لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ كۈرەش بىلەن تولغان ھاياتى ئۆزىنىڭ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلگەنلىگىنى ئويلاپ يېتەلەيدىغان ياشلارغا رەھنەما بولالايدۇ. ئۇ ئارانلا 22 ياش يەنە نەچچە ئايلا ئۆمۈر كۆرگەن. ئەمما ئاشۇنچىلىك قىسقا ئۆمرىدە ئادەمنى تاڭ قالدۇرغىدەك ئىشلارنى روياپقا چىقارغان. نۇرغۇن كىشىلەر پەقەت ئۇنىڭ شائىر ئىكەنلىگىنىلا بىلىدۇ. مەن ئۇنىڭ كۆپ قىرلىق تالانتىغا ھەيران قالىمەن. قاراڭ:
1. ئۇ ئالدى بىلەن يالقۇنلۇق شائىر، ئەينى دەۋردە شېئىرىيەتتە بايراق كۆتۈرۈپ ماڭغان يولباشچى.
شېئىرىيەتتە: چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ئۆتۈش باسقۇچىدا تۈرلۈك شەكىللەردە نۇرغۇن شېئىرلارنى يېزىپ، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆچمەس تۆھپە قوشقان. داستان، غەزەل، مۇرەببە، مۇخەممەس، مۇۋەششەھ، مۇھتەمىلات، قەسىدە، پارچە... قاتارلىق تۈرلۈك شەكىللەردە يازغان ئېسىل شېئىرلىرى كىشىگە ھېلىمۇ ئىستېتىك زوق بېرىدۇ. زامانىمىزدا ئۆزىنى ھىچكىمگە تەڭ قىلمايدىغان، ئۆزىنىڭ يازمىلىرىغا زىيادە مەپتۇن بوپ كەتكەن بىر قىسىم ياش شائىرلىرىمىز لۇتپۇللا مۇتەللىپ يازغان ئاشۇ شېئىرى شەكىللەرنىڭ قانداق بولىدىغانلىغىنىمۇ بىلمەسلىگى مۇمكىن. ئەڭ مۇھىمى ئابدۇخالىق ئۇيغۇردىن «ئويغان»، «ئاچىل»، «باردۇر» قاتارلىق بىرمۇنچە شېئىر؛ ئۆتكۈر ئەپەندىدىن «ئىز»، «مەن ئاق بايراق ئەمەس» قاتارلىق بىر قاتار شېئىر؛ تىيىپچان ئىليۇپتىن «تۈگىمەس ناخشا» مىراس قالغاندەك، لۇتپۇللا مۇتەللىپتىنمۇ «يىللارغا جاۋاپ»، «خىيالچان تىلەك» قاتارلىق ئۆلمەس شېئىرلار مىراس قالدى. مۇشۇ 100 يىل ئىچىدە نەچچە يۈز، ھەتتا نەچچە مىڭ پارچە شېئىر يازغان، دەستە-دەستە شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان نۇرغۇن شائىرلىرىمىزنىڭ ھەم نامى ھەم شېئىرلىرى كىشىنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالالمىغىنىنى ئويلىغىنىمىزدا، لۇتپۇللا مۇتەللەپكە ھەسسىلەپ قايىل بولىمىز.
2. لۇتپۇللا مۇتەللىپ قابىل تەشكىلاتچى. ئەينى چاغدا ئۇ مەيلى ئۈرۈمچىدە بولسۇن، ياكى ئاقسۇدا بولسۇن زور بىر تۈ*ركۈم تالانت ئىگىلىرىنى ئۆز ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرۇپ «قاينام ئۆركىشى» پەيدا قىلالىغان. ئۇنىڭ تالانىت ئىگىلىرىنى تەشكىللەش، بايقاش، يىتەكلەش، ئۇيۇشتۇرۇش جەھەتتىكى تىللاردا داستان بولغىدەك ئىش-ئىزلىرى ھېلىمۇ بىزگە ئاجايىپ ياخشى ئۈلگە بولالايدۇ. «يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىڭماس، چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس» دىگەن ماقالنى ئۇ ياخشى چۈشەنگەن بولسا كېرەك. ئەگەر ئۇنىڭ مۇشۇ خارەكتىرى ۋە قابىليىتى يەنە نۇرغۇن تالانت ئىگىلىرىمىزدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولسا، جەمئىيىتىمىزدىكى ئىلىم ئەھلى ئىچىدە بىر سىلكىنىش پەيدا بولاتتى-دە، بىز تېخىمۇ گۈزەل بىر مەنزىرىنى كۆرەلىگەن بولاتتۇق.
3. ئۇ بىر يازغۇچى. ئۇ ئەينى چاغدا شۇنچىلىك ياشتا تۇرۇپ رومان يېزىشقا تۇتۇش قىلغان. ئەپسۇسكى تېخى بىز بىلمەيدىغان يەنە نۇرغۇن ئەسەرلىرى ۋە «داۋانلار ئاشقاندا» رومانى بىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن.
4. ئەگەر ھازىرقى نام بىلەن ئۇنىڭ تالانتىنى شاخ ئايرىپ ئاتاشقا توغرا كەلسە، ئۇ يەنە داڭلىق نەسىرچى. ئۇ ئەينى چاغدا «ئۇنىڭ كەلگۈسى زور ھەم پارلاق»، «پادىشا سامرويلىرى ئېغىر ھالسىرايدۇ»، «ئەجەل ھۇدۇقىشىدا» قاتارلىق چوڭقۇر مەزمۇندىكى نەسىر ۋە فىليەتونلارنى يېزىپ، كىتابخانلار ئارىسىدا كۈچلۈك غولغۇلا قوزغىغان.
5.ئۇ ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ۋە ئوبزورچى. ئۇنىڭ «ئەدەبىيات نەزىريىسى»، «سەنئەتكە مۇھەببەت» قاتارلىق بىرمۇنچە ئەسەرلىرى ئەينى چاغدا كىتابخانلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.
6. ئۇ بىر يىتۈك دىراماتورگ. ئەينى چاغدا «كۈرەش قىزى»، «چىن مودەن»، «سامساق ئاكاڭ قاينايدۇ» قاتارلىق نادىر دىرما-ئوپېرالارنى يېزىپ ئۇيغۇر سەھنە ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىشىگە زور تۆھپە قوشقان.
7. ئۇ بىر رەسسام...
8. ئۇ بىر تىل ئۇستىسى. ئۇ رۇس تىلىنى پىششىق بىلەتتى. خەنزۇتىلىنىمۇ بىلەتتى...
9. ئۇ بىر تەرجىمان. ئەينى چاغدا ئۇ رۇس تىلىدىن بىر قىسىم ئەسەر ۋە يېڭى خەۋەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ، شىنجاڭ گېزىتىدە ئېلان قىلدۇرۇپ، كىتابخانلارنىڭ ئالقىشىغا ئىگە بولغان.
10. ئۇ ھەم رېژىسسور. ئۇ ئەينى چاغدا بىرقىسىم دىراما-ئوپېرالارنى ئۆزى سەھنىلەشتۈرۈپ، ئۆزى رول ئېلىپ ئۇيغۇر مەدەنىي تۇرمۇشىنىڭ يىپيېڭى تۈسكە كىرىشىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن.
11. مەلۇم مەنىدىن ئۇنى يەنە كەشپىياتچى دىيىشمۇ مۇمكىن. ئۇ كەشىپ قىلغان شىنجاڭ گېزىتىنىڭ «ئەدەبىيات گۈلزارى» ۋە ئاقسۇ گېزىتىنىڭ «جەنۇپ شامىلى» سەھىپىسى تا ھازىرغىچە شۇ نام بىلەن ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە...
ئۇ ئەنە شۇنداق كەم تېپىلىدىغان ئاجايىپ تالانت ئىگىسى. بەلكىم ئۇنداق ئىنسان بىزدە يۈز يىلدا بىر كەلسە كېرەك.
ئۇ كەتتى. ئۇ خۇددى ناۋايى ھەققىدە يازغان «تەسىراتىم » ناملىق شېئىرىدا :
ئۇنىڭ مازارىنى ھەربىر ۋاراقتىن ئىزلە،
گۈمبەز-قەۋرىسىنى ھەربىر مىسرادىن ئىزلە.
ئۇ ئىجاد دەرياسىغا چۆمۈلگەن،
ئۇ ھەربىر مىسرا تۈۋىگە كۆمۈلگەن...
دەپ يازغىنىدەك، ئۇنى ئىزدىسەك ھەربىر ئەسىرى، ھەر مىسرا شېئىرىدىن تاپالايمىز. ئۇ بىزگە جىق-جىق نەرسىلەرنى سۆزلەپ بېرىدۇ...
مۇنەۋۋەر خانىمنىڭ بۇ خالىس ئەمگىكىگە كۆپتىن-كۆپ مىننەتدارلىغىمنى بىلدۈرىمەن. قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۆلجەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-8 20:28