قۇتاد يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 23:54
مەن تۈۋەنچىلىك بىلەن، ئابدۇقادىر مۇئەللىمگە بىر نەچچە ...
سالام قۇتاد، مەن ئەسلىدە 8-ئاينىڭ 8-كۈنى ئابدۇقادرى مۇئەللىممنى زىيارەت قىلىپ نورغۇن سۇئاللارغا جاۋاب ئالغان ئىدىم. ئەشۇ زىيارەت خاتىرىسىدە سىزگە غۇۋا بولىۋاتقان نورغۇن مۇئەممالارغا جاۋاب بار ئىدى. ئەپسۇس ئۇ زىيارەت خاتىرىسى تىخى نەشىريات ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشمەي تۇرۇپلا بۇ مۇنازىرە باشلىنىپ كېتىپتۇ. گەرچە بۇ تېمىدا سىز «تۆۋەنچىلىك بىلەن» ئابدۇقادىر مۇئەللىمگە بىرقانچە ئىغىز گەپ قىلغان بولسىڭىزمۇ، بۇ ئىنكاسلارنى مۇئەللىم كۆرىدىغان، لىكىن ئىنكاس قايتۇرمايدىغان بولغاچقا (بۇنىڭ سەۋەبى زىيارەت خاتىرىسىدە بار. پات يقىندا ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرىشىدۇ) مەن ئازراق چۈشەنچە بىرەي. ئەلۋەتتە بۇلار تامامەن ئۆز پىكىرىمگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
1. بۇ ئەسەر ھەرگىزمۇ سىز ئىيىتقاندەك «لوندۇن ئولېمپىك مۇسابىقىسى»گە ئۇدۇللاپ چىقىرىلغان ئەمەس، بەلكى جۇڭگۇدىكى خىزمەت مىخانىزىممنىڭ تەرتىپى بويىچە ئارقىغا تارتىلا، تارتىلا بۈگۈنگە ئاران ئۇلاشقان، بۇنىڭدىكى مەسئۇلىيەت نەشىرياتتا، ئابدۇقادىر مۇئەللىمدە ئەمەس.
2. ئەمدى سىز ئىيىتقان «لوندۇندا ئېستىقامەتتە بولۇش مەسلىسى» گە كەلسەك، بۇ گەپ بىر كىتاب بىر ئالەم پىرۇگىراممىسى سۈرەتكە ئىلىنىۋاتقان سورۇننىڭ ئۆزىدىلا، ياپۇنىيەدە ئېستىقامەتتە بولۇۋاتقان ۋاقتىمدا دەپمۇ دېيىلگەن شۇ چاغدا ئەقىللىق رىياسەتچى دەرھال مۇئەللمنى دوراپ، كۆزلىرىنى ھەييارلارچە قىسىپ «سىز ياپۇنىيەدە ئېستىقامەتتە بولىۋاتقاندا » دەپ بۇ كەلىمنى ئۆز تىلىغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىدە بۇنداق ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىشكە بولمايىتتى دېگەن مەنىنى بەرگەن ئىدى. مەن ھەيران قالغان... ئەمدى سىز «ياۋرۇپادا قىلىنغان بۇ ئېستىقامەت»تىن ھەيران قاپسىز. خۇدانىڭ زىمىنى ئوخشاش مەككىگە بىرىپ تەپەككۇرسىز يىنىپ كەلگەندىن ياۋرۇپاغا بىرىپ، ئاسىيانىڭ كىچىك ئاراللىغا بىرىپ ئۆز مەۋجۇتلىغى ھەققىدە ئويلانغىنى مىڭ ئەۋزەل ئەمەسمۇ؟
3. ئابدۇقادىر مۇئەللىم ئۇيغۇرنىڭ ۋەكىلى بولىۋالسا نىمە بوپتۇ. بىز ھەربىرىمىز موشۇ قەۋىمنىڭ يەريۈزىدىكى بىر ۋەكىلى ئەمەسمۇ؟ سىزنىڭچە ۋەكىل بولۇشقا توغرا كەلسە ئابدۇقادىر مۇئەللىم ماس كەلمەسمۇ؟ ياكى ۋەكىل سايلايدىغان باشقا نامزاتلىرىڭىز بارمىدى؟... ئەگەر سىز بۇ ئۇستازنى تاختا بىشىغا چىقىپ ئىلىم زۇلمىگەرلىكى قىلدى دەپ قارىسىز قىنى سىز تاختا بىشىغا چىقماي، پەگادا تۇرۇپ ئازراق ئەمگەك قىلىپ باقمامسىز. قىلغان ئەمگەكلىرىڭىز بولسا ئۇيالماي، كەمتەرلىك قىلماي ئوتىرغا تاشلاپ باقمامسىز. گەپ قىلىش ئاسان، ئىش قىلماق تەس. ئەگەر ئابدۇقادىر مۇئەللىمنىڭ بىر قاتار ئەمگەكلىرى بولمىغان بولسا تاختا بىشىغا يىقىنمۇ كىلەلمىگەن بولاتتى...
4. تۈزۈلمىنىڭ ھەممە ئىشنى بەلگىلەيدىغانلىغىنى ئوبدان بىلىدىكەنسىزيۇ، ئەشۇ تۈزۈلمە ئىچىدە تۇرۇپ ئابدۇقادىرمۇئەللىمچىلىك ئىش قلىشنىڭ ئانچە ئاسانغا توختىمايدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قاپسىز. ھەتتا تۈزۈلمىدىن قورقۇپ ئۆز ئىسمىڭىزنى ئاشكارلاشقا پىتىنالمىغان ئادەم تۇرۇقلۇق تىخى ئابدۇقادىر مۇئەللىمنى ئەيىپلەپ سۆزلەشكە باشلاپسىز. گەپلىرىڭىز بەك قىززىق: « كىشىلەر سىزنىڭ نۇتۇقلىرىڭىزدىن ھاياجانلىنىدۇ، ئۇنىڭ تەسىرىدە قورققان ئىت تامدىن سەكرىگەندەك ئىش قىلىپ يارىلانسا، سىز قۇتۇقۇزۇپ باقتىڭىزمۇ؟» دەپسىز. سىزدىن سوراپ باقاي، كىشىلەر نىمىشقا سىزنىڭ نوتۇقلىرىڭىزدىن ھاياجانلانمايدۇ؟ قورۇققان ئىش تامدىن سەكىرىگەندە قىلىپ يارلانغاندا سىز قۇتقۇزۇپ باقتىڭىزمۇ؟ قىرىنداشلرىم قىلغان ئىلشلارخاتا، مۇنداق قىلىمىز دەپ باقتىڭىزمۇ؟...ئابدۇقادىرمۇئەللىمنىڭ خەلىقنىڭ قەلبىدە قالغۇدەك ھېكمەت ئىجاد قىلىش ۋەزىپىسى بارمۇ؟ ئەگەر ئۇياق قىلالمىغان بولسا، سىز ئىجاد قىلىڭ. سىزنىڭمۇ قولىڭىزدا قەلەم توختايدىغاندۇ؟...