كۆرۈش: 973|ئىنكاس: 0

ئابدۇراخمان ئېلىنىياز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
U3875P843DT20120413112900.jpg
ئابدۇراخمان ئېلىنىياز  ،  1972- يىلى 4- ئاينىڭ 7-كۈنى پىچان ناھىيە تۇيۇق يېزا ياڭخىي يۇقۇرى كەنتىدە تۇغۇلغان .   1988-يىلىدىن 1991-يىلىغىچە تۇرپان دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىدە ئوقۇغان . 1991-يىلى 9-ئايدا پىچان ناھىيە تۇيۇق يېزا 3- ئوتتۇرا مەكتىپىگە ئوقۇتقۇچى بولۇپ تەقسىم قىلىنغان . 1993-يىلىدىن 1995-يىلىغىچە شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتىتىدا مەخسۇس كۇرس كەسپىدە ئوقۇغان . 2006-يىلى تىل-ئەدەبىيات كەسپى بۇيىچە شىنجاڭ ئونۋىرسىتىتىدا ئىشتىن سىرت ئوقۇپ تۇلۇق كۇرس مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە بولغان .   ئوتتۇرا مەكتەپ  1 - دەرىجە ئۇنۋانىغا  ئىگە .  ھازىر پىچان ناھىيە تۇيۇق يېزا ياڭخىي مەكتەپتە ئوقۇتۇش تەتقىقات مۇدىرى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ . ئۇ 1992- يىلى « تۇرپان گېزىتى » دە ئېلان قىلىنغان « بەدەندىكى جەڭ » ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشىپ ھازىرغا قەدەر  « شىنجاڭ ياشلىرى » ، « شىنجاڭ مائارىپى » ، « قەشقەر ئەدەبىياتى » ، « تۇرپان ژۇرنىلى » ، « شىنجاڭ گېزىتى » ، « ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى » ، « شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى » ،  « شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى گېزىتى » ، « شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى » ، « ئاسىيا كىندىكى گېزىتى » ، « ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى » ، « شىنجاڭ نېفىت گېزىتى » ،   « تۇرپان گېزىتى » ، « قۇمۇل گېزىتى » قاتارلىق گېزىت - ژۇرناللاردا  200 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە ،  نەسىر ،  شېئىر ،  ناخشا تېكىستى ، ئوبزۇر ، مەسەل ۋە مائارىپ تەتقىقاتىغا دائىر ئىلمىي ماقالىلىرى  ئېلان قىلىنغان . «  < مۆمۈننىڭ مومىغا چىقىشى >  _ تارىخىي رىئاللىقنىڭ بەدىئىي كۆرۈنۈشى » ناملىق ماقالىسى تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ 8- يىللىق 1-قىسىم تىل- ئەدەبىيات دەرسلىكىنىڭ ئوقۇتۇش قوللانمىسىغا كىرگۈزۈلگەن  . بىر پارچە ئوبزۇر ماقالىسى 1998- يىلى « قەشقەر ئەدەبىياتى » ژۇرنىلىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئوبزۇر مۇسابىقىسىدە « مۇنەۋۋەر ئەسەر » مۇكاپاتىغا ، « دىلخانەمنى يۇرۇتتى ئۇستاز » ماۋزۇدىكى  ئۈچ پارچە شېئىرى  2008- يىلى « تۇرپان گېزىتى » دە ئۆتكۈزۈلگەن « خۇشناۋا » نامىدىكى بەدىئىي ئەسەرلەر مۇسابىقىسىدە  3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ، « ئوقۇغۇچىمنىڭ جاۋابى » ناملىق ھېكايىسى 2009- يىلى « تۇرپان گېزىتى » دە ئۆتكۈزۈلگەن « ئىدىقۇت قەسىدىسى » نامىدىكى مۇكاپاتلىق بەدىئىي ئەسەرلەر مۇسابىقىسىدە  1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا  ، « قار ياغقان كېچە » ناملىق ھېكايىسى 2010 - يىلى « تۇرپان گېزىتى » دە ئۆتكۈزۈلگەن « ئۈزۈمزار ناۋاسى  » نامىدىكى مۇكاپاتلىق بەدىئىي ئەسەرلەر مۇسابىقىسىدە 2 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا  ئېرىشتى . يەنە 2010 - يىلى ئاپتۇنۇم رايۇن بۇيىچە « شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى » دە ئۆتكۈزۈلگەن مۇكاپاتلىق ماقالە مۇسابىقىسىدە « يېڭى دەرس شارائىتىدىكى تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك نۇقتىلار » ناملىق ماقالىسى 3 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى .  2010- يىلى 9- ئايدا تۇرپان ۋىلايىتى بۇيىچە  « ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاق ئۈلگىسى »  بولۇپ باھالىنىپ  تەغدىرلەندى  .
   ئۇيغۇر بالىلار ئويۇنلىرى توغرىسىدا يېزىلغان «   يورغىلاپ مېڭىش ئويۇنى » ، «  تاماق ئېتىش ئويۇنى » ، « ئوسما قويۇش ئويۇنى »  ، « ئانار باغدا ئويۇنى » قاتارلىق بەدىئىي ئەسەرلىرىنى  مۇناسىۋەتلىك نەشىرياتقا تاپشۇرغاندىن سىرت يەنە 2011 - يىلى « ئانامنىڭ يۈرىكى » ناملىق ھېكايە - نەسىرلەر توپلىمىنى نەشىرياتقا تاپشۇرغان  . ئۇ   تۇرپان ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى ،  پىچان ناھىيەلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى .  2011 - يىلى 4 - ئايدا  شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى  بولغان  .

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش