ximal
كۆرۈش: 79|ئىنكاس: 3

باھارنىڭ قوللرى سىقتى گېلىمدىن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  301
يازما سانى: 720
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1637
تۆھپە : 1
توردا: 581
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-11-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 10:13:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باھارنىڭ قوللرى سىقتى گېلىمدىن


تۇرغۇن پەيزۇللا يۇلغۇن


لەۋلىرىڭ چۈرۈچتەك ئەجەپمۇ تەملىك

ئاۋازىم قانىدى سېنى چاقىرىپ،
ئۆرتەندىم ،مۇڭ باستى قەلبىمنى قات-قات.
مەللەڭدە پات-پاتلا يۈردىم تاتىرىپ،
ھەسرىتىڭ باغرىمدا قان ئىچەر جاللات.

گۈللەرنىڭ دەردىگە كەتتىم قوشۇلۇپ،
بۇلبۇلنىڭ ئاھىدىن يېرىلدى باغرىم.
چاقماقلار چېقىلدى ئاھىم-زارىمدىن،
( ئوت بولۇپ ئۇلغايدىم ، ئىرىپ كەتمىدىم .)

جېنىڭغا جېنىمنى قاتماقچى بولدۇم،
ھەر كۈنى قىينايدۇ مېنى بىر كەملىك.
چاراسلاپ ، لاۋۇلداپ كۆيەر تۇلۇنئاي،
لەۋلىرىڭ چۈرۈچتەك ئەجەپمۇ تەملىك.


قۇش بولۇپ ئۇچىمەن سېنىڭ مەللەڭگە


قاپقارا چاچلىرىڭ تۈننىڭ دەرياسى،
كاككۇكنىڭ نالىدىن تىترەيدۇ يۈرەك.
قۇرىغان بىر بۇلاق يىغلار ئىچىمدە،
چۈشمەكتە شېخىدىن چاڭقىغان چېچەك.

باياۋان ئاھىدا كۆيەر شاماللار،
مۇڭدىشار چۆل بىلەن كاۋاپتەك تۇيغۇ.
قۇش بولۇپ ئۇچىمەن سېنىڭ مەللەڭگە،
كۈندۈزى ئارام يوق ، كېچىسى ئۇيقۇ.

قانىتىم كۆيىدۇ ئېسەدەپ دەردلىك،
پۇتلىرىم ئاسىتىدا چوغلار ئاقىدۇ.
غېرىپلىق قەلبىمدە ئەركىلەپ تاتلىق،
دۇنياغا ئۇچۇملاپ قوقاس چاچىدۇ.



ئاھىمدىن كۆيمەكتە ئاشىق كوچىسى


جېنىمنى تىنىمدە كۆيدۈرۈپ كەلدىڭ،
لەۋلىرىڭ كاۋاپيەك يېقىشلىق ، تەملىك.
تىنىقىڭ يۈرەككە چوغدەك ئۇرىلار،
سەن بىلەن پۈتۈندۇر مەندىكى كەملىك.

كۆزۈڭدە بىر گۈلخان كۆيەر چاراسلاپ،
چوغلارغا لىق تولغان قۇچىقىم ، باغرىم.
جۇنۇنلۇق چۆلىدى يۈرىمەن غەمكىن،
دان چېچىپ ، ئاھ چىكىپ كۈتۈشتىن زارىم.

ئاھ ئۇرۇپ ، بۇقۇلداپ يىغلار باياۋان،
نالەمگە چۆكمەكتە مەن ئامراق دۇنيا.
ئاھىمدىن كۆيمەكتە ئىشىق كوچىسى،
يارىلانغان كىيىكتەك يۈرىمەن ئۇندا.


باھارنىڭ قوللرى سىقتى گېلىمدىن


ساجىلدى باغرىمغا گۈلنىڭ تىكىنى،
باھارنىڭ قوللىرى سىقتى گېلىمدىن.
ئۆركەشلەپ يىغلايدۇ يېشىل شاماللار،
چېچەكلەر چېھرىدە جۇدالىق قىزغىن.

باھارنىڭ ھىدىنى ھىدىڭدىن ئىزدەپ،
ئىشقىڭدا قوماچتەك قورۇلۇپ كەتتىم.
ئىسمىڭنى چاقىرىپ بىر مىسكىن ئۈندە،
يۈرىكىم ئىزىلىپ ھەسرەتلەر چەكتىم.

پەلەكنىڭ قەھرىگە ئۇرۇلدى ئاھىم،
مېنىڭدەك باغرى قان يىتىم نەدە بار؟
باھارنىڭ قوللىرى سىقتى گېلىمدىن،
سېغىنىش ئىگىزلەپ بولدى ماڭا دار.


ئۇسسىغا گۈللەردە چاڭقاقلىقىم بار


ئۇسسىغان گۈللەردە چاڭقاقلىقىم بار،
ئۇسسىغان چۆللەردە ئاھىم چوغسىمان.
دەردىمگە يىغلايدۇ يۇلغۇن ، توغراقلار،
قەھرىمدە ، مېھرىمدە سۈيۈملۈك جاھان.

قۇملاردەك قاغجىراپ يىغلايدۇ باغرىم،
دەرەخلەر كۆزۈمگە قارايدۇ مەڭدەپ.
ئىبادەت ، جاينىماز ،  دۇئادا بەخت،
چاڭقىغان چۆللەردە يۈردىم ئېسەدەپ.

كېچىلەر ئىچىمگە كىرمەكتە بېسىپ،
قەلبىمگە لەپىلدەپ ياغار ئاپپاق قار.
دۇئاغا قولۇمنى كۆتۈدۈم ئىگىز،
ئۇسسىغان گۈللەردە چاڭقاقلىقىم بار.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  363
يازما سانى: 563
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1016
تۆھپە : 5
توردا: 100
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-11-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 11:43:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لىرىكىللىرىڭىزدىكى ئۆزگۈچە تۇيغۇلار كىشىگە ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلەرنى ئەسلىتىپ قويىدىكەن. ئىجادىيەت سەپىرىڭىز قۇت بولسۇن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  72
يازما سانى: 894
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1928
تۆھپە : 4
توردا: 470
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-11-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 11:49:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈيلىرىڭىز ئېسىل بولىۋاتىدۇ. بىراق ئىملاغا ئانچە دېققەت قىلمايلا   ئالدىراپ يوللاپ، ئېسىل كۈيلەرگە نوقسان يەتكۈزىۋاتىسىز. ھېچ بولمىغاندا شېئىر مەۋزۇسىدىكى ئىملانى بولسىمۇ ئوڭشاپ قويغايسىز.

ئىجادىيىتىڭىز بەركەت تاپقاي.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1484
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 110
تۆھپە : 0
توردا: 9
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-11-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 00:33:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل چىقىپتۇ شېئىرلىرىڭىز، 1-نى داۋاملاشتۇرۇپ بىقىڭ..

ئۈمىد بىلەن ياشا ھەر زامان،ئۈمىدسىزگە ھايات زىندان!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش