كۆرۈش: 999|ئىنكاس: 14

ئۇيغۇر ئەدەبىياتنىڭ 2012-يىلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28
يازما سانى: 330
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1049
تۆھپە : 3
توردا: 192
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-29

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-24 17:31:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۇيغۇر ئەدەبىياتنىڭ 2012-يىلى



ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!

2013-يىلى كىرىپ كەلگىلىمۇ بەش ئايدىن ئېشىپ ئالتىنچى ئېيىغا قەدەم قويغىلى قىلدى. 2011-يىللىق ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى تونۇلغان ئەدەبىيات تەتقىقاتچىمىز ئەنۋەر ھوشۇر مۇئەللىم بىلەن مەن ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن خۇلاسىلەپ چىقىپ «تەڭرىتاغ»، «يېڭى قاشتېشى» ژورناللىرىدا ئېلان قىلىپ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگەن ئىدۇق. «يازغۇچىلار تورى»مىزدىمۇ ئەيبۇ ياقۇپ ئاكىنىڭ «ئەدەبىياتىمىزنى خۇلاسىلەڭ!» دېگەن تېمىسىمۇ ناھايىتى ياخشى ئۈنۈم پەيدا قىلغان ئىدى.

مانا بۈگۈنگە قەدەر 2012-يىللىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىز ھەققىدىكى خۇلاسە تېخى جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشمىدى. شۇڭا مەن قەلەمكەشلەرنىڭ جەمگاھى بولغان «يازغۇچىلار تورى»مىزنىڭ مۇنبىرىدە كۆپچىلىك بىلەن ئورتاق بىر قېتىملىق خۇلاسە چىقىرىپ بېقىش نىيىتىدە مەزكۇر تېمىنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن. ھەر قانچە ئىتتىك كاللا بولسىمۇ، بىر گال قەلەمگە يەتمەيدۇ. ۋاقىت ئۆتكەنسىرى نۇرغۇن ئىشلار كىشىنىڭ ئەس خاتېرىسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ. شۇڭا بۇ يەردە قىسقىچە بىر خۇلاسنى بىرلىكتە قالدۇرۇپ قويساق. ئەلۋەتتە، نۇرغۇن ئىشلارنىڭ ئەھمىيىتى يىللارسېرى بىلىنىدۇ. بەزى ئەدەبىيات ھادىسىلىرىگە بىر يىل ئىچىدىلا روياپقا كەلدى، مۇنداق رولى بولۇپ كەتتى، دەپ كۆپتۈرۋىتىشمۇ كۈلكىلىك ئىش. شۇڭا ئۆزىمىزنىڭ قاراشلىرىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئوتتۇرىغا قويساق. زىيادە كۆپتۈرىۋىتشىتىن ساقلىنىپ، ئەمەلىي بولساق.



ئۈمىدىم: ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئالدىنقى بىر يىللىق ھاسىلاتلىرىنى، يوقىتىشلىرىنى خاتىرىگە ئېلىپ قويۇش. شۇڭا توپلانغان ئۇچۇرنىڭ چىنلىقى تەلىپىدىن چىقىپ، تورداشلارنىڭ تۆۋەندىكىدەك نۇقتىلاردىن ئۆزىنىڭ بىلىدىغانلىرىنى، قانچىلىك بىلىدىغان بولسا، قانداق چۈشەنگەن بولشىدىن قەتئىينەزەر ئوتتۇرىغا سۇنۇپ بېقىشىغا تەكلىپ قىلىمەن.

مەزكۇر تېمىدىكى «يىللىق خۇلاسىمىز» سۈپەتلىك چىقسىلا كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق نامىدا، «پىكىر ئېلىش – خاتېرلەش ئۇسۇلى»دا رەتلەپ مەلۇم مەتبۇئاتقا يوللاشقا ھەرىكەت قىلىمىز.

شۇڭا تورداشلارنىڭ پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن ئاۋۋال ئىنكاستا ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئىسىم – فامىلىسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىنى تەكلىپ بېرىمەن. (تور نامىڭىزدىلا پىكىر قاتناشتۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ)



بىرىنچى، 2012-يىلىدىكى ئەدەبىي پائالىيەتلەر، يېڭىدىن قوزغىتىلغان ئەدەبىيات قۇرلۇشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ نەتىجىسى




ئىككىنچى، 2012-يىللىق ئەدەبىياتىمىزدا كۆزگە كۆرۈنگىدەك ئەدەبىيات ھادىسىلىرى مەيدانغا كەلدىمۇ؟ مەسىلەن: مەلۇم ئەسەرنى ئوقۇش قىزغىنلىقى، مەلۇم يېڭى يۈزلىنىش ... دېگەندەك.




ئۈچىنچى، 2012-يىللىق ئەدەبىياتىمىزدىكى پروزىچىلىقنىڭ ئۇتۇقلىرى ھەققىدە قارىشىڭىزنى سۆزلەپ بېقىڭ. قايسى نادىر ھېكايە، پوۋېسىت، رومانلار ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئۇچراشتى؟




تۆتىنچى، 2012-يىللىق شېئىرىيەتنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلىپ بېقىڭ. قايسى نادىر شېئىرلار توپلاملىرى، نادىر شېئىرلار ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى؟




بەشىنچى، 2012-يىللىق ئەدەبىياتىمىزدىكى نەسىرچىلىكنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى قانداق بولدى؟




ئالتىنچى، 2012-يىللىق ئەدەبىياتىمىزدا ئەدەبىي تەنقىد ۋە تەتقىقاتنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى قانداق بولدى؟




يەتتىنچى، 2012-يىللىق  ئەدەبىي ئاخباراتچىلىقىمىزغا دىققەت قىلدىڭىزمۇ؟ قايسى نادىر ئەدەبىي ئاخبارات بىلەن يۈز كۆرۈشتىڭىز؟




سەككىزىنچى، 2012-يىللىق بالىلار ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ھەققىدە بىلىدىغانلىرىڭىزنى سۆزلەپ بېقىڭ.




توققۇزىنچى، 2012-يىللىق ئەدەبىي تەرجىمىچىلىكىمىزنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى قانداق بولدى؟ قايسى نادىر ئەدەبىي تەرجىمە ئەسەرلىرى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى؟




ئونىنچى، 2012-يىللىق ئەدەبىياتىمىزدىكى يوقىتىشلار – بۇ بىر يىلدا يەنە ئەدەبىيات قوشۇنىمىزدىن قايسى ئەزىزلەرنى ئۇزىتىپ قويدۇق؟


تورداشلارنىڭ ئاكىتىپ پىكىر قاتناشتۇرىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن ۋە ئىلتىماس قىلىمەن.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rasheed تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-24 17:44  


ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس، بەلكى بىر شېرىن مەسئۇلىيەت. _ رەشىد
idraksoft

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  464
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 251
تۆھپە : 3
توردا: 47
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-11

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-24 18:23:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەككىزىنچى، 2012-يىللىق بالىلار ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ھەققىدە بىلىدىغانلىرىڭىزنى سۆزلەپ بېقىڭ.

2012-يىلى نەشىر قىلىنغان بالىلار كىتاپلىرى

« بۆرە قىز »                   بالىلار رومانى         جاسارەت جاپپار                  مىللەتلەر نەشىرىياتى

«كىم ئەڭ چىرايلىق »      بالىلار ھېكايە-چۆچەكلىرى      تۇرسۇنمۇھەممەد نەمەت      شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى

« چېچەن ئوغلاق »         بالىلار چۆچەكلىرى        ئەخمەتجان ئابدۇللا              قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى

« كىتاپخۇمار بالا »      بالىلار ھېكايىلىرى          رەشىدە سېيىت                     شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى

« ئۇچقۇر ئات »            بالىلار ھېكايىلىرى      رەشىدە سېيىت                      قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى

« سىرلىق ئۆڭكۈر »        بالىلار رومانى         ئەخمەتجان قۇربان سابىرى     شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى

« قار ئاۋازى »             بالىلار شېئىرلىرى            جاسارەت جاپپار                  مىللەتلەر نەشىرىياتى

«ھېسامنىڭ ئىلىم-پەن سەپىرى»     بالىلار  فانتازىيە ھېكايىلىرى      ئايبېك ئۆمەر  ئۇيغۇرى      پەن-تېخنىكا نەشىرىياتى

«پەخىردىننىڭ سىرلىق دۇنيادىكى سەرگۈزەشتلىرى»    بالىلار رومانى   ئادىل ئىمىن شادتېكىن    قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى

«شاھزادە نۇرئەزىز ھەققىدە قىسسسە »    بالىلار رومانى        ئادىل ئىمىن شادتېكىن       قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى

«كرورانلىق بالىلار » تۇلۇق نوسىخسى     بالىلار رومانى            پەرھات ئىلىياس           مائارىپ نەشىرىياتى

«ئاينىگارنىڭ بۈدرە چېچى »      بالىلار چۆچەكلىرى      ئاينۇر ئابدۇرەھىم    شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئە.ئابدۇللا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-24 18:24  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  464
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 251
تۆھپە : 3
توردا: 47
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-11

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-24 18:29:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2012-يىلى 5-ئايدا ئاپتۇنۇم رايۇن بۇيىچە تۇنجى نۆۋەتلىك «  بالىلار ئەدەبىياتى » ياش ئاپتۇرلار سېمنارىيىسى ئۆتكۈزۈلدى.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  464
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 251
تۆھپە : 3
توردا: 47
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-11

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-26 19:51:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2012-يىلى ۋاپات بولغان بىر قىسىم قەلەمكەش ئۇستازلار

1.شائىر يۈسۈپجان ئەھمىدى
2.شائىر رەھىم قاسىم
3.يازغۇچى مۇھەممەدجان سادىق
4.شائىر مەمەتئلىي زۇنۇن تەشنائى
5.شائىر يالقۇنجان ئىسلام
6.يازغۇچى يارمۇھەممەد تاھىر توغلۇق
7. شائىر زاھىر ئابدۇراخمان

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 2072
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 6623
تۆھپە : 8
توردا: 441
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-29

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-27 09:30:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2012-يىلنىڭ بىر قىسىم كىتابلىرى بازارغا تۇللۇق سېلىنىپ بولالمىدىمىكىن

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  130
يازما سانى: 524
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 901
تۆھپە : 0
توردا: 265
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-29

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-29 10:07:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېما نېمىشقا جىم تۇرۇپ قالدى؟

ھېچبولمىسا، ھەر ساھەدە قەلەم تەۋرەتكەن يازغۇچى، شائىرلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ 2012- يىللىق ئىجادىيەت يىلنامىسىنى بولسىمۇ يوللاپ بەرسە بولىدۇ.
  كۆپچىلىكنىڭ بۇ خىل پوزىتسىيەسىدىن شۇنى ھېس قىلىشقا بولىدۇكى، نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ئوقۇمايدۇ. پەقەت مۇشۇ مۇنبەردە ئېلان قىلىنغان كىتاب، ژورنال ئۇچۇرلىرىنىلا كۆرۈپ «تەبرىكلىشىدۇ».
  بىر ئادەم ئىلمىي يوسۇندا بىر پۈتۈك تۇرغۇزاي دېسە، مۇشۇنداق يىلىمان پوزىتىسيەدە بولۇش يازغۇچىلار مۇنبىرىدىكى ئەزالارنىڭ تولىمۇ مەسئۇلىيەتسىزلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.


http://bbs.xjmukam.cn/thread.php?fid=91
بۇ يەردە، شېئىرىيەتكە قەدەم ئېلىڭ.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  166
يازما سانى: 197
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1172
تۆھپە : 7
توردا: 268
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-30

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-29 12:50:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق بىر مۇھىم تېمىنىڭ جىم بولۇپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى ناھايتى ئاددىي. بىرىنچىدىن، بىزدە ئەتراپلىق يېتىلگەن ياش تەتقىقاتچى-ئوبزورچىلار  ناھايتى ئاز، بارلارنىڭ كۆپۈنچىسىنىڭ بوينىدا بىر تاغار ئىش بولغاچقا،  بۇ تېمىغا ئىشتىراك قىلالمىغان بولۇشى مۇمكىن.
ئىككىنچىدىن، ئىلگىرىكى جانلىق، جۇشقۇن مەنزىرە ھازىر  بۇ مۇنبەردە  يوق. قەلىمى ئۆتكۈر بىر تۈركۈم قەلەمكەشلەر خىلمۇ-خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى بۇ مۇنبەردىن بارا-بارا  كۆڭلى سوۋۇپ، ئاخىرى چېكىندى ياكى سۈكۈت قىلىدىغان بولدى. ئۇلارنىڭ چېكىنىشىگە سەۋەب بولغان بۇ مۇنبەردىكى بىر قىسىم ھەۋەسكارلار بۇ تېمىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ.
ئۈچۈنچىدىن، راستىنى دېگەندە، بۇ مۇنبەردىكى ھازىر قىزغىن يېزىۋاتقانلارنىڭ تولىسى كىتاب ئوقۇمايدۇ، ئۆز يازمىسىغىلا مەستانە بولۇپ، كۆزىگە تاقىۋالغان رەڭلىك كۆز ئەينەك بىلەن باشقىلارنىڭ ئېسىل يازمىلىرىغا نەزەر سالمايدۇ. ئۇلارنىڭ روھىيىتىدە نىمە ئۈچۈن يېزىش، كىم ئۈچۈن يېزىش، قانداق يېزىش مەسىلىسى ئايدىڭ ئەمەس.
تۆتىنچىدىن،.....
شۇنداق ،يەنە نۇرغۇن سەۋەبلەرنى كۆرسىتىش مۇمكىن. ئەمما بۇنى دېگەننىڭمۇ نىمە پايدىسى؟
مەن نىمىشقىكى بەزىدە بۇ مۇنبەردىكى بىرقىسىم ھەۋەسكارلارنىڭ يازمىلىرىغا ۋە ئىنكاسلىرىغا  قاراپ، بۈيۈك تەسەۋۋۇپ شائىرى جالالىدىن رومىينىڭ:

بارمىغىن سەھراغا، ئۇندا كىشى ئاڭسىز بولۇر،
كۆزلىرى گۇنسىز بولۇپ ئەقلىمۇ كارسىز بولۇر...


دېگەن شېئىرىنى ئەسلەپ قالىمەن.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۆلجەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-29 22:34  


ھەقىقى بايلىق روھى بايلىقتۇر

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28
يازما سانى: 330
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1049
تۆھپە : 3
توردا: 192
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-29

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-29 13:35:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گەرچە كۆڭۈللەر ياخشى بولسىمۇ، ياخشى نىيەتكە ياخشى ئەمەللەر يانداشمىغاچ بەزى ئىشلارنى قىلماق ھەقىقەتەن تەس بولىدىكەن.

ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس، بەلكى بىر شېرىن مەسئۇلىيەت. _ رەشىد

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1323
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 286
تۆھپە : 0
توردا: 43
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-25

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 20:31:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا  رەشىد بىر ياخشى نىيەت بىلەن تېما يوللاپتۇ،لىكىن ئون نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن ئۆزى ئىنكاس يوللاپتۇ، بىر ئادەمدىن باشقا ھىچكىم ئۇچۇر بەرمەپتۇ. ئويلىسام مەن ھەر كۈنى ئەدەبىياتقا ئاسىيلىق قىلدىم، ئەدەبىيات مىنى ئەمەس مەن ئەدەبىياتنى تاشلىۋەتتىم دەپ ئۆزۈمنى سوتلايمەن( يىقىندىن بىرى)، چۈنكى تۈرلۈك باھانە بىلەن 18 ياش ۋاقتىمدا چۈشكەن ئىشىق ئوتىن ئۆزۈم ئۆچۈرۈپتىمەن، ئىجادىيەتتىكى ئۈزۈكچىلىك كىشىنى ئىجادكاردىن پەقەتلا ئوقۇرمەن ئورنىغا چۈشۈرۈپ قويىدىكەن. بۇ تېمىغا ھىچقانداق ياخشى سىتاستىكىلىق سان ياكى ئۇچۇر دەپ بىرەلمىگەنلىكىم ئۈچۈن نۇمۇس قىلىمەن، ئەپسۇس مىنىڭ قەلبىمدىكى نۇرغۇن ئۇستازلارمۇ جىم تۇرۇپتۇ، ئاخىرىدا دەيدىغىنىم:
ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس، بەلكى بىر شېرىن مەسئۇلىيەت. _ رەشىد

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2069
يازما سانى: 206
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 994
تۆھپە : 0
توردا: 215
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-17

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 21:03:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن  بۇ  تېمىنى  ھازىر  كۆردۈم  ،  بىراق  مەنمۇ  ھېچ قانداق  نەتىجىلىك  سىستاستىكا  يوللىيالمىدىم  ،  چۈنكى  مەن    ئىچكىردە  ئۇقۇۋاتقان  بولغاچقا  بۇ  ئىشلاردىن  خەۋەرسىز  قالدىم ، يۇرتتا  چېغىمدا  ھەر  قېتىم  كىتابخانىغا   كىرسەم  ‹يېڭى  كىتابلار  تەكچىسى › گە  قاراشنى  ئۇنۇتمايتىم  بولمىسا  ،  قالغىننى  ئۇستازلار دىن  تەلىم  ئالارمەن  .

ئېتىم بەختىيار مىنىڭ  ،  يۇرىكىم ئاتەش  لاۋا   ،
قاغجىردى  بۇ  تىنىق  ،  ئابىھاياتقا  مەن  تەشنا   .

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  130
يازما سانى: 524
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 901
تۆھپە : 0
توردا: 265
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-29

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-5 11:52:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن نەدە قانداق ئەسىرىم ئېلان قىلىندى، ئۇنتۇلۇپ قالىمەن. بەزىدە قايسى مەتبۇئاتقا قايسى ئەسىرىمنى ئەۋەتكىنىمنىمۇ بىلەلمەي قالىمەن.
  شۇڭا، مۇنداق بىر ئۇسۇل تاپتىم.
---------------------------------- سىلەرمۇ سىناپ بېقىڭلار:
2012 – يىلى ئېلان قىلىنغان ئەسەرلىرىم

ئەسەر ئىسمى                        ژانېرى                 ژورنال، گېزىت ئىسمى
1)سۆيگۈ تېشى (شېئىرلار ) «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» 2-سان، رەسىمىم بىلەن بېرىلگەن
2)ئۇيغۇر يېڭى دەۋر شېئىرىيىتىدىكى «غېرىب ئارال»  (ماقالە)  «كۈسەن مەدەنىيىتى» 3-سان
3) شېئىرلار       -- «تۇرپان ژورنىلى» 6-سان
4) سېنىڭ ھېكايەڭ (شېئىرلار)    «تارىم» 4-سان
5) مۇھەببەت يولى (شېئىرلار)     «تارىم» 8-سان
6) كۈتۈشتىن ئارتۇق نەرسە يوق  «تارىم» 11- سان
7) ئۈچ شېئىر    «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى» 2012 –يىلى 7-ئاينىڭ 13- كۈن سانى
8) ئۈچ شېئىر    «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى» 2012 –يىلى 9-ئاينىڭ 14- كۈن سانى
9) مەن بىر قايغۇ ياراتتىم (شېئىرلار) «تەڭرىتاغ» 2013 – 1-سان
10) مەن بىر قايغۇ ياراتتىم (شېئىرلار)  خەنزۇچە «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» (2013) 4-سان
ئىزاھات: يۇقارقى شېئىرلارنىڭ سانى: 35 پارچە، ماقالە 1 پارچە.
2012 –يىلىدىكى ئەدەبىي تەرجىمىلىرىم

1) جىيانا مانى تاش پۈتۈكلىرىگە يېپىلغان ئاسمان (تەرجىمە شېئىر) «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» 2012 –يىللىق 6- سان
2) ئەدەبىي تەنقىد كىشى قەلبىنى لەرزىگە سېلىشى كېرەك (تەرجىمە ماقالە) «شىنجاڭ گېزىتى» 2012 – يىل 9-ئاينىڭ 18 – كۈنى
3) تاشلارغىلا دېگۈم بار  (تەرجىمە شېئىر) «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» 2013 – يىللىق 2-سان»
4) يېشىل تاشلىق چېغىر يول  (تەرجىمە شېئىر)  «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» 2013 – يىللىق 4-سان
5) ئاننا ئاخماتوۋا شېئىرلىرىدىن (تەرجىمە شېئىر) «تارىم» 2013 –يىىلىق 4-سان


http://bbs.xjmukam.cn/thread.php?fid=91
بۇ يەردە، شېئىرىيەتكە قەدەم ئېلىڭ.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  649
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1611
تۆھپە : 0
توردا: 249
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-29

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-6 12:23:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككىنچى، 2012-يىللىق ئەدەبىياتىمىزدا كۆزگە كۆرۈنگىدەك ئەدەبىيات ھادىسىلىرى مەيدانغا كەلدىمۇ؟
2012- يىلى 12 - ئايدا لوپنۇر ناھىيىسىدە ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلدى .

مۇھەممەت توختى

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  130
يازما سانى: 524
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 901
تۆھپە : 0
توردا: 265
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-29

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-7 22:41:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەت توختى يوللىغان ۋاقتى  2013-6-6 12:23
ئىككىنچى، 2012-يىللىق ئەدەبىياتىمىزدا كۆزگە كۆرۈنگىدەك  ...

بۇ ئەدەبىيات ھادىسسى بولمايدۇغۇ دەيمەن.


http://bbs.xjmukam.cn/thread.php?fid=91
بۇ يەردە، شېئىرىيەتكە قەدەم ئېلىڭ.

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 2072
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 6623
تۆھپە : 8
توردا: 441
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-29

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-9-3 23:38:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭ داۋامى قاچان چىقا، ئەتىراپلىق چىققان خۇلاسىنى كۆرگىلى بولماسمۇ زادى؟

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28
يازما سانى: 330
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1049
تۆھپە : 3
توردا: 192
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-29

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2013-9-4 11:02:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى يوللاشتىن ئاۋۋال مەن ئالدىنقى يىلىدىكى خۇلاسەمگە ئوخشاش بىر پارچە ماقالە تەييارلاي دەپ ئويلىغان، لېكىن بۇ ئارىدا بىر قانچەيلەن مەندىن شۇنداق ماقالە تەييارلىغان، تەييارلىمىغانلىقىمنى سوراپ، ئەگەر تۇتۇش قىلمىغان بولسام ئۆزىنىڭ تۇتۇش قىلىپ بولغانلىقىنى ئېيىتقانىدى.  شۇنىڭدىن بىرى مەتبۇئاتلارغىمۇ، تورغىمۇ ئىزچىل دىققەت قىلىپ تۇرىۋاتىمەن. ئەمما ھازىرغىچە ئۇلاردىن خەۋەر يوق. بۇ تېمىمۇ جىمجىت تۇرۇپ قالدى. قارىغاندا بۇ ئىش بۇ يىل قولغا ئېلىنماي قالغاندەك قىلىدۇ...

ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس، بەلكى بىر شېرىن مەسئۇلىيەت. _ رەشىد
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش