ximal

بىر كىتاب بىر ئالەم پروگراممىسى‹‹يېڭى سانى يوللاندى›› [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1820
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 173
تۆھپە : 0
توردا: 37
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 11:23:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tasadduk يوللىغان ۋاقتى  2012-8-3 11:14
تېما ئېنكاسلار ئۆچۈرۈلمىگەن ئىكەن دىمەك ئازتۇلا پىكىر ...

ھە، ئەمىسە بۇرادەر قېنى مەرھەمەت! مەن ئاچچىقللانىمدىم. بەگيار بىر ئېغىز راس گەپ قىلىپتۇ.
ئەيبۇ ئەپەندىمۇ 10 سائەت بېرىپتۇ: سىز بۇ تېمىنى قۇتۇقۇزۇپ قالدىڭىزمۇ دەيلى، سىز «گەپ- سۆزگە دىققەت قىلىپ» تۇرۇپ سۆزلىڭە ئاڭلايلى.

   ئابدۇقادىر مۇئەللىم تا ھازىرغىچە ئادەم ھەققىدە ئەمەس ئۇيغۇر ھەققىدە سۆزلەپ كەلدى، (بۇ گېپىمنى ھەزىم قىلىپراق ئاڭلاڭ )ھەرگىزمۇ ئادەمنىڭ كىملىكى ھەققىدە ئەمەس.

ئەمدى، سىز ئىشەنمىسىڭىز ئۆزىڭىز ئابدۇقادىر مۇئەللىمنىڭ كىتابلىرىنى ئوقىمىغان بولسىڭىز ئوقۇپ چىقىپ، ئوقىغان بولسىڭىز ئۇ زادى قانچىلىك دەرىجىدە ئۆزىنىڭ قانداق ئىدىيە سېستىمىسنى تۇرغۇزالىدى؟ ئۇنىڭ ئۇيغۇرغا قانداق پايدىسى بولدى، زىيىنىچۇ؟

  مەرھەمەت!

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  38
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 64
تۆھپە : 0
توردا: 2
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 12:06:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇتاد ئورۇنلۇق گەپلارنى قىپتۇ. بەگيارنىڭ پىكرىمۇ كىشىنى قايىل قىلىدىكەن

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  265
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 330
تۆھپە : 1
توردا: 90
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 13:54:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولىدۇ قۇتاد، سۇئاللىرىڭىزغا قارىتا ئۆز كۈز قارىشىمنى ئوتتۇرغا تاشلاپ باقاي!
1.ئابدۇقادىر جالالىدىن ئۆزنىڭ قانداق ئىدىيە سېستىمىسىنى تۇرغۇزالىدى؟


