- UID
- 669
- QQ
- 1605504656
- ھوقۇقى
- 1
- ھەقىقىي ئىسمى
- ئابدۇراخمان ئەزىز ئوغلى
- يازما
- 14
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 93
- تىزىملاتقان
- 2012-4-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-9-7
- توردا
- 10 سائەت
|
|
|
|
|
«توننى ئەل كەيدۈرىدۇ،ئەر كىيىدۇ»
1 @, M& o8 ]& f- z ! F/ j" x2 Q8 b9 `" k7 _3 a
ئابدۇراخمان ئەزىز ئوغلى(قىرغىز)+ L" h$ n& T0 c' g3 j, g
/ N% {9 \5 N0 I3 u3 B5 V بىزدە ياخشىلارنىڭ ئىزگۈ تەرەپلىرىنى ئۆزى باردا،كۆزى ئوچۇقتا دىمەي،كىيىن «ئۆلگە ندىن كىيىن رەھمەتلىك» دەيدىغان ئۆكۈنۈشلىك بىر ئادەت بار. ياخشىلارنىڭ ياخشى تەرىپىنى ياخشىلار ئارىمىزدا بار ۋاقىتتا دىيىشنىڭ خاسىيىتىنى مۆھتىرەم يازغۇچىمىز نۇرىمۇھەممەت توختى ئاكا ھۆرمەتكە سازاۋەر خەلق شائىرى روزى سايىتنىڭ ھاياتىغا بېغىشلاپ يازغان «شائىرغا كىسەل تەگكەن كۈنلەردە» ناملىق ئەدەبىي خاتىرىسىنى يازغاندا بىزگە ياخشى ھېس قىلدۇرغان ئىدى.ھەقىقەتەنمۇ ئارىمىزدىكى ياخشى ئادەملەرنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى ئاشۇنداق ياخشىلار ئارىمىزدا بار مۇبارەك دەملەردە دەۋىلىش خاسىيىتى زور ئىش.مۇبارەك پۇرسەت.
3 Z- l/ _3 M1 \" g پىشقان ژۇرنالىست قۇربان مامۇت ئاكىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەر مىللەت ئوقۇرمە نلىرىنىڭ ئېستىتىك تۆرىدىن ئورۇن ئالغان ژۇرنالىستلىق ھاياتىنىڭ شەرىپى ئۈچۈن كۇچار ناھىيىسىدە ئالاھىتەن پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ تون كىيدۈرۈلگەنلىكىنى ئاڭلاپ تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم. قۇربان مامۇت ئاكىغا دىيارىمىزدىكى ھەر مىللەت ئوقۇرمەنلىرى نامىدىن تون كىيدۈرگەن ئەل ئۈچۈن يۈرىگى ئاتەش قېرىنداشلارغىمۇ ئۆز نۆۋىتىدە تەشەككۈرلەر يار بولغاي. ئىلىمنىڭ، بىلىمنىڭ،ياخشىلارنىڭ قەدىرىنى كېچىكتۈرمەي ئۆز ۋاختىدا قىلغانلار،قىلالىغانلارنىڭ خىزمەتلىرى مول نەتىجىلەر بىلەن تۈگەللەنگەي. تىجارەتلىرى رۇناق تاپقاي!.... g# E4 i' X; }) R, j4 S4 Q
قىلغان ئەمگەككە يارىشا ئۆز خەلقى نامىدىن تون كىيدۈرۈشكە نائىل بولۇش نىمە دىگەن زور بەخت ! ئۆز خەلقىنىڭ ئۆزى ھەققىدە ئېيتىلغان سەمىمىي ۋە ئىزگۈ تىلەكلىرىنى ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلاش قانداق ياخشى ھە!...قۇربان مامۇت ئاكىنىڭ كىيگەن تونى ئالتۇن بويىغا ياراشقاي!
& k& o$ X% M- w- N0 w# ` بۇ يەردە ئۇستازىمىزنىڭ تونىنى مۇبارەكلەۋاتقان ئەزىزلىرىمىز بىلەن بۇ ئەھمىيەتلىك پائالىيەتنىڭ خۇشخەۋىرىگە ئورتاقلىشىۋېتىپ،تەلەپچان مۇھەررىر قۇربان مامۇت ئاكىنىڭ ماڭا ئىنتايىن تەسىر قىلغان بەزى تەرەپلىرىنى ئوقۇرمەنلىرىمىز بىلەن ئورتاقلىشىشنى لايىق تاپتىم.بىزدە ياخشىلارنىڭ ئىزگۈ تەرەپلىرىنى ئۆزى باردا،كۆزى ئوچۇقتا دىمەي،كىيىن «ئۆلگەندىن كىيىن رەھمەتلىك» دەيدىغان ئادەت بار.شۇڭا بۇ خام-خۇتا بولسىمۇ سەمىيمىي كۆز-قاراشلىرىم ئىپادە قىلىنغان بۇ يازمامنى ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىشمۇ بىر قىممەتلىك پۇرسەت بولۇشى مۈمكىن! بۇ ئاددىيغىنە يازمام مېنىڭ بۇ مۇبارەك ئۇستازىمىزغا سۇنغان ئاددىيغىنە تونۇم بولسۇن!...' R; b* T2 N# t& N, ~4 @( }
قۇربان مامۇت ئاكا ھەقىقەتەن ئەل كىيدۈرگەن تونغا لايىق تەلەپچان مۇھەررىر.بۇ كىشى «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىدا ئىشلىگەن مەزگىللىرىدە مېنىڭ ئەسەرلىرىمگە بەكمۇ قاتتىق قول مۇئامىلە قىلاتتى.ئەسەرنىڭ ھەر-بىر سۆز جۈملىسى ھەققىدىمۇ چوڭ بويىنى كىچىك قىلىپ پىكىرىمنى ئالاتتى.ھەرگىزمۇ مۇھەررىرلىك ھوقۇقىغا تايىنىپ ئۆز ئالدىغا بىر سۆزنى جىجايدىغان ئىشنى قىلمايتتى.باشقا ئاپتورلارغا ئوخشاشلا مەندىنمۇ يېڭى يازمىلارنىڭ بار-يوقلىقىنى سوراپ پات-پات تېلېفون ئۇرۇپ تۇراتتى.ئاپتورلاردىن يېڭى ئەسەرلەرنى سوراپ تېلېفون قىلىپ تۇرۇش ھەرقانداق بىر ئەدەبىيات ھېرىسمەنلىرى ئۈچۈن ئىلھامبەخش ئەھۋال بولسا كېرەك.يېزىۋاتقان ئەسەرلىرىم ھەققىدە مەلۇمات بەرسەم بەزىدە قىزىقىپ تۇرۇپ ئىلھاملاندۇراتتى.
3 U+ L& C. }6 a# R( M2 @- D -ئۇنداقتا تېزراق پۈتتۈرۈپ تېز يوللانما قىپ سېلىۋىتىڭە،كۆرۈپ باقاي.2 |( i* j+ j& j/ s
قۇربان مامۇت ئاكىنىڭ مۇشۇنداق يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىقى، ئۆز كەسپىگە قىزغىن ئىشتىياق باغلىغانلىقى ۋە ئۆز ئوقۇرمەنلىرىنى قىزغىن سۆيگەنلىكى ژورنالنىڭ كىشىلەر قولىدا قولدىن-قولغا ئۆتۈپ تالاشقا چۈشۈپ ئوقۇلىۋاتقانلىقىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپاتتى.«شائىرغا كىسەل تەگكەن كۈنلەردە»،«بىر پارچە خىشنىڭ سىرى»،«قارغا بولۇپ قايتتى قارلىغاچ»، «پاتىمەمنىڭ كۆڭلەكى»،«يولۋاش ئۆلتۈرگەن ئەزىمەت ۋە كىر يۇيىۋاتقان ئەر»،«ھوشۇر قارىيغا ئوچۇق خەت»، «بۇلاڭچى» قاتارلىق ھېكايە-ماقالىلارنىڭ تەمى ھېلىھەم ئوقۇرمەنلەرنىڭ مەنىۋى چاڭقىشىغا مەلھەم بولىدىغان ئەسەرلەر بولۇپ،بۇ ئەسەرلەر قۇربان مامۇت ئاكىنىڭ يۈكسەك مۇھەررىرلىك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ دەل ۋاختىدا ئوقۇپ بەھىرلىنىشىگە سۇنۇلۇپ قىزغىن باھالارغا نائىل بولغان ئىدى.
4 o. A6 }4 M0 F- U* H# _مىجەزى كەسكىن بۇ كىشىنىڭ بەزى چاغلاردىكى غەلىتە خۇيلىرى مېنى قاتتىق تەمتىرىتەتتى.بىر قېتىم مەن «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىغا بىر پارچە ھېكايە ئەۋەتتىم.ئادەتتە ئەسەرنى قولىغا ئالغان ھامان قۇربان مامۇت ئاكا تېلېفون قىلىپ ئەسەرنى تاپشۇرىۋالغانلىقىنى، ۋاقىت چىقىرىپ كۆرۈپ چىقىدىغانلىقىنى ئاپتورلارغا بىلدۈرۈپ قوياتتى.شۇ قېتىم ئەۋەتكەن ئەسەرنى قولىغا ئالغان قۇربان مامۇت ئاكا ماڭا تېلېفون قىلىپ بىر مۇنچە چېچىلىپ كەتتى." o: L" F8 x. o' d- E
-ھەي ئۇكا،سىزنى خېلى يامان ئەمەس يېزىۋاتىدۇ دەپ ئەسەرلىرىڭىزنى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلساق چېكىنگىلى تۇرۇپسىزغۇ ! مۇنداق ناچار ئەسەرلەرنى كۆرىمىز دەپ مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ تۈزۈكرەك بىر نەرسە چىقمىسا ۋاقىتقا بەك ئۇۋال بولۇپ كەتمەمدۇ؟ ئەڭ ياخشىسى مۇنداق ناچار ئەسەرلەر بىلەن بىزنىڭ ۋاقتىمىزنى ئىسراپ قىلماسلىقمۇ قەلەمگە قىلىنغان ھۆرمەت جۇمۇ ئۇكا!...# B+ }# P3 {/ n' F
مۇنداق سۆزنى ئاڭلىغاندا كىمنىڭمۇ كۆڭلى لەسسىدە بولماي قالسۇن! ئەمما ئۇ كىشىنىڭ ئاشۇنداق غەلىتە مىجەزى،قاتتىق تەلەپ قويىشى،كەسكىن مۇئامىلىسى بىلەن مەن قەلەمنىڭ ۋەزنىنى ۋە خاسىيىتىنى ھەقىقىي ھېس قىلغان ئىدىم.
& K. |) b$ y# p$ a, _7 q بىر ئىش پەقەت ئېسىمدىن چىقمايدۇ.! |/ G, ~( i+ R6 w
2009-يىلى 3-ئايدا «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى تەھرىراتىدىن بىر جىددىي تېلېفون تاپشۇرىۋالدىم.تېلېفوننى قۇربان مامۇت ئاكا ئۇرغان ئىكەن.ئۇ يېقىندىلا بىر دىھقان ئايال ئاپتورنىڭ بىزنىڭ يېڭىشەھەر ناھيىسىنىڭ باغچى يېزىسىدىن تېلېفون ئۇرۇپ تەھرىراتقا ئەۋەتكەن بىر پارچە ھېكايىسىنى سۈرۈشتۈرگەنلىكىنى،ئاپتورغا جاۋاپ بېرىپ بولغىچە تېلېفوندىن بىر بوۋاقنىڭ يىغىسى ئاڭلىنىپ تېلېفون ئۈزۈلۈپ كەتكەنلىكىنى،تېلېفون قايتۇرسا بۇ بىر ئاممىۋى تېلېفون بولۇپ تېلېفون ئىگىسىنىڭ ئۇ ئايالنىڭ نەۋاق بالىسىنى كۆتۈرۈپ كېتىپ قالغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى،شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ بىر قىسمىلا بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.( n2 i7 v1 F: r- Q, \; q* f
