لىكىن ئەڭ ئاۋات بولۇش بىلەن ئەڭ سەرخىل بولۇشنىڭ ئوتتۇرسىدا زىددىيەت باردەك قىلىدۇ.
بۇنى ھازىرقى مۇنبەرلەرنىڭ ئەھۋالىدىن كۆرۈش مۇمكىن،مىسرانىم ،ئەل كۈيى،باس باس ،باغداش ...قاتارلىق ئەڭ ئاۋات مۇنبەرلەر سەرخىللىقتا ئىزدىنىش مۇنبىرى،قۇتاتقۇ بىلىك مۇنبىرى ...كاتارلىق ئېسىل مۇنبەرلەرنىڭ قولىغا سۇ قۇيۇپ بېرەلمەيدۇ.چاپ-چاپ تېمىلار،ھادىسىلىك مەسىلىلەرگە قىزىقىدىغان ،بىلىم ،مەلۇماتى ئادەتتىكىچە بولغان تورداشلار يۇقۇرقى ئاۋات مۇنبەرلەرگە يۈگرەيدۇ،دېڭىز چوڭقۇرلىقىدىكى گۆھەرنى كۆرۈشكە ئىنتىلگۈچىلەر سەرخىل مۇنبەرلەرنى كۆرۈشنى قولدىن بەرمەيدۇ.
يازغۇچىلار مۇنبىرىنىڭ سەرخىل مۇنبەرلەرگە ئوخشاش ئەزا قۇبۇل قىلىش ئۆتكىلىنى ئىزچىل چىڭ تۇتۇپ كەلگىنى كاتتا ئىش.
|