كۆرۈش: 1767|ئىنكاس: 44

كۆكتۈر*ۈكنىڭ ئاۋازى(18) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  43
يازما سانى: 256
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1170
تۆھپە : 25
توردا: 412
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-7

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 10:23:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

50251803F9BC95FE5DBA48854806AD16901EFAD5CDF4D019440EBBB84144C266C43EBD9B9F6D9FFA.jpg




[ئاپتورنىڭ ئۆزى ھەققىدە ئېيتقانلىرى] ئانامنىڭ دېيىشىچە، مەن 1988 - يىلى 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنى لەپىلدەپ قار يېغىۋاتقان يەكشەنبىدە يېڭىسار ناھىيەىسى لاۋا بازىرىنىڭ تاش بازىرى مەھەللىسىدىكى غېرىب كۈلبىمىزدە يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچقان ئىكەنمەن.
ئېسىمنى بىلىپ مەكتەپ يېشىغا يەتكۈچە بولغان ئارىلىقتىكى كۈنلىرىمنى ئاساسەن كۈندۈزلىرى مەھەللىدىكى بالىلار بىلەن قوغلىشىپ ئوينىسام، كەچلىكى ئانام ئېيتقان چۆچەكلەرنىڭ سېھرىدە يۇلتۇز ساناپ ئۆتكۈزۈپتىمەن.
1996- يىلى باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەندىن باشلاپ تاكى 2008 - يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى جۇغراپىيە فاكۇلتېتىنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى تاپشۇرۇپ ئالغۇچە بولغان كۈنلىرىمنىڭ ئەسلىمىسىنى ئانامدەك مېھرى ئىسسق ماكان يېڭىساردا قالدۇرۇپ، 2008 - يىلى 9 - ئايدا رىۋايەتتەك ئەزىم شەھەر - خوتەنگە باسقان تۇنجى قەدىمىم بىلەن خىزىرنىڭ نەزىرى چۈشكەن بۇ يۇرتتا ئۈچ يىللىق ھاياتىمنى ھەمدە ياشلىقىمدىكى ئەڭ گۈزەل ئەڭ ئەھمىيەتلىك دەملەرنى ئۆتكۈزدۈم.
2011 - يىلى 7 - ئايدا كۆزۈمنى ئارقىدا قويۇپ، مېھرى ئىسسق بۇ شەھەرگە قىيمىغان ھالدا قايتىپ كەلدىم. شۇ يىلى شىنجاڭ مەمۇرلۇق ئىمتىھانىنىڭ يۈز - تۇرانە ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، پەيزاۋات ناھىيەلىك يېزا - بازار تارماقلىرىغا تەقسىم قىلىندىم. ھازىر ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق مەكتىپىنىڭ 11 - قارار جەنۇبىي شىنجاڭ مەمۇرلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىدا ئوقۇۋاتىمەن.
2007 - يىلدىن باشلاپ سۇمۇرۇغ، ئەنقا، كۆيۈكتاغ ۋە شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى قاتارلىق مۇنبەرلەردە 150 پارچىدىن كۆپرەك شېئىرىم ئېلان قىلىندى.
ئاقسۇ ئەدەبىياتى ژۇرنىلىنىڭ 2008 - يىللىق 2 - سانىدا ئېلان قىلىنغان شېئىرلىرىم بىلەن مەتبۇئات يۈزىدە كۆرۈنۈشكە باشلىدىم. شۇنىڭدىن باشلاپ «ئاقسۇ ئەدەبىياتى»، «يېڭى قاشتېشى» ۋە «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى» قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا 20 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرىم ئېلان قىلىندى.

[ئابدۇۋېلى قۇربان كۆكتۈ*رك مۇنداق دەيدۇ] شېئىر يالغۇزلۇقۇمدىكى بىردىنبىر سىردىشىم. ئالدىراشچىلىق ئىچىدە روھىيىتى قۇرغاقلىشىپ كەتكەن بۇ بىر توپ ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا ئۆزۈمنى غېرىبلىق ئىچىدىن ئىزدەيمەن. قاراڭغۇ ئاۋازلار نىڭ بوسۇغىسىداجىمجىت ئولتۇرۇپ ئۆزۈمنى تىڭشىماق بولىمەن. ئەنە شۇ پەيتلەردە مەن پەقەت شېئىر ئارقىلىقلا ئۆز - ئۆزۈم بىلەن مۇڭدىشىمەن. ئىچىمدىكى ئاۋازلانىڭ ئەكس ساداسىنى تىڭشايمەن ۋە ئۇ ئارقىلىق ئۆزۈمنى ئىپادىلەشكە ئۇرۇنىمەن.

سۆزلەيدۇ چۈشۈمنى بىر تال يوپۇرماق


قوياشنىڭ چېھرىدە مۇڭلۇق تەبەسسۇم،
كۆڭۈلنىڭ شېخىدىن كۆكلەيدۇ پىغان.
تىكەنلىك يوللارنىڭ باياۋىنىدا،
گۈللەرنىڭ لېۋىدىن تامچىماقتا قان.


گۇگۇمنىڭ پەردىسى يىرتىلىپ ئاستا،
يۇلتۇزلار تۇيۇقسىز تاشلاندى يەرگە.
كېچىنىڭ پەيلىرى توزۇپ پەرىشان،
شاۋقۇنسىز دەريالار تاشتى ئۆزىگە.


تاملارنىڭ باغرىغا تاشلاپ ئۆزۈمنى،
چۈش بولۇپ چۈشلەرگە سىرغىدىم ئۇزاق.
سارغايغان چۈشۈمنى سۆزلەيدۇ ئاخىر
جېنىمدا بىخ سۈرۈپ سۇلغان يوپۇرماق.


تۈنلەرنى تۈگەتتىم يوللارنى كېزىپ


بىر پاي ئوق كۆكسۈمگە قادىلار جىمجىت،
ئاھۇدەك كۆزۈڭدىن باشلىسام خىيال.
قارايغان كېچىگە باقسام تۇيۇقسىز،
دەريادەك چېچىڭنى ئوينايدۇ ھىلال.


گۈللەرنىڭ لېۋىدىن سىرغىيدۇ لەرزان،
توزىغان خىيالدەك قۇشلارنىڭ پېيى.
ئىسمڭنى تاشلاغا ئويسام شىۋىرلاپ،
قانايدۇ پەرىشان كۈيلەرنىڭ لېۋى.


غېرىبلىق قېنىمنى ئىچىپ خىرامان،
كىرمەكتە خىيالچان تېنىمگە ئېقىپ.
بىلەمسەن؟ ئىزتىراپ، سېغىنىش ئارا،
تۈنلەرنى تۈگەتتىم يوللارنى كېزىپ.


قايتىش


مېھىرسىز يوللارنى ئارقامغا تاشلاپ،
ئاقىمەن سايەمدەك جىمجىت پەرىشان.
چىڭقى چۈش بىپايان يالغۇزلۇقۇمدا،
تۇيۇقسىز پەي تاشلاپ تۇزۇيدۇ ئاسمان.


ئىچىمدە شاخلىغان يالغۇز دەرەختىن،
قان ئاقار شىرىلداپ قۇشلارنىڭ قېنى.
بىر قىزنىڭ كۆزىدە ئولتۇرۇپ غەمكىن،
گۈللەرنىڭ تۈۋىگە باشلايمەن ئۇنى.


ۋاقىتىنىڭ لېۋىدە قۇرۇغان ياپراق،
تۆكۈلەر يامغۇردەك مۇڭلۇق سىمىلداپ.
مەن يەنە بۇ يولدىن قايتىمەن ئەپسۇس،
ئۇزىتار غېرىبلىق، يارىدار ئاپتاپ.


يوللارغا يامغۇردەك تۆكۈلدۈم تال - تال


پايانسىز بوشلۇققا قارىيىپ ئاسمان.
خىيالچان تۇيغۇمدا يەلپۈنەر كېچە،
خىلۋەتتە ئۇنتۇلغان ۋەيرانە يوللار.
يىرتىلغان ئاۋازدەك كۆيەر ئىچىمدە


غېرىبلىق، مەھەللەڭ ،كۆيۈك تەن ئارا،
كېزىمەن چېچىڭدەك نەمخۇش كېچىنى.
بوسۇغاڭ ئالدىدا توختاپ پەرىشان،
قاغجىراپ - قاغجىراپ سۆزلەيمەن سېنى.


يوللارغا يامغۇردەك تۆكۈلۈپ تال - تال،
كۆكسۈمدە باراقسان شاخلايدۇ چۆللەر.
تۇيۇقسىز لېۋىمدىن توزۇيدۇ تىمتاس،
باغرىمدا قان بولۇپ ئېچىلغان گۈللەر.


قەشقەر


مىڭ يىللىق تارىخىنى يەلكەڭگە ئېلىپ،
ئاپتاپتەك يېلىنجاپ كۆيىسەن گويا.
كېچىنىڭ كۆكسىگە سانچىلار جىمجىت،
باغرىڭدا مۇڭ ئاققان قىپقىزىل دەريا.


كۆز ياشتەك پارلىغان ئادەملىرىڭدىن،
مىڭ يىللىق بىر ئوتنى سىزىمەن ھەردەم.
تارىختەك باراقسان كوچىللىرىڭنى،
تەبەسسۈم ئىلكىدە كېزىمەن ھەردەم.


مىڭ يىللىق چۈشۈمدىن بىخ سۈرۈپ ئاستا،
مىڭ يىللىق قەلبىمدە كۆكلىدىڭ تىمەن.
سۆيگۈمنىڭ مۇقەددەس باياۋانىدا،
پورەكلەپ ئېچىلغان مىڭ يىللىق گۈلسەن.


سەن كەتتىڭ نىمىلەر دېگىنم ئۈچۈن


قان قىلىپ يۈرەكنى جادۇ كۆز دىلبەر،
سەن كەتتىڭ نېمىلەر دېگىنم ئۈچۈن.
يىقىتىپ بېغىمدىن دەرەخلىرىمنى،

قۇشلارنىڭ پېيىنى توزۇتتۇڭ نېچۈن.


گۈللەرنىڭ تىنىقى توختاپ تۇيۇقسىز،
قىياندەك باستۇرۇپ كەلدى غېرىبلىق.
يىرتىلغان قەلبىمنى چانايدۇ شۇتاپ،
روھىمدا ئاچ يۈرگەن پەرىشان بېلىق.


ياداڭغۇ تاغلارغا توۋلىدىم ئۇزاق،
ئاھىمدىن شاماللار يىقىلدى نىكەم.
زۇلمەتلىك بىر چۆلدە قالدۇرۇپ مېنى،
ئېيت، نېچۈن كېتىسەن نازۇك پەرىشتەم؟


چوكان يار


مۇڭ بىلەن باغرىمغا سىرغىدىڭ جىمجىت،
كۈيۈڭنىڭ خۇلقىدىن مەست بولدى جېنىم.
چېچىڭنى دار قىلىپ ئېسىلىغۇم كەلدى،
ئىشقىڭدا چاراسلاپ كۆيگەندە قېنىم.


گۈللەرنىڭ لېۋىدە يىقىلىپ تىمتاس،
قان بولدۇم يوللارنىڭ پايانى ئارا.
كۆزۈڭدەك قاراڭغۇ قەلبىم تەكتىدە،
چاقنايدۇ ھىجراندىن كۆكلىگەن يارا.


غېرىبلىق يىلاندەك كېزەر تېنىمنى،
ئازابنىڭ جىلۋىسى ئوينار يۈزۈمدە.
چوغ چۈشكەن يۈرەكنىڭ شاھىدى بولۇپ،
سەن كەتكەن چېغىر يول كۆيەر جىممىدە.


مۇساپىرلىق


ناتونۇش شەھەر بۇ، ناتونۇش كوچا،
ناتونۇش ئادەملەر، ناتونۇش دۇنيا.
قەدەملەر ھالسىراپ سىلجىيدۇ جىمجىت،
ئېھ، يوللار چاراسلاپ كۆيمەكتە گويا.


ئالدىراش يۈرمەكتە ئادەملەر توپى،
كىمگىدۇر تەلمۈرۈپ باقىمەن مۇڭلۇق.
قىزلارنىڭ چىھرىدىن تامغان تەبەسسۈم،
كۆرۈنەر كۆزۈمگە شۇ قەدەر سوغۇق.


چۆللەردەك غېرىبمەن گۇگۇمدەك يالغۇز،
مۇھتاجلىق ياتسىراپ سۆيمەكتە مېنى.
تۈن ئارا چاقنىغان يۇلتۇزغا قاراپ،
ئانىجان ئەجەپمۇ سېغىندىم سېنى.


يوللار يەنە


شاۋقۇنلار قوينىدىن سۇغۇرۇلۇپ ئاستا،
يامغۇرلۇق يوللارنى كەزدىم لاۋۇلداپ.
ئايىغىم ئاستىدىن سامان پۇرىقى،
گۈپۈلدەپ بۇرنۇمغا ئۇرۇلار شۇتاپ.


يېقىملىق بىر تۈستە قارايغان كېچە،
چېكەتكە چىرىلدار غەمسىز، خىرامان.
ھەر قانچە كەزسەممۇ بۇ يوللار يەنە،
بوسۇغاڭ ئالدىغا ئاپىرار ھامان.


قۇش يۈرىكى نىمجان يوپۇرماق


يۇلتۇزلارنىڭ سۇلغۇن چېھرىدىن،
تامچىلايدۇ كېچىنىڭ چۈشى.
يول - يوللاردا ئاقار پەرىشان،
يۈرەكلەرنىڭ مۇڭلۇق ئۆكسۈشى.


ياپراقلارغا تۆكۈپ سىرىنى،
پىچىرلايدۇ شاماللار ئۇزاق.
ئۇۋىسىدىن ئۇزايدۇ ئاستا،
قۇش يۈرىكى نىمجان يوپۇرماق.



چۈش كۆرىدۇ يوللار پەرىشان


ئاسمان مۇڭلۇق قارايغان كېچە،
يۇلتۇز جىمجىت چاقنايدۇ خىرە.
شاماللاردا يەلپۈنۈپ لەرزان،
پىچىرلايدۇ ياپراقلار يەنە.


سۈكۈناتقا قويۇپ بېشىنى،
< تۆشەكلەرگە سىغدالماقتا تۈن >.
چۈش كۆرىدۇ يوللار پەرىشان،
لاۋۇلدىغان قەدەملەر ئۈچۈن.


سەن كىملەرگە ئېچىلدىڭ گۈلدەك


جۈپ كۆزۈڭدە بېقىپ بىر قىيا،
تولۇنئايدەك چىچىپ نۇر زىيا،
سەن كىملەر گە ئېچىلدىڭ گۈلدەك.


كىيىك بولۇپ جىمجىت ئورماندا،

قۇياش كەبى پارلاپ تۇماندا،
سەن كىملەرگە ئېچىلدىڭ گۈلدەك.


ئوق ياغدۇرۇپ بىشىمغا تىمتاس،
يۈرىكىڭدىن ئېلىپ ھەم قىساس،

سەن كىملەرگە ئېچىلدىڭ گۈلدەك.


كۆيۈك ياپراق

1

غېرىپ دىۋانە سەيياھمەن باياۋانلار ماكانىمدۇر،
ساپايەم زارىدىن پۈتكەن خىيابانلار ماكانىمدۇر.
سۈكۈتلەر ئەۋجىدە پىنھان كېچەلەر سۇ بولۇپ ئاقتىم،
چۈشۈمنىڭ ياپرىقى ئۆڭگەن شەبىستانلار ماكانىمدۇر.
جاراھەت قاپلىغان قاقشال لېۋىمدە ئوتلىماس ئاھۇ،
باھارنىڭ سۈلكىتى ئۆچكەن گۈلىستانلار ماكانىمدۇر.
ۋۇجۇدۇم بەرگىدىن سىرغىپ جېنىمنىڭ ياپرىقى سۇلدى،
كۆيۈكنىڭ زۇلمىتى سىڭگەن زىمىستانلار ماكانىمدۇر.
غېرىبلىق سايىسى ھەردەم كۆيۈك چۆللەرگە پالايدۇ،
جۇنۇنلۇق قىسمىتى بائىس گۆرىستانلار ماكانىمدۇر.

2

ئايا دىلبەر بوسۇغاڭدا دىلى ۋەيران قەلەندەرمەن،
جېنى ئۇسسۇز قېنى ئاتەش تېنى خۇمدان قەلەندەرمەن.
سەھەرنىڭ بەرگىدە ئوخچۇپ چاراسلاپ كۆيگىنىم كۆيگەن،
مۇھەببەت دەشتىدە يالغۇز غېرىب كارۋان قەلەندەرمەن.
جۇنۇنلۇق قىسمىتى تىلغاپ، جاراھەت ئەيلىدى جاننى،
چېقىلغان رەزگى ئەينەكتە ئېزىپ سەرسان قەلەندەرمەن.
شامالغا ئايلىنىپ ياشىم، چېچىڭنى يەلپۈتەر بەلكىم،
كۈتۈشلەر ئەۋجىدە مەستخۇش، نىگاھى قان قەلەندەرمەن.
كېچەمنىڭ ياپرىقى جىمجىت، چۈشۈمدىن سىرغىدى لەرزان،
كى كۈندۈز خويمۇ شاد - قوۋناق تۈنى پىنھان قەلەندەرمەن.

3

قايان كەلدىڭ دېمە ياران باياۋانلار كېزىپ كەلدىم،
سۆيۈشلەر ئەۋجىنى ئىزلەپ كۆڭۈللەرنى قېزىپ كەلدىم.
جېنىمنى قاقشىتىپ ئاچچىق مۇشەققەت ئوخچىغان دەملەر،
قېنىمدا شاخلىغان گۈلدىن تالاي دەستە تىزىپ كەلدىم.
دىدار ۋەسلىگە يەتمەكنى نىشانە ئەيلىگەچ ئاخىر،
نېتەي مۈشكۈل سىناقلاردا يولۇمدىن گاھ ئېزىپ كەلدىم.
شەپەقتەك رەڭلىنىپ قىسمەت مېنى ھىجرانغا يەم ئەتسە،
ۋۇجۇد دەرياسىغا چوغدەك يۈرەكلەرنى سىزىپ كەلدىم.
مالامەت دەشتىدە ئەركەك يېتىلگەي ئەر بولۇپ بەردەم.
كۆيۈپ دەردۇ - مالامەتتە غەزەل نەزمە يېزىپ كەلدىم.

4

مۇشەققەت مېھنىتى ئۇچقان كۆڭۈل ئاسمانىدا سەن بار،
مۇھەببەت ھېكمىتى سىڭگەن ئەجىر بوستانىدا سەن بار.
چىناردەك كۆكلىدىم مەزمۇت، جېنىڭدىن بىخ سۈرۈپ لەرزان،
قۇياشنىڭ ھىممىتى كۈلگەن مېھىر ئايۋانىدا سەن بار.
سۈيۈمدە سۇ بولۇپ ئاقساڭ، ئوتۇمدا تەنلىرىڭ قاقشال،
جېنىمىڭ جەزبىسى سۇلغان ۋۇجۇد ئورمانىدا سەن بار.
خىزىرنىڭ خىسلىتى ئەنداز، جانانسەن جان ئارا يالغۇز،
ئۇلۇغلار سۆھبىتى قايناق ئۆمۈر خۇمدانىدا سەن بار.
كۆيۈپ باغرىڭ ئارا گۈر - گۈر، مۇھەببەت پەسلىگە يەتتىم،
ئەقىدەم جۇش ئۇرۇپ كۆيگەن ئىشق گۈلخانىدا سەن بار.

5

ئاياغ سالسام مۇھەببەت دەپ، ئۆزىگە باشلىدى چۆللەر،
لېۋىمنى قان ئېتىپ ھەيھات چۆلىگە تاشلىدى چۆللەر.
ئەجەپكى قاغجىراپ ئاچچق، چېقىلسا تەنلىرىم چۇل - چۇل،
قېنىمنى قاينىتىپ ئەپسۇس جېنىمنى ئاشلىدى چۆللەر.
ۋاقىتنىڭ تىلسىمى توزغۇپ، دىدارنىڭ ياپرىقى ئۆڭسە،
غېرىبلىق دەشتىدە يالغۇز دىلىمنى ياشلىدى چۆللەر.
قاناتىن سۇندۇرۇپ بىھۇش، يىقىلسا باغرى قان قۇشلار،
نىتەي سۇنغان قاناتلاردىن ماڭا جاي راستلىدى چۆللەر.
پەسىللەر ئۆركىشى قاقشال، يوقاتسا جىلۋىسىن ئاستا،
كېچەمنى ئول پەسىللەرگە يەنە بىر باشلىدى چۆللەر.

6

جېنىمدىن ئۆرلىدى بىر قۇش، نېتەي سەۋدالىقىم قالدى،
سۈزۈك چاڭقاشلىرىم ئەپسۇس، نېتەي تەشنالىقىم قالدى.
چېقىلدى تاقىتىم چۇل - چۇل، قەپەستىن يامرىدىم ھەريان،
ئۇزاق تۈنلەر ئارا يالغۇز، نېتەي غەۋغالىقىم قالدى.
تاۋاپ ئەتتىم بوسۇغاڭنى، كوچاڭدا مەست يېتىپ ئاخشام،
پۇتۇڭغا باش قويۇپ بىھۇش، نېتەي رەسۋالىقىم قالدى.
غېرىبلىق گۈللىرى قات - قات، ئېچىلدى قاغجىراپ ئاچچىق،
مۇھەببەت دەشتىدە قاقشال، كۆيۈك سەھرالىقىم قالدى.
كۆزۈمنى قان ئېتىپ ھەيھات، كۆيەر كۆكسۈمدە يۇلتۇزلار،
نېتەي پىنھان كېچەم بىرلە، يەنە ئەسرالىقىم قالدى.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abdurexit eli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-12 14:28  


idraksoft

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  87
يازما سانى: 262
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 808
تۆھپە : 0
توردا: 59
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 10:50:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆكتۇرۇك، شېئىرىيەت ئۈچۈن تىنىمىسىز ئالغا قاراۋاتقان ياش كۈچلەرنىڭ ۋەكىللىرىدىندۇر....
ئىنىم، كېيىنكى سەپىرىڭىزگە ئاقيول بولسۇن!!!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  297
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 184
تۆھپە : 2
توردا: 19
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-30

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 11:08:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىندىشىم كۆكتۈ*رك، ئەسەرلىرىڭىزنى دائىم كۆرگەن ۋە ياقتۇرغان ئىدىم. مانا بۈگۈن سىز بىلەن تونۇشتۇم. شېئىرلىرىڭىزدا مۇھەببەت تۇيغۇسى كۈچلۈك ئىكەن. تىل ئىشلىتىشىڭىزمۇ خاسلىققا ئىگە ئىكەن. بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيەت ۋە باشقا بارلىق ياخشى ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى تەنھا ئاللاھتىن تىلەيمەن. ھازىر ئۈرۈمچىدە بولسىڭىز كېرەك. ۋاقتىڭىزغا قاراپ مۇشۇ نومۇرۇمغا تېلىفون قىلىڭ كۆرۈشەيلى:18999204100 . خەۋىرىڭىزنى كۈتىمەن. ئاللاھقا ئامانەت.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  217
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 649
تۆھپە : 0
توردا: 39
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-12

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 11:14:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆكتۈر*ۈكنىڭ شىئىرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرۋاتقىلى خېلى يىللار بولۇپتۇ. ئۇنىڭ توختىماي ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى شىئىرلىرىدىكى ئىپادىلەش شەكلىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. شۇڭا مەن ئىنىمىز كۆكتۈر*ۈكنىڭ بۇندىن كېيىنكى سەپىرىگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

ياپيېشىل تاغلارغا بېرىپ سايەھەت قىلىشنى چۈشۈمدە چۈشەيدىغان بولدۇم.  ئوڭۇمدا قاچان ئۇلىشارمەن.
huxhuy ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  287
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 250
تۆھپە : 0
توردا: 43
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-17

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 11:18:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆكتۈر*ۈك بىلەن تونۇشقىنىمدىن خۇشالمەن. مۇمكىن بولسا ئىسمىڭىزنىمۇ بىر دەۋەتكەن بولسىڭىز-ھە!

كۈرەش بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 12:54:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  66
يازما سانى: 382
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1108
تۆھپە : 3
توردا: 713
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-25

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 13:43:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇۋەلىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىجادىيەتلىرىگە زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن

ھايات ـ ھەربىر نەپەس ئۈچۈن ھېساپ بىرىشتۇر
ئالاقە مەنزىلى: 5951-7971-137
كوت-كوت نۇمۇرۇم: 1499827437

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 2152
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 7183
تۆھپە : 8
توردا: 448
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-25

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 14:50:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇۋەلى قۇربان كۆكتۈرۇكنىڭ ئىقادىيىتىگە ئۇتۇق ۋە بەرىكەت تىلەيمەن

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  252
يازما سانى: 441
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1117
تۆھپە : 1
توردا: 323
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-19

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 15:04:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىنىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيەت مۇساپىسىگە زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  174
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 515
تۆھپە : 0
توردا: 92
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-24

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 15:50:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى شېئىرلارنى يېزىشىڭنى ۋە پەيزىۋاتتا ياخشىراق ئىشلەپ ، بالدۇرراق يېزا باشلىقى ( شىياڭجاڭ ) بولىشىڭنى ئۈمۈد قېلىمەن . دېھقانلارنى بوزەك قىلما جىما ....

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  91
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 504
تۆھپە : 7
توردا: 117
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-17

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 15:53:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يىگىتنىڭ قەلىمىمۇ خېلى ئۆتكۈر،ئاندىن مىجەزىنىمۇ ناھايىتى ئوڭلۇق ھېس قىلىمەن. تىرىشىڭ يىگىت!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  47
يازما سانى: 320
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 774
تۆھپە : 2
توردا: 229
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-25

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 16:49:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئرلىرىڭىزنى تولىمۇ ياقتۇردۇم ئۇكام،تىخىمۇ ياخشى ئەسەرلىرىڭىزنى كۆرۈشكە تەشنامەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  550
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 321
تۆھپە : 0
توردا: 141
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-25

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 17:06:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گەرچە سىز بىلەن مۇنبەر يۈزىدە تۇنجى يۈز كۆرۈشكەن بولساممۇ قەلەم كۈچىڭىزگە ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم .داۋاملىق تىرىشىڭ !

كەشىم يوق دەپ ئاغرىنما ، پۇتى يوقلارمۇ ئاز ئەمەس ‹

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35
يازما سانى: 340
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1029
تۆھپە : 4
توردا: 135
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-8

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 13:50:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  شېئىرلىرىڭىزنى ئۇزۇندىن بۇيان ياقتۇرۇپ ئوقۇۋاتىمەن.  لىرىك ئىپادىلەنگەن مىسرالار مىنى تولىمۇ جەلىب قىلىدۇ. ئولۇغ ئاللاھ قەلىمىڭىزگە تېخىمۇ بەرىكەت بەرسۇن. ئامان بولۇڭ.

دۇنيانى باغرى تاش دېسىمۇ مەيلى، كۆڭلىمىزنى قۇشلارغا داندەك چېچىپ بىرەيلى.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  209
يازما سانى: 247
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 697
تۆھپە : 0
توردا: 65
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-25

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 13:57:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنىم ئابدۇۋەلىنىڭ ئىجادىيەت ئىشلىرىغا تېخىمۇ كۆپ ئىزدىنىش ۋە ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش