كۆرۈش: 362|ئىنكاس: 0

ئابدۇۋايىت توختى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 657
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2330
تۆھپە : 233
توردا: 1390
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-17 19:53:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

QQ图片20130518204222.jpg

ئابدۇۋايىت توختى(ۋاھىدى) 1934 – يىلى 6-ئايدا ئاتۇش شەھرى ئازاق يېزا، يۇقىرى ئىشتاچى تاغ بويى مەھەللىسىدە دېھقان ئائىلىسدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ مەكتەپ تەربىيسىنى ئۆز يۇرتى ئىشتاچى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئىلىپ، 1953– يىلى «شىنجاڭ ئاتۇش ئوتتۇرا مەكتىۋى»(ھازىرقى ئوبلاستلىق1- ئوتتۇرا مەكتەپ) كە كىرىپ ئوقىغان. 1956 – يىلغىچە ئاتۇش ئوتتۇرا مەكتىۋىدە كاتىپ ۋە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەپ،1956-يىلى  شىنجاڭ پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىغا قوبۇل قىلىنغان. 1959 – يىلى شىنجاڭ پىداگوگىكا ئىنىستىتوتى تىل –ئەدەبىيات مەخسۇس كۇرسىنى پۈتتۈرۈپ، قەشقەر ۋىلايەتلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئورۇنلاشقان، بۇ مەكتەپتە ئىتتىپاق كومتىتىنىڭ شۇجىسى، مەكتەپ پارتىيە ياچايكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولۇپ ئىشلىگەن.1971-يىلدىن 1997-يىلى پىنسىيىگە چىققانغا قەدەر شەھەرلىك 4-ئوتتۇرا ۋە 10-ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئىشلىگەن.
ئابدۇۋايىت توختى 1959-يىلى« قىزىل لاچىن»،«رۇقىيە» نامىلىق شېئىر، ھېكايىلىرى بىلەن ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەن.شۇنىڭدىن باشلاپ ھازىرغىچە نۇرغۇنلىغان شېئىر،ھېكايە ئەسلىمە، ئەدەبى ئاخباراتلارنى يېزىپ، ھەر دەرىجىلىك ژورناللاردا ئىلان قىلدۇرغان. 2000 – يىلى ئۇيغۇر نەشىرياتى تەرىپىدىن « ھېيتىگاھ گۈللىرى» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمىنى نەشىر قىلىنغان، يېقىندا«يۇرت مۆتىۋەرلىرى»ناملىق ئەسلىمىلەر توپلىمنى نەشىرگە تاپشۇردى.ئۇ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيتى،قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى.



كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش