ئابدۇۋايىت توختى(ۋاھىدى) 1934 – يىلى 6-ئايدا ئاتۇش شەھرى ئازاق يېزا، يۇقىرى ئىشتاچى تاغ بويى مەھەللىسىدە دېھقان ئائىلىسدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ مەكتەپ تەربىيسىنى ئۆز يۇرتى ئىشتاچى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئىلىپ، 1953– يىلى «شىنجاڭ ئاتۇش ئوتتۇرا مەكتىۋى»(ھازىرقى ئوبلاستلىق1- ئوتتۇرا مەكتەپ) كە كىرىپ ئوقىغان. 1956 – يىلغىچە ئاتۇش ئوتتۇرا مەكتىۋىدە كاتىپ ۋە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەپ،1956-يىلى شىنجاڭ پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىغا قوبۇل قىلىنغان. 1959 – يىلى شىنجاڭ پىداگوگىكا ئىنىستىتوتى تىل –ئەدەبىيات مەخسۇس كۇرسىنى پۈتتۈرۈپ، قەشقەر ۋىلايەتلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئورۇنلاشقان، بۇ مەكتەپتە ئىتتىپاق كومتىتىنىڭ شۇجىسى، مەكتەپ پارتىيە ياچايكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولۇپ ئىشلىگەن.1971-يىلدىن 1997-يىلى پىنسىيىگە چىققانغا قەدەر شەھەرلىك 4-ئوتتۇرا ۋە 10-ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئىشلىگەن.
ئابدۇۋايىت توختى 1959-يىلى« قىزىل لاچىن»،«رۇقىيە» نامىلىق شېئىر، ھېكايىلىرى بىلەن ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەن.شۇنىڭدىن باشلاپ ھازىرغىچە نۇرغۇنلىغان شېئىر،ھېكايە ئەسلىمە، ئەدەبى ئاخباراتلارنى يېزىپ، ھەر دەرىجىلىك ژورناللاردا ئىلان قىلدۇرغان. 2000 – يىلى ئۇيغۇر نەشىرياتى تەرىپىدىن « ھېيتىگاھ گۈللىرى» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمىنى نەشىر قىلىنغان، يېقىندا«يۇرت مۆتىۋەرلىرى»ناملىق ئەسلىمىلەر توپلىمنى نەشىرگە تاپشۇردى.ئۇ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيتى،قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى.