ئەمەت يولداش 1972-يىلى 14-سىنتەبىردە يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ قۇمۇشئېرىق يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1979- يىلىدىن 1987-يىلىغىچە يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ قۇمۇشئېرىق يېزىسىدا باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە، 1987- يىلىدىن 1990 - يىلىغىچە يېڭىشەھەر ناھىيەلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە، 1990- يىلىدىن 1996- يىلىغىچە شىئەن تاشيول قاتناش ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئاپتومبىل تىرانسپورت ئىنژىنىرلىقى كەسپىدە ئوقۇغان . 1996- يىلىدىن 2000 - يىلىغىچە يېڭىشەھەر ناھىيە خانئېرىق بازارلىق پارتكومدا كاتىپ ، تەرجىمان ، ئىتتىپاق شۇجىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 2001- يىلىدىن ھازىرغىچە يېڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسىدا مەمۇرى خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە .
ئەمەت يولداش 1990- يىلى قەشقەر گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان « ياشلىقىڭنى كۆردۈم گۈللەردىن » ناملىق شېئىرى بىلەن ئىجادىيەت سېپىگە كېرىپ كەلگەن بولۇپ، بۈگۈنگە قەدەر « تارىم » ، « تەڭرىتاغ » ، « قەشقەر » ، « ئىلى دەرياسى » ، « تۇرپان » ، « جوڭگۇ مىللەتلىرى » ،« قىزىلسۇ ئەدەبىياتى » ،« ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى » « ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى » ، « قەشقەر گېزىتى » قاتارلىق گېزىت- ژۇرناللاردا 300 پارچىدىن ئارتۇق شىئېر، 10 پارچە ماقالە،بايرۇن، شىللىي قاتارلىق كىلاسسىك شائىرلارنىڭ 20 پارچىدىن ئارتۇق شىئېرىنى خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلدۇرغان. ئۇ يەنە « ماۋ ئەنيىڭ »، « باربى مەلىكە » قاتارلىق 40قىسىمدىن ئارتۇق تىلىۋىزىيە فىلىملىرىنىڭ تەرجىمىسىنى ئىشلىگەن ھەمدە كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئالقىشقا ئىرىشكەن. ئۇنىڭ كۆپ يىللىق ئىجادىيىتىنىڭ مەھسۇلى بولغان پەلسەپىۋىيلىك پىكىرلەرگە تويۇنغان تۇنجى شىئېرلار توپلىمى « چۆككەن قىرغاقلار » نەشىردىن چىقىش ئالدىدا تۇرىدۇ، پات ئارىدا كىتاپخانلار بىلەن يۈز كۆرۈشكىسى. ئۇ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.