يازغۇچىلار تورى

لۇتپۇللا مۇتەللىپ ھاياتىدىن .....

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2012-4-10 17:31:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەيەرلەردىن ئىزلەرمەن سېنى

سېنىڭ  مىھرىڭ ئاتەش داندا چوغلانغان بولارمىدى ،
كىم سالدى  ئاشۇ  ئاتەشلىك   ئىشقىڭنى ماڭا  .
تىلغانغىنىدۇ  يۈركۈم پىراقتا  ، خىيابانىمنىڭ ھەممە يىرىدە   سەن.
ئېيتقىنا  بۇ پەلەك  شۇ ئاشىق  ،پىراقتىن ئازغىنەنى  بەرسىچۇ  ساڭا.
كۆي  دىدىڭ . ئەلگە كۆيگەن مىھرىڭدە كۆي .
مەن ئەل  ئىشقىغا قوشۇپ ،يۈرەكلىرىمنىڭ  تىۋىشلىرىنىمۇ ئىۋەرتتىم ساڭا .
مەن ئۆزۈمنى  گايىدا شات بەختىيار  سىزەتتىم ،  چۈنكى خىيالىمدا  سەن بىلەن سىرداش  مۇڭداش ئىدىم .  يىللارغا  يېزىلغان جاۋاپلارنى  ئاستا شىۋىرلايتىم ساڭا . تىمتاسلىغىمدا  ،  سەن ئۈچۈن ئۇخچىغان بۇ مىسرالار   ئەگىپ   يۈرەتتى .
قەبرىلىرىڭ  تۇرار قەيەردە  ،
مەن ھامىنى ئىزلەپ بارىمەن .
تۇپرىقىڭغا بىر ئوچۇم سۇدەك ،
تېنىچقىنا سىڭىپ قالىمەن .

سەن بولالماس ئىكەن ھېچكىممۇ ،
پەقەت ئوخشاپ قالغاندۇ بىراۋ .
ھېسلىرىمدا تۇرىسەن  مەغرۇر ،
ھاياتىمنى باسسىمۇ قىروۋ .
سەن ئەبىدىلىك ئۇيقۇڭنى ئۇخلاۋەر .  بىلىمەن سېنىڭ روھىڭ  ئەمىن تاپمىدى .  چۈنكى
ھېچكىم  سەن  بولالمىدى .

ۋاقتى: 2012-4-10 17:36:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋرال تېغىدىن سوراي

چەكسىز كەتكەن ئاۋرال تاغلىرىنى كۆزلىرىمنىڭ ئەركىن سۆيۈشلىرىگە تاشلاپ بەردىم  ،  قۇلۇقۇمغا سىڭىپ كەتكەن دۇتتار بىلەن تەمبۇرنىڭ  ساداسى ئىچىدە  خىياللار دۇنياسىغا مۇشۇ تەرەزدە غەرىق ئىدىم . مەن غايىپمەن - مۇڭلىرى  مەن سۆيۈپ ئاڭلايدىغان ناخشىلارغا ، روھى   مۇنۇ  كۆز ئالدىمدا  جاھىللىق بىلەن قەد  كۆتۈرۈپ تۇرغان ياپ –يېشىل تاغلارغا سىڭىپ كەتكەن .
مەن  يىگانىمەن –  ئاداققى ۋىسالغا تىۋىنىپ ،ئاشىقسىز  مەشۇقلاردەك، پىنھان خىياللار باغرىغا تاشلانغان .
مەن ئازابمەن – كۆز ياشلىرىم دەريا ،دېڭىزلارنى  ئاپرىدە قىلغان  مۇقەدەس  كۈچتىن يارالغان  .
سەھەرنىڭ  سەلكىنلىرى يۈرۈكىمنى يىنىك نۇقۇيدۇ  ،لەۋلىرىمگە ئۇرۇلغان ھارارەت يەنىلا شۇ قەدەر تۇنۇش،ئۇنىڭدا  قاينامنىڭ  ئۆركەشلىگەندىكى ساداسى بار ، قەت كۈتۈرۈپ تۇرغان قارىغايلار ،تاراشلارغا بويسۇنمىغان تىك-تىك چاچلاردەك ،كۆككە لەۋ سوزغانچە تۇرىدۇ .ئۇ يەردە مۈكۈنىپ ياتقان تېنىچلىق  ئاستا كېلىپ ، ئارمانىمنىڭ  ئىشىكىنى چىكىپ  قويىدۇ .
-كىم سەن ؟
-مەن  ،دەل سەن تالاي يىللار  ئىزلەپ ،تالاي يىللاردىن بېرى كۈتكەن  كىشىڭمەن.
-شۇنداق بولىشى مۇمكىنمۇ؟  ئۇ قايتا تۆرىلەلمەيدۇ !!
-سەن ئۇنى شۇقەدەر سۆيەمسەن ؟
-توغرا مەن دىسەممۇ بۇ سۆيگۈنىڭ ۋەزنىنى سەن دەڭسىيەلمەيسەن ،نەرقىنى تەسەۋۇر قىلالمايسەن .
ئارمانلارغا تولغان خىياللىرىمنى سەلكىن شاماللار  يىراقلارغا ئېلىپ كەتتى .
-سەن ئۇنى بۇ يەردە يەنە كۈتمەكچىمۇ ؟
-شۇنداق مەن كۈتۈشنى ئىختىيار قىلدىم ،ئەزەلدىن بۇنداق قاتتىق قارار  چىقارغان ئەمەسمەن .
-ئۇنداقتا يىللاغا جاۋاپ تاپتىڭمۇ ؟
-توغرا مەن  دەل شۇ جاۋاپلارنى ئېلىپ كەلدىم.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-4-13 15:39:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزگە كوز تەگمىسۇن  باھارىم...ھەركۈنى ئېكران ئالدىغا كەلسەم   شايىرغا بېغىشلانغان ئۇشبۇ ئەسىرىڭىزنى بىر ئوقۇپ چىقىمەن دە خىياللار بۆشىكىدە ئەلەيلىنىمەن...قەلەملىرىڭىز بىلەن سىردىشىمەن...

fhgnj.jpg


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇنەۋۋەر ئابدۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-13 17:27  


ۋاقتى: 2012-4-14 09:13:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرىپەت ئىزلە، ئېرىنمە،
سەرپ ئەتكىن كۈچىڭنى.
بوياق بىلەن بويىغىچە تېشىڭنى،
بىلىم بىلەن زىننەتلىگىن ئىچىڭنى.
بۇ مېنىڭ غەملىك كۆڭلۈم بولارمىكىن بىر كۈن شات،
غەم تاغلىرىدىن ئۇچۇپ بولارمەنمۇ مەن ئازات...
ھەقىقەت بەرمىسە شائىرغا ئىلھام،
شېئىر تۇرماق، ھەتتا چېكىت ئۇرالماس.
.
بۇ كەڭ دۇنيا مەن ئۈچۈن بولدى دەۋزەخ،
ياش گۈلۈمنى غازاڭ قىلدى قانخور ئەبلەخ...


لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئاجايىپ شائىر ئىدى. ئۇنىڭ مۇشۇنداق مىسرالىرىنى ئوقۇسا ئادەم تەگسىز خىياللار دېڭىزىغا غەرق بولىدۇ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۆلجەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-14 09:16  


ۋاقتى: 2012-4-21 16:39:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يىل لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ تۇغۇلغىنىغا 90 يىل بولدى. بۇ تېمىنى مەلۇم مەقسەتتە تەشكىللىدۇق. مۇختەر قۇربان، مۇنەۋۋەر ئابدۇقادىرلارنىڭ بىزنى ماتىريال بىلەن تەمىنلىگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمىز! ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولسا يىل ئىچىدە بىر خاتىرلەش پائالىيىتىنى تەشكىللەش ئويىمىز بار.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-4-23 02:05:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
eybuyaqup يوللىغان ۋاقتى  2012-4-21 16:39
بۇ يىل لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ تۇغۇلغىنىغا 90 يىل بولدى. ب ...


ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ، ئەيبۇ  ئەپەندىم ! ئۇيغۇر تورچلىقىمىز ئۇيغۇر ئەدبىياتى ئۈچۈن جاپا چىكىپ ئېزدىنىۋاتقان   قىمەتلىك ئەمگىكىڭىزدىن   ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىڭىزدىن بىز
ئۈگۈنۈشكە،   سىزدەك بىر   تۆھپىكارىمىزدىن پەخىرلىنىشكە  ھەقلىقمىز دەپ قارايمەن ...
ئېزدىنىش يولىدا باسقان ھەربىر قەدەملىرىڭىزدىن قىزىل گۈللەر  ئۈنگۈسى ئالغا!  ئالغا!   توختىماي ئالغا !ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئوغلاننى  قەبرىلەرنىڭ سىرلىرى ئۇيغۇرۇمنىڭ تارىخى سىزنى كۈتمەكتە!!!




بۇ خاتىرلەشتە بىزنىڭمۇ  نىسىۋىمىز بارمىدۇ ....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇنەۋۋەر ئابدۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-23 02:18  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-6 21:47:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇنەۋۋەر ئابدۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-8 14:47  


ۋاقتى: 2012-5-7 00:44:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنەۋۋەر ئابدۇق يوللىغان ۋاقتى  2012-4-23 02:05
ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ، ئەيبۇ  ئەپەندىم ! ئۇيغۇر تورچلىقى ...



ئىدىل ئەپەندىنىڭ ئىنكاسى:

مۇنەۋۋەر ئۇكام،مەندە مۇتەللىپنىڭ ئېلان قىلىنمىغان بىر رەسىمى بارئىدى،سىزنىڭ چچ غايوللا بېرەي، سىز رەسىملىرىڭىزگە قوشۇپ ئېلان قىلىپ قويامسىز ؟ چچ نومۇرىڭىز ؟


..........................................................
.............................................................................
.....................................................................................

بۇ بەك مۇھىم گەپكەن ، مۇنەۋۋەر...  ئىدىل ئۇستاز تەمىنلىگەن رەسىمنى بەكمۇ كۆرگۈمىز بار... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   (ئۈمىد) تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-7 00:45  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-7 00:50:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىدىل يوللىغان ۋاقتى  2012-5-6 22:04
مۇنەۋۋەر ئۇكام،مەندە مۇتەللىپنىڭ ئېلان قىلىنمىغان بى ...


مۇبارەك قەدەملىرىنىڭ مەن تەرەپكە ئۆتكەنلىكىدىن تولىمۇ  خۇرسەن بولدۇم ئىدىل ئاكا!  مەن سىلىنىڭ ئۇچۇر ساندۇقلىرىغا يوللاپ قويغان ئىدىم چچ نومۇرۇمنى  بىلەلمىگەن ئوخشايلا..

1297206190 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇنەۋۋەر ئابدۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-7 00:51  


ۋاقتى: 2012-5-7 01:10:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنداق بولسا بۇ رەسىمنى قاچان كۆرىمىز؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-7 01:31:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ي.ت.توغراق يوللىغان ۋاقتى  2012-5-7 01:10
ئۇنداق بولسا بۇ رەسىمنى قاچان كۆرىمىز؟

رەخمەت...ئىدىل ئاكام مىنى چچ قوشۇۋالسىلا ماڭا سۈرەتنى يوللاپ بىرىدۇ، سەۋېرچانلىق بىلەن كۈتۈپ تۇرايلى

ۋاقتى: 2012-5-7 07:29:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقۇل چۇقۇم سەۋىرچان بولىمەن

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-8 14:14:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئازىراق سۈرەتكە ئىشلەپ ئاندىن مۇنبەرگە يوللاپ قوياي،رەخمەت سېلىگە ئىدىل ئاكا! بىر ياخشى مەزمۇن بىلەن تەمىن ئېتىپلا  باشقىلاردىممۇ بولسا ماڭا يوللاپ بېرىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن..





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇنەۋۋەر ئابدۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-8 14:46  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-8 14:51:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۆلجەرى يوللىغان ۋاقتى  2012-4-14 09:13
مەرىپەت ئىزلە، ئېرىنمە،سەرپ ئەتكىن كۈچىڭنى.بوياق بىلە ...

رەخمەت سىزگە مولجەرى!
تېمىنى ئاۋات قىلغىنىڭىزدىن سۆيۈندۈم..پىكىرلىشىپ تۇرايلى ئامان بولۇڭ !

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-10 02:54:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
lmmutalip.jpg
لۇتۇن.jpg


ئىدىل ئاكام تەمىنلىگەن سۈرەت،رەخمەت سىزگە ئىدىل ئاكا!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇنەۋۋەر ئابدۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-10 02:54  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش