(4)
«تاش چۈشكەن يېرىدە ئەزىز» دەيدىكەن چوڭلار، شۇنداق تۇرۇقلۇق غەملىرىڭگە شىرىك ئىزدەپ كېتىپ قالغىنىڭ قىزىق. تەنھالىقتىكى كۈنلىرىڭدە دېڭىزغا تۆكۈلۈپ تۇرغان يامغۇرغا ئاچچىق قاراپ قويۇپ كۆز ياشلىرىڭنى سۈرتۈپ يۈرۋاتامسەن. مەن سېنىڭ چايكىلارنىڭ قۇلقىغا پىچىرلاپ تۇرۇپ ئۆزەڭنىڭ بۇندىن بۇرۇنقى ياشىغان شەھىرىڭ ھەققىدە قىسقىغىنە قىسىلەرنى ئېيتىپ بېرىۋاتقانلىقىڭنى چۈشلىرىمدە كۆرۈپ قالىمەن. «كىم جۇدالىقنى يازغان پىشانەڭگە» دەپ سوئال سوراشتىن بۇرۇن، سەن كېتىپ قالىسەن چۈشلىرىم ئىچىدىن.
مانا بۇنداق كۈنلەرنى ساناش ماڭا بەكمۇ تەس. قايسى بىرسىنى سانىيالايمەن، قايسى بىر كۈنلىرىمدە سېنى سېغىنغان يۈرىكىمنى ئالقىنىمغا ئالالايمەن. تۈنۈگۈن بىرسى «سىز كۈتۈش ئۈچۈن يارالغانمۇ؟!» دەپ ئۆتۈپ كەتتى يېنىمدىن. راسىت مەن كۈتۈش ئۈچۈن يارالغان دىيەلمىدىم. باشقىلار مېنى كەلگۈسىدىكى بەختىنى كۈتىۋاتىدۇ دەيدىكەن. بەلكىم شۇنداقتۇر. قايسى ئىنسان بەخت ئاتلىق بۇ سۆيۈملۈك سۆزگە ئۆچ بولسۇن.
بۈگۈن قوللۇرۇمنى جۈپلەپ ساناپ ئازغىشىپ كەتتىم. قانچە كۈنلەر بولغۇيدى ھە، سەن خىيالىمنى ئوغىرلىغىلى.
ئاپام ئالدىنقى كۈنى سېنى سورىدى. «ھەدەڭ ياخشىدۇ بالام» . مەن ھىچنەرسە دېمىدىم. كۆز چاناقلىرىمغا لىققىدە تولغان ياشنى ئاغرىق ئاپامغا كۆرسىتىشنى خالىماي چىقىپ كەتتىم. ئىشىكنىڭ تولغۇنۇپ تۇرۇپ غىچىرلىشى مېنى يەنە پىچىرلاشقا مەجبۇرلىماقتا.
ئېسىڭدىمۇ بىر چاغلار مەن. «پۆرەككە ئامراق» دېگەن ئىدىم. ئۇ چاغدا سەن شەھەرلەردىكى قارا ياغاچتىن ماڭا پۆرەك ئۈزۈپ بەرگەن ئىدىڭ. مەن پۆرەكنى يەي دەپ ئاغزىمنىڭ يېنىغا ئەكىلشىمگە. «سىزنى پۇرۋالسۇن دېگەن، يېمەڭ، بۇ دېگەن شەھەر قارياغىچىنىڭ پۆرىكى، ئىچىڭىزدە قۇرۇت بولىدۇ» دەپ قولۇمدىن پۆرەكنى ئېلىپ تاشلىغان ئىدىڭ. مەن «ھەدەم ھەجەپمۇ؟!» دەپ قالغان ئىكەنمەن. ئەمدى بىلسەم سەنمۇ ئاپامغا ئوخشاش ماڭا كۆيۈنگەن ئىكەنسەن.
ئاپام «قىزىمغا كۆيىنىدىغان ھەدىسى بار» دەپ خاتىرجەم ئىكەنتۇق. قارىغىنە ئاپام ئاغرىپ قالدى. ئۇ ئاغرىق ئازابىدىن تاتارغاندىمۇ سېنى سوراۋاتىدۇ. «ئاپا، تاش چۈشكەن يېرىدە ئەزىزغۇ » دېسەم. ئاپام «بالام، كۈتكىن قايتىپ كېلىدۇ، مېنىمۇ، سېنىمۇ خاتىرجەم قىلىپ...» دېدى ئاستىلا.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇنىرە ئالىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-12 11:32