كەپە تەزكىرىسى
تۇرنىسا رەھىم ئاينۇرى
يالغۇز كەپە، يىگانە ئايال،
ئاش ئېتىدۇ قولىنى توغراپ.
بوران ئۇچار مىسكىن قەلبىدە،
كىشى كەلمەس ھالىنى سوراپ.
چاچتىن تولا غەملىرى باشتا،
ۋاقىتسىزلا ئاق كىردى چاچقا.
يوقسىزلىقنىڭ داۋانلىرىدا،
ياش تولىدۇ چاناقلىرىغا.
يوق كىشىسى يۈرىكى تۇتاش،
يوق يېنىدا سىرداش،قېرىنداش.
يەلكىسىنى تۇرىدۇ بېسىپ،
غۇربەتچىلىك بولۇپ قورام تاش.
بۇ ئالەمنىڭ تەنھا بەندىسى،
يات ئۇنىڭغا ھەممە، ھەممىسى.
يوق تۇمۇزدا بولار سايىۋەن ،
زىمىستاندا ئىسسىق ئۇۋىسى.
روجەكلەرنى چېكەر غېرىپلىق،
تۇرۇسلاردىن تۆكۈلەر يامغۇر.
ھۇۋلاپ تۇرار شامال گۈكىرەپ،
قازىنىدا قاينايدۇ چامغۇر.
يوق كالىسى ئېغىلدا چۆپ يەپ.
يوق بالىسى يوقلار ئانام دەپ،
ئۆتتى يىللار كۈن-تۈننى قوغلاپ،
ئۆز غېمىنى پەقەت ئۆزى يەپ.
ئاغرىنمايدۇ تەغدىردىن ھەرگىز،
يوق بولسىمۇ سۇپىدا كىگىز.
تۇزۇپ كەتتى ئاشۇ كەپىدە،
تۈنۈگۈنكى غۇنچە بويلۇق قىز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئاينۇرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-11 23:29