بۇ شېئىرنى ،ھەۋەسكارلىقىمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدامېنى ئويلۇق شېئىرلىرى بىلەن سۇغارغان ئۇستازىم غوجامۇھەممەتكە ھۆرمەت بىلەن بىغىشلايمەن .ھەمدە بارلىق ئىشلىرىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولۇشىنى ،ئۆمۈرنىڭ ئۇزۇن  بولۇشىنى تىلەيمەن .
باسما قۇدۇق 
رېئاللىقىمدىن بىر نوگاي قۇيدۇم قۇدۇققا 
ئاندىن باستىم قۇدۇقنى كۈچەپ 
ئېتىلىپ چىقتى يىغلاڭغۇ شېئىر ...!
مەن سۆيىمەن غوجامۇھەممەتنى 
ئۇ بەرگەن ماڭا بىر نوگاي «سۇ»...!!
باسىمەن قۇدۇقنى جان- جەھلىم بىلەن 
ئاھ، ئارام ئالغۇم يوق ئالمايمەن مەڭگۈ .
تارتىلىپ كېتىدۇ ئازاپمۇ ...،«سۇمۇ»...
تارتىلىپ كېتىدۇ چاپچىغان دولقۇن 
باسىمەن ،باسىمەن چىقماس بىر تېىمىم
ئاخىرقى توپلامىغا ھەر كىم كۈلىدۇ...!
(بىر نوگاي سۈيۈڭ بولمىسا 
سۇ ئېلىپ ئىچەلمەيسەن باسما قۇدۇقتىن )
ئۆزۈم شۇنچىلىك نامرات بەندىمەن 
بايلىقنى ئىزدىگىن ئەمما ئىچىمدىن 
ئېتىلىپ چىقماقتا يىغلاڭغۇ شېئىر ...
بۈگۈن يەنە قۇدۇق باسىمىز !...