ئابدۇرەھىمجان يۈسۈپ
ئابدۇرەھىمجان يۈسۈپ ئۈمىد 1974- يىلى 22 – ئىيون مەكىت ناھىيىسىنىڭ قىزىلئاۋات يېزىسىدا مەرىپەتپەرۋەر ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە توغۇلغان .1982– يىلى 9 – ئايدىن 1998 – يىلى 7 – ئايغىچە باشلانغۇچ ، تۇلۇقسىز ۋە تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان . 1998 – يىلى 9 – ئايدىن 2003 – يىلى 7 – ئايغىچە قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتى جوڭگو تىل – ئەدەبىيات فاكولتىتىدا ئوقۇغان . 2003 – يىلى 10 – ئايدىن 2007 – يىلى 4 – ئايغىچە يوپۇرغا ناھىيىلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپتە تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن . 2009 – يىلدىن2011- يىلغىچە ئاقسۇ شەھەر ئايكۆل بازارلىك ئوتتۇرا مەكتەپتە تەكلىپلىك ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن . 2012-يىلدىن بۇيان ئائىلىدە تىجارەت ۋە يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە .
ئابدۇرەھىمجان يۈسۈپ ئۈمىد 1993 – يىلى يەنى ،تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدىلا «شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى » دە ئىلان قىلىنغان « ئوبرازىنى خۈنۈكلەشتۈرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار توغرىسىدا » ناملىق ماقالىسى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت سىپىگە كىرگەن بولۇپ ئىلگىرى – كىيىن بولۇپ 20 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىسى ، 150 پارچىدىن ئارتۇق شىئېر ، نەسىر ۋە ئىجتىمائىي تىمىدىكى ئەسەرلىرى «تىل ۋە تەرجىمە » «مىراس » « شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى » « قەشقەر پىداگوگىكا ئىنستىتوتى ئىلمىي ژورنىلى » « قەشقەر ئەدەبىياتى » « كىروران »« ھاياتلىق » « كىتاپ مۇنبىرى » « جوڭگو مىللەتلىرى » « شىنجاڭ ياشلىرى » « تارىم غۇنچىلىرى » « قومۇل ئەدەبىياتى » « پەن ۋە تۇرمۇش »« تۇرپان » قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئىلان قىلىنغان . 2003 – يىلى 4- ۋە 6 – ئايدا ،يەنى، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان ۋاقتىدا قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى تەرىپىدىن « ئۈمىد تىنىقلىرى » ( 200 مىڭ خەتلىك ) ناملىق ئەدەبىي خاتىرلەر توپلىمى ۋە « قارچۇقۇمدا چاقنىغان دۇنيا » ناملىق شىئېرلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان . « كىملىك تەربىيسى » ( 700 مىڭ خەتلىك ) ناملىق ئىككى قىسىملىق مەكتەپ دەرسلىكى ئالاقىدار ئورۇنلار تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنىپ بېسىشقا تاپشۇرۇلدى . نەشىرگە تەييارلىغان ۋە تاپشۇرغان كىتاپلىرىدىن « مەڭگۈلۈك مومام » « كاچكۇلدىكى قۇياش »« شاخنىڭ چۈشى » « يىغلىغان تاش » قاتارلىق شىئېرلار توپلاملىرى ، « تەپەككۇر مىۋىلىرى » ناملىق ئىلمىي ماقالىلار توپلىمى ، « ھىكمەت خەزىنىسى » ۋە « تىزگىنەك ئۆز قولىمىزدا » ناملىق نەسىر ۋە پوبلىستىك ماقالىلار توپلاملىرى بار .
ئىلان قىلىنغان ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن « ھاياتنىڭ خوجايىنى بول » (« مىراس» ژورنىلى 2005 – يىلى 2 – سان ) ، « موھىت ، مەۋجۇدىيەت ۋە مەسئۇلىيەت » («مىراس » ژورنىلى 2005 – يىلى 5 – سان ) ، « جىگدە مۇھەببىتى » ( « تارىم غۇنچىلىرى » 199 – يىل 8 - سان ) ، « بالىلارنى تەربىيلەش ئاتا – ئانىلارنىڭلا ئىشىمۇ » ( « شىنجاڭ ئاياللىرى » 2003 – يىللىق 3 – سان ) ، « مۇھەببەت ۋە ئەخلاق كىرزىسى » ( « قەشقەر ئەدەبىياتى » 2003 – يىللىق 1 – سان ) ، « كىلاسىك ئەدەبىياتىمىزدىكى شىئېرىيەت تەنقىدچىلىكى » ( « قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتى ئىلمىي ژورنىلى » 2004 – يىللىق 5 – سان )« خەلىق ئېغىز ئەدەبىياتى تەتقىقات تىمىلىرىدىن ئومۇمىي كاتالوگ» ( « كىتاپ مۇنبىرى » 2003 – يىل 3-4- سان ) « <بۆرە ئانا > رومانىنىڭ قىممەت قاتلىمى ئۈستىدە ئىزدىنىش » ( باكلاۋېرلىق دېسىرتاتسىيسى ) ، «ئويغۇر ئەدەبىيات تارىخىدىكى<قەشقەر>نى تەخەللۇس قىلغان ئەدىبلەر »(«شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى »2006 يىل 6- سان )، «< مەسنەۋىي خاراباتى > دىكى مەرىپەت ئىدىيىسى ۋە ئۇنىڭ رىئال قىممىتى » ( « شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر مۇنبىرى »2003-يىللىق5-سان ) قاتارلىقلار بار .
ئابدۇرەھىمجان يۈسۈپ ئۈمىدنىڭ « جىگدە مۇھەببىتى » ناملىق نەسىرى «ئۈلگىلىك ماقالىلەر » ۋە « ماقالە – نەسىر يېزىقچىلىقىدىن ئۆرنەكلەر » ، « ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ئۈلگىلىك ماقالىلەر توپلىمى » ناملىق كىتاپلارغا كىرگۈزۈلگەن . « ھاياتنىڭ خوجايىنى بول » ناملىق ئەسىرى « گومانتار ئوقۇشلۇق » ( 8 – يىللىقلار ئۈچۈن 1 – قىسىم ) غا كىرگۈزۈلگەن . « پىرىستان ياساڭ » ناملىق ئەسىرى «پىسخىك ساغلاملىق مەجمۇئەسى –ئۇتۇقنامە »گە كىرگۈزۈلگەن « مەڭگۈلۈك زۈرۈرىيەت »، « ئەڭ زۈرۈر بىلىمگە ئىنتىلىڭ »، « مىۋىلىك دەرەخ ۋە ئادەم »، «قۇربىڭ يەتمەيدىغان ئىشقا ئورۇنما » ناملىق ئەسەرلىرى تولۇق ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ يانداش مەشىقلىرىگە كىرگۈزۈلگەن . « سەر خىل ئەسەرلەردىن جەۋھەرلەر » ناملىق كىتاپقا « ئۈمىد تىنىقلىرى » ناملىق كىتابىدىن ھېكمەتلەر تاللاپ كىرگۈزۈلگەن . « ئوقۇدۇم دىگۈچە ، بىلدىم دىگىن » ناملىق نەسىرى « جەزبىدار گۈلدەستىلە ر » ( 3 – قىسىم ) غا كىرگۈزۈلگەن . ئابدۇرەھىمجان يۈسۈپ ئۈمىد « جوڭگو مىللەتلىرى » ژورنىلى ئويۇشتۇرغان مۇنەۋەر ئوقۇرمەنلەرنى تاللاش پائالىيىتىدە 1 – دەرىجىگە ئىرىشىپ مۇكاپاتلانغان . بۇنىڭدىن باشقا ئابدۇرەھىمجان يۈسۈپ ئۈمىدىنىڭ نامى « ئويغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىيات قامۇسى » ( 12 – توم)نىڭ « تۆھپىكارلار » قىسىمىغا كىرگۈزۈلگەن . «شىنجاڭ ياشلىرى»دا ئېلان قىلىنىپ مەركىزىي خەلق رادىيۇ ئىستانسسىدا ئاڭلىتىلغان«سۆيگەنلەر سۆيۈلىدۇ» ناملىق ئەسىرىنىڭ توردا چېكىلىش قېتىم سانى 9300 قېتىمدىن ئاشقان .
ئابدۇرەھىمجان يۈسۈپ ئۈمىد يۇقارقىدەك نەتىجىلىرى بىلەن 2013-يىلى 2-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمىيتىنىڭ ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىندى. ئۇ ئىجادىيەت سىپىدە توختاۋسىز ئىلگىرلىمەكتە.بىز بۇ ياشنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيىتىگە تېخىمۇ ئوتۇق تىلەيمىز.
ئابدۇرەھىمجان يۈسۈپ ئۈمىد شېئىرلىرىدىن ( تۆت پارچە ) ئوتنىڭ تىلى
دۇنيا ، سۆيۈلمەكتە قىزغىنيەنىلا .
مەڭگۇلۇك ئورۇنۇش ، ئۆز – ئۆزىنىئىپادىلىمەكتە يۈرىكىدە ياشاش زەۋقى ئۇرۇپجۇش ئۇچۇپ چىقتى كۆكلەرگەبىر قۇش .
قايتىۋېتىپ ھەر كەچئۆيۈمگە ، پېتىۋاتقان قۇياشقاقاراپ . چۈكۈپ كەتتىم – لېيىمدىكى بارلىقسۈيۈمگە
قىسمەت ۋە تەقدىر ، بىر تال ئوققا ئوخشاش. ئەڭ رەھىمسىز مەرگەنقولىدا ، ياشار ھەر كىمئۆزىنىڭ يولىدا ، ئاھ بولمىدى زەررىچەتوختاش .
ئۈمىد ،مۇھەببەت ... پەيدەك تۇزۇپ ئۆرلىمەكتە ئۇچقۇنلاربىلەن مۇز ئىچىدە ئىسمىم چىرقىرىماقتا. ئالالمىدىم ئەمماقۇتقۇزۇپ .
ھەممە سوغوق كونا قارلارجىلۋىلەنمەكتە .
بۇ ،ئورۇنۇش !-دىدىمئۆزۈمگە ، كۆرۈنمىسىمۇ بارلىقكۆزۈمگە . ئاسمان ،دېڭىز مەن تەنھا بېلىق قاراڭغۇلۇق بىلەنيوقلۇق ئارىسىدا مەۋجۇتلۇق تارىسىدا زەن سالمىدى دۇنياسۆزۈمگە .
بىر تال چوغ كۈل ئىچىدەتىركەشمەكتە . ھايات ، قان ئىچىدەئۆركەشلىمەكتە . 2012.1.10
ھەر بىر تاغنىڭ كەينىدە مەن بار
1 كىتىۋېتىپ ھايات يولىدا ، ماشىنىدا كارۋاتتا ئوقۇيالمىدىم ، پىشانەمگە يېزىلغان خەتنى .
مۇمكىن ئەمەس ئارقىغا يېنىش ، ياكى ئارزۇ – ئارماندىن تېنىش ، ھەم بۇ قىسقا ھاياتقا قېنىش . چۇقىلارغا يەتمەك مۇئەمما ، يامىشىۋېتىپ ، ھاياتنىڭ تەمىنى تامشىۋېتىپ ، مەن ئۆزۈمنى چۈشەندىم ئەمما .
2 چۈش دىسەممۇ ھاياتنى دائىم ، ئاچچىقىنى تېتىدىم تۈزدەك . تۇيۇلسىمۇ بۇ ياشاش مۇزدەك، مەۋجۇتلۇقۇم قارىچۇقۇمدا ، نۇر تارىتىپ ياندى يۇلتۇزدەك .
كۆزيېشىمدا كۆكلىدى دۇنيا ، ھەر بىر تاغنىڭ كەينىدە مەن بار ، ئۈستىدە ئەمەس. بولۇپ كەتتىم مېڭىشلارغا مەس ، ئازاپلىق يۈرەكتە كۈيلىدى چىلتار .
3 تاغلار ، يىراقتىكى تاغلار ... بىر – بىرىدىن ئىگىز ،ساناقسىز . ئادەملەرمۇ ، بىر – بىرىنى كۆرمەكتە ، چۈشلىرىنى ئۆرىمەكتە ، ئەمما چاناقسىز .
مېڭىۋەردىم ، ھېچنىمە كۈرۈنمىدى ، ئۆزۈممۇ ئۆزۈمگە بىلىنمىدى . تۇيۇقسىز ، يىغلىۋەتتىم ئالدىمغا قاراپ ، روھىم چوققىلاردا كۈتەتتى ماراپ .
يېشىل سۆك
ھايات ئۆز يولىدا كىتىۋېرىدۇ ، كۆڭلىنى خوش ئىتىۋېرىدۇ . يوللار ئۇزۇن قەدەملىرىڭدىن ، تىرىك دەملىرىڭدىن ، بېقىنغا تاش پېتىۋىرىدۇ .
كۆرۈنىدۇ يىراقتا تاغلار ، غايىدىكى يۈكسەكلىك ئوخشاش . يېشىل سۆكلەر يولنىڭ بويىدا ، سۈكۈت بىلەن ئۈزىنىڭ ئويىدا ، ھەممىدىن بورۇن ياشىرىپتۇ قۇياشقا ئوخشاش .
ھاياتلىق شۇ ، بولمىسىمۇ سۇ . سايلىقتا ئۆز بەختىنى كۈتەر . ھېچكىم يوق ، ھېچنىمە يوق . مەۋجۇتلۇقنىڭ قورغاق دېمىنى، ياشاشنىڭ غېمىنى ، ئاستا ، جىمجىت – ھەم تەنھا يۈتەر .
ۋاقىت يوق ، يول ۋە سۈرئەتمۇ يوق . ئۆزۈمنىڭ يولىدا كىتىۋېتىپ . جان ئېتىنى تىنماي دېۋىتىپ . كۆرۈپ قالدىم ، چۆلدىكى شۇ يېشىل سۆكلەرنىڭ ، كۆزلىرىدىن ئۈمىدنى قۇيۇق . 2012.4.
داداسېنى سۈيۈپ قۇيغۇم بار
ئوۋ مۇراسىمى ئۆتكۈزمىدۇق ، ئۇزاتتىڭ مىنى ئون ئۈچ يېشىمدا . بىراق ، ئوغۇزدەك بول !دىدىڭ . غېمىمنى يىدىڭ . شۇندىن باشلاپ – ھېچكىم يوقلىقىنى سەزدىم قېشىمدا .
ئوت ئىدىڭ . سەككىز بالىنىڭ ئىشقىدا . قۇياش ئىدىڭ ، مەشئەل ئىدىڭ ، مۇنبەر ئالدىدا . كالا باقتىڭ تۇرمۇش جاڭگىلىدا ، بالا باقتىڭ مۇھەببەت قازىنىدا . قومۇش ئورۇدۇڭ ... چىۋىن قورۇدۇڭ ... يوق ئىدىڭ ئىشنىڭ ئاسىنىدا . ئىتىقات نۇر چاچاتتى ، ئېڭىڭدىن يول ئاچاتتى ، روھىڭ ئاسمىنىدا .
پەپىلىدىڭ ، بۈركۈت چۈجىسىنى پەپىلىگەندەك . بىر – بىرلەپ ئۇچتۇق ، شەرەپمۇ قۇچتۇق . تۇرمىدۇق ئەمما يېنىڭدا ئۇزاق ، گۇيا ھېيتتا پەتىلىگەندەك .
«ھايات چۈش ئەمەس !» دىگەن چاغلىرىڭدا بىلمەپتىمىز . چۈش كۈرۈۋاتقاندا ، ئۆزىمىز بىلگەنچە ئۆرۈۋاتقاندا، ساقلىقىڭنى تىلىمەپتىمىز .
يىلىنجىتىپ سەن بەرگەن چوغنى ، مەشئەل ياقتۇق تەرەپ – تەرەپتە ، سىنىڭبىلەن تۇرۇپ بىر سەپتە ، ئاچچىقىنى تېتىپ ھاياتنىڭ تىكلىدۇق ، «ئادەم » دىگەن يىقىلماس تۇغنى .
چېچىڭ ئۇچتەك ئاقاردى بوردا ، ئىزلىرىڭدىن روھىڭدا قىيان . دولقۇن ئۇرار قىسمەت يانمۇ – يان ، يىقىلمىدىم قالساممۇ توردا .
كۆزلىرىڭدىن يانغان ئۈمىدنى ، كۆزلىرىمگە كەلدىم كۈچۈرۈپ ، قويساممۇ گەر گاھى ئۈچۈرۈپ ...
يۈلەنچۈك بولدى ، سەگۈنچەك بولدى ، بېشىمغا كۈن چۈشكەن دەملەردە كۆك بۆرە بولدى سىزنىڭ روھىڭىز شۇ سەۋەپ جىسمىمغا كۈچ – قۇۋۋەت تولدى .
جېنىم دادا ! سىز مىنىڭ ئۇستازىم ، پىرىم –غەمخانىم. چۈنكى ، ئۆگەتتىڭىز قانداق ياشاشنى ئۆز – ئۆزىگە قانداق ئوخشاشنى . ئۆز ئەمەلىيىتىڭىزدە ... سۆز – ھەركىتىڭىزدە ... ھەر بىر ئويلىسام يايرىدى جانىم .
يۈرىكىمدە كۆزيېشىڭغا باقمايدۇ دۇنيا ، ئۆز ئىشىڭغا باققىن دىگىنىڭ . قاپارغان قولۇڭدا ، ئېچىلغان يولۇڭدا ، چىكەڭدىكى قورۇقلىرىڭدا ، ماڭا چۈشكەن يورۇقلىرىڭدا ، دەرس ئىدى غەمنى قانداق يىگىنىڭ .
ئىلىم بىلەن ئۆتتى ياشلىقىڭ ، ھەمدەم بولدى قەلەم قاشلىقىڭ . تەڭ تارتتىڭلار تۇرمۇش يۈكىنى ، تەڭقۇچتۇڭلار شەرەپ كۆكىنى، قان تەرىڭنى قىلغاچقا دەريا، ئوخشاپ كەلدى ھەر يىل ئاشلىقىڭ .
دېدى ھەممە :يۈسۈپ مۇئەللىم ، ۋە سۈيۈنۈپ پاتىگۇل خانىم ! ياشاپكەلدۇق بېشىمىز ئېگىز ، قىسمەت پۇتقا تىقسىمۇ بىگىز ، سىز بولغاچقا ئەي ئاتا جانىم.
مىڭ يىللىق دەرەختەك تۇرىسىز يەنە ، قەدىمىي دۇلاندا مەزمۇد شاخ يېيىپ . شېخىڭىز بولالماي يۈرسەكمۇ بەزەن ، تېرەن يىلتىزىمىزغا سېلىپ چىندىن زەن ، مەرىپەت بابىدا كەتتۇق بىز بېيىپ .
سەككىز تال مەشئەلدۇر سەككىز بالىڭىز ، ۋە سەككىز يۇلتۇزدۇر ئىلىم كۆكىدە . كۈلۈشكە ھەقلىقسىز ،پارلاق ئىزىڭىز ، ياشايسىز مەڭگۈ – شۇ سەككىز سۆيگۈنىڭ ئاتقان بۆكىدە .
ئۇستازغا مۇھتاجدۇر بۇ ئەل زىيادە ، چۈشەنگەن سىز دەسلەپ ئاشۇ تەلەپنى . كۆرگەن-دە، سىز چۈنكى تالاي ئادەمنىڭ ، ئايرىيالماي يىيىشكىنىنى – كۆز ئالدىدىكى ئاش ۋە ھەلەپنى .
سىز نەۋائىيسىز ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ، سىز شۇ قاغانسىز ، ئاققارى پاك . سىز سادىر پالۋان ، مەھمۇد قەشقىرى ... سىز ئىلىمنىڭ ھارماس ئەسكىرى ، جاھالەت باغرىنى ئەيلىگەن چاك – چاك .
شۇڭا ھەيكىلىڭىز بار تۈمەن قەلىبتە ، ياق ، ھەيكەل ئەمەس چىن ئوبرازىڭىز . ھەق يولىدا ئەلەم يەتكەندە ، گاھ پەك ئۈمىدنى خاراپ ئەتكەندە ، ھېچكىملەرگە يوقتى زارىڭىز .
قېرىلىق يەتتى ، باياۋاندىكى توغراقتەك ، قۇم باغرىدىكى يۇلغۇندەك، قىيادىكى ئىگىز قارغايدەك، يىرىكلەشتى قوۋزاقلىرىڭىز – يېقىن قالدى ئۇزاقلىرىڭىز ...
بىزنىڭ يېنىشىمىزنى ، ئادەم بولۇش ئىلىمىگە قېنىشىمىزنى ، بەخىتلىك بولۇشىمىزنى خۇددى ئايدەك تولىشىمىزنى ... كۈتمەكتەسىز قېرى بۈركۈتتەك ، ئاتا بۆرىدەك ، قېرى شىردەك تاغ چۇققىسىدا – ياڭراتقانچە ھوۋلىشىڭىزنى .
چىقسۇن دىدىڭىز «ئەرگىنە قۇن » دىن ، بۆرە كۆرگەن بىغەم بىر ئەلنى . ۋاقىت مۈكچەيتسىمۇ سىزدەك تەمبەلنى ، كۆزىڭىزدە تەۋرىمەس چىدام . تەبىئەت – تۇرقىڭىزنى سىزماقتا سىدام ، ۋە قانداقتۇر مۇدھىش سەلنى .
ئاھ ، دادا ! كىسىپ ئۆتمەكتىسىز ، ھاللى يۇلتۇزىدەك بىپايان كۆكنى . ۋاقىت بورىنى سوقماقتا ، تىنىمىزدىكى توقماقتا يول بويىدىكى ، ھاياتلىق تويىدىكى قەيسەر بىر سۆكنى .
جېنىم دادا ! سىزنى بۈگۈن سېغىندىم قەۋەت . غېرىپ كۈلبەمدە ئولتۇرۇپ ، ئۈستىلىم ئالدىدا بەداشقان قۇرۇپ . تىتىرىگەن قۇلۇمغا قەلەمنى ئالدىم ، كۆڭلۈمدىكىنى ئىپادىلىيەلمەي ھېرىپ قالدىم ، مەڭگۈلۈك ھەقىقەتنى تەن ئالغاندا – ئالدىمدا بىردىنلا كەتتىڭىز يورۇپ.
يىتەي دىدى يېشىم قىرىققا ، جىق ئىشلارنى بىلمەستىن تېخى ، ھايات ھەرگىز ئەمەسكەن سېخى . بىرنى بەرسە ئالاركەن بىرنى ، بىرنى ئاشساق يەنە بىر قىرنى . ياشىغۇم بار مىنىڭمۇ سەندەك ، تېتىپ تەمنى تۇز بىلەن قەندەك .
سىز مىنىڭ يۇلتۇزۇم ، ھەمدەجان تۇزۇم . تۇز بىلەنلا ئوخشايدىغۇ ئاش ، تەڭشەلسىلا بىزدىكى ياشاش ئەل تېتىيدۇ شۇنىڭغا ئوخشاش . بولالايمەن شۇندىلا قۇياش ، ئوتتۇز بۇلۇر ئاندىن توققۇزۇم.
ئاپىرىل شامىلىدا ، تۇزۇماقتا ئاخىرقى چىچەك . گەرچە مىۋە بەرسەڭمۇ ئەلگە ، ئايلانمىدىڭ تۇققۇزى تەلگە ، ھەم نامەلۇم بىزگە كېلەچەك .
شۇ تاپ سىنىڭ قۇچىقىڭدا ئەركىلەپ ، چۆچىكىڭگە بولۇپ مەستانە ، دادا سىنى سۈيۈپ قۇيغۇم بار ھەم مېھرىڭگە قېنىپ تۇيغۇم بار . دەرتلىرىڭگە بولۇپ چىن دىلدار ، مۇڭداشقۇم بار ... بىللە ياشىغۇم بار ... سەن ئەمەسسەن ھەرگىز ئەپسانە .
ئاھ دادا ! شۇ تاپ سىنى سۈيۈپ قۇيغۇم بار . قورۇنۇپ ھەم كۈيۈپ بالا چېغىمدەك ، سەن تۇرساڭ مەڭگۈلۈك تەڭرىتېغىمدەك . ۋاقىت ئېچىرقىماقتا ... تۇرمۇش چىرقىرىماقتا ... دادا ، ساڭا قېنىپ تۇيغۇم بار . ئۈچ كۈندەكلا سىزىلەر شۇ تاپ ، نۇر تاراتقان ئوتتۇز نەچچە يىل . يۇلغۇن ئىدىڭ قالىدۇ خەلقىم ، مەشئەل ئىدىڭ ياندۇردى خەلقىم ، يۇلتۇز ئىدىڭ قوندۇردى خەلقىم ، دىۋە بولدۇڭ ئەل كۆيدۈرسە قىل .
چوغلىرىڭنى ساقلاپ يۈرەكتە ، ساڭا ساقلىق ، ئۆمۈر تىلەيمەن . ئۆتىۋەرسۈن مەيلى شۇ يىللار ، بارغۇ بىزدە سەن بەرگەن « قىل » لار ، پاك نامىڭنى يادلايدۇ تىللار. تاشلىرىڭدا شەمشەر بىلەيمەن .
جېنىم دادا ، ياشىغىن خۇشال ، كۈمۈلمەستۇر سەن باسقان ئىزلار . ھايات دىگەن قىسمەت مىۋىسى ، ئوتئىچىدە تاڭنىڭ جىلۋىسى . روھىڭىزدىن كۈچ – قۇۋۋەت ئالغاچ ، پۈكۈلمەستۇر بىزدىكى تىزلار .
بەختىم ئۈچۈن ،بەختىمىز ئۈچۈن ، جېنىم دادا تۆكمىگىن كۆز ياش. غايىمىزدۇر سىزدەكلا ياشاش . گەرچە شۇنداق ياشالىساقمۇ ، مېھرىم بىلەن ،ھۆرمىتىم بىلەن ، سىزنى قېنىپ سۈيۈپ قويغۇم بار . چۈنكى بىزنىڭ يىلتىزىمىزدا ، سىز مەڭگۈلۈك قۇياشقا ئوخشاش .
ئاھ ،دادا ! سىز مەڭگۈلۈك قۇياشقا ئوخشاش . مەيلى ئۈلۈك ، تىرىك بولايلى، كۈتۈرگۈسىز غەمگە تولايلى ، بىز ياشايمىز شېخىمىز تۇتاش ، يىلتىزىڭىز كۆكلەر يەنە شاش .
|