كۆرۈش: 167|ئىنكاس: 2

ئانا دەريا گۇۋاھ(ئەدەبىي ئاخباراد)تۇردى ئىسرائىل [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  458
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 34
تۆھپە : 0
توردا: 15
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 08:59:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئانا دەريا گۇۋاھ


(ئەدەبىي ئاخباراد)


تۇردى ئىسرائىل




ئۇ ناھيىدە ئېچىلغان'' ئاممىۋى مەدەنىيەت خىزمىتىدىكى قوش ئىلغارلارنى تەقدىرلەش چوڭ يىغىنى''دا،  گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ئىچىدە،  ناھيىلىك پارتىكۇم شۇجىسىنىڭ قولىدىن موكاپات تاپشۇرىۋالغىنىدا  يۈرىكى   ھاياجان ئىلكىدە سوقۇپ ،   ئاۋامغا  قىلىپ بەرگەن  ئازغىنا  ئىش  بەدىلىگە كەلگەن    لەۋھەنى باغرىغا چىڭ باسقىنىچە ، لەۋھەنىڭ    زەڭ   نۇر  قايتۇرىۋاتقان خەتلىرىگە يېنىش-يېنىشلاپ   قاراپ قالدى .

                  *                        *                       *

ئۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەبنى پۈتتۈرۈپلا     ھەر مىللەت ئاممسىنىڭ ئىشتىن سىرتقى    مەنىۋىي تۇرمۇش مەزمۇنلىرىنى    بېيىتىشنىڭ  مۇھىم تەركىبى قىسىمىلىرىنىڭ بىرى      بولغان يېزا ئاساسى قاتلام     كىنو قويۇش   ئىشلىرىغا بېغىشلاپ،كۈنلىرىنى گۇياكى   ئەزىز تېنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىدەكلا    بولۇپ  قالغان      «  كىنو   ئاپىراتى»غا ھەمرا  بولۇپ ئۆتكۈزدى.

ئۇ راھىتىدىن جاپاسى كۆپ ، ئاللىمىقاچان «بىراك مال»قاتارىدىن ئۇرۇن  ئېلىپ،ئەسكى-تۈسكىلەر ئامبىرىعا  يوللۇندىغان چاغلىرى بۇلۇپ  قالغان بولسىمۇ ،گۈزەل ياشلىقىنىڭ ئالتۇندەك چاغلىرىنى  تېخىچىلا سەپتىن چېكىندۈرۈلمىگەن  بۇ  ئاپىراتقا  ھەمىراھ بولۇپ  ،نەچچە ئون يىلنى      ئۈن-تېۋىشىزئۆتكۈزۈپ، ھايات موساپىسىدا ئاجايىپ يارقىن  ئىزلارنى  قالدۇردى.  

ئۇ كىنوچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان  20 نەچچە يىل  جەريانىدا يېزا-بازار    مەسئۇللىرىنىڭ   گېپىنىغۇ  قىلمايلا  تۇرايلى،ئۇلار  تۈگۈل بىرەر كەنت-مەھەللە ، باشلىقىلىرىمۇ ئۇنىڭ  قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش يۈزىسىدىن بولسىمۇ :

-ئابدىراھمان ئىنىم،سەن  كىنوچىلىق  بىلەن شۇغۇللانغاندىن بۇيان، قويۇلىدىغان    فىلىم سۈپىتىگە ئەھمىيەت بەرگەچكە    كۆرۈرمەنلىرىڭمۇ  كۈندىن-كۈنگە  ئېشىۋاتىدۇ جۇمۇ  -دەپ ،بىرەر قېتىم ئاغىزاكى ماقتاپ قويغىنىنى ئەسلا   بىلمەيدىغان بۇ نامىرات دېھقان پەرزەندى تېخى ھېلىراقتىلا رەھبەرلەرنىڭ قولىدىن  تاپشۇرىۋالغان  مۇكاپات بۇيۇملىرىغا  قاراپ،بۈگۈن   قولىدا تۇتۇپ تۇرغىنى قانداقتۇر  ئاۋات    بازارلاردا قاياقىتندۇر   بىراۋلارنىڭ  كېلىپ،   ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويۇپلا  كېتىپ قالىدىغان  جىنسى قۇۋەت دۇرىلىرى  ياكى يېڭىدىن بازارغا سېلىنغان   بىرەر  تۇۋارنىڭ ئېلانى بولماستىن بەلكى،ئۆزىنىڭ جاپا-مۇشەققەتلىك   ئەمگىكىنىڭ خاس   مېۋىسى     ئىكەنلىگىنى ھېس قىلىغىندا    ،كۆزلىرىدىن  ھاياجانلىق  ياشلىرى  يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلۈپ،ئۇنى خىياللار ئەستىلىكىگە   ئېلىپ كەتتى….

1


پارتىيە 11-قۇرۇلتىيى 3-ئومۇمى يىغىنىنىڭ باھار شامىلى، يېزا ئاساسى قاتلام ئورۇنلىرىنىڭ ئاممىۋى   كىنو چىلىق  ئىشلىرىنى  جانلاندۇرغان يىللاردا،  يېزا-بازار،كەنت-مەھەللىلەردە  ئاممىنىڭ كىنو كۆرۈشى  ئۈچۈن تەييارلانغان  تۈزۈكرەك  بىرەر زال ياكى قورۇغا ئېلىنغان     خاس  ئۇرۇنمۇ يوق دىيەرلىك ئىدى  . ئېزىپ قالغاندەك، ئاي-يىلدا  تۇيۇقسىز    كېلىپ قالىدىغان كىنو ئەتىرەدلىرىمۇ، قويماقچى بولغان  فىلىملىرىنى   سىرتتىكى ئۇچۇقچىلىقلاردىلا قويۇۋەرگەچكە ،كۆرۈرمەنلەر  نىسبىتەن   ئاز  ، كىنولارنىڭ  كۆرۈرمەنلەرگە   بېرىدىغان    مەنىۋى  ئىستېمالى     ھەققىدە  ئېغىز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن  بولمايدىغان ئىش ئىدى .

ئابدىراھماننىڭ  ئۆيى گۇڭشې ئورگىنىغا يېقىن بولغاچقا  كەچقۇرۇنلىرى    ئۇششاق بالىلارغا ئەگىشىپ،     گۇڭشې ئورگىنىغا بېرىپ قالغان     كۈنىلىرىنىڭ بىرىدە  ، ياشىنىپ قالغان كىنوچى  ئۇستامنىڭ ئاپىراد ،دېۋىگاتىل قاتارلىق ئۈسكۈنىلىرىنى  ئىسكىلاتتىن   گۇڭشى  قورۇسىدىكى  ''ئۈستى ئۇچۇق كىنوخانا''غا   ئەپ چىقىش جەريانىدا خېلىلا ھەرەج   تارتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ،تەشەببۇسكارلىق بىلەن كىنوچى  ئۇستامغا ياردەملىشىپ،ئۈسكۈنىلەرنى كىنو قويىدىغان ئورۇنغا يۈتكىشىپ   بېرىش  بەدىلىگە ، تۇنجى قېتىم  «بىلەتسىز كىنو كۆرۈش ئىمتىيازى»غا ئگە بولۇپ قالدى  .ئۇ كىنوچى ئۇستامنىڭ بۇ ياخشىلىقىغا ئەمەلى ھەرىكىتى بىلەن  جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن ، ھەر كۈنى   ئۇستامغا ھە-ھۇ! دېيىشىپ،ئۈسكۈنىلەرنى كىنو قويىدىغان ئۇرۇنغا رەتلىك ئۇرۇنلاشتۇرۇپ،كىنوچى ئۇستامنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ،  قويماقچى بولغان   فىلىمىنى   ياندۇرۇپ   تەكشۈرۈش   .....  قاتارلىق ئىش  تەرتىپلىرىنى قىلىپ بېرىش   ھېسابىغا ،داۋاملىق ھەقسىز كىنۇ كۆرۈدىغان بولدى  .ئەندىلىكتە ئۇنىڭ يانچۇقىدا بەش  سېنىت  پۇلى بولمىسىمۇ     ،«كىنوخانا»ئىشىكىنى  تۇسىۋاتقان ئادەمنىڭ كۆزىنى غەلەت قىلىپ   تىكىۋىتىدىعان  ياكى تونۇش-بىلىشلىرىنىڭ  پىشىگە ئېسىلىۋىلىپ  ،كىنو كۆرۈشنىمۇ  تەمە قىلمايدىغان   بولدى .  كىنوچى ئۇستامعا ياردەملەشكەن« ئىش ھەققى» ھېسابىغا ،قويۇلىدىغان ھەر قانداق   كىنونى  بەھۇزۇر كۆرۈۋىرىدىغان بولدى.

يېشى 60تىن ئاشقان دادىسى  توختى بوۋاي، ئوغلىنىڭ ھەر كۈنى كەچتە  يۇقاپ كېتىدىغان بۇ   قىلىقسىزلىقلىرىدىن  ئاچچىقلىنىپ   :

-ئوغلۇم ، ھەر كۈنى كەچتە يوقاپ كېتىپ  ،تۈن تەڭ بولغاندا پەيدا بولىسەن. زادى سىرتلاردا  نېمەئىشلارنى قىلىپ يۈرۈيسەن-ھە! ،ھالىم-ھادىس بىرەر   ئىش تېرىپ قويساڭ  ،ئەتە-ئۈگۈن سېنى  يەنە  ساقچىلار تۇتۇپ كەتمىسۇن  ھە-  دېگەندەك تەنبىھلىرىگىمۇ  قولاق سالماستىن ،ھەر كۈنى كەچتە  كىنو باشلىنىشقا  بىرەر- يېرىم   سائەت  قالغاندا ، بۇيرۇققا كۈنگەن كونا ئەسكەردەك ،كىنو قويىلىدىغان ئۇرۇندا تەق بولۇپ،«ئۇستا»سىغا ياردەملىشىپ ،قويۇلىدىغان فىلىمنىڭ  تەييارلىق ئىشلىرىنى ھەق دادىغا يەتكىدەك دەرىجىدە ئۇرۇنلايتى.ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، «ئۇستام»مۇ ئۇنىڭغا ئېچىكەپ قالدى بولغاي ، بۇ شاكىچىك  كىنو قويۇش ۋاقتىغا ئۈلگۈرۈپ  كېلەلمىسە ،ئادەم ئىۋەتىپ  چاقىرىتىدىغان بولدى .ئەندىلىكتە  ئۇ دادىسىنىڭ :

-ھۇ ياغاچ قولاق  ،بالدۇرراق يېنىپ كەل،  بولمىسا ئۆيگە كىرگۈزمەيمەن-دېگەندەك  ۋايساشلىرىدىنمۇ پەرۋايى پەلەك    ،ئاستىدىن تۇپا-چاڭ ئۆرلەپ تۇرىدىغان  «كىنوخانا»سىغا چاپاتتى. ئۇ ''ئۇستا''سىغا ياردەملىشىپ،خالىس  كىنو قويۇشۇۋاتقان 5-6 ئايدىن بۇيان  ،  ئۇستىسىمۇ بۇ قاۋۇل ياردەمچىسىدىن  قەۋەتلا  خۇش ئىدى.ئەندىلىكتە ئۇ  ئۇستىسىنىڭ :

-ئابدىراھمان ،كىنوغا بىلەت ئېلىپ كىر –دېگەندەك  بۇيرۇقلىرىدىنمۇ ،ئۆيىدە:جېنىم دادا  ، كىنو كۆرۈپ كېلەي دېگەنتىم،ماڭا بىر مۇچەن پۇل بېرىڭە  –دېگەندەك باش قىتىنجىلىقلاردىنمۇ    بىراقلا قوتۇلۇپ، گۇڭشېنىڭ «شىتاتلىق كىنوقويغۇچى»سىدەك ئىمتىيازغىمۇ ئېرىشىپ قالغاندەك قىلاتتى.

ئەينى چاغلاردا قويۇلىدىغان كىنولار،   دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن «يەر ئاستى يولى ئۇرۇشى»،«پارتىلاتقۇچ بومبا ئۇرۇشى»....قاتارلىق  ھېكايە فىلىملەردىن باشقا،جۇڭگو تارىخىدا كىشىلەر ئىدىيىسىنى ساراسىمگە سېلىپ،ئىدۇلۇگىيەساھەسىنى زور دەرىجىدە قالايقانلاشتۇرۇپ،دۆلىتىمىز تەرەققىيات موساپىسىنى 50-60يىلچە ئارقىغا چىكىندۈرىۋەتكەن، بالايى ئاپەتلىك  ھەرىكەت -   «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىللىرىدە ئىشلەنگەن  ، كۆرۅرمەنلەرگە   قىلچىلىكمۇ   مەنىۋىي زۇق  بېرەلمەيدىغان، ئاتالمىش  «ئىنقىلابى ئۈلگىلىك تىياتىر» دەپ ئاتىۋالغان ،« شىياجاباڭ »،«قىزىل چىراق خاتىرىسى»،«چەكسىز ئورمان ،قارلىق دالا»....دېگەنگە  ئوخشاش جىڭجۈي  تىياتىرلىرى   ئىدى. كۆرۈرمەنلەرنىڭ       كۆپىنچىسى    مىللىلار   بولغىنى ئۈچۈن، ھەر كۈنى    تۇزى كام تاماق  يەپ،   تاماقتىن كۆڭلى  قالغاندەك ،مۇنداق    ھەر كۅنى تەكرار قويۇلىۋىرىدىعان  « ئۅلگىلىك تىياتىر»لارنى كۆرۈدىغانعا تۈزۈكرەك  ئادەممۇ كەلمەيتى. «كىنۇخانا»دا بىر مۇنچە'' ئۇششاق جەڭچى»لەر ،خالىسا كىنو كۆرۈپ، خالىمىسا   تاياقچىلارنى  كۆتۈرىشىۋىلىپ ،«دۈشمەن -ئارمىيە »بولۇشۇپ ،بىر مەيدان «شىددەتلىك جەڭ»گە  ياكى ، تۈگىمەس   مۆكۈ-مۆكۈلەڭلىرىگە چۈشۈپ كېتىشەتتى.

«ھەسەلنى  كۉپ يېسە ئەمەن تېتىيدۇ»-دېگەندەك، كىشىلەرمۇ مۇنداق ھەر كۈنىلا  تەكىرار  قويۇلۇۋىرىدىعان  كىنولاردىن خويمۇ   زىرىككەن ئىدى.بۇنداق چاغلاردا قويۇلۇۋاتقان  فىلىمنى  ئۇستىسى بىلەن  ئىككىسى    كۆرۈپ تۈگىتىپ،ئۈسكۈنىلەرنى ئامبارغا جۈندىۋىتىپ ، قايتىپ كېتىدىغان چاغلىرىمۇ بولۇپ قالاتتى.

  يازكۈنلىرىغۇ بىر تەزلىك.كىشىلەر كەچلىك تاماقلىرىنى يەپ بولۇپ، ،سىرتلارنى ئايلىنىپ،ساپ ھاۋادىن ھوزۇرلانغاچ، بەش پۇڭغا بىلەت ئېلىپلا،ئۇيقۇسى كەلگىچە كىنو كۆرۈپ،ۋاقىتنى ئۆتكۈزەر .لېكىن،قىشنىڭ   شىۋىرغان ھوۋلاپ تۇرىدىغان ئۇزۇن تۈنلىرىدە ،سوغۇقتىن پاناھلىنىدىغان بىرەر ئەسلىھە  بولمىغان ئەھۋالدا  ،سىرتىتىلا قويۇلىۋىرىدىغان مۇنداق  كىنونى كۆرىدىغانغا قانچىلىك   ئادەم كېلىدۇ دەيسىز.بۇ چاغدا ئۇلار ،كىنو باشلاش ۋاقتىنى  بىرەر-يېرىم  سائەت كىچىكتۈرسىمۇ ،ھەتتاكى '' كىنوخانا'' ئالدىغا يىغىلىۋالغان  ئۇششاق بالىلارغا :-بۈگۈن كىنو ھەقسىز قويۇلىدۇ –دەپ ئېلان قىلىپ، كىنۇنى ھەقسىزلا قويۇپ بەرسىمۇ، ئۇلارمۇ كىنونى  بىرەر چاس كۆرە-كۆرمەيلا،توڭلاپ كېتىشكىنىدىن چىشلىرىنى كارسىلداتقىنىچە ،ئۆيلىرىگە چىپىشاتتى.ئۇستام بىلەن'' شاگىرت''مۇ سوغۇقتا توڭلاپ كەتكەن پۇتلىرىنى ھە دەپ يەرگە ئۇرۇپ ئىسسىتىشقا ،كىنونىڭ داۋامىنى ئۆزلىرى بولسىمۇ كۆرۈپ تۈگۈتۈشكە مەجبۇر بولىشاتتى .چۇنكى ،ئۇلارنىڭمۇ گۇڭشىدىن    مۇقىم بىكىتىپ بەرگەن   كىنو قويۇش ۋەزىپىسى  بار ئىدى. بەزىدە مۇنداق سوغۇق ھاۋا رايى شارائىتىدا كىنو كۆرۈشكە چوڭلار تۈگۈل  ۋە ئۇششاق بالىلارمۇ   كەلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ، ئۇلار  تاماشىبىنلارنى ساقلاپ بېقىپ،ئىلاجىسىزلىقتىن كىنو قويۇش ئۈسكۈنىلىرىنى يىغىشتۇرىۋىتىپلا، ئۆيلىرىگە قايتىپ   كېتىشەتتى.

2

كۈنلەر ھەپتىلەرنى،ئايلار يىللارنى قوغلاپ ،ھەش-پەش دېگىچە ئىككى يىل ئۆتۈپ كەتتى .ئابدىراھماننىڭ ئۆيىدىكىلەرمۇ« كىنۇ جېنى »چاپلاشقان بۇ بەڭباش  ئوغلىغا گەپ ئاڭلىتالماي،(ئىھتىمال ئۇنىڭدىن زىرىككەنمۇ بولسا كېرەك)كۈن ئولتۇرغاندا  چىقىپ كېتىپ،تاڭ ئاتقاندا  قايتىپ كەلسىمۇ ،     ئەندىلىكتە ئوغلىدىن  بالدۇرقى چاغلاردىكىدەك  ئۇنچىۋالا   ئەنسىرەپمۇ كەتمەيدىغان، ئىزدەپمۇ يۈرمەيدىغان بولدى.يېرىم كېچىلەردە دەرۋازىسىنى دۇمباق  چېلىپ ، بوۋاينى  شېرىن ئۇيقۇسىدىن ئۇيغۇتىۋەتسىمۇ    ،بۇ يېتىم  ئوغلىغا  بالدۇرقى ۋاقىتلاردىكىدەك  ئاچچىقلاپ   يۈرمەيلا ،دەرۋازىسىنى تاقىماي ئۇخلاپ قالىدىغان بولدى....

  بۇ  كۈنلەردە توختى  بوۋاي ئوغلىنى  كىنوچى ئۇستامغا داستۇرخان ھازىرلاپ، مىللارنىڭ ئۆرپ-ئادىتى  بويىچە ،   قائىدە بويىچە  ئاپىرىپ بەرمىگەن بولسىمۇ لېكىن ،ئۇلار ئوتتۇرىسىدا ئاللىمىقاچان ئۇستاز-شاگىرىتلىق  مۇناسىۋىتى شەكىللىنىپ بولغان    ئىدى.كىچىك ئابدىراھمان پېشقەدەم كىنو قويغۇچىنى :-ئۇستام –دەپ بىر چىرايلىق چاقىرسا،ئۇسىتىسىمۇ مانا ئەندى  قولىغا  قول،پۇتىغا پۇت  بولۇپ ،   ئىككى يىلنى ئۆتكۈزۈپ، مەلۇم    ئەمەلى تېخنىكىغا ئىگە بولۇپ قالغان ئابدىراھمانغا  ئىشلارنى  خاتىرجەم  تاپشۇرىۋىرىدىغان بولدى .ئۇستىسى بولمىغان ئەھۋالدا، ئابدىراھماننىڭ    كىنۇ قويۇش  ئاپىراتىغا بۇيى يەتمەي قالسىمۇ « قارىغۇنى كۆزدىن ئايرىسىمۇ،ھاسىسىدىن ئايرىمىغان خۇدا»-دېگەندەك ، كىنو قويغان  جايلاردىن   خىش-كىسەك پارچىلىرىنى تېرىپ كېلىپ، ئۈستىگە چىقىپ تۇرۇپ، كىنونى  بىمالال قويىۋىرەتتى.كېيىنچە   ئۇ ئۆيىدىن ئېلىۋالىدىغان كىچىك  بەندىڭ ئارقىلىق    ،كىنۇنى خاتىرجەم قويىۋىرىدىغان بولدى. ئۇستىسىمۇ مۇنداق ئۆزى ياۋاش،كۈچى ھالال،ئاي –يىللاپ ئىشلەپمۇ بىرەر سېنىت ئىش ھەققى تەلەپ قىلمايدىغان ،ئېغىر-يىنىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى تالىشىپ قىلىۋىرىدىغان ،كىنو قويۇش نوقتىلىرى مەيلى يېقىن ،مەيلى يىراق بولسۇن ،  گۇڭشى سودا كۇپىراتىپىدىن خېمىيىۋى ئۇغۇت،سولىياۋ يۇپۇق.... قاتارلىق ماددى ئەشيالارنى كەنتلەرگە ئېلىپ ماڭىدىغان ئات-ئىشەك ھارۋا ئىگىلىرىگەيالۋۇرۇپ ،كىنو قويۇش ئۈسكۈنىلىرىنى كەنتلەرگە ئاپىرىپ،كىنونى  بىمالال قويغىدەك تېخنىكىغا ئىگە بولۇپ قالغان  بۇ خالىس شاگىرىتىدىن  بەكمۇ رازى ئىدى. ئەگەر  ئۇ شۇ كۈنى   كەنىتلەرگە بارىدىغان ئات-ئۇلاغ ھارۋىسى   تاپالمىسا،ھارۋا-ئۇلاق ئىزدەپ ۋاقىتىنى ئىسىراپ قىلماي،150كىلوگىرامدىن ئارتۇق ئېغىرلىقتىكى كىنو قويۇش ئۈسكۈنىسىنى    ۋەلىسىپىتىقا ئارتىپلا،كىنو قويۇش نوختىلىرىغا قاراپ ماڭاتتى.پېشقەدەم ئۇستىمۇ     كىنو قويۇش ۋەزىپىسىنى سان ۋە سۈپىتىگە كېپىللىك قىلغان ئاساستا ئۇرۇنلاۋىرىدىغان،   ئايىقى    چاققان مۇنداق    شاگىرىتنى   قولدىن چىقىرىپ قويۇشقا كۆڭلى ئۇنارمۇ؟

80-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە دۆلىتىمىزدە ئىقتىسادى ئىسلاھاد يولغا قويۇلۇپ،تەڭ تەقسىماتچىلىق تۈزۈمى دادىل ئىسلاھ قىلىنىپ، بىر قىسىم  ساھەلەرنىڭ   ھۆكۈمەت مالىيىسىگىلا تايىنىۋىلىشتىن ئىبارەت مالىيە  داش قازىنى  چېقىپ تاشلىنىپ، ، تۈزۈلمىسى  كارخانا تۈزۈلمىسىگە ئۆزگەرتىلدى.تۈزۈلمىسى كارخانا تۈزۈلمىسىگە ئۆزگەرتىلگەن   ئۇرۇنلار ،مالىيە كىرىم-چىقىمىغا  ئۆزلىرى ئىگە بولۇشتىن ئىبارەت مالىيە  سىياسىتىنى يولغا قويدى.80-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ،دۆلىتىمىز ئىقتىسادى تۈزۈلمىنىى  ئۆزگەرتىش داۋامىدىكى  تەجىربە-ساۋاقلارنى تېخىمۇ  ئىلگىرلىگەن ھالدا يەكۈنلەپ، ،تۈزۈلمىسى ئۉزگەرتىلگەن كارخانىلارنىڭ  ئىسلاھات قەدىمىنى    تېخىمۇ  چۇڭقۇرلاشتۇردى . دۆلىتىمىزنىڭ   ئىقتىسادى ئىسلاھاتتا زور قەدەم تاشلىشىغا ئەگىشىپ،دۇنيا ئىقتىسادى دۇنياۋى خاراكتىرلىك  يەر شارىلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى.

   90-يىللارنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ،   نادىر تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنىڭ ئائىلىلەرگىچە كىرىپ، ئائىلە كىنوخانىلىرىنىڭ   ئومۇمىلىشىشى  ۋە كۆلەملىشىشىگە ئەگىشىپ ،  كنو-    تېلېۋىزىيە   ساھەسىدە كەسكىن بازار رىقابىتى مەيدانغا كەلدى.بۇنىڭ بىلەن ئىلىمىز كىنوچىلىق بازىرى   تېلېۋىزىيە   مىخانىزىمىنىڭ ئۆتكۅر رىقابىتى ۋە جىددى  سىنىقىغا   دۇچ كەلدى.

كىنو –تېلېۋىزىيە  ساھەسىدىكى  بۇ  كەسكىن   رىقابەت ،كىنوچىلىق    ساھەسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان خادىملارغا:-ئىسلاھاد-ئېچىۋىتىشنىڭ   كەسكىن  رىقابىتى داۋامىدا ،قانداق قىلغاندا كىنوچىلىقتىن ئىبارەت   كەسپى ساھەدە پۇت تېرەپ تۇرۇپ،    ئىقتىسادى ئۈنۈم بىلەن مەنىۋى ئۈنۈمنى تەڭ  قولغا كەلتۈرۈپ،  ئىلىمىز كىنوچىلىق بازىرىنى چەكسىز ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ –دېگەن نازۇك مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويىۋاتاتتى  .

  بۇ  چاغلاردا يېزىغا  كەنت- گۇرۇپىلاردىن كىنو قويۇش ئۈسكۈنىلىرىنى ئېلىپ كېتىشكە  ئىۋەتىلىدىغان ھارۋا-ئولاقلارمۇ توختاپ ،ناھيىلىك كىنۇ فىلىم تارقىتىش- قويۇش  شېركىتىدىن ئېلىپ كېلىنىدىغان يېڭى فىلىملەرنى  يېزىدىكى  10كىنو قويۇش نوقتىسىعا  ئېلىپ بېرىپ ،كىنو قويۇپ،كۆرۈرمەنلەرنى رازى قىلىشقىچە بولغان   جاپالىق بىر  ئىش جەريانى ئۇنىڭ زېممىسىگىلا يۈكلەنگەن ئىدى. ئابدىراھماننىڭ كىنو قويۇشنى ئۈگىنىش ھەۋىسى ،كىنوچىلىق ساھەسى  كەسكىن بازار رىقابىتىگە دۇچ كەلگەن ۋاقىتلارغا توغرا كەلگەچكە ،ئۇ  ئۆزى قىزىقىپ  شۇغۇللىنىۋاتقان  بۇ  كەسپنى قىلىشتىن   باشقا، يەنە بىر  تاللاش يولىمۇ يوق ئىدى.

ھۆكۈمەتنىڭ تۆمۈر دەپتىرىگە ئىسمى خاتىرلەنمىگەن ، ،ئۇستىسىدىن بىرەر فۇڭمۇ ئىش ھەققى  تەلەپ قىلمايدىغان  ،ئاتا-ئانىسىغا  بىرەر    سېنىت  ئېشىنچىمۇ  بېرەلمەيدىغان   ئابدىراھماننىڭ ئائىلىسىدە ، توي قىلىپ ئايرىم  بولۇپ  كەتكەن  ئاكىسى ۋە ئابدىراھماندىن باشقا ، ئائىلىگە ئىقتىسادى جەھەتتىن يۈلەنچۈك بولىدىغان بىرەر يىقىن  ئۇرۇق-تۇققىنىمۇ يوق ئىدى.يىشى 60لاردىن ھالقىغاندا ،«قېرى   بۇيتاق» قا ئايلىنىپ قالعان  توختى بوۋاينىڭ   ھالى ،ئۇستىسىدىن  بىرەر پۇڭ   ئىش ھەققى بېرىشنى  تەلەپ قىلىپ  باقمىغان  ئابدىراھماننىڭ  ھالىدىنمۇ  بەتتەر ئىدى .

يېزىلاردا  يەرلەرنى ئائىلىلەرگىچە كۆتۈرە بىرىش تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن  كېيىن   ،   ياشىنىپ،ئەمگەك قىلىش ئىقتىدارىدىن قالغان  توختى بوۋاينىڭ  ھالى تېخىمۇ   ناچارلاشتى .قېرى توغراقتەك  مۈكچۈيۈپ  قالغان دادا،ھۆددە بېرىلگەن يەرگە يېتىشىپ بولالماي، ئوغلىغا كايىغىنىچە:

      -كۈندۈزى ئاكاڭ بىلەن ئىككىمىز خاماندىكى  يېيىتلغان  ئۈنچىلەرنى      يۇمشىتىۋالدۇق، كېچىلىككە شامال چىقىپ قالسا ،سورۇپ قولدىن چىقىرىۋالايلى ،بۈگۈن ئاكاڭ  بىلەن ئىككىڭ   خاماندا قۇنۇش،ئاڭلىدىڭمۇ –دېسە ،ئۇمۇ  قىلچە چاندۇرماستىن:

      -ئاڭلىدىم دادا،بۈگۈن كىنو قويمايمىز  - دەپلا جاۋاپ بىرەتتىيۇ، دادىسىنىڭ كۆزلىرىنى غەلەت قىلىپ،ھايتنى-ھۇيىت دېگىچە    يۇقاپ كېتىپ، گاھىدا   ئېغىر ياتقۇ مەزگىلىدە ،گاھىدا خۇرازلار تۇشمۇ-تۇشتىن چىللىشىپ ، تاڭدىن بەلگە بېرىشكە   باشلىغاندىلا ئاسماندىن چۈشكەندەك نامازغا  تاھارەت ئېلىۋاتقان دادىسىنىڭ  ئالدىدا پەيدا بولاتتى.بۇ چاغدا توختى ئاكا  تېخىمۇ چېچىلىپ:

    -ھۇ ياغاچ قولاق،قىلغان گەپلىرىم ئوڭ قولىقڭدىن كىرىپ،سول قولىقڭدىن چىقىپ كېتىپ بارامدۇ نېمە سېنىڭ ؟قېرىعان  ئادەمگە جاپا سالمىساڭ   بولمامدۇ –دەپ توۋلاپ   قوياتتىيۇ لىكىن ،كىچىك  تۇرۇپلا ئانا مېھرىدىن ئايرىلىپ  قالغان بۇ   بىچارىلەرگە چىش يېرىپ،ئارتۇقچە  بىر نەرسە دېيىشكە ئۇنىڭمۇ  كۆڭلى ئۇنىمايتى.....

ئۇرغۇپ تۇرغان ياشلىق جاسارىتىنىڭ  دەۋىتى  ،كەلگۈسىگە بولغان ئارزۇ-ئۈمىدنىڭ  يېتەكلىشى بىلەن ،ئۇ  كىنو قويۇشنى ئۈگەنگىچە بولغان ئىككى يىل  جەريانىدا ،  ئۇ نېمىلەرنى كۆرمىدى،نېمىلەرنى ئويلىمىدى ،نېمىلەرگە دۇچ كەلمىدى.....ئادەم دېگەن  كېيىم –كېچەك ئېلىشقا  پۇلۇم يوق –دەپلا  ،يالىڭاچ يۈرىۋىلىشنىڭ ئورنى يوقتە .ئادەم دېگەن يەنىلا چىرايلىق كېيىنىپ،  قۇۋەتلىك ئۇزۇقلىنىپ ، ئەقىل كۅچىگە تايىنىپ ئىش ئىلىپ بارىدىغان جانلىق مەۋجۇداتقۇ  .ئۇ مۇستەقىل  كىنو قويۇشنى ئۈگەنگىچە  بولغان   بۇ بىر نەچچە يىل داۋامىدا ،  بەدىنى ئىللغۇدەك كېيىنىپ ،تويغىدەك ئۇزۇقلىنىپ باقمىدى.  قىشنىڭ ئۇزۇن تۈنلىرىدە ،يازنىڭ پىژغىرىم  تومۇزلىرىدا   ئويلايتى، ئويلايتى،يەنە ئويلايتى....  ئۆز ۋاقتىدا مۇشۇ كىنۇچىلىقنى ئۈگىنىش  ھەۋىسى ئۇنىڭغا      كانىدەك چاپلىشىۋالمىغان بولسا، ئۇمۇ  تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەبنى   پۈتتۈرگەن ئادەم  بولغاندىكىن ، ئوتتۇرا تېخنىكۇم   ياكى ئالى مەكتەبنى تاماملاپ،دۆلەت مەمۇرى بولۇپ  ،بۇ چاققىچە بىر نەچچە   يۈز كوينىڭ ئىگىسى بولۇپمۇ قالار ئىدى.ئۇ ھەر قېتىم   ئالى ،ئوتتۇرا تېخنىكۇملارنى پۈتتۈرۈپ ، ئورگانلاردا ئىشلەۋاتقان ساۋاقداشلىرى بىلەن ئۇچىراشقىنىدا  ، ،قىيىنچىلىقلارغا  بەرداشلىق بېرىپ، ئوقۇۋالمىغىنىغا ئۈكۈنۈپ،ئۈنسىز ياش تۆكەتتى.«كېيىنكى پۇشايمان، ئۆزۈڭگە دۈشمەن» دېگەندەك،ئائىلىسىنىڭ    نامىراتلىقىدىن  ئىبارەت  رەھىمسىز رىئاللىقى ،ئۇنىڭ يۇقىرىلاپ  ئوقۇش  ئارزۇسىنى روياپقا چىقارمىغان تۇرسا.

3

ئابدىراھمان توختىنىڭ  ئۇزاقتىن  بۇيان زارىقىپ كۈتكەن كۈنلىرى ئاخىرى  يېتىپ كەلدى.   ئۈمىد-   سۆيگەن قىزىدەك قۇچاق  ئىچىپ،ئۇنى ئىللىق قۇينىغا چاقىرماقتا  ئىدى.پېشقەدەم كىنوچى   ئۇستام مۇئاشىنىڭ ئاز،فىلىم ئىجارىسىنىڭ قىممەت، كىنۇ قويۇش نوقتىلىرىنىڭ  تارقاق ۋە يىراق،كىنو قويۇش ئۈسكۈنىلىرىنى  يۈتكەش … ئاۋارىچىلىقىنىڭ كۆپ  بولۇشىدەك   بىر قاتار قىيىنچىلىقلار تۈپەيلىدىن ، ئىككىنجى سەپكە چىكىنىپ،ئۇنىڭ مۇستەقىل  كىنۇ  قويۇش ئارزۇسىنى رىئاللىققا ئايلاندۇردى.ئۇ  مۇستەقىل كىنۇ قويسا نېمىشقا بولمىغىدەك؟چۇنكى  ئۇ، ئۇستىسىغا ياردەملىشىپ كىنو قويۇشنى ئۈگۈنۈش جەريانىدا ،كىنو قويۇش ئاپىراتىنىڭ ئىنچىكە    تېخنىكا  ھالقىلىرى،  كىنو قويۇش ئاپىراتىدا كۆپ كۆرۈلىدىغان كاشىلىلار ۋە مەسلە چىقىش ئىھتىماللىقى بار دەپ قارالغان نوقتىلارنى   رىمۇنىتلاش تېخنىكىسىنى  پۇقتا ئىگەللەپ،ئۇستىسىنىڭ كىنو قويۇش   تېخنىكىسىنى تولۇقى بىلەن    ئىگەللەپ  بولغان تۇرسا.

ئۇ: تېخنىكا جەھەتتە پىشىپ- يېتىلىش،بىر كەسپى خادىم ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئەقلى  ساپا- دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن،ھەر كۈنى بىر خىل رىتىمدا تەكىرارلىنىۋىرىدىغان  كىنۇ قويۇش تېخنىكىسىنىڭ نازۇك ئىش  تەرتىپلىرىنى ئاللىمىقاچان تولۇق  ئىگەللەپ بولغان ئىدى.  

بىر سېنىت ئىش ھەققى،بىر بوردا نان بەرمىگەننڭ  ئۈستىگە، گاھىدا  ئۇستىسىنىڭ   كۇلۇچ ۋە  ئامبۇرلىرىنىڭ  تەمىنى تېتىش ئۇنىڭغا دائىم   ھەمرا بولىدىغان،ئەندىلىكتە ئۇ  ئۆزى قىزىققان،راھىتىدىن جاپاسى كۆپ   كەسىپ،ئۇنىڭ  مۇستەقىل ئىش ئېلىپ بېرىشىغا  قالدۇرۇلغاندا ،ئۇ شادلىققا چۈممەي تۇرالىسۇنمۇ؟!

  ئۇ  ئۇ كۆڭلىگە پۈككەن ئۇلۇغۋار پىلانلارنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن ،    ئارزۇلار چۇققىسىغا مەغرۇر ئات سېلىپ،  مۇستەقىل  كىنو قويۇشتىن  ئىبارەت يېڭى'' ئۇزۇن سەپەر»نى باشىلىۋەتتى….


4

ئابدىراھمان توختى 1987-يىلى   مارت ئايلىرىنىڭ  بىرىدە ،كىشىلەرنىڭ :-كىشىلەرگە كۆرۈش خۇش ياقمايدىغان فىلىملەرنى  نېمانداق تولا قويىمەن دەپ كىلىۋالىسەنوي؟ ئۆيىمىزدە  ئات قېنىدەك چاينى پولاپ ئىچىپ ،ياستۇقنى قىرلاپ   كۆرۈدىغانغا تېلېۋۇزۇردا بېرىلىدىغان شۇنداق    كاتتا فىلىملەر تۇرسا ،سېنىڭ بىر ئاخشامدا نەچچە   ئۈزۈپ ،قۇراق كۈرپىدەك ئۇلاپ قويىدىغان كىنورىڭغا بىر يىۋەن خەجلەيدىغانغا ، بىزنى  ئەخمەق كۆرىۋاتامسەن  ،بولمىسا بىكارغىلا قوي ، خۇش ياقسا شۇ چاغدا  كۆرۈپ قويارمىز ....دېگەندەك   مەسخىرە  ئارىلاش  سۆزلىرىگىمۇ   پەرۋاسىز ھالدا ،   مۇقىم كىنو قويۇش ئۇرنى،ئورۇندۇق  بولماسلىق  ، كىنو قويۇش نوقتىلىرى  تارقاق ۋە   يىراق ،   مۇساپىسى    ئۇزۇن ،خىزمەت تۈرى    جاپالىق  بولۇشتەك رىئال قىيىچىلىقلارنى يېڭىپ، كىنو قويۇشتىن ئىبارەت بۇ  كەسىپكە بېشىچىلاپ كىرىپ كەتتى.چۇنكى ئۇ، «كەسپى  كىنو قويغۇچى بولۇش » تىن  ئىبارەت   ئارزۇسىغا ئەندىلا  يەتكەن ئىدى.

ئۇ مۇستەقىل كىنو قويعۇچى بولۇشتىن  ئىبارەت   كەسپى  ھاياتىنى باشلىغاندىن كېيىن ،ئېغىرلىقى 150كىلۇگىرام چاممىسىدا كېلىدىغان   ئۈسكۈنىلەرنى      ۋەلسىپىتكە ئارتىپ، كەنتمۇ-كەنت،مەھەللىمۇ-مەھەللە ۋە ناھيىگە قاراشلىق ھەر قايسى يېزا-بازارلار ئارىسىدا قاتناپ يۈرۈپ،    كىنو قويۇشقا باشلىدى .

5

   

بۈگۈر ناھيىسى- تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىي ئىتىكى ،تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شىمالى گىرۋىكى،تارىم دەرياسىنىڭ شىمالى قۇچىقىغا جايلاشقان بولۇپ،  مىلادىدىن 60يىل بۇرۇن شەر*قى خەن سولالىسى بۈگۈر  ناھيىسىنىڭ چېدىر يېزىسىدا« شەر*قى ھىراۋۇل تۇتۇق مەھكىمىسى»نى قۇرۇپ،ئىلىمىزتارىخىدا شەر*ق بىلەن غەرپنى تۇتاشتۇرىدىغان  «يىپەك يولى»نىڭ  ئېچىلىشى ئۈچۈن،  ئۈچمەس تۈھپىلەرنى قوشۇپ، ئىلىمىزنىڭ ئۇلۇغ بىرلىككە كېلىشىدە مۇھىم جاي  بولعان ئىدى.

  1980-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ،جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپى،مەركەزنىڭ  غەربنى ئىچىشتىن ئىبارەت ئېستىگىراتىيىلىك ئۇرۇنلاشتۇرۇشىعا يىقىندىن ئاۋاز قوشۇپ ،ئىسلاھات-ئېچىۋىتىشنى  چۇڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەسىرلەردىن بۇيان  غەپىلەت ئۇيقۇسىدا ياتقان تەكلىماكان چۆللۈكىدە مول  نېفىت- گاز  بايلىقىنى ئاچتى .بۇ زور حۇشاللىق كۈنلەردە ناھيىدىكى ھەر مىللەت  خەلق ئاممىسى  ، ناھيىنىڭ  غەربنىڭ گازىنى شەر*ققە يەتكۈزۈشنىڭ ئالدىنقى سەپ بازىسى،جۇڭگونىڭ تارىم  تۇغراق ساياھەت باغچىسى  ۋە  دۆلەتنىڭ مۇھىم ئاشلىق ،پاختا، گۈش ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇشتەك  ئەۋزەل شارائىتلاردىن  پايدىلىنىپ،ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە  2-3-كەىسىپنى پائال تەرەققى قىلدۇرۇپ ، ماددى تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ  مەلۇم دەرىجىدىكى  ياخشىلىنىشنى قولغا كەلتۈرۈپ،  قۇرسىقى تۇق،كىيىمى پۈتۈن بولۇش مەسىلىسى دەسلەپكى قەدەمدە  كاپالەتكە ئىگە بولغان بولسىمۇ  بىراق ،ئۇلارنىڭ   مەنىۋى  تۇرمۇش ئىستېمالىغا بولغان ئىھتىياجى، تېخى ئېچىلمىغان «بوز»لۇق ھالىتىدە تۇراتتى....

ھەر مىللەت دېھخان-چارۋىچىلىرى   ئاممىسىنىڭ  ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىنى ئىلغارلىققا مايىللاشتۇرىدىعان  پائالىيەتلەر بىلەن  تەمىن ئەتمەي ،   ئىلغار ئىدىيىلەر قۇراللاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرمەي بولمايتى.شۇنداق قىلغاندىلا يېزا-بازارلاردىكى ھەر مىللەت دېھقان-چارۋىچىلىرىنى   مەركەزنىڭ  بېيىش سىياسەتلىرى بىلەن  كۆپىرەك  ئۇچىراشتۇرغىلى،   ئەنئەنىۋى  دۇنيا  ۋە  مەدەنىيەت قارىشىنى  تۅپ ئاساسىدىن يىڭىلاپ، دېھقان-چارۋىچىلارنى  ھاللىق سەۋىيىگە يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت تۅپ مەقسەتكە  يەتكىلى بولاتتى.بۇنىڭ  ئۅچۅن  يەنىلا، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ مەنىۋى  مەدەنىيەت  بازىسىنى ئىگەللەشكە ئەھمىيەت بېرىپ،    يېزا-بازار كىنو قويۇش ئەتىرەدلىرىنىڭ رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ ،كىنوچىلىق كەسپىدىن  ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ، ئۇلارنى  مەركەزنىڭ  سىياسەت-قارارلىرى  بىلەن    بىۋاسىتە ئۇچىراشتۇرماي   بولمايتى. بۇ ئىجتىمائى ئەمەلىيەتنى  تۅپ ماھىيىتىدىن   چۈشەنگەن ئابدىراھمان توختى، دەسلەپكى مەزگىللەردىكى ھەر قېتىملىق كىنونى   كۆرىدىغانلارنىڭ سانى 7-8نەپەرگىچە ئادەم بولۇش،ھەتتا بەزى كۅنلىرى  بىرمۇ ئادەم كىنۇ كۆرگىلى كەلمەسلىكتەك«پارتىزانچە كىنو قويۇش » ئادىتىنى  بوزۇپ تاشلاپ ، ئېلىپ كېلىنىدىغان  فىلىملەرنىڭ   ساپاسىغا  ئەھمىيەت بېرىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ  فىلىم   ۋاقەلىكىنى   ئىسىدە تىز  ساقلاپ ، مەزمۇنىنى ئاسان چۅشىنۋالالايدىعان   ،ئىلىمىز  خەلقىنىڭ   قەھىرمانلىق  ئىش-ئىزلىرى  تەسۋىرلەنگەن ھېكايە     فىلىملەر   بىلەن بىللە ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپىچىقىرىشىدا    قوللۇنۇش    دائىرىسى كەڭ، ئىستمال قىلىنىشى  تىز  بولغان   پەن-تېخنىكا فىلىملىرىنى  كىرىشتۈرۈشكە  ئىتىبار بەرگەنلىكى ئۈچۈن ،ئۇ قويعان  فىلىملىرىنى   ئاز بولغاندا20-30 نەپەر ،كۆپ بولغاندا 40-50نەپەرچە ئادەم كۆرىدىغان   ۋەزىيەتنى  بارلىققا كەلتۈردى . ئۇ   كىنو  سۅپىتى ۋە  سانىغا ئىزچىل   ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن ،ئۆزى شۇغۇللۇنۇۋاتقان كىنوچىلىق     كەسپىدە  ياخشى    ئىجتىمائى ۋە  ئىقتىسادى ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

6

         

دۇنيادا ئۆزىنىڭ  جاپالىق  قان –تەر بەدىلىگە كەلگەن  شېرىن ئەمگەك  مېۋىسىدىن  ھوزۇر-ھالاۋەت  ھېس قىلمايدىغان  ،شادلانمايدىغان ئادەملەرمۇ بولامدىغاندۇ؟!

        ئابدىراھمان توحتى ،كەسپى كىنو قويغۇچى بولۇش ئارزۇسىغا يەتكەن  بولسىمۇ بىراق،ئۇزاق يىل  ئىشلىتىلىش جەريانىدا  «ياشلىق باھارى»بىلەن خوشلۇشۇپ ،«بىمار  بوۋاي»دەك مۈكچۈيۈپ قالغان ،نەچچە قېتىم   «ئۇپىراتسىيە»قىلىنىغان بولسىمۇلېكىن،كېسەللەر كارۋىتىدىن  چۈشەلمەس ھالغا كېلىپ  قالغان بۇ   ئاپىراتتىن جاق تويغان ئابدىراھماننىڭ  يېڭىراق بىرەر كىنو   ئاپىراتى  سېتىۋىلىش  ئويى بولسىمۇ لېكىن ئۇنىڭدا  ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان  كام  ئىدى.

ياشىنىپ  قالغان توختى بوۋاي،  يەككە-يىگانە پالاقشىپ  يۈرۈپ،ئائىلىدىكى ئۈچ جان ئادەمنى ئەل قاتارى  ئۇزۇقلاندۇرمىسا، ئەللە-مەھەللە ئالدىدا بالىلارنى چىرايلىق كىيىندۈرمىسە،توي-تۈكۈن،نەزىرە چىراغ…لارغا لايىقىنى قىلىپ بارمىسا بولمايتى. مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىلا  پۇل،پۇللا  دەپ تۇراتتى .بىراق، ئەشۇ مېھرى ئىسسىق پۇل  نەدە ؟ پۇل دېگەن مېرى ئىسسىق   نەرسە يەنىلا  دولىدىن ئاچچىق شۇر ئۆرلىتىپ ،يەرگە نەچچە مىڭ قېتىم ئۆسۈپ،مىڭ ئۆلۈپ –تېرىلگەندىلا ئاندىن قولغا كېلىدىغان  رەڭلىك قەغەز   ئىدى. ئاۋازى كېسەللەر كارۋىتىدا ئاجىز نىدا قىلىۋاتقان   بىمارنىڭ ئاۋازىدەكلا   ،قويۇلۇۋاتقان فىلىم      تۇيۇقسىزلا   توختاپ قالىدىغان ، دائىملاپۇل حەجلىتىشكە  ھىرىسمەن بولۇپ كەتكەن  بۇ ئەبجەق   ئاپىراتىتىن  ئۇنىڭمۇ كۆڭلى سوۋۇپ قالغان    ئىدى.

يىېزىنىڭ    كىنو ئاپىراتىدا ، ۋاقىتلىق كىنۇ  قويۇشقا  ئۇرۇنلاشتۇرۇلعان بۇ «شاكىچىك ئۇستام» قاچانلا بولمىسۇن  ئالدىراش يۈرگەن  يېزا باشلىقىنى ئىزدەپ كېلىپ،بۈگۈنى  بۇ   «ئەبجەق بۇيۇم»نىڭ   دېۋىگاتىلغا ماي ئالغان تالۇننى   ئاتچۇت قىلدۇرسا،  ئەتىسىلا يەنە   ئاپپارات رېمونت قىلدۇرغان بىر مۇنچە       ئىسچۇتلارنى ئاتچۇت قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ    كېلەتتى. يېزا مەسئۇللىرىمۇ بۇ   كىنو  ئەتىرىدىنىڭ كىرىمىدىن چىقىمى كۆپ بولۇش ،كىرىمى چىقىمىنى قامدىيالماسلىقتەك  ئوبىكتىپ    مەسىلىسىنى كۆزدە تۇتۇپ،1988-يىلنىڭ باشلىرىدا   كىنو قويۇش ئۈسكۈنىلىرىنى ئاشكارا خىرىدار چاقىرىپ، ھـۆددىگە بىرىشنى قارار قىلدى.بۇ ياخشى  ئىشقا  ئابدىراھمان توختىمۇ قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ، يېزىنىڭ   كىنو قويۇش  ئۈسكۈنىلىرىنى   ھۆددە ئېلىشقا ئۆزىنى   تىزىملاتتى.لېكىن،يېزا مەسئۇللىرى ،  ئابدىراھمان توختىنىڭ كىنو قويۇش تېخنىكىسى تەلەپكە  ئۇيغۇن ئەمەس  ،ئىقتىسادى جەھەتتىن مەسىلە كۆرۈلسە   ئىمىزالانغان   ھۆددىگەرلىك توختامىدىكى  جەرىمانىنى تۆلەش  ئىقتىدارى يوق... - دېگەندەك پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغان   سەۋەپلەرنى كۆرسۈتۈپ،  كىنو قويۇش ئۈسكۈنىلىرىنى ئۇنىڭغا ھۆددە  بېرىشكە  قوشۇلمىدى.

يېزا رەھبەرلىرىنىڭ  بۇ ئىشىدىن تولىمۇ ئۈمىدىسىزلەنگەن ئابدىراھمان  ئۆز-ئۆزىگە  :-''يولۋاس  ئىزىدىن يانماس ،يىگىت سۆزىدىن… ''دەپ، مەن  قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن كىنو قويۇش ئاپىراتىدىن بىرنى سېتىۋىلىپ، ئاۋامنى  ئۆزەمنىڭ تىرىشچانلىقىم ۋە ھالال ئەمگەك تەرىم   ئارقىلىق   خۇش قىلىمەن- دىگەنلەرنى كۆڭلىگە پۈكتى.

  ئەينى چاغلاردا يېزا-بازارلاردا تېلېۋىزىيىنى ئائىلىلىلەرگىچە   تورلاشتۇرۇش   تېخى ئىشقا ئاشمىغاچقا  ،  كىنو كۆرۈش يەنىلا  يېزا-بازارلاردىكى   ئاممىنىڭ  مەدەىنىي تورمۇش مەزمۇنلىرىنىڭ مۇھىم   تەركىبى قىسملىرىنىڭ بىرى   ئىدى. ئۇ بۇ   لەۋزىنى ئاقلاش ئۈچۈن،1988-يىل  6-ئايدا دۇست –بۇرادەرلىرىدىن مىڭ بىر جاپادا2500.00 يۇۋەن  پۇل    قەرز  ئېلىپ،  قىپ قالغان  قالغان  2000.00يۇۋەننى  1989-يىل 1-ئايدا بېرىش  شەرتى  بىلەن ،4500.00يۇۋەنگە ،كونىراق بولسىمۇنورمال ئىشلىتىلىۋاتقان بىر دانە  كىنو ئاپىراتىنى ئۈسكۈنىلىرى بىلەن قۇشۇپ سېتىۋالدى.ئەگەر بۇ ئۈسكۈنە  يېڭى    بولسا ،شۇنچىلىك  پۇلغا بىرەرمىدى؟ ھەر ھالدا ئۇ   بىر مەزگىل   بۇرنىنى كوچىلىماي  ئىشلىتىشكە   بولىدىغان   ئۈسكۈنىگە  ئىگە بولغىنىدىن  بەكمۇ  حۇشال ئىدى .ئەندىلىكتە   ئۇششاق بالىلارنىڭ :

-قويعىن كىنونى، قويالمىساڭ كىنونى .قايتۇر بىر مونى –دېگەندەك   تاپا-تەنىلەردىنمۇ  بىراقلا  قوتۇلدى  .

         *                      *                    *

ئۇ   شەخسى  سېتىۋالغان  كىنو ئاپىراتىدا   ئەندىلا  كىنو قويۇشنى باشلىۋىدى. يۇقىرى دەرىجىلىك مەدەنىيەت تارماقلىرىنىڭ ،سىرىق مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنىڭ   ئاممىۋىي مەدەنىيەت سورۇنلىرىغا   كىرىشىنى   چەكلەپ،ئاممىۋى مەدەنىيەت سورۇنلىرىنىڭ  ساپلىقىنى تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا  قۇغداش   توغرىسىدىكى ھۅججىتى يېتىپ كېلىپ،ئۇنىڭ شىەخسى سېتىۋالعان كىنو ئاپىراتىنى  يېزا بىر تۇتاش  باشقۇرىدىغان، ئۈسكۈنىلەر  ئۇنىڭغا     ھۆددىگە بىرىلىدىعان بولدى .

                 *                        *                         *   

1988-يىلى  ئىيۇل ئايلىرىنىڭ مەلۇم بىر كۅنى ، ئابدىراھمان توختىنىڭ شەخسى    كىنو قويۇش ئاپىراتىدا قويۇلىدىغان تۇنجى مەيدان كىنو  فىلىمى باشلىنىش ئالدىدا تۇراتتى  .شۇ كۈنى ئۇ كىنو قويۇش ئۈچۈن تاللىۋالغان  مەيدانغا بالدۇرلا كېلىپ ،كىنو قويۇلىدىعان  ئۇرۇننى  پاكىزە تازىلاپ،سۇ سېپىپ،توك سىملىرىنى كۆڭۈلكىدەك تارتىپ ، ئېكىران ئۇرنۇتۇلىدىعان  ئۇرۇننى بىكىتىپ ، ئۈسكۈنىلەرنىڭ تەييارلىق ھالىتىنى ئاخىرىقى قېتىم كۆزدىن كۈچۈردى. تاماشابىنلارمۇ بىر-بىرلەپ  كىنو قويۇلىدىغان مەيدانغا كېلىشكە باشلىدى.  ئۇلارنىڭ بەزىلىرى :

-  ئابدىراھمان دېگەن شۇمتەك،  كىنونى زادى   قانچىلىك قويالار -ھە ،بىر كۆرۈپ باقايلى جۇمۇ  –دېيىشىپ،ئۇنى تونۇيدىغانلار، تونۇمايدىغانلار،ھەتتا ئۇنى كۆرۈپ باقمىغانلارمۇ  كىنو ئاپىراتىنى  مەركەز قىلىپ، ئېكىرانغا  تىكىلىپ  تۇرىشاتتى.ئۇ كىنونى  رەسمى باشلىغاندا   كىنو قويۇش ئاپىراتىنىڭ نۇر چەمبىرىكىدىن بالقىغان زەر   نۇر،  كېچە قاراڭغۇلىقىنى   كۈمۈش خەنجەردەك تىشىپ ئۆتۈپ،  ئېكىراندا تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەرنى ھاسىل قىلغاندا   بۇ  شاكىچىكنىڭ  قانچىلىك   خۇشال بولغىنىنى بىر ئۆزىلا بىلەتتى.

ئۇ  كۆرەرمەنلەرگە   تۇنجى مەيدان كىنونى ھەقسىزلا  قويۇپ بېرىپ   ،ئۆزىنى ئاحىرقى  قېتىم   جىددى سىناقتىن ئۆتكۈزدى.  ئۇ ئەندى  قارىباغ يېزىسىنىڭ كەنت-مەھەلىلىرىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ،ھەر كۈنى بىمالال   كىنو قويىۋىرىدىغان بولدى.

ئابدىراھمان توختى كىنۇ قويۇش داۋامىدا ئۆزى ئەمەل قىلىدىغان   بىر نەچچە ماددىلىق خىزمەت تۈزۈمى  بولۇپ، بىرىنجىدىن:كىنو قويۇش جەريانىدا، بىلەت سېتىشتىن كىرگەن   كىرىمنىڭ  ئاز-كۆپلۈكى بىلەن ھېسابلاشماسلىق.ئىككىنجىدىن :مەزمۇنى ساغلام بولمىغان فىلىملەرنى قەتئى  قويماسلىق.ئۈچىنجىدىن: قويۇلىدىغان فىلىملەرنى  بايرام ،خاتىرە كۈن ۋە     مىللەتلەرنىڭ  ئورپ-ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا  ئۇرۇنلاشتۇرۇپ، فىلىملەرنى شۇ بويىچە تاللاپ ئەكېلىش  .تۆتىنجىدىن:دېھخان-چارۋىچىلارنىڭ پەن-مەدەنىيەت  ساپاسىنى ئۆستۈرۈش مەقسەت قىلىنغان پەن- تېخنىكا ئۈگىنىشگە   ئائىت  فىلىملەرنىڭ كىرىشتۈرۈپ قويۇلۇش   سالمىقىنى ئاشۇرۇش، ھەر قىتىملىق كىنو باشلىنىشتىن ئىلگىرى «ئاز-ساز بولۇش » پىرىنسىپى  بۇيىچە،چۇقۇم يىرىم سائەت چاممىسىدا  پەن-تېخنىكا  فىلىملىرىنى كىرىشتۈرۈپ  كۆرسۈتۈش ....  قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئىدى.ئۇ   كىنو قويۇش  جەريانىدا  بۇ تۈزۈملەرگە قەتئى رىئايە قىلاتتىكى ،ھەرگىزمۇ   تۈزۈملەرگە  موخالىپ      مەسىلىلەرنى  سادىر قىلمايتى  .ئۇ    تۈزۈمنىڭ يېتەكچىلىكىدە،  دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئىشتىن سىرتقى  مەنىۋىي  تۇرمۇش مەزمۇنلىرىنى بېيىتىپ ،ئۇلارنىڭ پەن-تېخنىكا ساپاسىنى   ئۆستۈرۈشكە پائال ئەھمىيەت بەردى.

ئۇنىڭ ياخشى ئىش –پائالىيەتلىرى  ناھىيە ۋە  يېزا رەھبەرلىرىنىڭ ئورتاق  مۇئەييەنلەشتۈرىشى  ۋە  ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ قىزغىن  ھېسىداشلىقىغا ئېرىشتى. ئابدىراھمان توختىنىڭ  كىنو قويۇش  ئۇرنىمۇ قارىباغ يېزىلىق كىنو قويۇش ئەتىرىدى –دەپ ئاتالدى،ئەمەلىيەتتە بۇ كىنو قويۇش ئەتىرىدىنىڭ باشلىقىمۇ ،خىزمەتچى خادىمىمۇ  پەقەت بىرلا كىشى  ئىدى.

              *                   *                     *

1989-يىلى 2-ئايدا يېزا رەھبەرلىرى    ئابدىراھمان توختىنىڭ  كىنو قويۇش تېخنىكىسىنىڭ تەلەپكە لايىق ،  كەسپنى جېنىدىنمۇ ئەزىز كۆرىدىغانلىقى  ،ئۈسكۈنىلەرنى ئاسىراپ، سان  ۋە سۈپىتىگە كىپىللىك قىلغان ئاساستا كىنو    قويىدىغانلىقىدەك ئارتۇقچىلىقلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ،يېزىنىڭ كىنو قويۇش ئۈسكۈنىلىرىنى  :''   بىر يىلدا 63مەيدان كىنو قويۇش،  يىللىق ئىش ھەققىگە يېزىدىن    450.00يۇۋەن ئىش ھەققى  بېرىش،فىلىم ئىجارىسى ۋە باشقا چىقىملارغا ئابدىراھمان توختى مەسئۇل بولۇش....»دېگەندەك مەزمۇنلاردا    ،«كىنو قويۇشنى ھۆددىگە بېرىش ،ھۆددىگە ئېلىش   مەسئۇلىياتنامىسى»  ئىمىزالاپ،يېزىنىڭ كىنو قويۇش  ئىشلىرىنى   ئابدىراھمان توختىغا  ھۆددىگە بەردى.

ئۇ كىنو قويۇشنى ھۆددىگە ئېلىشتىن ئىلگىرى   كونا   ئاپىراتتا ،  1988-يىلى بىر يىل ئىچىدە ئارانلا   50مەيدان كىنو قويغان بولسا ،كىنو قويۇشنى رەسمى  ھۆددىگە ئالغان   1989-يىلىدىن  باشلاپ ،    2009-يىل    ئاخىرىغىچە، 21يىل ئىچىدە  3293 مەيدان ،يىلىغا156.8مەيداندىن كىنو قويۇپ،ۋەزىپىنى يىلىغا 93.8مەيداندىن  ئاشۇرۇپ ئورۇنلاپ،  ،بۇ 21يىلدا  1969.8 مەيدان كىنونى ئارتۇق قويۇپ،يىللىق كىنو قويۇش ۋەزىپىسىنى ئەسلى پىىلاندىكىدىن %148.9ئاشۇرۇپ ئورۇنلاشتەك ئەلا    نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى.بۇ سانلار  ئىچىدە 1991-يىلى 280مەيدان،1994-يىلى 340مەيدان  كىنۇ قويۇپ ،ئۆزىنىڭ خەلقنىڭ  بىر ياخشى تەشۋىقاتچىسى ئىكەنلىگىنى ئەمەلى ئىش-پائالىيەتلىرى ئارقىلىق  نامايان قىلدى

ئۇ كىنۇ قويۇش جەريانىدا ،كەنت مەكتەپلىرىدە  ئوقۇغۇچىلارغا  بىر مەيدان  بالىلار فىلىملىرىنى   قويسا،ئاخشاملىرى شۇ مەكتەپ جايلاشقان كەنت  ئورگىنىدا يەنە بىر مەيدان   كىنو قويۇپ،بىر كۈندە  ئىككى-ئۈچ   مەيدان كىنو قويۇش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ ،يىللىق كىنو قويۇش ۋەزىپىسىنىڭ ئاشۇرۇپ ئۇرۇنلىنىشى ئۈچۈن  ئۈنۈملۈك   يول ئاچتى.

دۇنياغا ئاپىرىدە بولغان ھەر بىر ئىنسان ، قەلبىگە  پۈككەن  ئۈمىدۋار ئارزۇنىڭ  يول باشلىشى بىلەن ،ۋىسال  چۇققىلىرىغا مەغرۇر ئات سېلىپ ،ھايات موساپىسىنىڭ قۇتلۇق   دەملىرى بىلەن دىدارلىشىپ ،   ھاياد  مۇساپىسىنى   باي مەنالارغا تۇيۇندۇرۇپ ئۆتىشى  كېرەك .

   ھاياتلىق ئالىمىدە   ياشاۋاتقان  ھەر بىر ئىنسان  كۈندۈزلىرى قانچىلىك  جاپا تارتىشىدىن  قەتئى نەزەر ، ئاخشاملىرى «ئۆز ئۆيۈمنىڭ خۇشلىقى، پۇت-قولۇمنىڭ بۇشلىقى »-دېگەندەك ، ھارغان نېرۋىلىرى ،  تالجىققان پۇت-قوللىرىنى  دەم ئالدۇرۇپ، قانغىدەك ئۇخلىشى ،     بىرەر دەم ئېلىش  كۈننى  تاللاپ ،خوتۇن-بالىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ بازار ئايلىنىشى،  مەنزىرىلىك  جايلارنى سەيلە-ساياھەت قىلىشى،دۇست-يارانلىرى  بىلەن كۆڭۈللۈك سۈھبەت  سورۇنلىرى  تۈزۈپ ، كىشىلىك   تۇرمۇشنىڭ    ئۆزىگە ئاتا قىلغان شاپائەتلىرى  ياكى ئوڭۇشىسىزلىقلىرى   ئۈستىدە  سىردىشىپ  ،ھارغىنلىقىنى ئۇنتۇپ،كۆڭلىنى كۆتۈرىشى لازىم ئىدى.لېكىن ،ئۇ ئۇنداق قىلالمىدى. قىلىشقىمۇ  ئۇنىڭ يۇقسۇل ئائىلە شارائىتى يار بەرمەيتى.  كۈن دېگەن ئۇنىڭغا  بىرىنىڭ ئارقىسىدىن بىرى ئۇلىنىپ  ،يەكشەنبە ئۆتسە دۇشەنبە ئىز بېسىپ كېلىۋىرىدىغاندەكلا  تۇيۇلاتتى.قايسى كۈننىڭ شەنبە قايسى كۈننىڭ يەكشەنبە ئىكەنلىگى بىلەنمۇ ئەسلا ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايتى. كۈنلىرىنى  گۇيا    قەدىناسىدەكلا  بولۇپ قالغان    كىنو ئاپىراتىدا   پائالىيەت  قىلىش   بىلەنلا  ئۆتكۈزەتتى.ئۇ  ھاياتىدىكى خۇشاللىق ،تۇرمۇشتىكى تەسەللىسىنى  «كەپتەر» ماركىلىق ۋەلسىپىتىگە ئارتىۋالعان ئەشۇ  كىنۇ قويۇش ئاپىراتىدىن تاپاتتى.

         *                                 *                                    *

ئۇ  شۇ كۈنى  كىنۇ قويۇلىدىغان     كەنتنىڭ شۇجى ياكى مودىرلىرىنى ،گاھىدا ئتىز بشىدىن،گاھىدا يېزا ياكى كەنت كۇمىتېتى ئىشخانىلىرىدىكى    يىغىن ئۈستىدىن   ،گاھىدا تۅگىمەس خورىكىنى   باشلىۋالغان  ئۆيىدىن ۋە  بەزىدە  قىزىپ، ئوت ئېلىشقا   ئازلا قالغان مەشىرەپ سورۇنلىرىدىن تپىشقا توغرا كلەتتى.ئۇ  بۇ جەرياندا 20-30 ك  م دەك   يولنى  پىيادە  بېسىپ،تالجىققىنىدىن بەزىدە   يول بۇيىدىكى   دەرەخ سايىلىرىدا  دۇنيا غەملىرىدىن  مۇستەسنا   ھالدا بىر دەم بولسىمۇ   شىرىن  ئۇيقۇسىغا  غەرق بولاتتى.

ئۇ  قارىباع يېزىسىعا بىر قەدەر يىراق بولعان ساۋخۇ(  بۈگۈر بازىرىغا 96 ك م كېلىدىعان  چارۋىچىلىق يىزىسى) 1999-يىلى   يۇقىرىنىڭ  چارۋىچىلارنى مۇقىم ئۇرۇنلاشتۇرۇش توعرىسىدىكى  ھۅججىتىنى   ئىزچىللاشتۇرۇش  ،دۆلەتنىڭ    تارىم دەرياسىنى ئۇنۋىرىسال تۅزەش قۇرۇلۇشقا يېقىندىن ئاۋاز   قۇشۇش   ئۈچۈن، چارۋىچىلار  سۇ ۋە يەر بايلىقى    بىر قەدەر مول ،ناھيە بازىرىغا 15ك م كېلىدىغان جايغا    ئۇرۇنلاشتۇرۇلعان.ئاپتۇردىن)،ئەشمە(76 ك م) ،چىدىر (52 ك م ) ،تېرەك بازار،يڭسار يېزىلىرى(35 ك م ) قاتارلىق  يېزا-بازرلارغا قاتناش بىكىتىگە كېلىپ ،نۆۋەتچى ئاپتۇۋۇز بىلەن بارغاندىن باشقا   تارلاق ،چۇمپاق،ئاقساراي،بۈگۈر بازىرى قاتارلىق يىزا-بازارلارغا  «ئەر قانىتى-ئات»دېگەندەك ،ئۇنىڭعا سۇنماس  قانات  ئاتا قىلىۋاتقان  «كەپتەر» ماركىلىق ۋەلسىپىتنى « ھەمراھ»  قىلىپ، نەدىلا   كىنو قويىشىدىن قەتئى نەزەر، كىنو تۈگىگەندە ،يىزىدىن بىر تۇتاش  تارقىتىپ بېرىلگەن  «قويۇلغان كىنولارنى تىزىملاش حاتىرىسى»گە،   ئۇرۇن مەسئۇللىرىنىڭ   ئىمىزايىنى قويدۇرىۋىلىشنى ئۇنۇتمايتى.

ئۇ   بىر يۈرۈش كىنو قويۇش ئۈسكۈنىلىرىگە ھەمرا بولعان 20نەچچە يىلدىن بۇيان، بىرەر قىتىم قانغىدەك ئوخلاپ باقمىدى،قىش كۅنلىرى پۇت-قوللىرى ئىسسىپ ئۆتمىدى. قىش كۈنلىرى ئۇ  يېزىغا  يىراق بولغان «ئۈچ توغراق»،«ئاق ئېقىن''كەنتلىرىدە كىنو قويۇپ قالسا،كىنو تۈگىگەندە ،بىرەرسىنىڭ ئۆيىدە قۇنۇپ،ئەتىسى ئۈسكۈنىلەرنى  باشقا كىنو قويۇش نۇقتىلىرىعا ئىلىپ  ماڭغاندىن باشقا ، يېزىغا يىقىنراق كەنت-مەھەلىلەردە كىنو قويغاندا ،ئېرىنمەستىن  ئۈسكۈنىلەرنى ئېلىپ ئائىلىسىگە قايتىپ كىلەتتى . يازكۈنلىرى  150 كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى ئۈسكۈنىلەرنى ۋەلسىپىتىگە ئارتىپ، ئىگىز –پەس  يوللاردا(ئۇ چاغلاردايېزا-بازاريوللىرى تېخى  ئاسفالاشتۇرۇلمىغان ئىدى .ئاپتۇردىن)    مۈدۈرۈپ-چۇقۇرۇپ ، ئائىلىسىگە قايتىپ   كەلگىچە، ئاللىمىقاچان     تاڭمۇ     ئېتىپ كەتكەن بولاتتى .

         

7

دۇنياغا ئاپىرىدە بولغان ھەر بىر ئادەم،   ئۆمىرىمنى  ئادىميلىك  پەزىلەتلىرىمنى جارى قىلدۇرۇپ، ئادەمدەك    ئۆتكۈزىمەن –دەيدىكەن  ،ئۇ  كىشىلەرگە  قىلىپ بەرگەن  ياخشىلىقلىرىنى     ئۇنتۇپ،كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە   قىلغان  ياخشىلىقىنى بەسى  ئۇنتۇپ  قالماسلىقى كېرەك. ئابدىراھمان توختى  رەھبەرلىك ۋە ئاممىنىڭ ئۆزىگە بولغان  ئىشەنچىسىنى يەردە قويماسلىق  ، ئۇلارغا     ئەمەلى خىزمەت  نەتىجىلىرى  ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن، ئىش ئۇرنىنى قىزغىن  سۆيۈپ،كەسپىگە چەكسىزسادىق بولۇپ، كىنۇ- تېلېۋىزىيىنىڭ  رىقابەت سورۇنىغا سۇغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، مەۋقەنى كىنو فىلىملىرىنىڭ كۉرەرمەنلەرگە يېقىشلىق بولۇپ،    مەنىۋىي ۋە ماددى ئۇزۇق برەلەيدىغان ،دۇنيا ۋە مەدەنىيەت  قارىشىنى توغرا يولغا باشلىيالايدىغان بولۇشتەك  تۅپ مەقسەتكە    يېتەكلەشكە   ئەھمىيەت بىرىپ ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ يۈكسەك ئىناقلىقى ئاساسىدىكى ھاللىق جەمىيەتنى تىزىراق ۋۇجۇدقا چىقىرىش  مەقسىدىدە ،دېھقان-چارۋىچىلار ئاسان چۅشىنىپ ،تىز ئەستە ساقلىيالايدىغان، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا   زۈرۈر  ئىشلىتىش قىممىتىگە ئىگە، پەن –تېحنىكىغا   ئائىت فىلىملەرنى كىرشتۈرۈپ قويۇشقىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ،دېھقان-چارۋىچىلار پەن –مەدەنىيەت سەۋىيىسىنىڭ كۈنسىرى ئۆسۈشىگە   تۈھپە   قۇشۇپ ،«يېزا،يېزا ئىگىلىگى ۋە دېھقانلار مەسىلىسى»گە  ئەھمىيەت بەردى.

ئۇ كىنوچىلىق بىلەن شۇغۇللانعان 20نەچچە يىلدىن بۇيان ، «پارنىكتا سەي-كۈكتات ئۉستۈرۈش تېخنىكىسى»،«كېۋەزدىن يۇقىرى مەھسۇلات ئىلىشقا دائىر بىلىملەر»،«سېيىرلارنى سۇنئى ئۇرۇقلاندۇرۇشتا دىھققەت قىلىدىعان نۇقتىلار»،«بۈگۈر ئاق كىشمىش ئۈرۈكىدىن يۇقىرى مەھسۇلات ئېلىشتا ئىشلىنىدىعان تېحنىكىلق پەرۋىشلەر»....قاتارلىق 1700چاستىن  كۆپىرەك پەن-تېخنىكا فىلىمىلىرىنى كىرشتۈرۈپ،ئاممىغا  كۆرسەتكەندىن باشقا، «يەر ئاستى يولى ئۇرۇشى»،«پارتىلاتقۇچ بومبا ئۇرۇشى»،«تاغلىق شەھەرگە ئۅچ قېتىم كىرىش» ،«مەڭگۅ ئۈزۈلمەس رادىيۇ دولقۇنى»،«مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئىدارىسىدىكى ئوق ئاۋازى»، «كۆۋرۈك»،«8-مىس ھەيكەل»....قاتارلىق  دۆلىتىمىز ۋە چەتئەللەردە ئىشلەنگەن 1300دىن ئارتۇق   نادىر فىلىمنى  كۆرۅرمەنلەر ھوزۇرىغا سۇنۇپ، دېھقان –چارۋىچى كۆرەرمەنلەر سانىنى 1000000  ئادەم –قېتىمغا ،ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرى سانىنى 650000  ئادەم- قېتىمغا  يەتكۈزۈپ،ناھيىنىڭ   مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ئۅچۅن،تىللاردا داستان بولغىدەك ئاجايىپ   تۅھپىلەرنى  قوشتى. ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھوزۇرىعا  شۇنداق بىر سانلىق مەلۇماتنى   قوشۇپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ .بەزى چاغلاردا ئۇ، ناھيىلىك كىنو فىلىم تارقىتىش –قويۇش  شىركىتىدىن بەش يىۋەن فىلىم ئىجارىسى  تۈلەپ، بىر  فىلىم ئېلىپ كەلسە،كۆپ ھاللاردا توك ،ئىشىك نازارەتچىسىنىڭ ئىش ھەققىنى  چىقىرىۋەتكەندە  ،  كىرىم چىقىمنى قامدىيالماي،بىر قىتىملىق قويۇلغان   كىنودىن ، قولىغا بىرەر  نان ئىلىپ يېگىدەك  پۇلمۇ ئاشمايدىغان چاغلارمۇ بولۇپ قالاتتى.لېكىن ئۇ  قىيىنچىلىقلارغا  ۋايسىماي،ئىرادە ئۆتكەللىرىدە  بەل قويىۋەتمەي،  يۈكسەك ئارزۇ-ئارماننىڭ باشلامچى قىلىپ ،  ئۈمىد مەنزىللىرىگە   قاراپ، ئۆزلۈكسىز   مېڭىۋەردى.....

8

1999-يىلىىنىڭ يانىۋار ئايلىرى  ئۇنىڭ  ئىسىدىن مەڭگۇ چىقمايدۇ. شۇ كۈنى ئۇ ، بولغۇسى ئايالى بىلەن بىر ياستۇققا باش قوياتتى .ئۇنىڭدىن باشقا    توي قىلغان يىگىتلەر ،توي كۈنى ئاخشىمى    كۆڭۈللۈك   سورۇن تۈزۈشۈپ،  دۇستلار ئۆز –ئارا   شاراب تۇتۇشۇپ ،ئىككى ياشنىڭ    تويىنى كۆڭۈللۈك     تەبىركلىسە،ئۇ تويى بولغان كۅنى، ئۆزى قىزىقىپ شۇغۇللىنىۋاتقان كەسپى ئادىتى     بۇيىچە ، ۋېچىركىغا قاتناشقان  دۇست-بۇرادەرلىرىگە  ،يۇگۇسلاۋىيىنىڭ «كۈۋرۈك»ناملىق نادىر فىلىمىنى قويۇپ بەرگەنلىكى  ، ۋېچىركا ئاياقلاشقاندا  دۇست-يارانلىرىنى  مەزكۅرفىلىمنىڭ «خەيىر-خۇش دۇستلار »ناملىق  ناخشىسى بىلەن ئۇزۇتۇپ قويغانلىقى ھازىرمۇ ئۇنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ  كەتمەيدۇ .ئەگەر  ئۇنىڭمۇ يانچۇقى توم بولسا،  ۋېچىركىغا كەلگەن دۇست-يارانلىرىگە   بىر نەچچە قەدەھتىن شاراپ تۇتۇپ، تويىنى تەبىكلەشكە قاتناشقان  دۇستلىرىنى     قىزغىن   ئۇزۇتۇپ قويماسمىدى.

              *                       *                        *   

«بىر ياخشىلىققا بىر يامانلىق ھەمرا» دېگەندەك،  ئۇنىڭ  بەخىتلىك كۈنلىرى  ئۇزاققا بارمىدى .دۆلەتنىڭ « ھەممە ئائىلىلەرگە تېلېۋىزىيە  كىرگۈزۈش قۇرۇلۇشى» باشلانغاندىن كېيىن ،كۆرۈرمەنلەرنىڭ  ئۆيىدىن چىقمايلا  حالىغانچە كۆرۈشىگە ئادەتلىنىۋالعان تېلېۋىزىيە نومىرلىرى  ،كىنو  تاماشابىنلىرىنى ئۆزىگە   جەلپ قىلىپ،كىنوچىلىق ساھەسى     بىر مەھەل   نادىر تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ  كۈچلۅك رىقابىتىگە دۇچ كەلدى.شۇ چاغلاردا ئۇنىڭ كىنو قويۇپ تاپىدىغان 2-3تەڭگىسى، ئۆيىنىڭ كۈندۈلۈك تۇرمۇش چىقىملىرىغىمۇ    بەسى يەتمەيتى  .ئۆز ۋاقتىدا بىرلا قۇرساقنىڭ غېمىنى قىلدىغان   پۈتۈن سۈرۈك    ئەر،بىر  قۇرسىقىدىن ئۇنچىۋالا غەم قىلىپمۇ كەتمەيتى.قۇرسىقى ئاچسا ناۋايخانىلاردىن  بىرەر  نان ئىلىپ، سوغۇق سۇغا تۈگۈرۈپلا يەۋالاتتى  .ئۇبدانراق  تائام يىگۇسى كەلسە،ئاشپۇزۇللارغا كرىپ قۇرسىقىنى ئەستەرلىۋالسىلا   بولاتتى.ئەندىلىكتە بىراۋنىڭ ئالدىغا مىڭ بىر  تەزىم بىلەن  بىرىپ ،ئەكەلگەن  ئايال زاتىنى ئۇنداق قۇرۇق  نان،سوغۇق سۇ دېگەنلەر  بىلەن بەسى كۈتۈپ كەتكىلى بولمايتى.ئۇمۇ   ئۆز  ئۆينىڭ مورىسىدىن ئىس  چىقىرىشى،قازىنىنى ئۆز ئۇتۇنى بىلەن قاينىتىشى،ئۇرۇق-تۇققان،ھەقەم –سايىلارنىڭ ئۆيلىرىنى   يارىشىقىنى قىلىپ  پەتىلىشى ،توي-تۈكۈن  نەزىرە –چىراقلارغا لايىقىنى قىلىپ بېرىشى كېرەك ئىدى.ئەرلەرغۇ كېيىمى يىرتىلسا ياماپ،كىر بولسا يۇيۇپ ،«ئات تاپقىچە ئىشەك مېن»دىگەندەك ،كونا كىيىم-كىچەكلەر بىلەن ،قۇرسىقى غورگۈل بولسىمۇ يۈرىۋىرەتتى .نامىراتلىق تامغىسى ئۇنىڭ  پىشانىسىگە پۈتۈلۈپلا كەتكەندەك، ئۆيىنىڭ بۈگۈنى   ئۇنى تۈگىسە، ئەتىسى  تۇزى تۈگەيتى . بىر كۈنى ئايالىنىڭ ئايىقى يىرتىلسا،يەنە بىر كۈنى ئۇتۇن-كۆمۈرى….يەنە سۇ،توك… پۇلى  قاتارلىقلار  ئۇنى ھالسىرىتىپلا قويغان ئىدى.قايسى  بىر خەلق ناحشىسىدا«ئۆينى ئۆي قىلغان ئۇن بىلەن ئۇتۇن....»دىگەن مىسىرالارنى ئاڭلىغىنىم  ھېلىمۇ  ئېسىمدە . بىر ئۆينىڭ   مورىسىدىن ئىس چىقىرىدىغان نەرسىلەر بۇ  ئۆيدە كەم بولغىنى  ئۈچۈن، 1999-يىلى 27-يانۋار نەغمە –ناۋا،ھەشەم-دەرەمسىزلا   قىلىنغان توي ، ئائىلىدىكى تۆكۈلۈپلا تۇرىدىغان   نامىراتچىلىق دەستىدىن، ئىككى يىل چاممىسىدا  ئۆي تۇتۇشقان بۇ  ئەر –خوتۇنلار،تېخى بىر ياشلارغىمۇ تولمىغان سەبى ئوغلىنى يېتىملار كوچسىغا ئىتتىرىۋىتىپ،2001-يىل 11-فېۋرال  خەلق ئىشلار تارمىقىدىن  ئۈن-تېۋىشسىزلا،  ئاجىرىشىش گۇۋاھنامىلىرىنى  قوللىرىغا ئېلىشتى.

                 *                      *                       *  

خەلق ئىشلار تارمىقىدىن  ئەرگە بۇيرۇپ بىرىلگەن  ئوغۇل    ، «ئۆزۈڭدە يوق ،ئالەمدە يوق » دېگەندەك ،   بالىغا ئىچۈرۈلىدىغان سۈت پاراشۇكى… دېگەندەك نەرسىلەرمۇ بۇ ئائىلىدىن     خىلى تەستە تېپىلاتتى. يۇقسۇزچىلىق  ئىسكەنجىسىدە   بۇغۇلۇپ  تۇرغان   ئائىلىدە ،ئاق-قارىنى پەرق قىلىپ بولا-بولمايلا يىتىم بولۇپ  قالغان  بۇ  نارسىدىگە  ئابدىراھماننىڭ دادىسىمۇ،  ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتكەن  ئاكىسىمۇ،ئابدىراھمان ئۆزىمۇ تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى دەستىدىن    قاراپ بولالماي،ئۇ  قايەرگە  كىنو قويغىلى بارسا،شۇ يەرگە ئوغلىنىمۇ   ۋەلسىپىتنىڭ ئالدىعا  مېنگەشتۈرۈۋېلىپ   ئېلىپ يۈرۈش  جەريانىدا  ،پەرۋىشسىز  قالغان  بۇ    سەبىي  ،«ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك» دېگەندەك،شۇ يىلى تومۇزدا،  ''كۆتەكبۇلاق ''كەنتىگە  كىنو قويۇش سەپىرىدە   ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىپ ،بۇ دۇنيا بىلەن   خۇشلاشتى.

                 *                          *                            *

ئۇ كىنۇ قويۇش ئۅسكۅنىلىرىنى  جېنىدەك ئاسىرايتى ، كۅيىنەتتى .ئۇ دەسلەپ كىنۇ قويۇشنى يېڭىدىن  باشلىغان  چاغلىرىدا، تەجىربىسنىڭ كاملىقىدىن،  ئۈسكۈنىلەر  پات-پات تەبىئىي ئاپەتنىڭ بوزغۇنچىلىقىغا ئۇچىراپ تۇراتتى.تومۇز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە  ياققان سىم-سىم يامعۇر، بىردىنلا ئەزىۋەيلەپ،قارا يامغۇرعا  ئايلىنىپ  كېيىن،چوڭلۇقى كەكلىك تۇخۇمى،قاقچىلىك  كېلىدىعان مۆلدۈر، گۈل- گىياھلارنى يالماپ يۇتۇۋىتىدىعاندەك سۈر –ھەيۋە كۆرسۈتۈپ،تاراسلاپ  چۈشۈشكە باشلىدى. نېمە قىلارىنى بىلەلمەي مەڭدەپ  قالعان   ئابدىراھمان،    تەبىئىي ئاپەتتىن    پانالانعىدەك بىرەر  ئەىسلىھە بولمىعان ئەھۋال ئاستىدا، ۋەلسىپىتىنى   ئاسفالىت يولنىڭ ئوتتۇرسىغىلا  توختۇتۇپ قويۇپ ، ئوچىسىدىكى  چاپىنىنى سېلىپ ئۈسكۈنىلەرگە    يېپىپ باقتى .كىنو قويۇش ئاپىراتى ساندۇققا سېلىنعان بولغاچقا ،زىيان ئۇنىڭدا    چوڭ  بولمىدى   بىراق ،دېۋىگاتىلنىڭ توك چىقىرىش ۋە  بىسىمنى كۆرسۈتۈش ئۈسكۈنىسى قارا  يامغۇرنىڭ  بوزغۇنچىلىقىغا ئۇچىراپ،شۇ قېتىمقى كىنو قويۇش نۆۋىتىدە كارغا كەلمەي ، بىھۇدە چىقىم قىلىشقا  توعرا كەلدى. شۇندىن كىيىن ئۇ، نەدىلا كىنو قويمىسۇن،ئۈسكۈنىلەرنى قۇغداش مەقسىدىدە   يالتىراق  قاتارلىق قۇغدىنىش   بۇيۇملىرىنى    ئېلىپ يۈرۈيدىعان  بولدى.

ئۇ كىنۇ قويۇش  جەريانىدا  كىشلەرگە ئۇچۇق-يۇرۇق موئامىلىدە بولۇپ،    كۆرۈرمەنلەرنىڭ  ھۆرمەت –ئىززىتىگە   سازاۋەر بولۇپ كەلدى. شۇنداق بولغاچقىمۇ كىشىلەرمۇ ئۇنىڭ  ياخشى پىكىر-تەكلىپلىرىنىڭ شېخىنى   يىرماستىن،ئەستايىدىل   ئاڭلايتى.   ئۇ بىر قىتىم يىزا ئورگىنىدىن 33كىلۇمېتىر يىراقلىقتىكى «ئۈچتوغراق» چارۋىچىلىق كەنتىگە كىنۇ قويۇشقا بارغاندا، بۇ ئۇرۇندىكى چارۋىچىلارنىڭ تارقاق ئولتۇراقلاشقانلىقىدەك ئەمەلى ئەھۋالىنى چىقىش قىلپ،مەھەللىنىڭ  ئوتتۇرىسىغىراق جايلاشقان بىر چارۋىچىنىڭ يۇلغۇن  بىلەن قورشاۋغا ئېلىپ،ھويلا قىلىۋالغان   ۋاقىتلىق ئولتۇرىقى ئالدىدا بىر مەيدان كىنۇ قويىدى. تارىم نېفىت چارلاش-ئېچىش قۇماندانلىق ئىشتابى، يەرلىكتىكى دېھقان –چارۋىچىلارعا ياخشى ئىش قىلىپ بىرىش يۈزىسىدىن،ئاھالىلارنىڭ  تارقاق  ئولتۇراقلاشقانلىقىدەك ئالاھىدە ئەھۋالىنى كۉزدە تۇتۇپ،توك بىرىشكە كىتىدىعان چىقىمىنىڭ كۆپ   بولىشى   بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرماي، 1989—يىلى     ئاحىرىدا نېفىتلىك كىچىك رايۇنىدىن توك سىمى تارتىپ،يەرلىك ئاھالىلارنىڭ توك ئىشلىتىش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بەرگەن ئىدى.شۇڭىلاشقا بۇ جايدىكى چارۋىچىلار،خالىسا نېفىتلىك كىچىك رايۇنىدىن تارقاتقان تېلېۋىزىيە نومىرلىرىنى، (بۈگۈر ناھىيە بازىرىغا  34كىلۇمىتىر كىلىدىعان جايدا ،تارىم نىفىتلىكىنىڭ ئالدىنقى سەپ قۇماندانلىق  بازىسى  -نىفىتلىك كىچىك رايۇنى بار.غەربنىڭ گازىنى شەر*ققە يەتكۈزۈشنىڭ  باش  بېكىتى مۇشۇ نېفىتلىك كىچىك رايۇنىغا جايلاشقان) ئۇنى كۆرگۅسى كەلمىسە،بۈگۈر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇلاپ تارقاتقان نومىرلارنى تاللاپ  كۆرۈۋىرەتتى.بۈگۈن   بۇ  كەنتتە ئۇ  قويماقچى بولغان كىنونى كۉرۈشكە،  پەقەت  كەنتىنىڭ 1-قول  مەسئۇلىلا     كەلگەن ئىدى. مودىر ئابدىراھمانغا چاقچاق قىلىپ :

-ھوي ئابدىراھمان ئۇستام،«ئۆزى يەپ،ئۆزى ماقتاپتۇ»-دېگەن شۇ ئوخشىمامدۇ ،كىنونى ئۆزىڭىز قويۇپ،ئۆزىڭىزلا كۆرمەكچى بۇلىۋاتامسىز،بۇنداق تاماشابىنى  يوق  كىنۇنى ئەكەلمىسىڭىزمۇ  بوپتىكەن جاپا تارتىپ-دىدى  لېكىن،ئۇ ياشلارغا خاس جۇشقۇن ئاۋازى بىلەن  :

-ۋاي مودىر،مەن كىنۇ كۉرىدىعانغا  ئادەم  ھېسابلانمايمەنما؟ئۆزۈم قويۇپ،ئۆزۈم كۆردۈم دېگەن گەپ،پارتىيە سىياسەتلىرىدىن  بىر ئادەم بولسىمۇ خەۋەردار بولدى-دېگەن گەپ. كىنۇنى 100قېتىم  قويۇپ ئۆزۈملا   كۆرسەم، پارتىينىڭ  ئاۋازىنى 100قېتىم  ئاڭلىدىم- –دېگەن گەپ،مۇشۇنداق بولسىمۇ بولمامدىكەن؟مەن جاپا تارتىپ، شۅنچە يىراقتىن  سىلەرگە  كىنۇ قويۇپ بىرىمەن –دەپ كەلسەم، سىلە ئۆز  حىزمەت دائىرلىرىدە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ،ئادەملىرىنى كىنو كۆرۈشكە تەشكىللەپ بەرمەيۋاتىلا ،مەن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى  پارتىيىنىڭ ئاۋازى بىلەن ئۇچىراشتۇرغان بولسام  ،  نېمە دېگەن  ياخشى ئىش  بولغان بولاتتى-ھە،  دېدى. بۇنىڭدىن خىجىللىق ھېس قىلغان  كەنت   مودىرى،   ئۆيمۇ-ئۆي مېڭىپ يۈرۈپ،قاش قارايغان مەزگىللەردە 40-50نەپەرچە ئادەمنى كىنو كۆرۈشكە تەشىكللەپ بەردى.


9

ئابدىراھمان توحتى لەۋھەنى باغرىغا  چىڭ  باسقىنىچە  ، موكاپات سوممىسى قاچىلانعان كونۋېرىتنى  يېنىش-يېنىشلاپ تۇتۇپ باقتى.     خەلق ئۈچۈن قىلىپ بەرگەن  ئازغىنا   ئىشلىرىدىن   ئالەمچە سۆيۈندى.باشقىلارغا  قىلىپ بەرگەن  ياخشى ئىشلىرىنىڭ   ھامان        شان –شەرەپ سەھنىسىگە    ئېلىپ چىقماي قالمايدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈردى . ئۇ قولىدىكى «ئاممىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلىشىدىكى ئىلغار شەخس»دىگەن خەتلەر يېزىلىغان   لەۋھەگە يەنە بىر قېتىم  قارىۋىتىپ،ئەندىلىكتە    ئۆزىگىلا تەۋە بولغان    بۇ  موكاپات بۇيۇمىنى  ئازمىدۇ،كۆپمىدۇ ، تۇرمۇشۇمغا بىر  ئاز  بولسىمۇ    ياماق بولارمۇ- دېگەن تەمەدە، كونۋېرىتنى  بۇشقىنە سىيلاپ قويدى .

سەن خەلق  ئاممىسى   ئۈچۈن، قان- تەر ئاققۇزىدىكەنسەن ،جاپالىق    ئەمگەك مېۋىلىرىڭ  سېنى  ھامان  ۋىسال چۇققىلىرىدا ئەركىن  پەرۋاز قىلدۇرماي قالمايدۇ.

2006-يىل باھاردا ئوبلاست رەھبەرلىرى ( بايىنغۇلىن ئوبلاستىلىق پارتىكۇمنىڭ سابىق  دائىمى ھەيئتى  ،ئوبلاستىلىق پارتىكۇم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى دىلشاد روزى ،ھازىر بايىنغۇلىن ئوبلاستىلىق سىياسى مەسلىھەت كېڭىشى پارتىگۇرۇپىسىنىڭ شۇجىسى،سىياسى مەسلىھەت كىڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى)بۈگۈردە خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ-تەتقىق  قىلغاندا  ،ئابدىراھمان توحتىنىڭ  ئىلغار ئىش-ئىزلىرىنى ئاڭلاپ ،نەق مەيداندىلا ئۇنىڭغا بىر يۈرۈش كىنۇ قويۇش ئۈسكۈنىلىرىنى سوۋغا قىلدى.مۇناسىبەتلىك ئۇرۇنلارغا ئۇنىڭ كىنۇ قويۇش ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدىغان توك خىراجىتىنى كەچۈرۈم قىلىشنى ياكى ئازايتىپ بىرىشنى بۇيرۇدى. ناھيىلىك مەدەنىيەت ئىدارىسى رەھبەرلىرىمۇ  ئۇنىڭ خىزمەتلىرىنى قىزغىن قوللاپ، ئۇنى ساغلام،مەدەنىي فىلىملەر بىلەن كۆپىرەك تەمىنلەپ ،ئاممىنىڭ  ئىشتىن سىرتقى مەدەنىي تۇرمۇشىنى بېيىتىشنى ئۇرۇنلاشتۇردى .

2007-يىلى 3-ئايدا ئۇ يەنە  ناھيىلىك پارتىكۇم تەرىپىدىن  «100كۈنلۈك ئاممىۋىي مەدەنىيەت مەيدان پائالىيىتى»دە ،«ئىلغار مەدەنىيەت ئائىلىسى »شەرىپىگە ئېرىشىتى . نەق مەيداندا ناھيىلىك پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئۇنىڭ   كىنۇ قويۇش ئۈسكۈنىلىرىنى ئاسىراش- رىمۇنتلاش ۋە    قاتناش قىيىنچىلىقىنى  ھەل قىلىۋىلىشى ئۈچۈن ،3000.00يۈۋەن نەق پۇل  ياردەم    بەردى  ھەمىدە  «ياماخا» ماركىلىق دىۋېگاتىلدىن بىرنى سوۋغا قىلدى .ناھيىلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىمۇ ئۇنىڭ ياخشى ئىشلىرىنى قوللاش يۈزىدىن ،بىر دانە ئۈچ چاقلىق مۇتۇسىكېلىت تەقدىم قىلدى.ناھيىلىك خەلق ئىشلار ئىدارىسىمۇ  دۆلەتنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇش مەبلىقىدىن.16000.00 يۋەن ئاجىرىتىپ  ، ئۇنىڭغا ئاستىعا چاقچۇق ياتقۇزۇپ ،قوش ئەينەكلىك پولات ئىشىك -دېرىزە ئورنىتىلعان  ،40كىۋادىرات مېتىر كۆلەمدە   يەر تەۋرەشكە  چىداملىق ،  ئەمىن ئۆي سېلىپ  بېرىپ،ئۇنىڭ  تۇرمۇشتا حاتىرجەم بولۇپ، كىنوچىلىق كەسپىنى بېرىلىپ ئىشلىشىگە  ماددى شارائىت يارىتىپ بەردى.

ئابدىراھمان توحتى بۇ يىل''1-  ئىيۇن بالىلار  بايرىمى''   ھارپىسىدا ،مۇئەللىپكە مۇنۇلارنى بايان قىلدى:2006-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى  ئوبلاستىلىق پارتىكۇمنىڭ سابىق  مۇئاۋىن شۇجىسى،ئوبلاسىت باشلىقى بادەي،( ھازىر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق  خەلق قۇرۇلتىيى دائىمى كۇمىتېتىدا) ئوبلاستىلىق پارتىكۇمنىڭ سابىق  دائىمى ھەيئىتى،تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى دىلشاد روزى قاتارلىق  رەھبەرلەر  ماڭا:-سىز كىنۇچىلىق كەسپى بىلەن تېلېۋىزىيىنىڭ كەسكىن  بازار رىقابىتى داۋامىدا ،بۈگۈر ناھيىسىنىڭ يوقىلىپ كىتىش گىردابىعا بىرىپ قالعان يىزا-بازار كىنۇچىلىق ئىشلىرىنى جانلاندۇردىڭىز ۋە   20نەچچەيىلدىن بۇيان،جاپا-مۇشەققەتتىن،ھىرىپ-چارچاشتىن  قۇرقماي،يىزا ئاساسى قاتلام كىنۇچىلىق ئىشلىرى  بىلەن شۇغۇللۇنۇپ ،ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۅردىڭىز ،سىزگە پارتىيە خەلق رەھمەت ئىيتىدۇ-دەپ، مېنىڭ كىنۇچىلىق ساھەسىدە قولعا كەلتۅرگەن ئازغىنە نەتىجەمگە يۇقىرى باھا بەردى –دىدى.

2006-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى شىنخىۋا ئاگېنتىلىقى تەكشۈرۈپ –تەتقىق قىلىش گۇرۇپىسى ئەزالىرى بۈگۈر ناھيىسىگە كەلگەندە،ئابدىراھمان توحتىنىڭ قىلچىمۇ بۇشاشماستىن ئىلغار مەدەنىيەتنى تارقىتىش ھەركىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ:-بۈگۈر ناھيىسىنىڭ دېھقانلار  مەدەنىيەت ئائىلىسى قۇرۇش     تەجىربىسى تەتقىق قىلىپ كېڭەيتىشكە ئەرزىيدىكەن –دەپ قارىدى ھەمىدە ئابدىراھمان توختىنى ئىجتىمائى كۅچلەرنىڭ ئىلغار مەدەنىيەتنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۅلگىسى  -دەپ قاراپ،ئۇنى يېڭى دەۋىردە يېزىلاردىكى ئىلغار مەدەنىيەتنى جارى قىلدۇرۇش ۋە مەدەنىيەت ئارقىلىق  خەلق ئاممىسىنى بېيىتىشنىڭ يېڭى يولى ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىشقا ۋە  ئۆزلۈكسىز  مېڭىشقا ئىلھاملاندۇردى.

2007-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۅنى ، بايىنغۇلىن  ئوبلاستنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى (ئوبلاستىلىق  پارتىكۇمنىڭ سابىق دائىمى ھەيئىتى،تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سۈي شىيا،ھازىر ئاپتۇنۇم رايۇندىكى مەلۇم نازارەتتە  )بۈگۈر ناھيىسىگە يەنە بىر قېتىم  كېلىپ ،   ئابدىراھمان توختىنىڭ مەركىزى تەشۋىقات بۆلۈمى،مەدەنىيەت مېنىستىرلىقى تەرىپىدىن «پۈتۈن مەمىلكەتتىكى 10مونەۋەر كىنۇ قويغۇچىنىڭ  بىرى» دېگەن شان-شەرەپكە نائىل بولغانلىقىنى تەنتەنىلىك ھالدا جاكالىدى.  

دىنار دەرياسى   ۋادىسىدا ئاپىرىدە بولۇپ،دىناردەرياسى    سۈيىگە چۆمۈلۈپ  چوڭ بولغان بۇ دېھقان ئوغلىنىڭ نام-شەرىپى،دىنار   ۋادىسىدىن ھالقىپ ،مەمىلىكلىتىمىزنىڭ   بولۇڭ-پۇشقاقلىرىگىچە تارقىلىپ،  پۈتۈن مەمىلىكەتتىكى 56مىللەت بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ، ئىتتىپاقلىشىپ   كۉرەش قىلىۋاتقان  ئىلىمىز ياشلىرىنىڭ  سۇتسىيالسىتىك ئىناق ۋە ھاللىق  جەمىيەت بەرپا قىلىش يولىدىكى   گۈزەل  مېلىۇدىيىسىنى   ياڭراتتى  .

بۇ يىل''1-ئىيۇن  بالىلار بايرىمى'' ھارپىسىدا ، بارلىقىنى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىشتىن سىرتقى مەنىۋىي تۇرمۇشىنى  جانلاندۇرۇشقا  بېغىشلىۋەتكەن  بۇ يىگىت ، كەلگۅسى پىلانلىرى ئۅستىدە توختۇلۇپ ،موئەللىپكە مۇنۇلارنى بايان قىلدى:

-مەن  ھاياتلا بولىدىكەنمەن،كىنۇدىن ئىبارەت بۇ  «مەشۇق»ىمدىن ئەبەدى  ئايرىلالمايمەن.چۇنكى كىنۇ مېنىڭ بارلىقىم.يۇرتىداشلارنىڭ  خۇشاللىقى مىنىڭ حۇشاللىقىم.  كىنۇچىلىقتىن   ئىبارەت  بۇ كەسىپنى  قىزعىن سۆيۈپ، كەسپىم ئارقىلىق ،  پارتىيە سىياسەتلىرىنى ئاممىعا  تېخىمۇ  ئىلگىرلىگەن ھالدا  تەشۋىق قىلىپ ،يۇرتىمنى تىنىچ،باياشاد ۋە گۉزەل    ماكان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش  يولىدا   يىڭى تۅھپىلەرنى قۇشسام  ،شۇ ئارقىلىق ،پارتىيە،حەلقنىڭ  ماڭا قىلغان عەمخۇرلىقىغا ئەمەلى ھەركىتىم ئارقىلىق جاۋاپ قايتۇرسام –دەپ ئويلايمەن.مەن بۇ  نىشان  ئۈچۈن،  ئۆمۈرۋايەت  تىرىشچانلىق كۆرسۈتىمەن-دېدى.

مانا بۇ دىنار ۋادىسىدىكى  ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ مەنىۋى  تۇرمۇشىنى  بېيىتىش  ئۈچۈن  ،  نەچچە ئون يىل   ئۅن-تېۋىشسىز    تۈھپە قوشۇپ كەلگەن  بىر ياشنىڭ يۈرىكىدىن فۇنتان كەبى ئېتىلىپ چىقىۋاتقان  گۈزەل ياشلىقىنىڭ   جۇشقۇن  ساداسى،  پاك قەلبىنىڭ    ھەر مىللەت خەلق  ئاممىسىگە قايتۇرغان  سەمىمى جاۋابى   ئىدى....

          *                    *                        *

ئەنە ،دىنار ئوغلى  ئۈچ چاقلىق مۇتۇسىكېلىتىنىڭ  رولىغا  ، «ئىلغار مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ ،خەلقنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىنى بېيىتايلى.قاراباغ يېزىلىق كىنۇ قويۇش ئەتىرىدى»-دېگەن خەتلىرى ئوتقاشتەك    جۇلالىنىپ تۇرىدىغان قىزىل بايراقنى ئېسىۋىلىپ ،تاڭ قۇياشىدىن نۇر ئېمىپ،  يەنە  ''ئۇزۇن سەپەر''گە  ئاتلاندى.

غەيرەت قىل دىنار يىگىتى، ساڭا ۋىسال جاملىرى تارتۇقلايدىغان   ئانا دەريا  ، ساڭا   گۇۋاھ...!


2012-يىل  20-يانۋار .بۈگۈر

بۈگۈر ناھيە باغۋەنچىلىك مەيدان باشلانغۇچ مەكتىبىدىن:

تۇردى ئىسرائىل

تېلېفون:13345454541،  4695125-0996(ئۆي)


idraksoft

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  102
يازما سانى: 286
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 761
تۆھپە : 34
توردا: 228
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 11:30:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ئەدەبىي ئاخپارات ياخشى يېزىلىپتۇ، ئاپتۇرنىڭ كۆپ كۈچ سەرپ قىلغانلىقى بىلىنىپ تۇرىدۇ. چۈنكى ئەدەبىي ئاخپاراتتا رىئال، ئەمەلىي ئىشلار يېزىلىدىغان بولغاچقا، دېتاللار، مىساللار، مېتېرىياللار راسىت، چىن بولىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپلەپ تەكشۈرۈشكە، ئەھۋال ئىگەللەشكە توغرا كېلىدۇ....دېمەك، تۇردى ئىسرائىل مۇئەللىم كۆپ ئەجىر قىپسىز.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  458
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 34
تۆھپە : 0
توردا: 15
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 13:45:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەگيار ئەپەندى ،ماڭا ئۇچۇر يوللىغانلىقىڭىزغا رەھمەت.مەن ئەدەبىي  ئىجادىيەد كوچىسىغا تېخى يڭىدىنلا كىرگەن  ھەۋەسكار ئاپتۇرمەن.قىممەتلىك پىكىر ۋە ئىجادىيەد  تەجىربىلىرىڭىزنى ئاڭلاشقا ھەر دائىم تەشنامەن. ۋاقىت چىقىرىپ، پىكىرلىشىپ، سىردىشىپ  تۇرايلى .تېنىڭىز ساغلام،ئەدەبىي ئىجادىيەدلىرىڭىزگە يېڭى يۈكسۈلۈش تىلەپ :
                                      سىزگە ئىنكاسلىق سالام يوللىغۇچى توردىشىڭىز -تۇردى ئىسرائىل.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش