كۆرۈش: 577|ئىنكاس: 0

ئەمەت يولداش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1908
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 82
تۆھپە : 3
توردا: 13
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-16 16:21:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

C_(21)~1.jpg


      ئەمەت يولداش 1972-يىلى 14-سىنتەبىردە يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ قۇمۇشئېرىق يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1979-  يىلىدىن 1987-يىلىغىچە يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ قۇمۇشئېرىق يېزىسىدا باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە، 1987-  يىلىدىن 1990 -  يىلىغىچە يېڭىشەھەر ناھىيەلىك  تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە،  1990- يىلىدىن 1996- يىلىغىچە شىئەن تاشيول قاتناش ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئاپتومبىل تىرانسپورت ئىنژىنىرلىقى كەسپىدە ئوقۇغان . 1996-  يىلىدىن 2000 - يىلىغىچە يېڭىشەھەر ناھىيە خانئېرىق بازارلىق پارتكومدا كاتىپ ، تەرجىمان ، ئىتتىپاق شۇجىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 2001-  يىلىدىن ھازىرغىچە يېڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسىدا مەمۇرى خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە .                           
       ئەمەت يولداش 1990- يىلى قەشقەر گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان « ياشلىقىڭنى كۆردۈم گۈللەردىن » ناملىق شېئىرى بىلەن ئىجادىيەت سېپىگە كېرىپ كەلگەن بولۇپ،  بۈگۈنگە قەدەر « تارىم » ، « تەڭرىتاغ » ، « قەشقەر » ، « ئىلى دەرياسى » ، « تۇرپان » ، « جوڭگۇ مىللەتلىرى » ،« قىزىلسۇ ئەدەبىياتى » ،« ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى » « ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى » ، « قەشقەر گېزىتى » قاتارلىق گېزىت- ژۇرناللاردا 300 پارچىدىن ئارتۇق شىئېر، 10 پارچە ماقالە،بايرۇن، شىللىي قاتارلىق كىلاسسىك شائىرلارنىڭ 20 پارچىدىن ئارتۇق شىئېرىنى خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلدۇرغان. ئۇ  يەنە « ماۋ ئەنيىڭ »، « باربى مەلىكە » قاتارلىق 40قىسىمدىن ئارتۇق تىلىۋىزىيە فىلىملىرىنىڭ تەرجىمىسىنى ئىشلىگەن ھەمدە كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئالقىشقا ئىرىشكەن.  ئۇنىڭ كۆپ يىللىق ئىجادىيىتىنىڭ مەھسۇلى بولغان پەلسەپىۋىيلىك پىكىرلەرگە تويۇنغان تۇنجى شىئېرلار توپلىمى « چۆككەن قىرغاقلار » نەشىردىن چىقىش ئالدىدا تۇرىدۇ، پات ئارىدا كىتاپخانلار بىلەن يۈز كۆرۈشكىسى. ئۇ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش