بۇ شېئىرنى ،ھەۋەسكارلىقىمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدامېنى ئويلۇق شېئىرلىرى بىلەن سۇغارغان ئۇستازىم غوجامۇھەممەتكە ھۆرمەت بىلەن بىغىشلايمەن .ھەمدە بارلىق ئىشلىرىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولۇشىنى ،ئۆمۈرنىڭ ئۇزۇن بولۇشىنى تىلەيمەن .
باسما قۇدۇق
رېئاللىقىمدىن بىر نوگاي قۇيدۇم قۇدۇققا
ئاندىن باستىم قۇدۇقنى كۈچەپ
ئېتىلىپ چىقتى يىغلاڭغۇ شېئىر ...!
مەن سۆيىمەن غوجامۇھەممەتنى
ئۇ بەرگەن ماڭا بىر نوگاي «سۇ»...!!
باسىمەن قۇدۇقنى جان- جەھلىم بىلەن
ئاھ، ئارام ئالغۇم يوق ئالمايمەن مەڭگۈ .
تارتىلىپ كېتىدۇ ئازاپمۇ ...،«سۇمۇ»...
تارتىلىپ كېتىدۇ چاپچىغان دولقۇن
باسىمەن ،باسىمەن چىقماس بىر تېىمىم
ئاخىرقى توپلامىغا ھەر كىم كۈلىدۇ...!
(بىر نوگاي سۈيۈڭ بولمىسا
سۇ ئېلىپ ئىچەلمەيسەن باسما قۇدۇقتىن )
ئۆزۈم شۇنچىلىك نامرات بەندىمەن
بايلىقنى ئىزدىگىن ئەمما ئىچىمدىن
ئېتىلىپ چىقماقتا يىغلاڭغۇ شېئىر ...
بۈگۈن يەنە قۇدۇق باسىمىز !...