بىرنجى سۇئالىڭىز سەل مۇجمەلرەك بولۇپ قاپتۇ. شۇنداقتىمۇ مەن مۇئەللىمنىڭ ئۆزەم ئوقۇپ چىققان كىتاپ ماقالىردىكى بىزگە يەتكۈزۈشكە تىرىشىۋاتقان كۆز قاشلىرنى كۆزدە تۇتۇپ، يۇقارىقى سۇئالىڭىزغا ،ئۇ ئۆزىنىڭ ھېچقانداق ئىديە سېستىمىسىنى تۇرغۇزالمىدى ، دەپ جاۋاپ بىرىمەن!يۇقارىقى سۇئالىڭىزنى سوراشتىكى مەلۇم نەرسىلەرنى كۆزدە تۇتقىنىڭىزنى بىر ئاز ھېس قىلغاندەك بولدۇم. پەرىزىم خاتا بولمىسىلا سىز بىر قىسىم يېزىقلىق مەتبۇئاتلاردا مۇئەللىمگە ئوشۇق يۈكلەنگەن مۇتەپەككۇر، پەيلاسوپ دىگەن سۈپەتلەرنى كۆزدە تۇتقاندەك قىلىسسىز. شۇڭا ئىديە سېستىمىسى توغرىسىدا سوردىڭىز غۇ دەيمەن. مۇئەللىم پەيلاسوپ ئەمەس، ھەم ئۇنىڭ ئۆزىمۇ بۇ سۈپەتنى ئېتراپ قىلمايدۇ.ئەگەر ئۇ بۇ سۈپەتنى ئېتراپ قىلسا ئۇنىڭ كاللىسىدىن گۇمانلىنىشقا ھەقلىقمىز. ئەمدىكى يەنە بىر مەسلە شۇكى 2000-يىللارنىڭ بېشىدا  مۇئەللىمگە پەيلاسوپ دىگەن بۇ قالپاقنى بىمەھەل ئۇقۇشماسلقتىن كىيىلىپ قالغان دېسەك يېقىنقى يىللاردىكى ھەرخىل نۇتۇق سورۇنى، زىيارەت فىلىملىرىدە بۇ سۆز يەنە قايتا تىلغا ئېلىنىپ قالدى. مۇئەللىممۇ بۇھەقتە ھېچقانداق چۈشەنچە بەرمىدى، مۇشۇ نوقتىدا مۇئەللىمنىڭ سەمىمىيىتىگە ،ئىلمىي ساپاسىغا بولغان گۇمان سىزنىڭلا ئەمەس ،ئەقلى ئۇيغاق ھەربىر ئۇيغۇر زىيالىسىنىڭ كاللىدا ئەگىپ يۇرۇيدۇ.
2.ئۇنىڭ ئۇيغۇرغا زادى قانچىلىك پايدىسى بولدى، زىيىنىچۇ؟
ئابدۇقادىر مۇئەللىمنىڭ ئۇيغۇرغا قانداق پايدىسى بار دەيدىغان بولساق بۇ بەك كومدىيېلىك گەپ بولىدۇ، بىز ئۇنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى، نۇتۇقلىرى(يەنى سىز تىلغا ئالغان ۋايىزلىقى)نىڭ ئۇيغۇرغا بولغان پايدا زىيىنى توغرىسىدا توختالساق بولىدىغاندەك قىلىدۇ. بىز بۇ زىيان پايدىنى مۇنداق ئىككى نوختىدىن ئويلىنىپ كۆرەيلى، بىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا بولغان تەسىرى، يەنە بىرى ئۇيغۇر جەميىتىگە بولغان تەسىرى.
1.ئۇيغۇر جەميىتىگە بولغان تەسىرى.
ئەختەم ئۆمەر ئۆزۋاختىدا زامانىۋىيلىقنىڭ ئالدىدا تىتىرەپ تۇرغان ئۇيغۇرنىڭ پەلسەپە ،ئىدىيە ئۈزۈكچىلىكىدە قۇپقۇرۇق بولۇپ قالغان كاللىسىنى ئۆزى ھەققىدە قايتا ئويلىنىش(ئۆزىنى پەس كۆرۈش) ئىدىيەسى بىلەن تولدۇرغان بولسا ،نەچچە ئۇن يىلدىن كىيىن ،ئۆزىنى پەس كۆرۈش تۇيغۇسىنىڭ قانچىلىك زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئەمدىلا تۇنۇشقا باشلىغان ئۇيغۇر مۇئەللىمنىڭ تولىمۇ ئىدىيال ،شەكلى سەل ئۆزگەرگەن ئۆزىنى كەمسىتىش خاراكتىردىكى ماقالىلىرىغا دۇچ كەلدى.ئەختەم ئۆمەر ئۇيغۇرنى رېئال ،تۇرمۇشتىكى كەمسىتىشنى ئۇيغۇرنىڭ ئالدىغا تاشلاپ ئۇيغۇرنى غۇرۇرىنى يوققا چىقىرىغان ئۆزىنى پەس كۆرۈش قاينمىغا تاشلىغان بولسا، مۇئەللىم ئۇيغۇرنى ئىدىيەدىكى ئۆزنى پەس كۆرۈش قاينىمىغا تاشلىدى.ئۆزىنى پەس كۆرۈش ئىديەسىنىڭ زىيىنىنى كۆپىنچىمىز بىلمەيدىغان يەردە ئەمەس.كىرزىستە تۇرۇۋاتقىنىمىز راس، لىكىن كىرزىس بەك كۆپتۈرۋىتىلسە ئۈمۈتنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن قۇتاد تىلغا ئالغان روھلاندۇرۇش ئەسلا ماۋجۇت ئەمەس، مۇئەللىمنىڭ ئەمگەكلىرى ئۆزىنى تىللاش سەۋداسىغا گىرىپتار بولغان بىر توپنىڭ پىسخىك ئېھتىياجىنى قاندۇردۇشتىن باشقىغا يارىمىدى.ياشلاردا ئەۋىج ئېلىۋاتقان نۇپۇزغا زىيادە چوقۇنۇش، ئىجادىيلىقنىڭ كەم بولۇشى،پىكىر -ئىدىيە زۇراۋانلىقى ،رېئاللىق بىلەن كارى بولماسلىق ،نەزرىيەنىڭ زىيادە كۆپتۈرۋىتىلىشى قاتارلىقلارنىڭ چوڭقۇر ئارقا كۆرۈنىشى بار.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  265
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 330
تۆھپە : 1
توردا: 90
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 14:29:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2.ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا بولغان تەسىرى.
ئۇيغۇر ئەدەبىياتى  بولۇپمۇ 20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى سىياسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە بەك جىق ئۇچۇرىدى.بەلكىم بۇئەھۋال پۈتۈن جوڭگۇغا ئورتاق ھادىسىدۇر . خەن خەن نىڭ ئەدەبىيات سىياسىنىڭ ..... ى دىگەن سۆزى مۇنداقلا دىيىلگەن سۆز بولمىسا كېرەك. بىز پەخىرلىنىپ تۇرۇپ تىلغا ئالدىغان ت.ئېليۇۋ، ئا.خۇجا، ئا.ئۆتكۈر، مامۇت زايىت  قاتارلىقلار ،تېۋىلغا، ھەيكەل،ئىز،پىغان ،مېھمان قاتارلىق ئەسەرلىرى بىلەن سىياسى ئەدەبىياتنىڭ ياكى ئەدەبىيات سىياسىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىنى ياراتتى. شۇڭا ئۇلار ئۇنتۇلمايدۇ.ئەمدى بىز لىللا مەيداندا تۇرۇپ ئۇ ئەسەرلەرنى ئۇيغۇرنىڭ سىياسى قىزغىنلىقىندىن ئايرىۋىتىپ تەھللىل قىلىغان بولساق بېشىمىزنى چايقا پ قويىمىز خالاس.تا مۇشۇ كەمگىچە ساپ ئەدەبىيات تىپىدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئۇيغۇردا قارشى ئېلىنماي كىلىشىنىڭ ،ئۇيغۇرنىڭ سىياسىسىغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ئېلمىنىتلارنى ئۆزىگە يۈك قىلىۋالغان نۇرغۇنلارنىڭ ھېلىمۇ ئەدەبىيات كوچىسىدىن مېھرىنى ئۈزەلمەي كېلىشىنىڭ، ئەدەبىيات ساھەسىنىڭ ئىنتايىن زىل ساھە بولۇپ قىلىشىنىڭ سەۋەبى ئەدەبىيات ئادەم تەربىلەيدۇ،دىگەن قاراشنىڭ ،ئەدەبىياتنىڭ رولىنى زىيادە كۆپتۈرۋېتىشنىڭ ھېلىمۇ ماۋجۇت بولۇۋاتقانلىدا.90-يىللانىڭ باشلىرىدا ئەدەبىيات ساھەسىدە باشلامچى بولغان مۇئەللىم مېنىڭچە يۇقارىقىلارنى بىلمەيدىغان يەردە ئەمەس!
ئەدەبىياتقا ئادەم تەربىلەش يۈكىنى ئارتىش،ئەدەبىيات بىلەن سىياسى ئىجدىمايى مەسلىلەرنى كۈچەپ ئارلاشتۇرۋىتىش ئەدەبىياتنىڭ خاراكتىرىنى ئۆزگەرتىۋىتىپ ،ئىنسانىيەتكە ئورتاق تېملارنىڭ كەم بولۇشى،رايۇن خاراكتىرلىك سېنزور دەرىجىسىنىڭ ئارتىپ ئەدەبىياتنىڭ پۈچەكلىشىشى ،...قاتارلىقلانى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ بىر مىللەت ئەدەبىياتنى يوقلىش گىرداۋىغا ئىتتىرىدۇ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1082
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 290
تۆھپە : 0
توردا: 43
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 15:36:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇ تىما ئۆچۈرۈلمەپتۇ-ھە.  ئويلاپ باقسام مىنى بىرسى بۇ كىشى شىنجاڭ بويىچە داڭلىق پەيلاسوپ دېسە،  ساختىلىقىنى بىلىپ تۇرساممۇ خۇش بولىدىكەنمەن. بۇ بەلكىم ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسىدا ئۆرتىنىۋاتقان مەندەك ئادەمگە ئۈنۈملۈك دورا بولالىغۇدەك. ئىنكاسنىڭ داۋامىنى كۈتىمەن.  مەن زىيالىيلارنىڭ ئابدۇقادىر مۇئەللىمنىڭ بەزى يازمىلىرىغا ئوخشاش بولمىغان پىكىرلەرنى بىرەلىگۈدەك دىتنىڭ بارلىقىدىن خۇشالمەن.


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1820
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 173
تۆھپە : 0
توردا: 37
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 16:29:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
3) تەسەددۇق!

2- سۇئالغا ناھايىتى ياخشى مىتۇد بىلەن كىرىپسىزۇ، سىزمۇ قانداقتۇر بىر قارا سايەنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قېلىپ كېكەچلەپسىز.

   .

تەكلىۋىم: ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىن قانچىلىك ئۇستۇلۇق بىلەن پايدىلانغانلىقىنى سىزمۇ بىلمەي قاپسىز. ئۇنىڭ شائىرلىقى ئەدەبىياتقا تەۋە بولسا، پەيلاسۇپلۇق قالپىقىنى كەيدۈرگەن پائالىيەت ۋە ئىجادىيەت يولى ئەدەبىيات ئەمەس.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قۇتاد تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-3 17:05  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  265
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 330
تۆھپە : 1
توردا: 90
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 00:13:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇتاد،
مىنىڭ كىكەچلەپ قالغۇدەك يىرىم يوق، مۇشۇ سەھنىنىڭ تۈزۈملىرىگە قاتتىق دىققەت قىلغان ئاساستا پىكىر قىلىۋاتمەن!

تەكلىۋىڭىزدىكى «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىن پايدىلىنىش »مەسلىسىگە كەلسەم ئاۋۇ ئېنكاسىمدە بەك تەپسىلى توختالدىمغۇ  دەيمەن!
مېنىڭ نەزىرىمدە ئۇ «پەيلاسوپ» لىقنى ئېتراپ قىلمايدۇ. ئەگەر ئېتراپ قىلىپلا قالسا ئۇ ئابدۇقادىر بولماي قالىدۇ.
ناۋادا سز بۇ مۇنبەرگە يىڭى بولمىسىڭىزلا مەن ئىلگىرى سۆزلەپ ئۆتكەن ئۇيغۇرنىڭ «زىيالى»سى بىلەن «سەنئەتكارى»نى ئايرىۋىتىش توغرسىدىكى پىكرىم سىزگە قاراڭغۇ ئەمەسقۇ دەيمەن؟

