2012-4-15 16:36:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇۋىلىنىڭ ئىجادىيەت ئىشلىرىغا يەنىمۇ يېڭى گۈزەل مەنزىللەرنى تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2012-4-15 16:43:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇجىمەللىكتىن خالىي ئىتىقاد- ئىنسابىڭغا كۆز تەگمىسۇن ئۇكا!!!
ئۆزۇڭ تىپىۋالغان يولۇڭدىن تايماي مىڭىشقا نىسىپ قىلار....مەھدى شاڭجاڭ بول دەپ چاقچاق قىپتۇ.مەن بىلگەن ۋە ھىس قىلغىنىمچە ئادەم بولۇشۇڭغا تىلەكداشمەن....

ۋاقتى: 2012-4-17 19:58:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىر ئىنىمىزنىڭ قەلەم تۇتقان قوللىرىغا بەرىكەت ۋە ئامەتلەر يار بولغاي .

ۋاقتى: 2012-4-18 20:41:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا مەدەتلەر تىلگەن دوستلارغا ،ئۇستازلارغا  تەشەككۈرلەر بولسۇن !

ۋاقتى: 2012-4-18 20:45:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


سەن ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى ئادەملەردىن ئەمەس!

ۋاقتى: 2012-4-18 20:49:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ گېپىڭگە ھەيران قېلىۋاتىمەن !

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش