يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 2999|ئىنكاس: 52

rasheedنىڭ بىر پاچە خېتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                         ئابدۇرەشىد مۇھەممەتئىمىننىڭ بىر پارچە خېتى

    ئەيبۇ ئاكا ياخشىمۇسىز؟
    بۇ قېتىم ئۈرۈمچى سەپىرىدە سىز بىلەن چوقۇم بىر ئەھۋاللىشىپ، تورىمىز ھەققىدە ئويلغانلىرىمنى بىر ئورتاقلىشىپ كىلىش نىيىتىم بار ئىدى. ئەمما يىغىن ۋە كۇرۇس ۋاقتىمىزنى بەك زىچ ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغاچقا سىز بىلەن ئايرىم بىر ئەھۋاللىشىشقا نېسىپ بولمىدى. يەنە بىر تەرەپتىن ئابدىرشىت ئىلىمۇ «بىرگە پاراڭلىشىمىز» دېگەچكە ئۇنى ساقلاپ قاپتىمەن. كېيىن ئۇ كەلمەي، بىز ئالدىراش يېنىپ قالدۇق. يېنىپ كەلگەندىن كېيىنمۇ بەك ئەپسۇسلاندىم. بۇ قېتىم سىز بىلەن چوقۇم بىر ئەھۋاللىشىپ كىلىشىم كېرەك ئىدى...
    تورىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان سىزنىڭ قەدىرلەپ، ئىشىنىشىڭىز بىلەن تور ئەدەبىياتىمىزنى ياخشى قىلىش نىيىتىدە تورىمىزغا ئىنتايىن مەسئۇلىيەت بىلەن مۇئامىلە قىلىپ كەلدىم. بەزى تەرەپلەردە يېتىشىپ بولالمىغانلىقىم ئۆزۈمگىمۇ ئېنىق. لېكىن نىيىتىم «مۇشۇ تورنى ياخشى قىلساق» دېگەندىن ئىبارەت بولدى. شۇڭا تەكرار باشقۇرغۇچى ئالماشتۇرۇلغان ۋاقىتتا بۇ سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىققا، نەچچە ۋاقىتتىن قىلغان ئەجرىمنى تاشلاپ قويۇشقا كۆڭلۈم ئۇنىماي باشقۇرغۇچىلىقتىن چېكىنمىدىم.
    تورىمىز يېڭى قۇرۇلۇپ بىر مەھەل شۇنداق بىر ئاۋات، قىزغىن، سەرخىل مەنزىرە مەيدانغا كەلگەن ئىدى. تورىمىز ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يەنە بىر مۇھىم سەھنىسى بولۇپ نوپۇزىنى تىكلىگەن،مەتبۇئاتلاردىمۇ تەكرار تىلغا ئېلىنىپ، كىشىلەرنىڭ قايىللىقىنى قوزغىغانىدى. شۇ ۋاقىتتا تورىمىزدا مەتتۇرسۇن ئىلى، ئەنۋەر ھوشۇر، مەمەت ھوشۇر، ئوسمان قاۋۇل، پەرھات ئىلىياس، ئابلىكىم ھەسەن، غىلاجىددىن ئوسمان(مەرھۇمغا جەننەت نىسىپ بولسۇن)، ياسىنجان سادىق چوغلان، تۇرسۇنجان مۇھەممەت، ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم، ئەسقەر ياسىن، چىمەنگۈل ئاۋۇت، ئابلەت ئابدۇرشىت بەرقى، ئىدرىس نۇرۇللا قاتارلىق بىر قەدەر قەلىمى پىشقانلاردىن تارتىپ، مەھدى، ئالىم تۇران، ئۇچتىكىن، ئابدۇراھمان ئابدىكىرىم زۇلتاپ، ھەزرەتئەلى ئەلى، توختى مامۇت ئىزچى، مەھمۇتجان خوجا ئۈمىدۋار، ئابدۇمىجىت مۇھەممەد، تۇرسۇنجان ھىبىبۇللا جاڭگال، نۇرمۇھەممەت ئالىپ ئوغۇز، پەرى ياقۇپ، ئاينۇر دولقۇن، ئاينۇر مۇھەممەت كۆكتولۇن، مەلىكە مۇھەممەت ئايزىت، ئەنۋەر جۇلا، پاسئان، كۈيزار، بوزلان، ئۆمەر مەھمۇد .... قاتارلىق ئىجادىيەتنىڭ ھەر خىل ژانىرلىرىدا قەلىمى يېتىلىۋاتقان ياشلارغىچە ھەممىسىسى تورىمىزنى ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت بېغى قىلىپ تاللاپ بۇ يەردە يىلتىز تارتقان ئىدى. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە بۇلارنىڭ بىر قىسىمى تورنى تەرك ئىتىپ چىقىپ كەتتى ياكى توردا بولسىمۇ بۇرۇنقى قىزغىنلىقلىرى قالمىدى.
   بىزنىڭ تور شىنجاڭدىكى يازغۇچىلارغا باش دەپ قارىلىدىغان «شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى»نىڭ ئورگان تورى بولغاچقا، بىز باشقا مۇنبەرلەردىن پەرقلىق باشقۇرۇشقا،پەرىقلىق تەشكىللەشكە، ئۇنى ساپالىق مۇنبەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا كۈچىدۇق. سىزمۇ تەلەپنى قاتتىق قويۇپ ھەم ئۇنى ئىزچىل بىزگە ئەسكەرتىپ، ئورۇندىيالمىغانلارنى ئالماشتۇرۇپ، تورنى ياخشىلاشقا كۈچەپ كەلدىڭىز. لېكىن نەتىجە كۈتكەندەك ئەمەس. بارغانسېرى تورىمىز ئۆزىنىڭ ئاشۇ سەرخىل، قىزغىن، سەۋىيەلىك پەللىسىدىن يېراقلاپ كېتىۋاتقاندەك قىلىدۇ.

   بۇنىڭدىكى سەۋەبنى مەن مۇنداق بىر نەچچە تەرەپتىن چۈشىنىپ باقتىم:

   بىرىنچىدىن، قەلمى سەل پىشقانلارنىڭ توردىن رايى قايتىپ قالدى. زور كۆپچىلىك قەلەمكەشلەر تورنى بىر مەشىق سەھنىسى دەپ قارىغاچقا، سەل پىشقان ئاپتۇرلار ئەسىرىنى مەتبۇئاتقا يوللاش، مەتبۇئاتتا ئېلان قىلدۇرۇش ئۈچۈن توردا تېما يازمايدىغان بولۇپ قالغاندەك قىلىدۇ. بۇ ھازىرقى ئورتاق يۈزلىنىشمىكىن، مەسئۇلىيەتنى ئەلۋەتتە، ھېچكىمدىن كۆرگىلى بولمىسا كېرەك.

   ئىككىنچىدىن، تورىمىزنىڭ مۇقىمسىزلىقىمۇ بىر مۇھىم سەۋەب. يازغۇچىلار تورى قۇرۇلۇپ خېلى بىر گۈللىنىش شەكىللەنگەندە مۇنبەر بەت نەشىرىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن بۇرۇنقى تېمىلار «كونا مۇنبەر» نامىدا ئارقىدا قالدى. بىر قىسىم تورداشلار بۇنىڭغا سەل نارازى بولدى. شۇنىڭ بىلەن بەزىلىرى يېڭى مۇنبەرگە تېزىملىتىشنى ئېغىر ئالدى. ھەممىدىن يامان بولغىنى ئالدىنقى يىلى تورىمىزنىڭ بىر مەھەل پالەچ بولۇپ قېلىپ ئالتە ئايلىق تېمىلىرىنى يوقىتىپ قويىشى بولدى. نۇرغۇن تورداشلار بۇنى «يازغۇچىلار جەمئىيىتى»نىڭ ئورگان تورى – ئىشەنچلىك دەپ قاراپ كەلگەچكە خاتىرجەم ئەسەر يوللىغان ئىدى. ھەتتا بەزىلىرى تور ئالدىدىلا بىۋاستە يېزىپ تېما يوللىغاچقا يۈتكەن تېمىلار بارلىق ئەزالارنى ئۈمىدسىزلەندۈرىۋەتتى. بۇ ئۇلارنىڭ «تور ئىشەنچىسىز» دېگەن قارىشىنى كۈچەيتىپ قويدى. شۇڭا تورغا بۇرۇنقىدەك قىزغىن بولمايدىغان بولۇپ قالدى. گەرچە سىزمۇ جىق تىرىشىپ تورىمىزنىڭ ئەسلىگە كىلىشىگە جىق كۈچىگەن بولسىڭىزمۇ ئەھۋال شۇ بولدى. بىزمۇ ياردەم قىلىشنى ئويلىدۇق – يۇ قولىمىزدىن كەلمەي قاراپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇق.

   ئۈچىنچىدىن، تور بەت باشقۇرۇش ئىستىلىمىزدە، ئىقتىدارىمىزدا مەسىلە خېلى بار. تور بەت يېڭى قۇرۇلغان مەزگىللەردە باشقۇرغۇچىلىرىمىزنىڭ ئىتتىپاقىغا گەپ كەتمەيتى. چۈنكى بىز باش قوشۇپ ئاندىن ئىش باشلىغان ئىدۇق. ئەمما كېيىنكىلەر ئارىسدا ئۆزىنىڭ يېقىنلىرىنى يىنىغا تارتىش، گۇرۇھۋازلىق، يۇرتۋازلىق قىلىش، ئۆزئارا گۇپپاڭچىلىق قىلىپ ئىنكاس يېزىشىش دىگەندەك ناچار ئادەتلەر شەكىللىنىپ قالدى. ئەسلىدىكى ئەدەبىياتقا بولغان تەبىئىي مۇھەببەت بىلەن باشلانغان ئىشلار ئەمدى بولسا بارغانسېرى سۈنئىي مۇناسىۋەت، خوشامەت، تەكەببۇرلۇق، پىتنە، ئاداۋەت، بەسخورلۇققا قاراپ يۈزلىنىپ، بەزى باشقۇرغۇچىلىرىمىزمۇ بۇ پاتقاققا پېتىپ قالدى. بولۇپمۇ ھازىرقى باشقۇرغۇچىلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا بۇ ئەھۋال ئىنتايىن ئوچۇق. بۇ يالغۇز باشقۇرغۇچىلار ئارىسىدىكى پىكىر بىرلىكىگە، ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي تېمىلارغا، تورداشلارغا قەدەر ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتتى. مەلۇم بىرى بىر تېمىغا كىرىپ ئىجابىي ئىنكاس يېزىپ ماختاپ قويسا باشقىلارمۇ شۇ تېمىغا كىرىپ ماختايدىغان، تەنبىھ بەرسە تەڭ تەنبىھچى بولىۋالىدىغان ئىش خېلى ئاۋۇپ قالدى. بۇنى چوقۇم سىزمۇ ئېنىق ھېس قىلدىڭىز.  بۇ يەردە بۇ گەپكە قوشۇمچە قىلىدىغىنىم، باشقۇرغۇچىلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا خېلى كىبىر بار. مەن ئويلايمەن: بىز ئەدەبىياتنى ياخشى كۆرگەچكە بۇ ئىشقا خالىس كىرىشكەن، بىز ئەدەبىياتىمىز ئۈچۈن خالىس مۇلازىمەت قىلغۇچى. ھەرگىزمۇ يازغۇچىلار جەمئىيىتى بىكىتىپ قويغان «كاتتا ئەمەلدار»لار ئەمەس. ئەمما تورىمىزدا ئەھۋال سەل باشقىچە. تورىمىزنىڭ نوپۇزى بىلەن باشقۇرغۇچىلار ئۆزىگە تەمەننا قويىدىغان، ئەزالارغا خېلى پوپۇزا كۆرسىتىپ، ئۆزنىڭ كۈچىنى كۆرسىتەلەيدىغان بولۇپ قالدى. تېمىلارغا يېزىلىۋاتقان بىر قىسىم ئىنكاسلاردا خۇددى ئاجايىپ سەۋىيەلىك مۇھەررىر، يازغۇچىدەك كىبىرلىك ماختاش، كىبىرلىك تەنبىھلەر ئەزالارنىڭ كۆڭلىگە تەگدى. باشقۇرغۇچىلارنىڭ ھۆرمىتى چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن تەڭ تورنىڭمۇ ھۆرمىتى چۈشتى. بەزى ئەزالار شۇنىڭ بىلەن تورىمىزغا كىرمەس، كىرسىمۇ تېما ئەسەر يوللىماس، بۇرۇنقىدەك قىزغىن بولمايدىغان بولۇپ قالدى. بۇمۇ ئەزالارنىڭ ئىشەنچىنى سۇسلاشتۇرۇپ قويغان بىر سەۋەب بولۇپ قالدى. بىز بۇ يەردە بىر ئاددى بىر پىدايى، تەشكىللىگۈچى بولالىساق، تورداشلاردىن ئۆزىمىزنى ئايرىۋالمىساق ياخشى بولاتتى.

   تۆتىنچى، مۇنبەردە ئۆزىمىز تەشكىللىگەن يېڭىلىق كەم. داۋاملىق ئەزالارنىڭ تېما يوللىشىنى پاسسىپ ھالدا كۈتۈپ، پاسسىپ ھالدا يوللانغان تېمىلارنىڭ ھەممىسىنى  دېگۈدەك قارا - قويۇق تەستىقلاپ كەلدۇق. شۇنىڭ بىلەن مۇنبەرگە سەر خىل تېمىلارنىڭ يوللىنىشى كەم بولۇپ قالدى. مېنىڭچە بۇ ياخشى ئەھۋال ئەمەس. تورىمىز نامىدىن بەزى سەھىپىلەردە، بەزى يېڭى تېمىلاردا كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە پائالىيەت تەشكىللەپ باقساق، تورداشلارنىڭ قىزغىنلىقىنى قوزغىساق، تور باشقۇرغۇچىلار ئۆزىمىز باش بولساق ياخشى بولاتتى. مەسىلەن: مەن ئىلگىرى تەشكىللىگەن «مۇكاپاتلىق كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى»مۇ شۇ مەقسەتتە ئوتتۇرىغا چىقىرىلغانىدى. كېيىن «ئوقۇرمەنلەر ياقتۇرغان روماننى توردا باھالاش»مۇ ناھايىتى ياخشى تەسىر قوزغىغانىدى. ھازىر يەنە بار ئىمكانىيەتتىن پايدىلىنىپ بىر قاتار ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ.

بۇ ھەقتىكى قالغان پىكىرلىرىمنى مەن تورىمىزنى ئىسلاھ قىلىش توغرىسىدىكى پىكىرىم بىلەن بىرلەشتۈرۈپ دەي:

بىرىنچىدىن، تورىمىزنىڭ راۋانلىقى، بولۇپمۇ تېخنىكا جەھەتتىن كاشىلا كۆرۈلمەسلىكىگە ئامال بار كاپالەتلىك قىلساق. بۇنىڭ ئۈچۈن سىزمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىۋاتىسىز. شۇنداقتىمۇ بوشىشىپ قالمىغان بولسىڭىز.

ئىككىنچىدىن، باشقۇرغۇچىلار ئارىسىدىن بەزى باشقۇرۇش تېخنىكىسى ياخشى ئەمەس، باشقۇرۇش ئىستىلىدە مەسىلە بارلارنى يەنە شاللىۋەتسەك ياكى ھەممىگە ئورتاق قىلىپ بىر تەنقىد، تەكلىپ بەرسەك. ياكى بولمىسا تورداشلارغا باشقۇرغۇچىلىرىمىزنى باھالايدىغان قىلساقمۇ بولىدۇ. ھەققى مۇھەببىتى بىلەن ئەدەبىياتقا مەسئۇل بولىدىغان  ئادەم بولسىلا بولاتتى.

ئۈچىنچى، مۇنبەردە باشقۇرغۇچىلارنىڭ جانلىق ھەرىكەت قىلىشىغا ئىلھاملاندۇرساق، باشقۇرغۇچىلار باش بولۇپ مۇنبەرگە يېڭىلىق ئىلىپ كەلسە ياكى شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇرۇنۇپ باقسا. مۇمكىن بولسا باشقۇرغۇچىلارنى مەلۇم ئەدەبىي پائالىيەت تەشكىللەشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، ئىمكانىيەت بەرسەك. مەسىلەن: تەرجىمىگە تەۋسىيە قىلىش(بۇ سىزنىڭ قولىڭىزدىن كېلىدۇ)، شېئىرىيەت سەھىپىسىدە مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرساق. بۇنىڭغا بەك كۆپ چىقىم كەتمەيدۇ، بەزى ئەدەبىياتنى ياخشى كۆرىدىغان سودا ساھەسىدىكىلەرنىڭ قىزغىنلىقىدىن پايدىلانساق، ئۇلار بىلەن ئۆزىمىز ئالاقە ئورناتساق بولىدۇ. توردا باھالاش پائالىيەتلىرىنى يەنە بىر قوزغىتىپ باقساق، بولسا يىلمۇ – يىل شۇنداق ئېلىپ بېرىپ بۇنى تورىمىزنىڭ ئەنئەنىسىگە ئايلاندۇرساق.

تۆتىنچى، «خانتەڭرى» تور ژورنىلىغا كۈچەپ ئۇنىڭ نوپۇزىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۇنى تورىمىزنىڭ كوزۇرلىرىدىن بىرى قىلساق بولىدۇ.بۇنى زادى قانداق قىلىمىز مەندىمۇ كونكېرت پىلان يوق.

بەشىنچى، تور بەتنىڭ بەت نەقىشلىرىنى قەرەللىك يېڭىلاپ، مۇنبەرنىڭ يېڭىلىقىنى نامايەن قىلىپ تۇرساق، بۇ يەنىلا تېخنىكا مەسىلىسى .

ئالتىنچى، تورىمىز قۇرۇلغىلى ئۈچ يىل بولۇپ قالدى. بەش يىللىقىنى پىلانلاپ كىتاب تۈزۈش ئىشىنى ئويلىشىپ بېقىش كېرەكمىكىن؟!  ھازىرقى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا تىرىشىپ باقساق بۇنىڭغا ئىمكان باردەك قىلىدۇ.

  گەپلىرىم ئۇزۇن بولۇپ كەتتى. بەلكىم يەنە كەم پىكىرلىك قىلغان يەرلىرىم باردۇ؟! قالغان گەپلەرنى يەنە دىيىشەرمىز.


                  ئامان بولۇڭ!

                   ئىنىڭىز: رەشىد

                       2013-يىل.  ئاپىرېل


    ئىلاۋە:  

    رەشىدنىڭ بۇ خېتىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، نەچچە قېتىم ئوقۇدۇم. ئويلاپ باقسام خەتتە تورىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى خېلىلا چوڭقۇر ۋە ئەتىراپلىق ئوتتۇرغا قويۇلۇپتۇ.سەۋەپنى ئۆزۈمدىن ئىزدەپ باقتىم. ھەقىقەتەنمۇ باشقا خىزمەتلەر بىلەن ئالدىراشلىقىمنى باھانە قىلىپ، تورنىڭ ئۆز ئىشىغا سەل قارىغان، كارىم بولمىغان ئەھۋاللار مەندە مەۋجۇت ئىكەن.
   خەتنى بىرقانچە كۈن ساقلىغاندىن كېيىن، توردا ئېلان قىلىپ كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىپ بېقىشنى مۇۋاپىق كۆردۇم. نىمىلا دىگەن بىلەن كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ بولىدۇ. مەسىلىنى بايقىغان ئىكەنمىز ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشىمىز كېرەك. ئەلۋەتتە كۆپچىلىك بىلەن بىللە ئىزدەنسەك ئۇنى ھەل قىلىش بىزگە نىسپەتەن تېخىمۇ ئاسانغا توختايدۇ.
  
    رەشىدنىڭ قىزغىنلىقىغا، سەمىمىيىتىگە، مەسئۇلىيەتچانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن! ئۇ قانداقتۇر بەزى باشقۇرغۇچىلىرىمىزغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ توردىكى تەسىرىگە مەپتۇن بولۇپ ئولتۇرماي، تورىمىزنىڭ تەرەققىياتى، سۈپىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۈلىشى ئۈچۈن ئويلىغانلىرىنى ئازادىلىك بىلەن ئوتتۇرغا قويۇپتۇ. مەن يەنە بۇ خەتنىڭ باشقا باشقۇرغۇچىلىرىمىز ئۈچۈن بىر ئەينەك، دەرىسلىك، تورداشلار ئۈچۈن بىر ئىلھام ۋە بىر ئۈمىد بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەممەيلەننىڭ مۇشۇ ئاساستا ئويلىغانلىرىنى، تەكلىپلىرىنى راسچىللىق بىلەن ئوتتۇرغا قويۇپ، كېيىنكى قەدەمدىكى ئىشلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ ئىزىغا چۈشۈپ، يۈرۈشۈپ كېتىشىگە ياردەمدە بولۇشىنى سەمىمىيلىك بىلەن تەلەپ قىلىمەن.


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-4-29 01:30:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرەشىدنىڭ بۇ «خېتى» دەل ۋاختىدا يېزىلىپتۇ. دېمىسىمۇ مەۋجۇت مەسىلىلەرنى ۋاختىدا بايقاپ، ھەل قىلىش چارىلىرى ئۈستىدە ئويلىنىپ بېقىش ھەممىمىزنىڭ مەجبۇرىيىتى.
  مېنىڭ ھېس قىلغىنىم: تور بەتلەردە ئېلان قىلىنىپ كەتكەن ئەسەرلەرنى بەزى مەتبۇئاتلارنىڭ ئىشلەتكۈسى كەلمەسلىكتەك ئەھۋاللارمۇ مەسىلە پەيدا قىلىۋاتقان ئامىلارنىڭ بىرىمۇ قانداق؟

ۋاقتى: 2013-4-29 01:35:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەيبۇ ئاكا،يەنە بىر مەسىلە تېما باشقۇرغۇچىلار دا كۆڭلىگە ياقمىغان ئەسەرلەرنى سەۋەبسىز ئۆچۈرۈپ تاشلاش،يېڭىچە ئەسەرلەرگە قارىتا پاسسىپ پۇزۇتسىيە تۇتۇش خاھىشى بار ،(زادى بەك ناچار ئەسەرلەر بولغان تەقدىردىمۇ ،بۇنىڭ ئۆچۈرۈلۈش سەۋەبىنى ئەسكەرتىش كېرەك دەپ قارايمەن ).

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەمەندەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-29 01:38  


ۋاقتى: 2013-4-29 02:00:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن  تۇلىمۇ ئۇرۇنلۇق  پىكىر-تەكلىپ بايان قىپتۇ،ساقلانغان مەسىلىلەرنىمۇ ئەتىراپلىق ئوتتۇرغا قۇيۇپتۇ،بۇ بەلكىم مۇشۇ يازغۇچىلار تورىدىكى زور كۆپ سانلىق يازغۇچى-شائىر،قەلەمكەشلەرنىڭ ئاۋازى،ئەيبۇ ئاكامغا دىمەكچى بولغانلىرىدۇر...
مەن ئابدۇرەشىدنىڭ يازغۇچىلار تورى قۇرۇلغانلىقىنىڭ بەش يىللىقىنى قۇتلۇقلاپ مۇشۇ توردا ئېلان قىلىنغانئەمما مەدبۇئادلارغا يوللانمىغان سەرخىل ئەسەرلەردىن تاللاپ بىر توپلام تۈزۈش -پىكىرىنى قوللايمەن.

شەخسەن پىكىرىم ئەزالارنىڭ تىما يوللاش، تىما بىزەش ،تىمىللىرىغا ئۇلىنىش قۇشۇش قاتارلىق ھۇقۇقلىرى چەكلىمىگە ئۇچىرىمىسا(ئەلۋەتتە بەزى مۇناسىۋەتسىز ياكى بەدىئى سۈپىتى تۆۋەن ئۇلىنىش قۇشۇلغان تىما ئەسەرلەرنى باشقۇرغۇچىلارئاپتۇرغا ئەسكەرتى ئۆچۈرۋەتسە بۇلىدىغۇ) مەن ئاۋازلىق ئەسەر يوللىيالمىدىم ئۇلىنىش قوشالمىدىم ،بەلكىم بۇ مەسىلىگە باشقىلارمۇ يۇلۇققان بۇلىشى مۇمكىن.
يەنە بىرى -بارچە قەلەمكەشلەرگە قولايلىق بولىشى ئۈچۈن،«مەدبۇئادلىرىمىز»دىگەندەك بىر سەھىپە قۇرۇپ ئۇيغۇر يېزىقىدىكى بارلىق گېزىت-ژورنال،مەدبۇئادلار قىقىچە تۇنۇشتۇرۇلۇپ ئىشەنچىلىك ئېلخەت ئادىرسى قالدۇرۇلسا.
يوقارقىلار پەقەتلا ھېس قىلغانلىرىم ،شەخسى پىكىرىم،مەنمۇ ئەدەبىيات كوچىسىدا ئاران تەمتىرەپ مېڭىۋاتقان بىر ھەۋەسكار شۇ ۋەجى ئۇرۇنسىز سۆزلەپ قويغان بولسام ئۆزۈرلۈكمەن.

باھا سۆز

«مەدبۇئادلىرىمىز» ھەققىدىكى ئۇچۇرلار توردا بار.  ۋاقتى: 2013-4-29 09:47 AM
ۋاقتى: 2013-4-29 02:08:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆزنىڭ  ئىقتىدارى گەرچە كۆرۈش بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئۆزىنى ئۆزى بىۋاستە كۆرۈشتىن مەھرۇم. بۇنىڭ ئۈچۈن ۋاستە-ئەينەك كېرەك.  دەرۋەقە، ئىنىمىز ئابدۇرەشىد ھەر بىرىمىزنىڭ مۇنبەردىكى  ئۆز ئەمەلىيىتىمىز ئۈستىدە يەنە بىر قېتىم سەگەكلىك بىلەن ئويلىنىپ بېقىشىمىز ئۈچۈن ئۆزى بايقىغان ۋە ئويلىغانلىرىنى دادىللىق، سەمىمىيلىك ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ. مېنىڭچە، بۇ دېئاگنوز خېلى توغرا قويۇلغان. كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ بولىدۇ، شۇنداقلا كۆپ كىشىگە چېتىشلىق ئىشنىڭ مەسئۇلىيىتى  ۋە باش ئاغرىقىمۇ ئانچە ئاز بولمايدۇ.  نېمىلا بولمىسۇن، بىر بۇ ئىجاد ئېتىغا ئۆزىمىز خالاپ مىنگەن ئىكەنمىز، خېلى ئۇزۇن داۋام ئېتىدىغان بۇ مۈشكۈل سەپەر داۋامىدا بەك شاپاشلاپ ئالدىراپلا ھالسىراپ قالساق، بەك مىس-مىسلىشىپ سۆرۈلۈپ قالساق، تولا «كىشنەپ» باشقىلارنى زېرىكتۈرسەك، ئۇدۇل كەلگەننى تېپىپ، چىشلەپ تارتىپ ئۆزىمىزدىن ھەممىنى بىزار قىلساق، بۇ سەپەردە راستلا  نىشانغا يېتەلمەيمىز، يېتەلمەيمىزلا ئەمەس، ئادىشىپ قالمىز...
   مۇنبەرداشلار ئارا مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك تەكلىپ-پىكىرلەر،  نازارەت ۋە يېتەكلەشلەرنىڭ دائىم بولۇپ تۇرۇشى-ئېنىقكى، ھەمىمىزنىڭ ئىجاد سەپىرىمىزنى خەيرلىك باسالىشىمىز ئۈچۈن چوقۇم تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.

ۋاقتى: 2013-4-29 02:17:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
(1)  مۇنبەردە نادىر ئەسەرلەرنى باھالاش ئېلىپ بېرىپ ، نادىر ئەسەرلەرنى مەتبۇئاتلارغا تەۋسىيە قىلساق(تور ئەدەبىياتى بىلەن مەتبۇئاتلار قويۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئۆتكۈزسە) ،بۇ ئاپتۇرلارنىڭ قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە تۈرتكىلىك رول ئوينامدىكن دەپ ئويلىدىم .
(2)يەنە ھەر قايسى ژانىرلارغا قارىتا ئايرىم مۇنازىرە بېتى قۇرۇپ ،ئەسەرلەرگە نىسبەتەن باھالاش،تەھلىللەر ئېلىپ بېرىلسا.ھەر خىل مۇنازىرىلەر كەڭ قانات يايدۇرۇلسا.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەمەندەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-29 02:20  


باھا سۆز

سەھىپە مەسئۇللىرى بىر نەرسە دەپ باقسۇنمۇ...  ۋاقتى: 2013-4-29 09:51 AM
ۋاقتى: 2013-4-29 02:22:21 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز بۇ قېتىم ئۈرۈمچىدە مۇشۇ مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىرلەشمەكچى ئىدۇق، پۇرسەت بولماي قالدى، رەشىد ناھايىتى ئىلمى، ئوبېيكتىپ تەھلىل يۈرگۈزۈپتۇ، مېنىڭمۇ ئويلىغانلىرىمنى دەپتۇ. مەسىلە بولغان ئىكەن ئۇنى تۈزىتىش ياكى تۈزىتىشكە ئۇرۇنۇش كېرەك. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abdurexit eli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-29 02:26  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-4-29 03:20:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداشلار ئوتتۇرغا قويغان مەسىلىلەرگە ئۇ قايسى باشقۇرغۇچىمىز ۋە ئۇ مەسئۇل بولغان سەھىپىگە مۇناسىۋەتلىك بولسا، تەششەبۇسكارلىق بىلەن جاۋاپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇنىڭغا باشقۇرغۇچىلار خۇددى تورداشلاردەك ئىنكاس يېزىپ، ئۇنداق بولسا بولاتتى، مۇنداق قىلساق بولاتتى، دەپ ئولتۇرساق بولمايدۇ. قىلالايدىغانلىرىمىزنى دەرھال قىلىشىمىز كېرەك، ھازىرچە دەرھال قىلالمايدىغانلىرىمىزنى شارائىتقا قاراپ كېيىنگە قالدۇرساق بولىدۇ. جاۋاپلىرىمىزدا پىكىر ئەستائىدىل،پوزىتسىيەرىمىز ئېنىق بولۇشى كېرەك. تورداشلارنىڭ رازى بولۇش - بولماسلىقى مەلۇم نۇقتىدىن باشقۇرغۇچىلارغا بولغان باھا بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
  ئەلۋەتتە، مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە بولىمەن. ھازىردىن باشلاپ مەن بۇ تېمىغا ئىزچىل نەزەر ئاغدۇرۇپ، ماڭا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە تورداشلار بىلەن پىكىردە بىرلىككە كېلىشكە تىرىشىمەن.
  بۇ تېمىنىڭ تورىمىز، باشقۇرغۇچىلىرىمىز بىلەن تورداشلار ئوتتۇرسىدىكى كۆۋرۈك بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ۋاقتى: 2013-4-29 04:33:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەشىد ناھايتى ئورۇنلۇق ھەم نازۇك بىر مەسلىنى ئوتتۇرغا  قويۇپتۇ . زادى بىر قىسىم مۇھەرىرلەرنى تەڭشەيدىغان يەرگىمۇ

كەلدى ئەيبو ئاكا .ئۇشبۇ ۋەجىدىن مەنمۇ ئازاراق پىكىرمنى قالدۇرۇپ قوياي .


1-ئەسەرلەر ھەپتىدە بىر ياكى ئىككى قېتىم تەستىقلانسا ، چۇنكى خېلى بىرقىسىم مۇنازىرە

قىلىش ئەھمىيتى بار ئەسەرلەرمۇ نەچچە سائەتنىڭ ئىچىدە ئارقا بەتكە ئۆتۇپ قېلۋاتىدۇ .

2-ئەسەرلەرنى سەل تاللاپراق تەستىقلانسا ،  بىر قىسىم ناچار قىلچىلىك قىممىتى يوق

ئەسەرلەرمۇ يازغۇچىلارمۇنبرىدە نامايەن بولۋاتىدۇ .

3-يوللىغان ئەسەرلەرنى شۇ پېتى يوللىماي مۇھەرىرلەر ئىمكان بار تەھرىرلەش ئېلىپ بارسا

4-تەھىرىرلەر بىرقېتىم ئسلاھ قىلىنسا ، تەھىرىر،مۇھەرىر بولغۇچى مېنىڭچە بولغاندا ‹ب›

تەرەپتە تۇرشى كېرەك . ئالدىراپ ئەسەرلەرگە ،ئاپتۇرلارغا قالايمىقان باھا بەرمىسە.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sadakat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-29 04:36  


ۋاقتى: 2013-4-29 07:31:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭى مۇنبەر دەسلەپ قۇرۇلغان چاغدا ئەيبۇكامنىڭ ئەڭ يېڭى بەت سېستىمىسىنى قوللانساق دېگەن تەكلىپى بىلەن discuz بەت سېستىمىسىنى ئىشلەتكەن ئىدۇق . دەسلەپ مەنمۇ بۇنى ئانچە بىلىپ كېتەلمەي كۆپ قىينالدىم .
ئالدىنقى يىلى مۇنبەر ئېچىلماي تۇراقسىز بۇلۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن ،تور بېتىمىزنىڭ مۇلازىمىتىرىنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇپ بېرىدىغان خەنزۇ بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ،تور بەت سېستىمىسىنى قايتىدىن قاچىلىدۇق . ئەمما نۇرغۇن تېخنىكلارنى تەكلىپ قىلغان ، كۆپ ئىزدەنگەن بولساقمۇ مۇنبەرنىڭ 6 ئاي ئىچىدىكى بارلىق تېما، ئىنكاسلار يوقاپ كەتتى . مەن بۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق تورداشلاردىن  يەنە بىر قېتىم كەچۈرۈم سورايمەن.ھازىر مەن مۇنبەرنىڭ ساندانىنى كۈندە دېگۈدەك زاپاسلاپ مېڭىۋاتىمەن . بۇندىن كېيىن مۇنبەردە تېما ،ئىنكاسلار يۈتۈپ كەتمەيدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن بۇندىن كېيىن تورداشلار خاتىرجەم ھالدا ئەسەرلىرىنى يوللىسا بولىدۇ .
تور بېتىمىزنىڭ بەت نەقىشلىرىمۇ بۇندىن كېيىن قەرەللىك ھالدا يېڭىلىنىپ بارىدۇ . تورداشلارغا كۆركەم، .ئىشەنچىلىك تور مۇھىتى ھازىرلاپ بىرىش ئۈچۈن مەن چۇقۇم بىر كىشىلىك ھەسسەمنى قۇشىمەن.


ۋاقتى: 2013-4-29 07:38:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېھمان يوللىغان ۋاقتى  2013-4-29 02:00
ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن  تۇلىمۇ ئۇرۇنلۇق  پىكىر-تەكل ...


سالام ، بۇندىن كېيىن تېما بىزەش ، تېمىلىرىغا ئۇلىنىش قۇشۇش، ئاۋازلىق ئەسەر، سىن يوللاش .... قاتارلىق ھوقۇقلار ئېچىۋىتىلدى . سىناپ باقسىڭىز بۇلىدۇ .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-4-29 09:43:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەمەندەر يوللىغان ۋاقتى  2013-4-29 01:35
ئەيبۇ ئاكا،يەنە بىر مەسىلە تېما باشقۇرغۇچىلار دا كۆڭل ...


    مېنىڭچە،ئارقا سەپتە تەستىقتىن ئۆتمىگەن ئەسەرلەرگە چۈشەنچە ۋە ئەسكەرتىش بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇنى ئەسىرىم مۇنبەرنىڭ تەلەپلىرىگە ماس كەلمەپتۇ، دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ. تەستىقلىنىپ چىقىپ كەتكەن ئەسەرلەرنى ئۆچۈرۈشكە كەلسەك، ئاپتورلارنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقى بار ھەم سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈش كېرەك.
«يېڭىچە ئەسەرلەرگە قارىتا پاسسىپ پۇزۇتسىيە تۇتۇش خاھىشى»غا كەلسەك،  ئۇ مۇھەررىرلىرىمىزنىڭ كاللىسىنىڭ «كونىراپ» كەتكەنلىكىدىن بولسا كېرەك. تورىمىز ھەر ۋاقىت يېڭى، ئۆزگىچە ئىجادىيلىققا ئىگە ئەسەرلەرگە، ئېلىمىز ۋە چەتئەللەرنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلىرىغا تولىمۇ ئېھتىياجلىق.  

ۋاقتى: 2013-4-29 10:13:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرەشىد مۇھەممەتئىمىننىڭ خېتىنىڭ ئۈچىنچى تارمىغىدا ئوتتۇرغا قويۇلغان مەسىلىلەر يالغۇز مۇشۇ مۇنبەردىكى كۆرۈلىۋاتقان مەسىلە بولماستىن ،ئۇ ھازىرقى مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان بارلىق مۇنبەرلەردىكى ئەگىشىش، توپلىشىش ،گورۇھۋازلىشىش دېگەنلەر  باشقۇرغۇچى ۋە ئەزالاردىكى ئورتاق ئەھۋال ياكى كېسەللىك دەپ چۈشەنسىمۇ بولىدۇ .مەدھىيە ،خوشامەتمۇ  ئوخشاش .يەنە كېلىپ بۇمۇ ھازىرقى كىشلىك جەمىيەتتىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ بۇ يەرلەرگىمۇ ئەينەن كۆچۈپ كىرگەنلىكىدىن باشقا نەرسە ئەمەس، ئەزالار  ئەركىن ۋە مۇستەقىل پىكىر قىلىش، تەنقىد-تەربىيەگە تېخى زاكا ھالەتتە دەپ قاراشقا تامامەن بولىدۇ ............. بۇنى يەنە نۇرغۇن جەھەتتىن چۈشەندۈرۈش مۈمكىن . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ماھىرە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-29 10:14  


ۋاقتى: 2013-4-29 10:43:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن  بىر قىسىم شاكال ئىنكاسلارنى ۋە تەكرار ئىنكاسلارنى ئۈچۈرگەندە بەزىلىرىگە سەۋەبىنى يېزىپ ئولتۇرمىغان ئىدىم. بۇنىڭدىن كېيىن يازىمەن. تور بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تورداشلارنىڭ ئارىخپىغا تولۇق ئىسىمى ۋە ئادرېسىنى يېزىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ۋاقتى: 2013-4-29 10:52:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرەشىد ھەقىقەتەن ئەتراپلىق مۇلاھىزە قىلىپ،مەسىلىنى دەل تېپىپ چىقىپتۇ.
بۇ پىكىر ،مەن قاتارلىق نۇرغۇن پىشقەدەم تور ئەھلىنىڭ كۆڭلىدىكى گەپلىرى بولسىمۇ،بىراق،جۈرئەتسىزلىكى تۈپەيلىدىن ئوتتۇرىغا قويالمىغان دەپ قارايمەن ۋە ئابدۇرەشىدنىڭ جۈرئىتىگە ئاپىرىن ئوقۇيمەن ،شۇنداقلا ،ئىزچىل ھالدا،يۈرەكلىك،دادىل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
يەنە ،ئەيبۇ ئاكام تەشەببۇسكارلىق  ۋە كەمتەرلىك بىلەن ئۆزىنىڭ كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلىرىنى يېزىپتۇ.(بۇ سەۋەنلىكلەر ھەقىقەتەن ئۇنىڭدا كۆرۈلگەن.)ئەمما،ھەقىقىي سەۋەنلىكى بار ،ئۆزىنى ۋە يېقىنلىرىنى نامايەن قىلىش مەقسىتىدە ،ھېچقانداق يېڭىلىقى يوق ئەسەرلەرگە قارىتا،ئىنكاس ئىنقىلابى قوزغاش سەۋەنلىكى ئۆتكۈزىۋاتقان ئىنتايىن ئاز ساندىكى "تور ئەمەلدارلىرى" تېخى جىم.شۇڭا،ئۇلارنىڭ كەمتەر بولۇپ،ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈچۈن ھەقىقىي  كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئىجادىيەت ھەرگىزمۇ ئادەمنى كۆككە كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلمايدۇ.بەلكى،ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.ماختاش ئىنكاسى كۆپ چۈشكەن ئەسەر مەشھۇر ئەسەر،ئاپتۇرى بولسا ،مەشھۇر يازغۇچى بولۇپ قالمايدۇ.ئاپتۇرنىڭ مەشھۇرلىقىنى ساختا ئىنكاسلار ئەمەس،ئۇنىڭ ئەسىرىنىڭ سۈپىتى بەلگىلەيدۇ.ماختاشقا تېگىشلىك بولسا،ئاپتۇرىنى تونۇمىساقمۇ چوقۇم ماختىشىمىز  كېرەك.تەنقىدىي پىكىر بېرىشكە تېگىشلىك بولسا،يېقىن دوستىمىز بولسىمۇ بېرىشىمىز  كېرەك.شۇڭا مەندىن باشلاپ ھەممىمىز ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى بولغان كەمتەرلىكنى دوست تۇتۇپ،تور ئەدەبىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرايلى.
'"دوست يىغلىتىپ ئېيتار،دۈشمەن كۈلدۈرۈپ"دەپتىكەن.دوستلارنىڭ توغرا پۇزىتسىيەدە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھەلىمە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-29 11:26  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش