ئابدۇراخمان ئېلىنىياز ، 1972- يىلى 4- ئاينىڭ 7-كۈنى پىچان ناھىيە تۇيۇق يېزا ياڭخىي يۇقۇرى كەنتىدە تۇغۇلغان . 1988-يىلىدىن 1991-يىلىغىچە تۇرپان دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىدە ئوقۇغان . 1991-يىلى 9-ئايدا پىچان ناھىيە تۇيۇق يېزا 3- ئوتتۇرا مەكتىپىگە ئوقۇتقۇچى بولۇپ تەقسىم قىلىنغان . 1993-يىلىدىن 1995-يىلىغىچە شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتىتىدا مەخسۇس كۇرس كەسپىدە ئوقۇغان . 2006-يىلى تىل-ئەدەبىيات كەسپى بۇيىچە شىنجاڭ ئونۋىرسىتىتىدا ئىشتىن سىرت ئوقۇپ تۇلۇق كۇرس مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە بولغان . ئوتتۇرا مەكتەپ 1 - دەرىجە ئۇنۋانىغا ئىگە . ھازىر پىچان ناھىيە تۇيۇق يېزا ياڭخىي مەكتەپتە ئوقۇتۇش تەتقىقات مۇدىرى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ . ئۇ 1992- يىلى « تۇرپان گېزىتى » دە ئېلان قىلىنغان « بەدەندىكى جەڭ » ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشىپ ھازىرغا قەدەر « شىنجاڭ ياشلىرى » ، « شىنجاڭ مائارىپى » ، « قەشقەر ئەدەبىياتى » ، « تۇرپان ژۇرنىلى » ، « شىنجاڭ گېزىتى » ، « ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى » ، « شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى » ، « شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى گېزىتى » ، « شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى » ، « ئاسىيا كىندىكى گېزىتى » ، « ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى » ، « شىنجاڭ نېفىت گېزىتى » ، « تۇرپان گېزىتى » ، « قۇمۇل گېزىتى » قاتارلىق گېزىت - ژۇرناللاردا 200 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە ، نەسىر ، شېئىر ، ناخشا تېكىستى ، ئوبزۇر ، مەسەل ۋە مائارىپ تەتقىقاتىغا دائىر ئىلمىي ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان . « < مۆمۈننىڭ مومىغا چىقىشى > _ تارىخىي رىئاللىقنىڭ بەدىئىي كۆرۈنۈشى » ناملىق ماقالىسى تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ 8- يىللىق 1-قىسىم تىل- ئەدەبىيات دەرسلىكىنىڭ ئوقۇتۇش قوللانمىسىغا كىرگۈزۈلگەن . بىر پارچە ئوبزۇر ماقالىسى 1998- يىلى « قەشقەر ئەدەبىياتى » ژۇرنىلىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئوبزۇر مۇسابىقىسىدە « مۇنەۋۋەر ئەسەر » مۇكاپاتىغا ، « دىلخانەمنى يۇرۇتتى ئۇستاز » ماۋزۇدىكى ئۈچ پارچە شېئىرى 2008- يىلى « تۇرپان گېزىتى » دە ئۆتكۈزۈلگەن « خۇشناۋا » نامىدىكى بەدىئىي ئەسەرلەر مۇسابىقىسىدە 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ، « ئوقۇغۇچىمنىڭ جاۋابى » ناملىق ھېكايىسى 2009- يىلى « تۇرپان گېزىتى » دە ئۆتكۈزۈلگەن « ئىدىقۇت قەسىدىسى » نامىدىكى مۇكاپاتلىق بەدىئىي ئەسەرلەر مۇسابىقىسىدە 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ، « قار ياغقان كېچە » ناملىق ھېكايىسى 2010 - يىلى « تۇرپان گېزىتى » دە ئۆتكۈزۈلگەن « ئۈزۈمزار ناۋاسى » نامىدىكى مۇكاپاتلىق بەدىئىي ئەسەرلەر مۇسابىقىسىدە 2 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى . يەنە 2010 - يىلى ئاپتۇنۇم رايۇن بۇيىچە « شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى » دە ئۆتكۈزۈلگەن مۇكاپاتلىق ماقالە مۇسابىقىسىدە « يېڭى دەرس شارائىتىدىكى تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك نۇقتىلار » ناملىق ماقالىسى 3 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى . 2010- يىلى 9- ئايدا تۇرپان ۋىلايىتى بۇيىچە « ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاق ئۈلگىسى » بولۇپ باھالىنىپ تەغدىرلەندى . ئۇيغۇر بالىلار ئويۇنلىرى توغرىسىدا يېزىلغان « يورغىلاپ مېڭىش ئويۇنى » ، « تاماق ئېتىش ئويۇنى » ، « ئوسما قويۇش ئويۇنى » ، « ئانار باغدا ئويۇنى » قاتارلىق بەدىئىي ئەسەرلىرىنى مۇناسىۋەتلىك نەشىرياتقا تاپشۇرغاندىن سىرت يەنە 2011 - يىلى « ئانامنىڭ يۈرىكى » ناملىق ھېكايە - نەسىرلەر توپلىمىنى نەشىرياتقا تاپشۇرغان . ئۇ تۇرپان ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى ، پىچان ناھىيەلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى . 2011 - يىلى 4 - ئايدا شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى بولغان .
|