- UID
- 262
- QQ
- 1466085989
- ھوقۇقى
- 255
- يازما
- 72
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 536
- تىزىملاتقان
- 2012-4-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-9-6
- توردا
- 206 سائەت
|
|
|
|
|
/ A! Y) u* ^- u+ m8 k) a
; x9 R# X0 N. T, h b( e
) `0 T' J+ v7 h# D2 j! y0 O
ئابدۇقادىر جالالىدىن بىلەن يالقۇن روزى كۇچا مائارىپ سېستىمىسىدىكىلەرگە لېكسىيە سۆزلىدى
+ {0 P$ ]2 [2 Y. k3 o+ f) a0 u4 `$ i$ X+ x$ f8 h( R- J
كۇچا ناھىيىلىك « قوش تىل » ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش مەركىزىنىڭ ئالاھىدە تەكلىبىگە ئاساسەن 2013- يىل 5 – ئاينىڭ 14 – كۈنى چۈشتىن كېيىن ، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنىستىتوتىنىڭ پىروفېسسورى ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ۋە بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى يۆنۈلىشى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلار يېتەكچىسى ، ئەلنىڭ نەزىرىدىن ئۆتكەن ئىجتىھاتلىق ئەدىب ، يېتىلىۋاتقان ياش پەيلاسوپ ئابدۇقادىر جالالىدىن بىلەن دەرسلىك قۇرۇلۇشى مۇتەخەسىسى ، بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئۆتكۈر پىكىرلىك ، تەنقىدىي روھقا باي ئوبزورچى؛ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك پوبلىست ؛ خاسلىقى كۈچلۈك ، ئىزدىنىش روھىغا باي جەدىدىزىم تەتقىقاتچىسى ، كۈچلۈك قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە ناتىق يالقۇن روزى كۇچا ناھىيىلىك « قوش تىل » ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش مەركىزىدە مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە سۆزلىدى . بۇ قېتىمقى لېكسىيەگە « قوش تىل » ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش مەركىزىدىن 600 نەپەر ، كۇچا ناھىيىلىك مائارىپ سېستىمىسى ۋە قوشنا ناھىيەلەردىن كەلگەن ھەۋەسكار ، قەلەم ساھىبىلىرىدىن 400 نەپەر بولۇپ ، جەمئى 1000 نەپەردىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى .
7 U# P% h0 e1 Z. Q9 L, w بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە ئالدى بىلەن ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىن « قوش تىل ئوقۇتۇتۇشى » دىگەن ئۇقۇمنىڭ تارىختىن بۇيانقى ھەرخىل ئىپادىلىنىش ۋارىيانتلىرى ، تىل ئۆگىنىشكە ئەجداتلارنىڭ ئەزەلدىن ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەنلىكى ، شۇنداقلا تىل ئۆگىنىشنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچىدىكى ئەڭ مۇۋاپىق مەزگىلى ، تىل ئۆگىنىشتىكى ياخشى ئۇسۇل ۋە ئىلغار تەجىرىبىلەر ... قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ ، كۆپ تىللىق بولۇش ، كۆپ تىل ئۆگىنىشنىڭ موھىملىقى ۋە تارىخىي تەخىرسىزلىكىنى جوڭگو ۋە چەتئەلنىڭ سىياسى ئەھۋالى ، مائارىپ ئەھۋالى ۋە ئىلغار تەجىرىبىلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا سېستىمىلىق ، ئىلمىي ، جانلىق ۋە قايىل قىلارلىق ھالدا شەرھىلەپ ئۆتتى . 9 f5 S L: \( c: |# |
ئاندىن ئەدىب يالقۇن روزى « بىزگە قانداق ئوقۇتقۇچىلار كېرەك » دېگەن تېمىنى چۆرىدەپ ، ئوقۇتقۇچىلاردىكى ئۆزىنى بېغىشلاش روھى ، ئوقۇتقۇچىلاردا بولۇشقا تېگىشلىك ساپا ، ئەخلاق - پەزىلەتلەر ، پەرزەنت تەربىيىسى ... قاتارلىقلار ھەققىدە توختىلىپ ، بۈگۈنكى بىرقىسىم ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ روھى ھالىتى بىلەن تارىختىكى ئابدۇقادىر داموللا ، مەمتىلى ئەپەندى ... قاتارلىق يېڭى مائارىپ باشلامچىلىرىنىڭ مائارىپ ئەقىدىسى ۋە كەسپكە ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنى ئۆزئارا سېلىشتۇرۇپ ، ئوقۇتقۇچىلىق ئەقىدىسىنى كۈچەيتىشنىڭ نۆۋەتتىكى مىللىي مائارىپنى يۈكسەلدۈرۈشتىكى تەخىرسىز زۆرۈرىيەت ئىكەنلىكىنى جانلىق پاكىتلار بىلەن دەلىللىدى . ئاخىرىدا « بىزگە بېسىم بىلەن باشقۇرۇلۇشقا ئادەتلەنگەن ئوقۇتقۇچىلار ئەمەس ، ئاڭلىقلىققا تايىنىپ ئۆزىنى ئىدارە قىلالايدىغان يۇقىرى ساپالىق ، ئىزدىنىش روھى كۈچلۈك ، ئەقىدىسى مۇستەھكەم ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ؛ قائىدە – تۈزۈمگىلا ، بېسىمغىلا ئەمەس ، مەدەنىيلىككە تايىنىپ باشقۇرۇلىدىغان ئازادە مەكتەپ مۇھىتى كېرەك » دېگەن ئىدىيەنى ئالغا سۈردى ./ K8 L% R) N0 Q4 i+ _
ئاخىرىدا ئىككى ئۇستاز يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ بىر قىسىم سۇئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ ئۆتتى . كۇرسانتلار ۋەكىلى ئۇلارغا ئۆز ھۆرمىتىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە گۈل ۋە دوپپا تەقدىم قىلدى . ئۈچ سائەتكە يېقىن داۋام قىلغان بۇ قېتىمقى لېكسىيە كۇچا ناھىيىلىك مائارىپ سېستىمىسىدىكى ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا بىر قېتىملىق ئىدىيە يېڭىلاش دەرسى بولۇپ قالدى .
5 }, s, ]* P; s0 O, g
) A$ B" m! l3 w' Y- M
+ l- A8 a* N2 y2 z
0 ~- h3 B y4 r+ }7 H! ]8 b
6 o! h! [6 A# F5 d4 ^" e9 |" P
5 r$ F$ O0 Z/ c" E" [" B2 {" A
) Y S2 q" k, p
" l$ f) b2 S m- K! T$ }0 [* c
" H' }; K, j8 @6 a" ?. A, Y: L
4 G+ L# L: h9 J+ S
' N3 I, R) W$ G
" s8 m: o/ d# A' a& n% x2 h$ j, v8 S2 f. t# ^& n
|
|
|
|
|
|
|