باھارنىڭ خۇش ھىدى يوقالدى قاچان
رەيھانگۈل ئوسمان
كۆرگەندە ھالىمنى قويمىدىڭ سوراپ،
ئازابىڭ قەلبىمنى قىلدى لەختە قان .
كۆزۈڭدىن ئەگىگەن ئاچچىق سۇئاللار،
سۆيگۈنىڭ پەسلىنى قىلارمۇ خازان ...
ياشلانغان كۆزۈمدە ئۇزاتتىم سىنى ،
ھەسرەتلىك خىيالغا پىتىپ ئىھتىمال .
يوقالدى باھارنىڭ بەلكىم خۇش ھىدى ،
زىمىستان قەلبىمنى قىلغاندەك قامال .
بىلمىدىم ھەسرەتكە يار بولدۇم قاچان ؟،
ئازاپلىق خىياللار بەرمىدى ئارام .
توزىدى كەچكۈزدە يىگانە بىر گۈل،
سىرغىدى كۆزۈمدىن ياشلىرىم تارام ..
بىر چاغلار تېۋىشسىز كىرىپ قەلبىمگە ،
تۇيغۇمدىن كۆكلەتكەن ئىدىڭسەن باھار .
بىلمىدىم ئويۇنمۇ سۆيۈش -سۆيۈلۈش،
ئاھ..نىچۈن ھەممىنى ئۇنۇتتۇڭ نىگار.
ياشارمەن ئىھتىمال يالغاندىن كۈلۈپ،
قەلبىمدە ئازاپلار ئاچسىمۇ چىچەك .
ئۈستۈمگە يىيىلىپ غۇۋا ئاي نۇرى ،
بىر ئۈنسىز بەخىتتىن بەرمەكتە دىرەك ....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سىرىنگۈل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-23 13:29