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  248
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 725
تۆھپە : 0
توردا: 148
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 00:23:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
              بۇ تېمىدا مۇنازىرە سۆزلىرى سەل چەكتىن ئىشىپ كېتىپ بارىدۇ. بەزى سۆزلەردىن ھەسەتنىڭ، كۆرەلمەسلىكنىڭ ھىدلىرى كېلىۋاتىدۇ. ئاغىلىرىمىز سەل ئۆزىنى بېسىۋالسا بوپتىكەن. بۈگۈن پۈتۈن كۈن ئۈرۈمچىدىكى كىتابخانىلارنى ئارىلاپ ئابدۇقادىر مۇئەلىمنىڭ ئۇ يېڭى كىتابىنى تاپالمىدىم. تېخىچە بازارغا سېلىنماپتۇ. ئاۋۋال كىتابنى ئوقۇپ باقىلى، ئاندىن نېمە دېيىشسەك دېيىشەرمىز. قۇتاد ئەپەندىنىڭ قوپال بولسىمۇ دەسلەپتە سورىغان ۋەزنى ئېغىر سوئاللىرىنىڭ خېلىلا ئاساسىي بار ئىدى. لېكىن گەپ ئىزىدىن چىقىپ كېتىپتۇ. ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ناخۇشلۇقلارنى ئابدۇقادىر جالالىدىنغا دۆڭگەپ قارا قويۇق تىل سېلىشىپ يۈرمەڭلار، مۇشۇ يەردە گەپ يورغىلىتىۋاتقانلار ئۇيغۇرنىڭ غىمىنى قانچىلىك يىدى؟ قۇرۇق قاقشاش، غەيۋەت، شىكايەت قىلىش بىلەن ئىش ھەل بولامدۇ. ئاۋۋال سىز ئۆزىڭىز مەيلى خاتا قىلىڭ ياكى توغرا قىلىڭ سەپنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ بىز ئۈچۈن بىرەر ھەق گەپ ياكى ئىش قىلىڭ. تاسادىپى خاتالىشىپ سىياسەتكە تارتىلىپ قالسىڭىز سىزنى بىر ئۆمۈر ياد ئېتىشىمىز مۇمكىن. لېكىن كىشىنىڭ غەيۋىتىنى قىلىشنى بەس قىلىڭ.
          مەن بىر ئالىي مەكتەب ئوقۇغۇچىسى، گەرچە ئابدۇقادىر مۇئەللىمدىن بىۋاستە دەرس ئالمىساممۇ لېكىن ئۇ كىشىنىڭ نېمە قىلىۋاتقىنىنى ھەر ھالدا ئاڭلاپ ھەم بىلىپ تۇرىۋاتىمەن. مېنىڭ بىلىشىمچە ئابدۇقادىر مۇئەللىم ئۇيغۇر ئۈچۈن ئۆزى قىلالايدىغانلىكى ئىشلارنىڭ ھەممىنى قىلىۋاتىدۇ. لېكىن مەن ئويلايمەن. ھەرقانداق بىر ئىش بەدەلسىز رويابقا چىقمايدۇ.   ئۇيغۇرلاردىن شۇ كىشىلەرگە شەرەپ قازىنىش ۋە كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ھۆرمەتلىنىش نىسىپ بولغانىكەن، ئەلۋەتتە ئۇلار بۇ مەسئۇلىيەتنىمۇ ئۈستىگە ئېلىشلىرى كېرەك.
             بىز بىر كىشىنىڭ نېمە قىلىدىغىنىنى بەلگىلەپ بېرەلمەيمىز. لېكىن مىسال كەلتۈرسەك، شەرئىي ئەھكاملاردا پەرز كۇپايە دېيىلىدىغان بىر ھۆكۈم بار. بۇ ھۆكۈمگە تەۋە ئىشلاردىن بىر قەۋم ئارىسىدا بىر بۆلۈك كىشىلەرنىڭ ئېلىم ئوقۇپ ئالىم بولۇشى پەرز كۇپايىگە تەۋە بولۇپ، قالغان كىشىلەر ئىلىىم ئوقىمىسىمۇ ئىلىم ئوقىغان شۇ بىر بۆلۈك كىشىلەرنىڭ ئىلىىمى ئۇلارغا كۇپايە بولىدۇ. ئەگەر ئۇ قەۋمنىڭ ئارىسىدا ھېچ كىشى ئىلىم ئوقىماي نادان پېتى قالسا، ئۇ ھالدا مەزكور قەۋم پۇقرالىرى ئومۇمىيۈزلۈك گۇناھكار بولىدۇ. شۇڭا بىزنىڭ ئارىمىزدا ئالىم بولغانلاردىن تەلەپ قىلىدىغىنىمىز، شۇ پەرز كۇپايىنى ئۆز زىممىسىگە ئالغانىكەن، بىزگە كۇپايە قىلغۇدەك بىر ئىش قىلسۇن. ئاخىرقى ھېسابتا ئىلىم ئوقىغىنى بىر چەتتە قىلىپ ھەممىمىزنى گۇناھكار قىلمىسۇن...

يا بىر گەپ ئېيتىمەن، يا بىر گەپ ئىشتىمەن...

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1526
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 40
تۆھپە : 0
توردا: 1
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 17:17:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر كىتاب ، بىر ئالەم(2012-28)
بۇ سانىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۈيۈك ئالىمى مەھمۇد قەشقىرىنىڭ يىڭىدىن قايتا نەپس ئىشلەنگەن «تۈركى تىللار دېۋانى» ھەققىدە سۆھبەتنىڭ 1-قىسمى تونۇشتۇرۇلغان.


مەنبە:Saztv فىلىم تورى

[url=http://saztv.cn]نادىر تىلۋىزىيە فىلىملىرى[/url]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1726
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 220
تۆھپە : 0
توردا: 38
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 03:49:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە رەخمەت ئېسىل سۆھپەتلەردى بەھىرمەن قىلدىڭىز.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  106
يازما سانى: 180
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 625
تۆھپە : 21
توردا: 46
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 11:33:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇتاد ئاكا مەن نىمە دىسەم بۇلار ،مەن سىز گېپىنى قىلغان ھەر ئىككى شەخىسنى ناھايىتى ياخشى تۇنۇيمەن . باشقىلار قۇتادنى غەيۋەت قىلدى دەپ ئەيىبلىدى ، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن قىسمەن ئەھۋاللاردىن ئازراق خەۋەردار بولغېنىم ئۈچۈن ئىككى ئېغىز  گەپ قىلاي .
1- كامىل قەييۇم  كىتابنى تۈزۈشكە باشلىغان چېغىدىلا ئابدۇقادىر مۇئەللىم بىلەن  بىر قېتىم كۈرۈشكەن ، بۇ ئىشتىن ئۇستازنىڭ تۇلۇق خەۋرى بار .
2- كامىل قەييۇم  كىتابنى ئېزىز ئاتاۋۇللاسارتىكىنگە بېرىپ بىر يىلدىن كىيىن نەشىردىن چىقتى  . يۇشۇرماي دىگەندە كامىل قەييۇم ئەپەندى  مەيلى ئىختىسادى جەھەتتىن بولسۇن ، ياكى ئۇستازدىن كۇتكەن ھۆرمەت بولسۇن ھېچقايسىغا ئېرشەلمىدى .
3- ئېزىز ئاتاۋۇللانىڭ كامىل قەييۇمغا 3000سوم بەرگىنى راست .

باشقۇرغۇچىلار كۆرمەيۋاتقان ئوخشايدۇ ، ئىكراندىكى خنچە ئىسملارنى

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  106
يازما سانى: 180
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 625
تۆھپە : 21
توردا: 46
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 11:39:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

....

.........
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sadakat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-13 19:31  


باشقۇرغۇچىلار كۆرمەيۋاتقان ئوخشايدۇ ، ئىكراندىكى خنچە ئىسملارنى

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  265
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 330
تۆھپە : 1
توردا: 90
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 13:12:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرنىڭ ئەدەبىياتى باشقىلار تەرپىدىن قانداق پايدىلىنىپ كىتىلدى؟

مەن يۇقارىقى ئېنكاسىمدا تىلغا ئالغان سىياسى دارىتمىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى تىلغان ئالغان پىشقەدەملەردىن ،تازا چوڭقۇر ئويلاپ باقساق ،ئۇلارنى سىياسىنى ئەدەبىياتقا سۆرەپ كىرىدى ،دەپ ئاغرىنىشىمىز بەك چېكىدىن ئاشقانلىق بولۇپ قالىدىكەن.  ئۇلار ئەدەبىيات سىياسىنى تەسۋىرلىسە بولىدۇ ،لېكىن سىياسى ئۈچۈن خىزمەت قىلسا بولمايدۇ، دىگەندەك ھازىرقى زامان ئەدەبىيات ئىدىيەسىدىن بىخەۋەر ھالدا ئەدەبىياتنى مىللى روھنى ئۇرغۇتىدىغان قۇرال سۈپىتىدا زوق-شوق بىلەن ئىجدىمايى -سىياسى مەسلىلەر خىزمەت قىلدۇرۇشقان ئىكەن.
لېكىن بىزنى قايىل قىلىدىغان بىر يىرى شۇكى ئۇلار ئەدەبىياتنى ئۆزىنىڭ ئالى نىشانى قىلىشقان. تاكى تىنىقىدىن توختىغۇچە ئۆزلىرىنى يازغۇچى ،شائىر ئاتاشقان ، گەرچە كۆپىنىچىسى يازغۇچى شائىرلىقتىن باشقا يەنە ئجدىمايى پەنلەرنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە شۇ دەۋىرگە نىسبەتەن كۆزنى قاماشتۇرغۇدەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ ئۇلار يازغۇچى، شائىر لىقىن باشقا ئۇ خىل سالاھيەتلەرنى ئۆزلىرىگە ئاساسەن يولاتماي ئۆتكەن .

قىسقىسى ئۇلار گەرچە سىياسىنى ئەدەبىياتقا سۆرەپ كىرگەن بولسىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئەددبىياتقا تەۋە بولغان سالاھىيىتىنى باشتىن ئاخىر ساقلاپ قالغان. يازغۇچى شائىرلىق سالاھىيىتىدىن پايدىلىنىپ بىۋاستە ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىدىيە ئۆزگىرىشى ئېلىپ بېرىش،مىللەتنىڭ «مەنىۋى داھىسى» بولۇۋېلىش،پىكىر-ئىدىيە زۇراۋانلىقىنى قانات يايدۇرۇش،جامائەت پىكرى شەكىللەندۈرۈپ ئەدەبىيات ساھەسىگە،ئەدەبىياتچىلارغا  غايەت زور بېسىم شەكىللەندۈرۈش دىگەندەك بىنورمال ھادىسلەردىن باشتىن-ئاخىر خالىي ئۆتكەن.
ئۇيغۇر يازغۇچى-شائىرلىرىنىڭ ئەدەبىياتچىلىق سالاھىيىتىدىن پايدىلىنىپ ئىجدىمايى-سىياسى ئىشلارغا قول تىقىشى ئەختەم ئۆمەرنىڭ«يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام» ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتىدىن رەسمى باشلاندى.«زىمىن قارا ئادەملىرىڭگە» قاتارلىق بىر تۈركۈم پوۋسېتلىرى بىلەن ئەدەبىيات ساھەسىدە ئۆزىنىڭ نۇپۇزىنى بەرجەس تىكلەپ بولالمايۋاتقان ئەختەم ئۆمەرنىڭ ئوبرازى،ئاشۇ ئەدەبىي ئاخباراتتىن كېيىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا يىقىلماس مۇنارغا ئايلاندى.
ئەشۇ يىللار ئەخمەتجان ئوسمان باشچىلىقىدىكى ئاۋانگارىت ئەدەبىيات ئەمدىلا بىخلىنىپ چىققان يىللار ئىدى.ئابدۇقادىر مۇئەللىممۇ ئاشۇ ئاۋانگارىتلارنىڭ غوللۇق ئەزالىرىدىن ئىدى. كىيىنكى يىللاردا ئەمدىلا ينىك نەپەس ئېلىشقا باشلىغان جوڭگۇدا غەرىپكە قارشى قارادولقۇن شىددەت بىلەن ئۇلغىيىشقا باشلىدى. مۇشۇ قۇيۇننىڭ تەسىرىدە ئەمدىلا بىخلىنىپ چىقىۋاتقان ئاۋانگارىت ئەدەبىيات بۇ دولقۇننىڭ ۋاڭ-چۇڭلىرى ئاستىدا ئۈن-تىنسىز ئۇنتۇلدى.ئاۋانگارىت ئەدەبىياتقا ئەمدىلا قول قويغان مۇئەللىم ئىدىيە ئۆزگەرتىشنى پوبلىستىك ماقالىرى بىلەن قەھرىمانلارچە باشلىدى. مۇئەللىمنىڭ شىئېر سەۋيەسىمۇ تامۇشۇ كەمگچە گۇڭگا شىئېريەتنىڭ تۆۋەن باشقۇچىدىكى ئادەتتە بىز ئاتاپ كېلىۋاتقان ساختا گۇڭگا سەۋيەسىدە بالا پېتى قالدى. بۇنى ئۇنىڭ «تاش پەلسەپىسى» دىگەندەك يېقىنقى يىللاردا مەتبۇئات يۈزى كۆرگەن ئەسەرلىرىدىن ئېنىق ھېس قىلغىلى بولىدۇ.
ئەگەر بىز ئەختەم ئۆمەرنى ئەدەبىياتچىلىق سالاھيىتىدىن پايدىلىنىپ ئىجدىمايى مەسلىلەرنى قىپيالڭاچ ھالدا ئەدەبىياتنىڭ زىممىسىگە ئارتىپ قويدى دېسەك مۇئەللىم بۇ خىل ئۇسۇلنى ۋايغا يەتكۈزدى. مۇئەللىمنىڭ شائېر ھەم جەميەت تەنقىتچىسى(مەن زىيالى ئاتىدىم، ھەم زىيالىنىڭ بۇرچىنى ئىجدىمايى، سىياسى مەسلىلەرگە كۆڭۈل بۈلۈش دەپ قارايمەن)لىق سالاھىيىتى ئۇنىڭ ئەدەبىياتچىلىق سالاھىتىيى بىلەن ئىجدىمايى، سىياسى مەسلىلەرنى ئەدەبىيات ساھەسىگە سۆرەپ كىرىشى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ خاراكتىرىنى ئۆزگەرتىۋەتتى.مەئەللىم ھېچ ئىككىلەنمەيلا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا تېما بەلگۈلەپ بېرىش دىرىجىسىگە يەتتى.(ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى دۇنياغا تونۇتۇش ئۈچۈن چۇقۇم مىللى ئۆرىپ-ئادەت يېزىلغان ئەسەرلەر كۆپلەپ يېزىلىشى كېرەك، دىگەندەك)
مۇئەللىمنىڭ قوش سالاھيەتتە ئجدىمايى مەسلىلەرنى قىپيالڭاچ ھالدا ئەدەبىياتقا سۆرەپ كىرىشى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ئەقەللىيسى مەن ھېس قىلغان تۆۋەندىكى كىرزىسلارنى ئېلىپ كەلدى.
1.مەتبۇئات چاكىنىلاشتى. شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژورنىلىنىڭ مۇئەللىمنىڭ پەپلاسوپلىق قالپىقىنى ئېچىشى بۇنىڭ كۈچلۈك دەلىلى.
2.ئەدەبىيات زور دەرىجىدە رادىكاللاشتى. قوش سالاھيەتتىكى ئەختەم ئۆمەرنىڭ بەزى ئەسەرلىرىدىكى ئادەمنى ھۆ دىگۈزىۋەتكۈدەك قىپيالڭاچ  جىنسى تەسۋىرلەر بىلەن ھېچكىمنىڭ كۆزىگە كۆرۈنمىدىيۇ، پەرھاتنىڭ رۇمانىدىكى بەزى تەسۋىرلەر بۇزۇقچىلىق ئەخلاقسىزلىق تەرىقىسىدە ئۇمۇملاشتى. ساۋادىنى بارلىكى ئۇيغۇرنىڭ ھەرقاندىقى،جەميەتسۇناس،زىيالى ،دېھقان،پاھشە،ئوغرى، قىمارۋاز....بىرەر ئۇيغۇر يازغۇچى-شائىرنىڭ  ئەسەرلىرىدىكى بىرەر جۈملە ياكى سۆزنى تۇتىۋېلىپ ئۇنىڭ ئىمانىغا خالىغانچە تون پىچالايدىغان بولدى.
3.تېما قەھەتچىلىكى كىلىپ چىقتى. ئىجدىمايى مەسسلەر يۇرۇتىلمىغان،ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان تېمىلاردا قەلەم تەۋرىتىدىغان يازغۇچىلار جەميەتنىڭ سىرىتىغا سىقىپ چىقىرۋېتىلدى

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  511
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 142
تۆھپە : 0
توردا: 13
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 13:59:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ فىلىملەرنى قانداق قىلىپ چۈشۈرگىلى بولىدىغاندۇ چۈشۈرىۋېلىپ ساقلاپ قوياي دېگەنتىم؟

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12
يازما سانى: 549
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1763
تۆھپە : 20
توردا: 408
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 15:03:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erkin يوللىغان ۋاقتى  2012-8-8 13:59
بۇ فىلىملەرنى قانداق قىلىپ چۈشۈرگىلى بولىدىغاندۇ چۈشۈ ...

كومپىيۇتىرىڭىزدا 迅雷7چۈشۈرگۈچنىڭ ئەڭ يېڭى نەشرى بولسا، چۈشۈرمەكچى بولغان فىلىمنىڭ ئۈستىگە مائۇسنى ئەكەلسىڭىز بىر يۈرۈش مەشغۇلات بەلگىلىرى چىقىدۇ. شۇنىڭ ئىچىدىن چۈشۈرۈش دىگەن بەلگىنى چەكسىڭىزلا چۈشۈرەلەيسىز.

ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك. بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش