ئۇيغۇر ئەدەبىياتنىڭ 2012-يىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
2013-يىلى كىرىپ كەلگىلىمۇ بەش ئايدىن ئېشىپ ئالتىنچى ئېيىغا قەدەم قويغىلى قىلدى. 2011-يىللىق ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى تونۇلغان ئەدەبىيات تەتقىقاتچىمىز ئەنۋەر ھوشۇر مۇئەللىم بىلەن مەن ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن خۇلاسىلەپ چىقىپ «تەڭرىتاغ»، «يېڭى قاشتېشى» ژورناللىرىدا ئېلان قىلىپ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگەن ئىدۇق. «يازغۇچىلار تورى»مىزدىمۇ ئەيبۇ ياقۇپ ئاكىنىڭ «ئەدەبىياتىمىزنى خۇلاسىلەڭ!» دېگەن تېمىسىمۇ ناھايىتى ياخشى ئۈنۈم پەيدا قىلغان ئىدى.
مانا بۈگۈنگە قەدەر 2012-يىللىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىز ھەققىدىكى خۇلاسە تېخى جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشمىدى. شۇڭا مەن قەلەمكەشلەرنىڭ جەمگاھى بولغان «يازغۇچىلار تورى»مىزنىڭ مۇنبىرىدە كۆپچىلىك بىلەن ئورتاق بىر قېتىملىق خۇلاسە چىقىرىپ بېقىش نىيىتىدە مەزكۇر تېمىنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن. ھەر قانچە ئىتتىك كاللا بولسىمۇ، بىر گال قەلەمگە يەتمەيدۇ. ۋاقىت ئۆتكەنسىرى نۇرغۇن ئىشلار كىشىنىڭ ئەس خاتېرىسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ. شۇڭا بۇ يەردە قىسقىچە بىر خۇلاسنى بىرلىكتە قالدۇرۇپ قويساق. ئەلۋەتتە، نۇرغۇن ئىشلارنىڭ ئەھمىيىتى يىللارسېرى بىلىنىدۇ. بەزى ئەدەبىيات ھادىسىلىرىگە بىر يىل ئىچىدىلا روياپقا كەلدى، مۇنداق رولى بولۇپ كەتتى، دەپ كۆپتۈرۋىتىشمۇ كۈلكىلىك ئىش. شۇڭا ئۆزىمىزنىڭ قاراشلىرىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئوتتۇرىغا قويساق. زىيادە كۆپتۈرىۋىتشىتىن ساقلىنىپ، ئەمەلىي بولساق.
ئۈمىدىم: ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئالدىنقى بىر يىللىق ھاسىلاتلىرىنى، يوقىتىشلىرىنى خاتىرىگە ئېلىپ قويۇش. شۇڭا توپلانغان ئۇچۇرنىڭ چىنلىقى تەلىپىدىن چىقىپ، تورداشلارنىڭ تۆۋەندىكىدەك نۇقتىلاردىن ئۆزىنىڭ بىلىدىغانلىرىنى، قانچىلىك بىلىدىغان بولسا، قانداق چۈشەنگەن بولشىدىن قەتئىينەزەر ئوتتۇرىغا سۇنۇپ بېقىشىغا تەكلىپ قىلىمەن.
مەزكۇر تېمىدىكى «يىللىق خۇلاسىمىز» سۈپەتلىك چىقسىلا كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق نامىدا، «پىكىر ئېلىش – خاتېرلەش ئۇسۇلى»دا رەتلەپ مەلۇم مەتبۇئاتقا يوللاشقا ھەرىكەت قىلىمىز.
شۇڭا تورداشلارنىڭ پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن ئاۋۋال ئىنكاستا ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئىسىم – فامىلىسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىنى تەكلىپ بېرىمەن. (تور نامىڭىزدىلا پىكىر قاتناشتۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ)
بىرىنچى، 2012-يىلىدىكى ئەدەبىي پائالىيەتلەر، يېڭىدىن قوزغىتىلغان ئەدەبىيات قۇرلۇشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ نەتىجىسى
ئىككىنچى، 2012-يىللىق ئەدەبىياتىمىزدا كۆزگە كۆرۈنگىدەك ئەدەبىيات ھادىسىلىرى مەيدانغا كەلدىمۇ؟ مەسىلەن: مەلۇم ئەسەرنى ئوقۇش قىزغىنلىقى، مەلۇم يېڭى يۈزلىنىش ... دېگەندەك.
ئۈچىنچى، 2012-يىللىق ئەدەبىياتىمىزدىكى پروزىچىلىقنىڭ ئۇتۇقلىرى ھەققىدە قارىشىڭىزنى سۆزلەپ بېقىڭ. قايسى نادىر ھېكايە، پوۋېسىت، رومانلار ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئۇچراشتى؟
تۆتىنچى، 2012-يىللىق شېئىرىيەتنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلىپ بېقىڭ. قايسى نادىر شېئىرلار توپلاملىرى، نادىر شېئىرلار ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى؟
بەشىنچى، 2012-يىللىق ئەدەبىياتىمىزدىكى نەسىرچىلىكنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى قانداق بولدى؟
ئالتىنچى، 2012-يىللىق ئەدەبىياتىمىزدا ئەدەبىي تەنقىد ۋە تەتقىقاتنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى قانداق بولدى؟
يەتتىنچى، 2012-يىللىق ئەدەبىي ئاخباراتچىلىقىمىزغا دىققەت قىلدىڭىزمۇ؟ قايسى نادىر ئەدەبىي ئاخبارات بىلەن يۈز كۆرۈشتىڭىز؟
سەككىزىنچى، 2012-يىللىق بالىلار ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ھەققىدە بىلىدىغانلىرىڭىزنى سۆزلەپ بېقىڭ.
توققۇزىنچى، 2012-يىللىق ئەدەبىي تەرجىمىچىلىكىمىزنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى قانداق بولدى؟ قايسى نادىر ئەدەبىي تەرجىمە ئەسەرلىرى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى؟
ئونىنچى، 2012-يىللىق ئەدەبىياتىمىزدىكى يوقىتىشلار – بۇ بىر يىلدا يەنە ئەدەبىيات قوشۇنىمىزدىن قايسى ئەزىزلەرنى ئۇزىتىپ قويدۇق؟
تورداشلارنىڭ ئاكىتىپ پىكىر قاتناشتۇرىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن ۋە ئىلتىماس قىلىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rasheed تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-24 17:44