ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى كۇچا ناھىيەسىدە «يازغۇچىلار لىكسىيەخانىسى» تەشكىللىدى 8 u& b. s2 m" p3 `- p7 x
' J* x- Y3 k" b7 [3 a
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابلىمىت ئەبەيدۇللا خەۋىرى،فوتوسى: ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى،ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى، كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى،ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى،ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى،6-ئوتتۇرا مەكتەپ،«كۈسەن مەدەنىيىتى»ژورنىلى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ يېقىندىن قوللىشى بىلەن5-ئاينىڭ 13-،14-كۈنى كۇچا ناھىيەسىدە يازغۇچىلارنى لىكسىيە سۆزلەشكە تەشكىللەپ،خادىملارنى ئەدەبىي جەھەتتىن قىسقا مۇددەتلىك تەربىيەلەش ئېلىپ باردى. پائالىيەتكە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى،يازغۇچى ئابباس مۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى.ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى،يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياڭ جىمىن سۆز قىلىپ،كۆپچىلىكنىڭ بۇ قېتىمقى تەربىيىلىنىشنى پۇرسەت بىلىپ،نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ،بىلىم قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ،ياخشى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمسىنىڭ رەئىسى قېيۇم قادىر كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمىتىدىن دوكلات بېرىپ ئۆتتى.ئارقىدىن شىنجاڭ مائارىپ نەشىرىياتىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەررىرى،ئەدەبىيات ئوبزۇرچىسى يالقۇن رۇزى «ئوبزۇرچىلىق توغرىسىدا»، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستوتىنىڭ فىراپپىسسورى، تالانتلىق شائىر،ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ئابدۇقادىر جالالىدىن،«يازغۇچى بولۇش ئۈچۈن قانداق تەربىيەلىنىش كېرەك؟ قانداق شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك» دىگەن تېمىلاردا سېستىملىق لىكسىيە سۆزلەپ، ئۆزلىرىنىڭ توپلىغان مول بىلىملىرى ئاساسىدا كۆز قاراشلىرىنى ئەمەلىي مىسال،جانلىق پاكىتلار بىلەن قايىل قىلارلىق بايان قىلدى،شۇنداقلا كۆپچىلىكنىڭ ئەدەبىياتنىڭ تۈرلۈك مەزمۇنلىرىدا سورىغان سۇئاللىرىغا نەق مەيداندا بىر-بىرلەپ جاۋاپ بېرىپ،كۆپچىلىكنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.پائالىيەت جەريانىدا ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى كۆپچىلىككە«كۈسەن مەدەنىيىتى» ژورنىلى ۋە بىر قىسىم كىتابلارنى تارقىتىپ بەردى.
6 K. @% }7 R/ l! L8 l1 A; A" N
# K7 N; E. B% v9 g# r L: Y0 R; H2 f
! _: Q0 ?8 G1 x: L3 H
0 t/ c U; A! f- i
- q8 w+ F3 a: n6 V
, X( I2 u+ j5 Q4 j
* g/ R2 h3 j5 U h0 b) V* g+ u. z) f6 m4 w7 C
2 D# T. A/ ?0 s: ?; ~9 q
$ E& P8 h# A' ~. O" B* s5 S/ G
6 J4 G! a" Y" J& q0 Q
' V" y/ U' s$ b7 b% |
7 M, x& D9 y4 s- U5 S, B- u+ w
' F& `+ e) J5 g1 o, T8 |6 k$ A7 r# M: i/ U
: s0 q" C# `" y3 P& z
|