ئوت
دەردىمگە ئېچىلدى گۈلنىڭ ھەسرىتى،
قاناشقا باشلىدى يەنە بۇ يۈرەك.
كېچىنىڭ قاراڭغۇ ھاياجىنىدا،
ئۆزۈمنى ھېس قىلدىم يالغۇز دەرەختەك.
غەملەرنىڭ قىپقىزىل جاراھىتىنى،
مېھرىمدە نەچچە رەت چىقىتىممەن سىيلاپ.
دىلبەرنىڭ سىيماسى ئاجىز كۆزۈمدە،
بىر تامچە كۆز ياشتەك تۇرار يالتىراپ.
ئاۋازىم سىڭمەكتە تاملارغا چەكسىز،
پاتمىدى تۇپراققا بۇغدايدەك سۆزۈم.
كەپتەرنىڭ بۇقۇلداپ ئۈنلىشىنى كۆر،
ھىجرانكار دەملەرنىڭ يەكتاسى ئۆزۈم!
تېنىمدە ئاققان ئۇ سۇسىز دەريادا،
چېچىنى تارايدۇ بىر پارچە بۇلۇت.
كۆيدۈرسەڭ كۆيدۈرگىن قانغۇدەك دىلبەر،
كۆيدۈرەر ئەڭ دەھشەت قەبرىدىكى ئوت...
2010.8.2
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سەرداھى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-9 15:54