يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 3297|ئىنكاس: 46

كۇچادا ژورنالىست، شائىر قۇربان مامۇتقا تون كەيدۈرۈش مۇراسىمى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كۇچادا ژورنالىست، شائىر قۇربان مامۇتقا تون كىيدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزىلدى
1.jpg , G8 i( V# C4 }5 ?; ^" q, ]3 J
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابلىمىت ئەبەيدۇللا خەۋىرى، فوتوسى: 5- ئاينىڭ 14-كۈنى كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى،ناھىيەلىك ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى،«كۈسەن مەدەنىيىتى»ژورنىلى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ تەشكىللىشى ئارقىسىدا ئۇستاز ،ژورنالىست شائىر قۇربان مامۇتقا تون كىيدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزىلدى.
: L# n( J, N2 cتۆھپىكار ژورنالىسىت قۇربان مامۇت 1950-يىلى بېھىشباغ يېزا بوستان كەنتىدە تۇغۇلغان،1968-يىلى ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ،1972-يىلدىن 1976-يىلغىچە شىنجاڭ ئۇنۋېرسېتىتى ئەدەبىيات فاكولتېتىدا ئوقىغان،1976-يىلدىن 1984-يىغىچە شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانىسىدا مۇخبىر،تەھرىر،1985-يىلدىن 2011-يىغىچە «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»ژورنىلىدا مەسئۇل مۇھەررىر،باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەپ، پېنسىيەگە چىققان.
( e: V& r! h/ ^# N/ H) N' a( m    مۇراسىمدا ئالدى بىلەن كۇچا ناھىيەلىك ئەلقۇت ساغلاملىق مەركىزىنىڭ مەسئۇلى جىمىلەم نىياز ئەدەبىيات ئەشنالىرىغا ۋاكالىتەن ئۇستاز ،ژورنالىست شائىر قۇربان مامۇتقا تون كىيدۈرۈپ،دوپپا ،گۈل تەقدىم قىلىپ،كۆپچىلىكنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. ئۇستاز ، ژورنالىست شائىر قۇربان مامۇت سۆز قىلىپ،ئۆزىنىڭ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى. شىنجاڭ مائارىپ نەشىرىياتىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەررىرى،ئەدەبىيات ئوبزۇرچىسى يالقۇن رۇزى،شىنجاڭ پىداگوكىكا ئۇنۋېرسېتى فىلولوگىيە ئىنىستوتىنىڭ فىراپپىسسورى، تالانتلىق شائىر، ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ئابدۇقادىر جالالىدىن ئۇستاز ،ژورنالىست شائىر قۇربان مامۇتنىڭ تۆھپىسىگە يۇقىرى باھالارنى بەردى.مۇراسىمدا يەنە قۇربان مامۇتنىڭ ژورنال بىلەن ئۆتكەن 26يىللىق ھاياتى قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇلۇپ ئۆتىلدى.ئارقىدىن سالى ئىبراھىم،يۇسۇپچان مۇھەممەت قاتارلىق بىر قىسىم شائىر ۋە شائىرەلىرىمىز قۇربان مامۇتقا ئاتاپ يازغان شېئرلىرىنى ئۇقۇپ،ئۇنىڭ مىننەتىسز تۆھپىسىگە يەنە بىر قېتىم مەدھىيە ئوقىدى.مۇراسىمغا ۋىلايەت تەۋەسىدكى ھەر قايسى ناھىيەلەردىن بولۇپ 200گە يېقىن كىشى قاتناشتى.
2.jpg

- b9 V( T1 y6 h$ r8 Y) J
3.jpg
9 g+ Q& w" P/ c: K( W7 v5 _
4.jpg

2 W3 T  n+ M0 m* M
murasimdin korunux----6.jpg

! C) s0 Y1 u, @5 {; i; T- h" _% W; j

; b) k/ {5 _! D5 |

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-5-15 17:08:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى ئىش بولۇپتۇ.

ۋاقتى: 2013-5-15 17:40:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇتلۇق ئىش بوپتۇ.

ۋاقتى: 2013-5-15 18:05:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بەك ياخشى يىغىن بوپتۇ. بىزنىڭ كارخىنىچىلار تەرەققى قىلسا، مانا مۇشۇنداق ئۈنۈم قولغا كېلىدىغان گەپ.
" N6 z) w9 F5 h" pقۇربانكام ھەقىقەتەن ژورنالست، لېكىن شائىر دېگەن ئاتاق بۇ ئادەمگە ماس كېلەمۇ؟ قېنى، ئويلىشىپ باقايلى، تورداشلار!

ۋاقتى: 2013-5-15 18:35:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
         تۆھپىكار ژورنالىسىت قۇربان مامۇت ئاكىنىڭ ئەجرىگە لايىق ئىش بوپتۇ. ئۇستازنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئائىلىسىگە خاتىرجەملىك ۋە بەخت تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2013-5-15 19:14:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىنى ۋاقتىدا  يوللاپ كەڭ تورداشلارنى خەۋەردار قىلغان ھەبىبۇللا مىجىتقا تەشەككۈر !!    كارخانچىلىرىمىزنىڭ جىمىلەم سىڭلىمىزدىن ئۆگنىپ ئەتراپىغا قاراپ قۇيۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز !!

ۋاقتى: 2013-5-15 19:24:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇربان مامۇت ئاكىنىڭ تەرجىمە جەھەتتىكى ئىقتىدارىغا مەن قايىل.ئۇنىڭ دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى نادىر ئەسەرلەرلەرنى  ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇشىنى ئۇمىد قىلىمەن.
5 |; Y! d! ~. p1 V! ^' Fئۇنىڭ تىنىنىڭ سالامەت بۇلۇشىنى تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2013-5-15 19:51:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىشىنى ھاياجانغا سالغىدەك كاتتا ئىش بوپتۇ.قۇربان مامۇت ئاكىنىڭ ئۇيغۇر ژورنالچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسى ھەقىقەتەن زور.

ۋاقتى: 2013-5-15 21:09:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     بۇ قۇتلۇق مەرىكىنى مۇبارەكلەيمەن، قۇربان مامۇت ئاكا ھەقىقەتەن كەمتەر، كۆيۈمچان. ئەستايدىل ئادەم، بۇ قېتىم مۇشۇ ئىشقىمۇ ئۇ خېلى تەستە ماقۇل بولدىمىكىن.

ۋاقتى: 2013-5-15 21:12:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇربان مامۇت ئاكىنىڭ ژۇرنالىستلىق ھاياتىدىكى ئەجىر-مېھنىتى تارىخ بېتىدىن مەڭگۈ ئورۇن ئالغۇسى!

ۋاقتى: 2013-5-15 23:09:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇربان مامۇت ئاكىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يۈكسىلىشى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسى  ھەقىقەتەن كۆز يۇمغۇسىز، بۇ قۇتلۇق ئىش  ھېلىمۇ كۆپ كىچىكىپ كەتتى. نەدىكى ساپاسىز مۇھەررىرلەرگە تون كېيدۈرۈلۈپ داغدۇسىنى قىلىشتى، لىكىن قۇربان مامۇت ئاكىدەك ئېسىل، ئەدەبىيات ئۈچۈن سەمىمىي يۈرىكىنى سەرىپ قىلغان پەرۋىشكار ئۇستازنى يەنىلا  كېندىك قېنى تۆكۈلگەن ئەزىز دىيارى، قېرىنداشلىرىلا  قىلدى. ئۇستازغا سالامەتلىك، ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن!
* [: n% ?! h2 A2 |( l+ n8 a' r# N& D0 d2 U
بۇ پائالىيەتنى تەشكىللىگەن، مەبلەخ بىلەن تەمىنلىگەن نەۋقىرانلارغا بەرىكەت تىلەيمەن!

ۋاقتى: 2013-5-16 10:35:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2013-5-16 10:42:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇربان مامۇت ئاكىنىڭ ئەجرىگە لايىق ئىش بوپتۇ . ئۇ ھەقىقى بىر ژورنالىس ئىدى . ئۇنىڭ تېنىگە ساقلىق ، ئائىلىسىگە بەخت تىلەيمەن . ھەم بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان قەلبى ئويغاق قىرىنداشلارغا رەھمەتلەر ياغسۇن ...

ۋاقتى: 2013-5-16 11:45:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەۋەرنى ئاڭلاپ سۆيۈندۈم. تۆھپىكار ژورنالىسىت ،ئۇستاز قۇربان مامۇت ئاكىنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئائىلىسىگە خاتىرجەملىك ۋە بەخت يار بولسۇن.

ۋاقتى: 2013-5-16 17:50:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلەت.م.كۈيزار
7 f/ u1 S4 c3 b* Z4 c! i- X. Y# k' ]& T. B" Y4 y' K2 |6 i
قۇربان مامۇت ئاكىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يۈكسىلىشى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسى  ھەقىقەتەن كۆز يۇمغۇسىز، بۇ قۇتلۇق ئىش  ھېلىمۇ كۆپ كىچىكىپ كەتتى. ..
$ \! p. T0 `+ o+ N7 u...........................................................................................................' V: W( g( U% k) [. J" j
1 j" z7 o) z! I' O
تۆت - بەش يىلچە بولغان بىز بۇ  ئىشقا نىيەت قىلغىلى ، لېكىن قۇربانكام : « مېنىڭ يېڭى بىر مەنىلىك ھاياتىم ئەمدى باشلاندى ، تون كىيسەم ھاياتىم ئاخىرلاشقاندەك ، ئەمدى باشقا ئىش قىلالمايدىغان كېرەكسىز قاتارغا ئۆتۈپ قالغاندەك تۇيغۇدا بولۇپ قالىدىكەنمەن ، مېنى تون كىيىشكە زورلىماڭلا ! » دەپ زادىلا ئۇنىمىغان . بۇ قېتىم كاللىسىدىن ئۆتكەن چېغى ، بۇ خاسىيەتلىك ئىش ھەرھالدا كېچىكىپ بولسىمۇ .........روياپقا چىققان بولدى ...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش