يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1263|ئىنكاس: 16

كۇچا ناھىيەسىدە «يازغۇچىلار لىكسىيەخانىسى» تەشكىللەندى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى كۇچا ناھىيەسىدە «يازغۇچىلار لىكسىيەخانىسى» تەشكىللىدى

/ A9 K8 J4 U" D- s, {! x 1.jpg
9 n% l$ x. e8 d* x; ~
2.jpg
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابلىمىت ئەبەيدۇللا خەۋىرى،فوتوسى: ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى،ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى، كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى،ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى،ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى،6-ئوتتۇرا مەكتەپ،«كۈسەن مەدەنىيىتى»ژورنىلى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ  يېقىندىن قوللىشى بىلەن5-ئاينىڭ 13-،14-كۈنى كۇچا ناھىيەسىدە يازغۇچىلارنى لىكسىيە سۆزلەشكە تەشكىللەپ،خادىملارنى ئەدەبىي جەھەتتىن قىسقا مۇددەتلىك تەربىيەلەش ئېلىپ باردى.  
پائالىيەتكە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى،يازغۇچى ئابباس مۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى.ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى،يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياڭ جىمىن سۆز قىلىپ،كۆپچىلىكنىڭ بۇ قېتىمقى تەربىيىلىنىشنى پۇرسەت بىلىپ،نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ،بىلىم قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ،ياخشى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمسىنىڭ رەئىسى قېيۇم قادىر كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمىتىدىن دوكلات بېرىپ ئۆتتى.ئارقىدىن شىنجاڭ مائارىپ نەشىرىياتىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەررىرى،ئەدەبىيات ئوبزۇرچىسى يالقۇن رۇزى «ئوبزۇرچىلىق توغرىسىدا»،  شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستوتىنىڭ فىراپپىسسورى، تالانتلىق شائىر،ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ئابدۇقادىر جالالىدىن،«يازغۇچى بولۇش ئۈچۈن قانداق تەربىيەلىنىش كېرەك؟ قانداق شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك» دىگەن تېمىلاردا سېستىملىق لىكسىيە سۆزلەپ، ئۆزلىرىنىڭ توپلىغان مول بىلىملىرى ئاساسىدا كۆز قاراشلىرىنى ئەمەلىي مىسال،جانلىق پاكىتلار بىلەن قايىل قىلارلىق بايان قىلدى،شۇنداقلا كۆپچىلىكنىڭ ئەدەبىياتنىڭ تۈرلۈك مەزمۇنلىرىدا  سورىغان سۇئاللىرىغا نەق مەيداندا بىر-بىرلەپ جاۋاپ بېرىپ،كۆپچىلىكنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.پائالىيەت جەريانىدا ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى كۆپچىلىككە«كۈسەن مەدەنىيىتى» ژورنىلى ۋە بىر قىسىم كىتابلارنى تارقىتىپ بەردى.
! T% r3 z, u" L+ A8 {6 S  U+ K1 e
3.jpg
0 \' B5 o: y. R5 N
' a$ H! t& t$ f3 H" W( @# F
4.jpg

. z/ Z8 S; T8 h6 {2 g' { 5.jpg
2 g( K5 T: V( D$ r% b1 P3 L2 D1 S% C
6.jpg " f7 p5 M( C8 U3 H
7 ~' a$ {" {' n5 L' O" b' Q
7.jpg 9 X) C& x: K: f# a0 E
, z8 `" w  i" \
8.jpg
+ ?  |- h( Y' u- o7 P7 q' I
+ B$ D4 z9 k" r) {0 |3 ], h7 H 9.jpg
8 w, |$ `2 Q) j, v: X& h
! w$ o3 Y+ O+ S8 m8 E( ]2 u8 Q2 Y4 e0 ?

( V8 Q. U. H4 A" K0 K0 h

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-5-15 17:09:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قېتىمقى پائالىيەت ناھايتى ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بولدى.

ۋاقتى: 2013-5-15 18:17:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لىكسىيەخانا ئادەمنىڭ ئىچى قىزارغۇدەك كەيپىياتلىق بوپتۇ. مۇشۇنداق يىغىنلار ئېچىلىپ تۇرسا، قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ تۇرسا، ئاقسۇنىڭ ئەدەبىياتى يەنىمۇ روناق تاپىدۇ. سۆزلىگەنلەر سۆزلەۋەرمەي، سۆزلىمىگەنلەرمۇ سۆزلەپ باقسا قانداق بولا ، دەيمەندە... مەن باشقىلارنى دېمىگەندىمۇ ئەيساجان تۇردى ئاچچىقنى بىر سۆزلەتكەن بولسا، يىغىننىڭ قايسى كۈن تەرتىپى بۇزۇلۇپ كېتەر ئىدى؟ بوپتۇلا...يەنە توپىلاڭغا يول ئاچقان بولماي!...

ۋاقتى: 2013-5-15 18:25:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يالقۇن روزى بىلەن ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ لىكسىيەسى تورغا بېرىلەرمۇ؟ ھەبىبۇللا مۇمكىن بولسا، شۇ لىكسەنى تورغا يوللاپ قويىڭە...

ۋاقتى: 2013-5-15 19:19:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستىنلا سۆيۈنگۈدەك بىر ئىش بولدى جۇمۇ !!  قەلبىمىز ھاياجان ئىلكىدە يېڭى بىر بۇرچنى كۈتىۋالدى !!

ۋاقتى: 2013-5-15 19:50:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى پائالىيەت!..... ياخشى باشلىنىش بوپتۇ. لىكسىيە مەزمۇنلىرىنى ئاڭلىيالىغان بولساق ياخشى بولاتتى.

ۋاقتى: 2013-5-15 19:58:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۇچا دىيارىدىن كىلىۋاتقان خوشخەۋەرلەردىن سۆيۈندۈم.
: r# t2 [! k6 E; o  I. A

ۋاقتى: 2013-5-15 20:37:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدەبىيات سەنئەت-ئىشلىرى يىلدىن-يىلغا يۈكسىلىۋاتىدۇ، بۇنداق لىكسىيەلەرنىڭ  دائىم سۆزلىنىپ  تۇرۇشىغا تىلەكداشمەن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تەلقىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-15 20:38  % S5 r% _* d% C
( x0 u' t' ?, @6 M; f, X8 }

ۋاقتى: 2013-5-15 21:04:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق چوڭ ئەدەبىيات ئەنجۇمەنى تۈگۈل، بارماق بىلەن سانىغۇدەك نەچچە ئىلىم شەيدالىرىنى بىر داستىخانغا يىغىشمۇ بەسى مۈشكۈل بولۇپ كېتىۋاتقان بۇ ئاي-بۇ كۈنلەردە قاتمۇ-قات توسالغۇلارنى يېڭىپ، ئلىم ئاشنالىرى ئۈچۈن مۇشۇنداق ياخشى ئىلىم سورۇنىنى تەشكىللىگەن پىداكارلارغا، بۇ ئەنجۇمەنگە ئۆزلىرى ئېرىشكەن مول  بىلىم ۋە يېڭى ئۇچۇرلارنى تەقدىم ئەتكەن ئابدۇقادىر جالالىدىن، يالقۇن رۇزى قاتارلىق تالانتلىق ئۇستازلارغا ۋە بۇ ئەنجۈمەنگە قاتناشقان باشقا بارلىق دوست-يارەنلەرگە چەكسىز سالام بولسۇن! ھەممىمىزگە ئىلىمگە شەيدالىق ۋە ئىتتىپاقلىق مەڭگۈ يار بولسۇن! «سالام، ياخشى يولغا ماڭغان كىشىلەرگە!» (ئابدۇقادىر داموللا سۆزى)

ۋاقتى: 2013-5-15 21:10:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
4 y; e3 t' |1 o7 p; s5 U$ [# e3 p

, X" L" D  M& v! P9 A* A  بۇ ئەڭ ئەھمىيەتلىك خەۋەر ئىكەن. مۇبارەك بولسۇن!

ۋاقتى: 2013-5-15 21:32:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«يازغۇچىلار لىكسىيەخانىسى» ماۋۇ ئاتالغۇ جايىدا بوپتۇ. لېكسىيەنى تەشكىللىگەنلەرنىڭ خىزمىتىگە ئۇتۇق، لىكسىيەخانىدا  قىممەتلىك پىكىرلىرنى جامائەتكە بىلدۈرگەن ئەزىزلەرنىڭ تىنىگە سالامەتلىك، لېكسىيەگە ئىشتىراك قىلغان قەلبى ئويغاقلارنىڭ دىللىرىغا شادلىق تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2013-5-16 01:13:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستازلارنىڭ لېكسىيەسىنى  توردا ئاڭلاتقىلى  بولارمۇ؟ .مۇشۇنداق  بەخىتتىن بەھرىمان بولساق  دىگەن ئۈمۈتتە ئىدىم