-مەن ئىھتىياتسىزلىقتىن ماتېرىياللار ئارىسىغا باستۇرۇلۇپ قالغان ئۇ دىھقان ئايال ئاپتورنىڭ ھېكايىسىنى ئاران تاپتىم،ئەسەر تىزىملاش جەدىۋىلىگە قارىسام بۇ ھېكايە بىر يىل ئىلگىرى بۈۋىسارەم يۈسۈپ ئىسىملىك بىر دىھقان ئايالنىڭ نامىدىن تەھرىراتقا كەپتۇ.ھېكايە قىسقا،ئەمما بەكمۇ تېتىملىق ۋە چىن يېزىلغان ئىكەن. بۇ ھېكايىنى ئېلان قىلمىسام ئاشۇ دىھقان ئايال ئاپتورغا مەڭگۈ يۈز كىلەلمەيمەن.شۇنداقلا دىھقان ئوقۇرمەنلەرگە ھەم يۈز كىلەلمەيمەن.شۇڭا ھېكايىنى مۇشۇ سانغا تەييارلىغان.ئۇ ئاپتور ئادىرىسىنى باغچى يېزا 6-كەنت 2-مەھەللە دەپ يازغان ئىكەن.مەن يەر-جاي ناملىرىنى مۇشۇنداق سان-سىفىر بىلەن ئىشلىتىشنى پەقەت ياقتۇرمايمەن. سىزمۇ يېڭىشەھەرلىك بولغاندىكىن بىلىدىغانسىز، باغچى يېزىسىنىڭ ئاشۇ كەنتىنى زادى نىمە دەپ ئاتايدۇ؟6 P- [, J% A% \' i
مەن يېڭىشەھەرلىك بولغان بىلەن باغچى يېزىسى بىلەن بولغان ئارىمىز يىراق بولغاچقا ئۇ يېزىنىڭ كەنتلىرىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيتتىم. شۇڭا بۇ ھەقتە ئۇچۇر بېرەلمەي خىجىل بولدۇم.قۇربان مامۇت ئاكا مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلاپلا چېچىلىپ كەتتى.
6 m" t8 R2 w; N3 V! d -ھەي ئۇكا،بىر يازغۇچى بولغان كىشى ئۆز يۇرتىنىڭ تارىخىنى،جۇغراپىيىسىنى،ئۆرپ-ئادىتىنى،مەدەنىيىتىنى،تىل-يېزىقىنى بىلمىسە قانداق بولىدۇ؟ بىر ناھىيە ئىچىدە تۇرۇپ بىلمەيمەن دىيىشتىن نۇمۇس قىلىڭ! سىزگە ئەتە بىر كۈنلىك مۆھلەت بېرەي،ئاشۇ يۇرتنىڭ خەلق تىلىدىكى يەر-جاي نامىنى ئىگەللەپ ماڭا دەرھال تېلېفون قىلىڭ!
( s" _6 |% V. ^4 e% n+ p1 j مەن قاتتىق ئوسال بولغان ھالدا ماقۇل بولدۇم.ئەتىسى بىر ئاماللارنى قىلىپ يۈرۈپ ئۇ يۇرتنىڭ خەلق ئارىسىدا ئۇنتۇلۇشقا باشلىغان ھەقىقىي نامى-«باش بۇچى» دىگەن يەر-جاي نامىغا ئىگە بولدۇم.شۇ ھامان قۇربان مامۇت ئاكىغا تېلېفون قىلسام ئۇ كىشى جاۋابىمنى ئاڭلاپلا،
) l$ \) n L8 d2 ?" C& F- f -ھە،بۇچى دىگەن سۆزنىڭ كونا مەنىسى «ئاشپەز» دىگەن سۆز. بۇرۇنقى دەۋىرلەردە خان-پادىشالارنىڭ تامىقىنى ئېتىدىغان ئاشپەزلەر بۇچى دەپ ئاتىلاتتىكەن.باش بۇچا بولغان بولسا ئۇ يۇرتتىن ئاشپەزلىكتە نامى مەشھۇر ئۇستىلار كۆپ چىقىدىغان ئوخشىمامدۇ؟-دەپ چاقچاق قىلدى.مەن بۇ كىشىنىڭ مۇھەررىرلەردە بولۇشقا تىگىشلىك ئۇنۋېرسال بىلىم ساپاسىنىڭ ھەقىقەتەن موللىقىنى ھېس قىلدىم.
+ P& D6 }( G& H" Y. D0 D/ O دىگەندەك بۈۋىسارەم يۈسۈپ دىگەن دىھقان ئايال ئاپتورنىڭ «بوۋاينىڭ پاقلىنى» ناملىق ھېكايىسى 2009-يىللىق 2-ساندا يورۇق كۆردى.ھېكايە ئېلان قىلىنىپ نەچچە ھەپتە ئۆتمەيلا قۇربان مامۇت ئاكىدىن يەنە تېلېفون تاپشۇرىۋالدىم.1 b0 ?( [8 n7 K# [" a2 F
-ئۇكا،سىزنى يەنە ئاۋارە قىلاي.ھېلىقى دىھقان ئايال ئاپتور قايتا تېلېفون قىلمىغاچقا ئالاقىمىزمۇ ئۈزۈلۈپ قالدى.سىزنىڭ يۇرتىڭىزنىڭ پوچتا ئالاقىسى بەك ناچاركەن.ئاپتورلارنىڭ قەلەم ھەققىنىمۇ ۋاختىدا ئاپىرىپ بەرمەيدىكەن.(ئالدىنقى يىلى بۇ ژۇرنالنىڭ ماڭا ئەۋەتكەن مىڭ يۇەن قەلەم ھەققى ناھيىمىزنىڭ پوچتا مۇلازىمىتىنىڭ ساپاسىزلىقى، مەسئۇليەتسىزلىگى تۈپەيلىدىن يېرىم يىل باشقا يۇرتلارنى ئايلىنىپ يۈرۈپ قولۇمغا تەگمىگەن ئىدى. تەھرىرات ۋە مەن ئىككى تەرەپتىن ماسلىشىپ سۈرۈشتە قىلىش نەتىجىسىدە باشقا يېزىنىڭ پوچتا پونكىتىدا بېسىلىپ قالغان بۇ قەلەم ھەققىمنى ئاران تەستە قولۇمغا ئالغان ئىدىم.قۇربان مامۇت ئاكا مۇشۇ ئىشنى كۆزدە تۇتىۋاتاتتى.) بۇ دىھقان ئايال ئاپتورنىڭ قەلەم ھەققىمۇ ۋاختىدا بارماسلىقى مۈمكىن.ھەتتا ئۇ ئايال ئۆز ھېكايىسىنىڭ ژۇرنالغا چىققىنىنىمۇ بىلمەي يۈرىدىغاندۇر.سىز ئېغىر كۆرمەي بىر دانە ژۇرنال ئېلىپ ئۇ ئاپتورغا يەتكۈزۈپ بەرگەچ بىزگە ۋاكالىتەن قەلەم ھەققىنى بېرىپ قويۇڭ، مەن سىزگە قەلەم ھەققى سالغاندا بۇ پۇلنى قوشۇپ سېلىپ تولۇقلاپ قوياي.-دىدى. p, w3 ?7 d" n. p( M5 ]
مەن بۇ كىشىنىڭ يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىقىدىن سۆيۈنگەن ھالدا ماقۇل بولۇپ يېزىمىز بىلەن بولغان ئارىلىقى 80 كىلومېتىر كىلىدىغان باغچى يېزىسىغا باردىم.يېرىم كۈن ئىزدەپ-سوراپ يۈرۈپ باغچى يېزىلىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بىر ئوقۇغۇچىسىنىڭ يول باشلىشىدا ئۇ ئايال ئاپتورنىڭ ئۆيىنى ئاران تاپتىم.مەن يېتىپ بارغاندا بۇ ئايال ئاپتورنىڭ قۇچاقتىكى بوۋاق بالىسى ئاغرىپ دوختۇرغا بېرىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسقا چىققىلىۋاتقان ئىكەن.مېنى ئۇنىڭ ئۆيىگە باشلاپ بارغان ئوقۇغۇچى ئۇنى چاقىرىپ بەردى.دىھقان ئايال ئاپتوبۇستىن قايتىپ چۈشۈپ ئالدىمغا كىلىپ سالام قىلدى.; m+ U0 z% k9 L# ~3 }$ a; u
-سىلى بۈۋىسارەم يۈسۈپ بولاملا؟) B$ A b+ E* B
-ھەئە،ئىشلىرى بامىدى؟ مەن بالامنى دوختۇرغا ئېلىپ ماڭغان،ئالدىرايتتىم.
0 K( F5 e2 u6 p/ y9 I% G1 u* ~ -ھە،ئەمسە سىلىنى كۆپ مالال قىلماي، سىلى «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژرنىلىغا ئەسەر ئەۋەتكەنمىدىلە؟- [( o6 K) ~+ a: U. z! f6 [! j
-ھەئە،بۇنىڭغا خېلى ئۇزاق بولدى.قانداق دەيلا؟5 h/ h. m: J# c
-ئەگەر ھېكايىلىرى ژۇرنالغا چىققان بولسا قانداق قىلاتتىلە؟% g! w0 V5 {4 O, v4 J* Z2 h
-ۋىيىي!...خوش بولىمەن!....
5 V% q: A, h" c3 O2 F$ \ -خۇش خەۋەر،بۇ سىلىنىڭ ھېكايىلىرى ئېلان قىلىنغان ژۇرنال. مانا بۇ قەلەم ھەققىلىرى، بۇنى مۇشۇ ژۇرنالنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى ھاۋالە قىلىپ سىلىگە ئەۋەتتى./ b2 y4 d; U# |8 F, D* r
ئايال ۋىللىدە قىزىرىپ تەمتىرەپ كەتتى.مەن ئۇزاتقان ژۇرنالنى ئالغۇچە قوللىرى يىنىك تىتىرىدى.قۇچىقىدا يىغلاپ خەقىش قىلىۋاتقان بالىسىنى بايىقى ئوقۇغۇچىغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ ژۇرنالنى ئاچتى.ئايالنىڭ يۈزلىرى ھاياجاندىن قىزىرىپ كەتكەن ئىدى./ x' \0 \( K% u) e. C+ R
مەن شوپۇرغا سەل تەخىر قىلىشنى ئۆتۈنىۋىدىم، شوپۇر ماقۇل بولدى. ئاندىن مەن قۇربان مامۇت ئاكىغا تېلېفون ئۇرۇپ ئامانەتنى ئوڭۇشلۇق يەتكۈزگەنلىكىمنى،ئۇ ئاپتور بىلەن كۆرۈشۈپ قويۇشنى ئۆتۈنسەم قۇربانكام بەكلا خۇشال بولۇپ كەتتى.
3 ?: \: `$ ~$ b: s5 F/ s/ K -بولىدۇ،بېرىڭە ئۇكام تېلېفوننى.2 F+ K- A' v" J7 I
قۇربان مامۇت ئاكا بىلەن دىھقان ئايال ئاپتور تېلېفوندا نەچچە مىنۇت سۆزلەشكەندىن كىيىن ئايال خوشلىشىش ئالدىدا مۇنداق دىدى.
, O) h/ T& P$ T9 b0 V -رەھمەت،ئۇ كۈنى بالام يىغلاپ كىتىپ تېلېفوننى قويۇشقا مەجبۇر بولغان ئىدىم. مەن تېخى مەندەك دىھقان ئايالنىڭ ھېكايىسى ژۇرنالغا چىقمايدىغۇ دەپ ئويلىغان.شۇڭا قايتا تېلېفون ئۇرمىغانتىم.مەن بۇ ھېكايەمنىڭ ژۇرنالغا چىققىنىدىن بەك خوش بولدۇم.راستىنى دىسەم بۇ ھېكايىدە يېزىلغان بوۋاي مېنىڭ دادام ئىدى.ئەپسۇس، يېرىم يىلنىڭ ئالدىدا ئۇ قازا قىپ كەتتى.
; d1 ^2 D6 S! ` \1 G1 } ئايال شۇلارنى ئېيتىۋىتىپ كۆز يېشى قىلىپ تاشلىدى.ئاندىن قۇربانكام بىلەن خوشلىشىپ تېلېفوننى ماڭا بېرىپ ئاپتوبوسقا چىقتى.
: X% N. t. q/ f- X/ ]4 \: T, v قۇربان مامۇت ئاكا ماڭا تېلېفوندا رەھمەت ئېيتىپ مۇنداق دىدى.% ^, t( X' b% {# c/ p2 u
-زىممەمگە يۈكلەنگەن ئېغىر ۋە شەرەپلىك بىر ۋەزىپىنى ئادا قىلىۋالدىم ئۇكا.بىلەمسىز،دىھقان قەۋمىدىن يىراقلاشقان ھەر قانداق بىر خىزمەت،مەسئۇلىيەت،ئىش-ھەرىكەت ئەلنىڭ نەزەرىدىن چۈشۈپ كىتىدۇ. تاس قاپتىمەن ئىھتىياتسىزلىق قىلىپ بىر دىھقان مەزلۇمەنىڭ ئىجادىي ئەمگىگىنى بىكارغا كەتكۈزۈپ ئاۋامنىڭ نەزەرىدىن چۈشكىلى !...ئەمدى مەندە ھېچقانداق ئارمان قالمىدى ئۇكا...2 ~, B& N: ^1 J0 j5 c5 k( R2 Y/ i
بۇ گەپلەرنى ئېيتىۋاتقاندا قۇربان مامۇت ئاكىنىڭ ئاۋازى بىلىنەر-بىلىنمەس تىتىرەپ كەتتى.بۇ كىشىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ھېسىياتى ماڭا چۈشنىشلىك ئىدى.بۇ بىر ئاجايىپ توغرا كېپ قېلىش بولۇپ، مەنمۇ بىر دىھقان بولغىنىم ئۈچۈن شۇ نەرسە ماڭا ئايان ئىدىكى،قۇچاقتىكى بالىسى ئاغرىپ دوختۇرغا ماڭغان بىر دىھقان مەزلۇمنىڭ قولىغا ئەشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە نەچچە يۈز يۇەن قەلەم ھەققىنىڭ دەل ۋاختىدا تىگىشى ھېكمەتتەك بىر ئىش بولغان ئىدى. شۇ چاغدا مەن بۇ كىشىنىڭ يۈكسەك مۇھەررىرلىك پەزىلىتىدىن ئىنتايىن سۆيۈنۈپ،بۇ ئىشتىن تەسىرلىنىپ كۆزۈم نەمدەلگەن ئىدى.% I) c3 K$ P2 g% o
بۇ قېتىم ئۆزىنىڭ ياش ئىكەنلىكىگە قارىماستىن قەدەملەرى پىشىپ نوپۇزى كۈنسىرى ئېشىۋاتقان «كۈسەن مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ باش بولىشى،ئەل ئۈچۈن يۈرىگى ئاتەش قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قوللىشى بىلەن كۇچار ناھيىسىدە قۇربان مامۇت ئاكىغا تون كىيدۈرۈش پائالىيىتىنىڭ بولۇپ ئۆتكەنلىكىنى دىيارىمىزدىكى ئەدەبىيات ئاشىنالىرىنىڭ جەمگاھى بولغان يازغۇچىلار مۇنبىرىدىن كېچىكىپ خەۋەر تېپىپ تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم.ماڭا قاتتىق تەلەپ قويغان،مېنىڭ ئەسەرلىرىمنى بىر تەلەپچان مۇھەررىرنىڭ ئۆتكۈر كۆز ئەلگىكىدىن ئۆتكۈزگەن ۋە كەسكىن، ئورۇنلۇق، ئۆز خەلقىگە يۈكسەك مەسئۇلىيەتچان،دادىل پىكىر-قاراشلىرىنى ئايىمىغان بۇ مۆھتىرەم ئۇستازنىڭ ئارامغا چىققاندىن كىيىنمۇ داۋاملىق دىيارىمىزنىڭ ئەدەبىيات-مەدەنىيىتى ئۈچۈن ئىزچىل تۆھپە قوشۇپ كىلىۋاتقان خالىسانە ئەمگىكىگە ۋە بۇنىڭغا مۇناسىپ كىيدۈرۈلگەن تونىغا مۇبارەك ئېيتىمەن.«توننى ئەل كەيدۈرىدۇ،ئەر كىيىدۇ.» مۆھتىرەم ئۇستازىمىزنىڭ كىيگەن تونى مۇبارەك بولسۇن !....
1 Q( `' p8 F; A5 W
% j! z( v& y- g$ y( I% g# kپائالىيەت ھەققىدە بىلمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئادىرىسنى چېكىپ كۆرۈڭ....
6 A; f5 o! r2 _+ i* M
* L F& e' q- A: k* E. G3 {0 U( V1 v# Y: `; P
forum.php?mod=viewthread&tid=8047&highlight=%D9%82%DB%87%D8%B1%D8%A8%D8%A7%D9%86
4 a z, ^3 ` @0 }4 F( J4 y7 B7 Y4 w: Q- ]$ r4 r2 e
: z0 c4 u f1 A% _
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-21 15:50 + P/ M# L2 C f8 c; Y) a
2 M9 Y- f2 _2 i) X \
|
|
|
|
|
|
|