' v1 q. Y% e' T% J; `
- Q$ {8 _4 E9 `: p
3 O P( u1 A0 L* u* k9 Eئابدۇقادىر جالالىدىن بىلەن يالقۇن روزى كۇچا مائارىپ سېستىمىسىدىكىلەرگە لېكسىيە سۆزلىدى
8 U8 _- M l# d5 m! N
6 m0 w7 f7 b, l1 S; `: | كۇچا ناھىيىلىك « قوش تىل » ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش مەركىزىنىڭ ئالاھىدە تەكلىبىگە ئاساسەن 2013- يىل 5 – ئاينىڭ 14 – كۈنى چۈشتىن كېيىن ، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنىستىتوتىنىڭ پىروفېسسورى ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ۋە بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى يۆنۈلىشى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلار يېتەكچىسى ، ئەلنىڭ نەزىرىدىن ئۆتكەن ئىجتىھاتلىق ئەدىب ، يېتىلىۋاتقان ياش پەيلاسوپ ئابدۇقادىر جالالىدىن بىلەن دەرسلىك قۇرۇلۇشى مۇتەخەسىسى ، بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئۆتكۈر پىكىرلىك ، تەنقىدىي روھقا باي ئوبزورچى؛ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك پوبلىست ؛ خاسلىقى كۈچلۈك ، ئىزدىنىش روھىغا باي جەدىدىزىم تەتقىقاتچىسى ، كۈچلۈك قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە ناتىق يالقۇن روزى كۇچا ناھىيىلىك « قوش تىل » ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش مەركىزىدە مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە سۆزلىدى . بۇ قېتىمقى لېكسىيەگە « قوش تىل » ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش مەركىزىدىن 600 نەپەر ، كۇچا ناھىيىلىك مائارىپ سېستىمىسى ۋە قوشنا ناھىيەلەردىن كەلگەن ھەۋەسكار ، قەلەم ساھىبىلىرىدىن 400 نەپەر بولۇپ ، جەمئى 1000 نەپەردىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى .
w$ [/ w; @, o0 b% }% ~; D
بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە ئالدى بىلەن ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىن « قوش تىل ئوقۇتۇتۇشى » دىگەن ئۇقۇمنىڭ تارىختىن بۇيانقى ھەرخىل ئىپادىلىنىش ۋارىيانتلىرى ، تىل ئۆگىنىشكە ئەجداتلارنىڭ ئەزەلدىن ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەنلىكى ، شۇنداقلا تىل ئۆگىنىشنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچىدىكى ئەڭ مۇۋاپىق مەزگىلى ، تىل ئۆگىنىشتىكى ياخشى ئۇسۇل ۋە ئىلغار تەجىرىبىلەر ... قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ ، كۆپ تىللىق بولۇش ، كۆپ تىل ئۆگىنىشنىڭ موھىملىقى ۋە تارىخىي تەخىرسىزلىكىنى جوڭگو ۋە چەتئەلنىڭ سىياسى ئەھۋالى ، مائارىپ ئەھۋالى ۋە ئىلغار تەجىرىبىلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا سېستىمىلىق ، ئىلمىي ، جانلىق ۋە قايىل قىلارلىق ھالدا شەرھىلەپ ئۆتتى .
% \- x4 c$ B" J* X$ D ئاندىن ئەدىب يالقۇن روزى « بىزگە قانداق ئوقۇتقۇچىلار كېرەك » دېگەن تېمىنى چۆرىدەپ ، ئوقۇتقۇچىلاردىكى ئۆزىنى بېغىشلاش روھى ، ئوقۇتقۇچىلاردا بولۇشقا تېگىشلىك ساپا ، ئەخلاق - پەزىلەتلەر ، پەرزەنت تەربىيىسى ... قاتارلىقلار ھەققىدە توختىلىپ ، بۈگۈنكى بىرقىسىم ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ روھى ھالىتى بىلەن تارىختىكى ئابدۇقادىر داموللا ، مەمتىلى ئەپەندى ... قاتارلىق يېڭى مائارىپ باشلامچىلىرىنىڭ مائارىپ ئەقىدىسى ۋە كەسپكە ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنى ئۆزئارا سېلىشتۇرۇپ ، ئوقۇتقۇچىلىق ئەقىدىسىنى كۈچەيتىشنىڭ نۆۋەتتىكى مىللىي مائارىپنى يۈكسەلدۈرۈشتىكى تەخىرسىز زۆرۈرىيەت ئىكەنلىكىنى جانلىق پاكىتلار بىلەن دەلىللىدى . ئاخىرىدا « بىزگە بېسىم بىلەن باشقۇرۇلۇشقا ئادەتلەنگەن ئوقۇتقۇچىلار ئەمەس ، ئاڭلىقلىققا تايىنىپ ئۆزىنى ئىدارە قىلالايدىغان يۇقىرى ساپالىق ، ئىزدىنىش روھى كۈچلۈك ، ئەقىدىسى مۇستەھكەم ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ؛ قائىدە – تۈزۈمگىلا ، بېسىمغىلا ئەمەس ، مەدەنىيلىككە تايىنىپ باشقۇرۇلىدىغان ئازادە مەكتەپ مۇھىتى كېرەك » دېگەن ئىدىيەنى ئالغا سۈردى .
. e% q! ? c {' Uئاخىرىدا ئىككى ئۇستاز يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ بىر قىسىم سۇئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ ئۆتتى . كۇرسانتلار ۋەكىلى ئۇلارغا ئۆز ھۆرمىتىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە گۈل ۋە دوپپا تەقدىم قىلدى . ئۈچ سائەتكە يېقىن داۋام قىلغان بۇ قېتىمقى لېكسىيە كۇچا ناھىيىلىك مائارىپ سېستىمىسىدىكى ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا بىر قېتىملىق ئىدىيە يېڭىلاش دەرسى بولۇپ قالدى .
+ J1 N* k" ]; t* w$ J# h/ R
; A$ `: c: L3 V- i/ X5 l# x, }) l8 A3 C* W6 K
; t% |2 X" l9 v. p* [0 Y# B, I7 i5 |* ~, e
5 N, Q2 m1 l/ c( x7 |4 \: M" e/ O
9 e% f+ q0 L _6 w, X
: ?- Z! }- k, a4 u! \, x% {: D: |
! u% X% }5 i/ Y, r: I
. _) e% {6 n: |, F* i
; E! C; j6 @- K: B6 u
- x7 z5 [3 A4 _! R' }