ۋاقتى: 2013-5-16 11:19:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نە ئۈچۈن چوڭ تىپتىكى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ئورۇنلاشتۇرغان لېكسىيەلەردە پەقەت مۇشۇ ئىككىيلەنلا لېكسىيە سۆزلەيدۇ ؟ باشقا لېكسىيە سۆزلەشكە سالاھىيىتى توشىدىغان كىشىلەر يوقمۇ ئەمدى ؟ ئەگەر بۇ ئىككى ئۇلۇغلىرىمىز  بەختكە قارشى توپپىدە بىزلەردىن ۋاقىتسىز ئايرىلىپ قالسا ئۇ چاغدا ئۇيغۇر دىيارىدا لېكسىيە سۆزلىيەلەيدىغان ئادەملەر چىقماي قالارمۇ ؟
$ e. f7 C0 i9 v5 r, B4 x% lشۇڭا شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ناتىقلارنى تەربىيلەشكە ئەھمىيەت بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن . بۇ بىر تەخىرسىز  ۋەزىپە .

ۋاقتى: 2013-5-16 13:11:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇقادىر جالالىدىن بىلەن يالقۇن روزىنىڭ نۇتۇقلىرى شۇنداق تېتىملىق ھەم تەسىرلىك  بۇنداق نۇتۇقلارنى ئاڭلاش ئادەم ئۈچۈن تولىمۇ ھوزۇرلۇق.  جۈملىدىن مەندەك بىر ھەۋەسكارغا ئەڭ تاتلىق ئۇزۇقتۇر. مەن بىر يىغىن ئىشتىراكچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن يىغىن تەشكىللىگۈچىلەرگە ئىككى نەپەر ئۇستازىمغا رەھمەت ئېيتىمەن. ئۇلارنىڭ نۇتۇقلىرى قەلىپلەردىن-قەلىپلەرگە، ئېغىزلاردىن -ئېغىزلارغا... يەتكۈسى، ھەركىتىمىزگە ۋە ئەمىليىتىمىزگە ئايلىنىپ ئىجدىمائى ئۈنۈم ياراتقۇسى..... ئۇلار  ئالدىدا مەن بىر كىچىك بېلىق.... ئۇلارنىڭ نۇتۇقىنى ئاڭلاش، سۇئال سوراش ئارقىلىق بىلمىگەنلىرىمىزنى ھىس قىلىشمۇ چوڭ پۇرسەت.......

ۋاقتى: 2013-5-17 12:04:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بۇ قېتىم ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن كۇچادا ئويۇشتۇرۇلغان «يازغۇچىلار لىكسىيەخانىسى» گە قاتنىشىپ،داڭلىق ئۇستاز،پروفېسسور ئابدىقادىر جالالىدىن بىلەن داڭلىق ئوبزۇرچى،دەرىسلىك قۇرلۇشى مۇتەخەسىسى يالقۇن رۇزىنىڭ پاساھەتلىك نۇتۇقلىرىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندۇق.كۇچادىكى ئاق كۆڭۈل دوسۇتلارنىڭ ئاق دەستۇرخانلىرىدىن چوڭقۇر تەسىراتلارغا  ئېرىشتۇق. قايتىش سەپىرىدە ئەيساجان تۇردى ئاچچىق،ئابدۇللا ئېلى بەگزاد... قاتارلىقلار بۇئىككى نەپەر يىتۈك ئۇستازنىڭ سەھنىدىكى نۇتقىدىنلا ئەمەس،ئەمەلىيىتىدىن ئالغان  بىلىملىرىمىزنى بەس-بەستە مۇلاھىزە قىلىشىپ،ئاقسۇغا قانداق كىلىپ قالغىنىمىزنى سەزمەيلا قاپتۇق.مۇھتىرەم ئۇستازلارنىڭ تېنى سالامەت،ئىشلىرى ئۇتۇقلۇق بولغاي...مۇشۇنداق كىشىلىرىمىزنىڭ كەينىدىن پىتنە تېرىپ يۈرگۈچىلەرنىڭ تىلىغا چىقان چىقىپ قالغاي.... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پاسىل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-17 12:11  0 ^1 F0 W( t1 e& b; i: o. ^- j) ~

+ F7 d; R( e" g, Q1 w( L5 t

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش