ئابدۇرەھىمجان يۈسۈپ
ئابدۇرەھىمجان يۈسۈپ ئۈمىد 1974- يىلى 22 – ئىيون مەكىت ناھىيىسىنىڭ قىزىلئاۋات يېزىسىدا مەرىپەتپەرۋەر ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە توغۇلغان .1982– يىلى 9 – ئايدىن 1998 – يىلى 7 – ئايغىچە باشلانغۇچ ، تۇلۇقسىز ۋە تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان . 1998 – يىلى 9 – ئايدىن 2003 – يىلى 7 – ئايغىچە قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتى جوڭگو تىل – ئەدەبىيات فاكولتىتىدا ئوقۇغان . 2003 – يىلى 10 – ئايدىن 2007 – يىلى 4 – ئايغىچە يوپۇرغا ناھىيىلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپتە تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن . 2009 – يىلدىن2011- يىلغىچە ئاقسۇ شەھەر ئايكۆل بازارلىك ئوتتۇرا مەكتەپتە تەكلىپلىك ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن . 2012-يىلدىن بۇيان ئائىلىدە تىجارەت ۋە يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە .
ئابدۇرەھىمجان يۈسۈپ ئۈمىد 1993 – يىلى يەنى ،تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدىلا «شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى » دە ئىلان قىلىنغان « ئوبرازىنى خۈنۈكلەشتۈرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار توغرىسىدا » ناملىق ماقالىسى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت سىپىگە كىرگەن بولۇپ ئىلگىرى – كىيىن بولۇپ 20 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىسى ، 150 پارچىدىن ئارتۇق شىئېر ، نەسىر ۋە ئىجتىمائىي تىمىدىكى ئەسەرلىرى «تىل ۋە تەرجىمە » «مىراس » « شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى » « قەشقەر پىداگوگىكا ئىنستىتوتى ئىلمىي ژورنىلى » « قەشقەر ئەدەبىياتى » « كىروران »« ھاياتلىق » « كىتاپ مۇنبىرى » « جوڭگو مىللەتلىرى » « شىنجاڭ ياشلىرى » « تارىم غۇنچىلىرى » « قومۇل ئەدەبىياتى » « پەن ۋە تۇرمۇش »« تۇرپان » قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئىلان قىلىنغان . 2003 – يىلى 4- ۋە 6 – ئايدا ،يەنى، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان ۋاقتىدا قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى تەرىپىدىن « ئۈمىد تىنىقلىرى » ( 200 مىڭ خەتلىك ) ناملىق ئەدەبىي خاتىرلەر توپلىمى ۋە « قارچۇقۇمدا چاقنىغان دۇنيا » ناملىق شىئېرلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان . « كىملىك تەربىيسى » ( 700 مىڭ خەتلىك ) ناملىق ئىككى قىسىملىق مەكتەپ دەرسلىكى ئالاقىدار ئورۇنلار تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنىپ بېسىشقا تاپشۇرۇلدى . نەشىرگە تەييارلىغان ۋە تاپشۇرغان كىتاپلىرىدىن « مەڭگۈلۈك مومام » « كاچكۇلدىكى قۇياش »« شاخنىڭ چۈشى » « يىغلىغان تاش » قاتارلىق شىئېرلار توپلاملىرى ، « تەپەككۇر مىۋىلىرى » ناملىق ئىلمىي ماقالىلار توپلىمى ، « ھىكمەت خەزىنىسى » ۋە « تىزگىنەك ئۆز قولىمىزدا » ناملىق نەسىر ۋە پوبلىستىك ماقالىلار توپلاملىرى بار .
ئىلان قىلىنغان ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن « ھاياتنىڭ خوجايىنى بول » (« مىراس» ژورنىلى 2005 – يىلى 2 – سان ) ، « موھىت ، مەۋجۇدىيەت ۋە مەسئۇلىيەت » («مىراس » ژورنىلى 2005 – يىلى 5 – سان ) ، « جىگدە مۇھەببىتى » ( « تارىم غۇنچىلىرى » 199 – يىل 8 - سان ) ، « بالىلارنى تەربىيلەش ئاتا – ئانىلارنىڭلا ئىشىمۇ » ( « شىنجاڭ ئاياللىرى » 2003 – يىللىق 3 – سان ) ، « مۇھەببەت ۋە ئەخلاق كىرزىسى » ( « قەشقەر ئەدەبىياتى » 2003 – يىللىق 1 – سان ) ، « كىلاسىك ئەدەبىياتىمىزدىكى شىئېرىيەت تەنقىدچىلىكى » ( « قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتى ئىلمىي ژورنىلى » 2004 – يىللىق 5 – سان )« خەلىق ئېغىز ئەدەبىياتى تەتقىقات تىمىلىرىدىن ئومۇمىي كاتالوگ» ( « كىتاپ مۇنبىرى » 2003 – يىل 3-4- سان ) « <بۆرە ئانا > رومانىنىڭ قىممەت قاتلىمى ئۈستىدە ئىزدىنىش » ( باكلاۋېرلىق دېسىرتاتسىيسى ) ، «ئويغۇر ئەدەبىيات تارىخىدىكى<قەشقەر>نى تەخەللۇس قىلغان ئەدىبلەر »(«شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى »2006 يىل 6- سان )، «< مەسنەۋىي خاراباتى > دىكى مەرىپەت ئىدىيىسى ۋە ئۇنىڭ رىئال قىممىتى » ( « شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر مۇنبىرى »2003-يىللىق5-سان ) قاتارلىقلار بار .
ئابدۇرەھىمجان يۈسۈپ ئۈمىدنىڭ « جىگدە مۇھەببىتى » ناملىق نەسىرى «ئۈلگىلىك ماقالىلەر » ۋە « ماقالە – نەسىر يېزىقچىلىقىدىن ئۆرنەكلەر » ، « ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ئۈلگىلىك ماقالىلەر توپلىمى » ناملىق كىتاپلارغا كىرگۈزۈلگەن . « ھاياتنىڭ خوجايىنى بول » ناملىق ئەسىرى « گومانتار ئوقۇشلۇق » ( 8 – يىللىقلار ئۈچۈن 1 – قىسىم ) غا كىرگۈزۈلگەن . « پىرىستان ياساڭ » ناملىق ئەسىرى «پىسخىك ساغلاملىق مەجمۇئەسى –ئۇتۇقنامە »گە كىرگۈزۈلگەن « مەڭگۈلۈك زۈرۈرىيەت »، « ئەڭ زۈرۈر بىلىمگە ئىنتىلىڭ »، « مىۋىلىك دەرەخ ۋە ئادەم »، «قۇربىڭ يەتمەيدىغان ئىشقا ئورۇنما » ناملىق ئەسەرلىرى تولۇق ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ يانداش مەشىقلىرىگە كىرگۈزۈلگەن . « سەر خىل ئەسەرلەردىن جەۋھەرلەر » ناملىق كىتاپقا « ئۈمىد تىنىقلىرى » ناملىق كىتابىدىن ھېكمەتلەر تاللاپ كىرگۈزۈلگەن . « ئوقۇدۇم دىگۈچە ، بىلدىم دىگىن » ناملىق نەسىرى « جەزبىدار گۈلدەستىلە ر » ( 3 – قىسىم ) غا كىرگۈزۈلگەن . ئابدۇرەھىمجان يۈسۈپ ئۈمىد « جوڭگو مىللەتلىرى » ژورنىلى ئويۇشتۇرغان مۇنەۋەر ئوقۇرمەنلەرنى تاللاش پائالىيىتىدە 1 – دەرىجىگە ئىرىشىپ مۇكاپاتلانغان . بۇنىڭدىن باشقا ئابدۇرەھىمجان يۈسۈپ ئۈمىدىنىڭ نامى « ئويغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىيات قامۇسى » ( 12 – توم)نىڭ « تۆھپىكارلار » قىسىمىغا كىرگۈزۈلگەن . «شىنجاڭ ياشلىرى»دا ئېلان قىلىنىپ مەركىزىي خەلق رادىيۇ ئىستانسسىدا ئاڭلىتىلغان«سۆيگەنلەر سۆيۈلىدۇ» ناملىق ئەسىرىنىڭ توردا چېكىلىش قېتىم سانى 9300 قېتىمدىن ئاشقان .
ئابدۇرەھىمجان يۈسۈپ ئۈمىد يۇقارقىدەك نەتىجىلىرى بىلەن 2013-يىلى 2-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمىيتىنىڭ ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىندى. ئۇ ئىجادىيەت سىپىدە توختاۋسىز ئىلگىرلىمەكتە.بىز بۇ ياشنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيىتىگە تېخىمۇ ئوتۇق تىلەيمىز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلقىزى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-28 14:20