ximal
كۆرۈش: 107|ئىنكاس: 0

كۆيىۋاتقان دۇنيا-------تۇرسۇنگۇل ئەمەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1106
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 352
تۆھپە : 0
توردا: 56
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-11-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 01:26:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كۆيۋاتقان دۇنيا

تۇرسۇنگۇل ئەمەت

بۈگۈن دەم ئىلىش كۈنى بولغاچقا ئۇ  چۈشتىن كىيىن مەخسەتسىزلا بازار ئايلىنىپ ۋاقىت ئۆتكۈزدى.ئۇنىڭ نۇرغۇن ئىشلارنى قىلغۇسى بارئىدى، ئەمما قولى ھىچ ئىشقا بارمايتتى.ئادەم چىدىغۇسىز دەرجىدىكى بىزارلىق،غىرىپلىق ئۇنىڭ يۈرەك –باغرىنى يەپ بولۋاتاتتى.
ئەتە ھەممە  ئىش تۈگەيدۇ ،ھەممىسى ئاخىرلىشىدۇ.
ئۇنىڭ شۇ تاپتا زادىلا ئۆيگە قايتقۇسى يوق ئىدى،ئۆيگە قايتسىمۇ ئۆيىدە ھىچكىم يوق، بالىسىنى يالغۇز ئاپىسى يىزىدىكى ئۆيگە ئىلىپ كەتكەن ،ھەمراھ بولدىغىنى يەنلا شۇ يالغۇزلۇق،غىرىپلىق.
ئۇ قورسىقىنىڭ ئازراق ئاچقانلىقىنى ھىس قىلدى،ئۆيگە كىرسىمۇيالغۇز ئۆزىگىلا تاماق ئىتىش خوش ياقمايتتى.شۇڭا ئۇ ئۆيگە يىقىن جايدىكى بىر ئاشخانىغا كىرىپ تاماق يەۋالغاندىن كىيىن قايتماقچى بولدى،ئاشخانىدا ئادەم كۆپ ئىدى ,ئۇ قەيەردە ئولتۇرۇشىنى بىلەلمەي ئۇياق –بۇياققا قاراپ، بىر كىشلىك بىكار ئورۇننى تاپتى،ئۇ تاماق بۇيرۇتۇپ چاي ئىچكەچ ئاشخانا ئىچىگە سەپسالدى.ئۇ بۇ ئاشخانىغا نەچچە قىتىم كىرىپ باققان بولسىمۇ تۈزۈك سەپسىلىپ قاراپ باقمىغان ئىدى.ئاشخانا قەدىمى ئۇسلۇپتا ياسالغان بولۇپ،سەپسىلىپ قاراشقىلا ئۇيغۇر نەققاشلىقىنىڭ گۈزەللىكىنى ھىس قىلدۇراتتى،ئۇ كۆزىنى رەڭدار نەقىشلەردىن ئاشخانا ئىچىدىكى كىشىلەرگە ئاغدۇردى،ئاشخانىدا ئادەملەر ئۆز خىياللىرى،ئۆز پاراڭلىرى بىلەن ئولتۇرىشاتتى،ئۇلارنىڭ ئارسىدا ئائىلە بويىچە تاماق يەۋەتقانلارمۇ،خىزمەتداشلار ئارا تاماق يەۋاتقانلارمۇ،جۈپ –جۈپ بولۇپ ئولتۇرغانلارمۇ،ئۆزىگە ئوخشاش يالغۇز تاماققا كىرگەنلەرمۇ بار ئىدى .ئۇ سىرتلاردا تاماق يىيىشنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيتى،ئۆيدە ئۆز قولى بىلەن تاماق ئىتىپ ئىرى ۋە بالىسى بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ تاماق يىيىشنى ياخشى كۆرەتتى،لىكىن ئۇ كۆپىنچە تاماقنى بالىسى بىلەنلا بىللە يەيتى.
ئۇ تۇرۇپلا ئويلاپ قالدى .توۋا ھەممە ئادەم خىزمەت ئالدىراش،چارچاپ كەتتىم دەپ ئۆيدە تاماق ئەتمەيدىغان بولۇپ كەتتىمۇ نىمە؟ھازىر چوڭ بولۋاتقان بالىلارغۇ تاماققا قانداق خۇرۇچ كىتىدىغانلىقىنى،قانداق ئىتىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ،تىخى يىڭىدىن توي بولغان قىزلارنى ئانىلىرى خىجىل بولماي ‹‹قىزىمىز تاماق ئىتىشنى بىلمەيتتى.ئىشقا سالمىغان ئىدىم،ئاستا –ئاستا ئۈگتىۋالار لا ››دەپ قىيىن ئانىلىرغا تونۇشتۇردىكەن،شۇ ئانىلار ئانا تۇرۇپ نىمىشقا قىزلىرىغا تاماق ئىتىشنى ،ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشنى ئۈگەتمەيدۇ –ھە ؟
توي ھارپىسىدا ئانام‹‹ ئايال كىشى دىگەن ئۆينىڭ گۈلى،ھەر قانچە خۇشپۇراق ،گۈزەل گۈل بولسىمۇ، ئاياللار قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى قىلىشنى بىلمىسە بۇ گۈلنى ھىچكىم چىكىسىگە قىستۇرۇشنى خالىمايدۇ.شۇڭا پۇت –قولۇڭنى چاققان قىلىپ, قىيىن ئاتا –قىيىن ئاناڭنىڭ خىزمىتىنى ئوبدان قىل، ئۇلارمۇ بىزگە ئوخشاش سىنىڭ ئاتا –ئاناڭ،تاماق ئىتىشكە ھورۇنلۇق قىلما ،بىر كۈن تاماق ئىتلمىگەن ئويدە دوزاخ چىللايدۇ،ئوي رەتلىك پاكىز بولسا، ئوخشىغان تاماق بولسا ئەر كىشىمۇ تالادىن ئۆيگە ئالدىرايدۇ،شۇڭا ئاياللىق بۇرچىڭنى ياخشى ئاداقىل.››دىگەن ئىدى،
ئۇنىڭ خىياللىرى تاڭجاڭ بالىنىڭ تاماق ئەكىلىشى بىلەن ئۈزۈلدى،ئۇ تاماقنى يەپ بولۇپ ئالدىرىماي ئۆيگە ماڭدى.قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلىغان بولۇپ، ھاۋا  ئادەمنىڭ دىمىنى سىققۇدەك دەرىجىدە ئىسسىق ئىدى. ئۇ ئۆيگە كىرىپ چىرا قنىمۇ ياندۇرماي بىر ئاز ئولتۇردى.ئۇ قانچىلىك ئولتۇردىكىن، تۇيۇقسىز ئورنىدىن تۇرۇپ چىراقنى ياندۇرۇپ تىكلىمە ئەينەكنىڭ ئالدىغا كەلدى.ئۇ ئۆزىنىڭ ئەينەكتىكى تۇرقىغا سەپسالدى،ھازىر ئۇنىڭ نۇر تۆكۈلۈپ تۇردىغان كۆزلىرىدىن بىر خىل مۇڭ –ھەسرەت،قاشتىشىدەك يۈزلىرىنىڭ تىگى –تىگىدىن ئازاپ تۆكۈلۈپ تۇراتتى.ئۇنى دوسلىرى دائىم سەن ھەر جەھەتتىن ئۆلچەملىك سىزلغان رەسىمدەك نازۇك، ساڭا ئىگەم ھەممىنى ئايىماي بەرگەن دىيشەتتى،دىمىسىمۇ ئۇ چىراي –شەكلى، كىيگەن كىيملىرى بىلەن تەڭتۈشلىرىدىن باشقىچىلا پەرقلىنىپ تۇراتتى.ئەمما ھازىرچۇ؟ ئۇ نىڭ ئۆزگە ئۆچلىكى كىلەتتى.ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئىختىيارسىز ياش تۆكۈلۈشكە باشلىدى.مەن زادى نىمىنى خاتا قىلدىم ؟نىمىشقا بۇنچە كۆپ بەدەل تۆلەيمەن؟
ئۆي تىلفۇنىنىڭ جىرىڭلىشى ئۇنى خىيالدىن ئويغاتتى.ئۇتىلفۇننى قولىغا ئىلىپ قارشى تەرەپتىن ئەھۋال سورماقچى بولۇپ ئاغزىنى ئىچىشىغىلا تىلفۇندىن ئىغىزغا ئالغۇسىز گەپلەر ئۇچۇپ كىلشكە باشلىدى.
‹‹ھۇ، رەسۋا،ئرىمىنى ئازدۇرماقچى بولغانمىتىڭ ،خىيالىڭنى خام چاغلىما ،سىنى ئادەم بولغانغا تويغۇزۋىتىمەن ،ئىدارەڭگە ،ئىرىڭگە دەپ سىنى رەسۋا قىلىۋىتىمەن،قىنى قانداق قىلسەنكىن،رەسۋا ،جالاپ.››  ئۇنىڭ شۇ تاپتا تىلفۇننى جايىغا قويغۇدەكمۇ ماغدۇرى قالمىدى،پۇت –قوللىرى تتىرەپ ،كۆزلىرىگە قاراڭغۇلۇق تىقىلىپ ،يۈركىگە  ئاچچىق بىر ئاغرىق ئولاشتى.
ئۇ مەيدىسىنى قاماللىغىنىچە ئولتۇرۇپ قالدى.شۇ تاپتا ئۇ ئۆلۈپ قالسىمۇ ئۇنى ۋاقتىدا بايقايدىغان بىرمۇ ئادەم چىقمايتتى.
ئۇ خىلى بىر ھازادىن كىيىن ئازراق ئىسىگە كەلدى .توۋا, ئۇ تىتىقسىز تىلفۇنلارنىڭ دەردىنى ئاز تارتتىمۇ؟نىمە دەپ كىشىلەر تىلفۇننى كەشىپ قىلغان بولغىيتى. ئۇنىڭ ھىلىقى ئادەمگە تىخىمۇ ئۆچلىكى كەلدى.ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن بىر خىل قەتئىيىلىك نۇرى يالت قىلىپ ئۆتكەندەك بولدى.راست، ئەتە قانداقلا بولمىسۇن ھەممىنى ئاخىرلاشتۇرۇش كىرەك.
ئۇ ئىرىگە بىر پارچە خەت قالدرۇپ قويۇشنى ئويلىدى.بەلكىم ئەتە ھەممە ئىش چىرايلىق ھەل بولارپەقەت بولمىساياكى ئۇ ياكى مەن بۇ دۇنيادىن يوقىلارمەن.
مىنىڭمۇ بۇنداق قىلغۇم يوق،ئەمما بۇنداق قىلمىسام ئۆزۈمنى ئاقلىيالمايمەن،بۇنداق ئازاپتا ياشىغاندىن  بىراقلا ھەممىنى ئاخىرلاشتۇراي.
ئۇ قەلەمنى قولغا ئىلىپ قەغەز ئۈستىگە دەرت-ئەلىمىنى تۆكۈشكە باشلىدى.
قەدىرلىك ئەكرەم-ساڭا بۇ خەتنى ئەڭ ئاخىرقى قىتىم يىزۋاتمەن،مەن ساڭا تالاي قىتىم چۈشەندۈرگەن بولساممۇ ماڭا ئىشەنمىدىڭ ،مىنى ھاقارەتلىدىڭ،بىزنىڭ بۇرۇنقى خۇ شال بەختىيار كۈنلىرىمىز مەڭگۈ كەلمەسكە كىتىپتۇ،ئەمدى ئۇنى مەڭگۈ قايتۇرۇپ كىلەلمەيدىكەنمىز،مەن بۇنى ئۇزاق كۈتتۈم،بىراق ئىرشەلمىدىم.سىنىڭ ھاراققا بىرىلىشىڭ ئاخىرى بۇ ئائىلىنى ۋيران قىلدى،بۈگۈنمۇ بەلكىم ئۆزۈڭ خالىغان يەردە .خالغان ئادەملىرىڭ بىلەن ئولتۇرغانسەن،مىنىڭ سەندىن ئەنسىرەپ كىچە- كىچە ئۇخلىيالمايدېغانلىقىم،ھەر ۋاقىت سىنىڭ ئامانلىقىڭ ۋە ئىنسابىڭىنى  تىلەيدىغانلىقىم خىيالىڭغىمۇ كىرىپ چىقمايۋاتقاندۇ ؟
ئەكبەر نىملا بولمىسۇن ئىككىمىز نىڭ بەختىيار خۇشال –خۇرام كۈنلىرىمىز ئۆتكەن لىكىن سىنىڭ ھاراققا بىرىلىشىڭ بۇ ئائىلىنى ۋەيران قىلدى.سەن مىنى قوغداشنىڭ ئورنىغا مىنى تىخمۇ ئامالسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدۇڭ.سىنىڭ كىچە –كىچىلەپ ئۆيگە كەلمەسلىكىڭ ،مىنى يالغۇز قويىشىڭ ماڭادۈشمەن بولدى.بىلەمسەن؟مەن ئاتا-ئانامنىڭ يىراق يەرنىڭ تەشۋىشى تولا،خاپلىق بولمايدىغان ئۆي يوق،خاپلىق تارتىپ قالساڭ يىنىڭدا تەسەللى بولدىغان ئادەم يوق ››دەپ توسقىنىغا ئۇنىماي مىڭ جاپادا قۇرغان بۇ ئائىلەمنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن كۆپ تىرىشتىم،لىكىن سەن چۈشەنمىدىڭ.سەن بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ پۇلۇڭنى بىللە خەجلىگەن دوستۇڭ مىنى مازاق قىلدى.كۈندە بىر تىلفۇن قىلىپ ماڭا تەھدىت سالدى ،تىلفۇنىنى ئالمىسام ئۇچۇر يازدى ،.تىلفۇنۇمنى ئاچمىسام سەندىن خاپلىق ئىشىتتىم ،ئىيتقىنا قانداق قىلمەن ؟مەن ھەممىنى ساڭا دىمەكچى بولدۇم، ئەمما، سەن مەندىن دوسلىرىڭنى ئەزىز كۆرىدىغان تۇرساڭ گىپىمگە ئىشىنەتتىڭمۇ؟ئۇ بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ساڭا يالغان –ياۋداق گەپلەرنى دەپ دىلىڭنى رەنجىتتى،مەندىن نەپرەتلەندىڭ.ئايال كىشى ئۈچۈن بۇنىڭدىن ئارتۇق خورلۇق بولامدۇ؟بۇنداق ئاھانەتنى كۆتىرىپ يۈرۈش مۇمكىنىمۇ ؟
سەن بىلمەيسەن مەن بۇ ئائىلىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن تىلفۇندا قاتتىق ئۇرۇشتۇم ,ھەتتا چىرايلىق گەپلەر بىلەن يالۋۇرۇپمۇ باقتىم; ئەمما ئۇ نىيىتىدىن يانمىدى .
ئۇ ئادەم ئەمەسكەن .ئۇ ماڭا ئۆز ئاغزى بىلەن ئەگەر مەن ئىرىڭگە سەن بىلەن ئارلىشىۋاتمەن دىسەم سەن قانداق قىلالايسەن ،ھەر قانچە قىلىپمۇ ئۆزۈڭنى ئاقلاپ بولالمايسەن .ئايال كىشىگە قارا ئەڭ تىز يۈقىدۇ .سىنىڭ ھەممىلا ئادەمگە ئۆزۈڭنى ئاقلاپ بولالىشىڭ ،چۈشەندۈرەلىشىڭ مۇمكىن ئەمەس دىدى.
راست؛ مەن كىملەرگە مەن پاك ،ماڭا ئىشىنىڭلار دەپ ئىشەندۈرەلەيمەن ؟ھەتتا سەنمۇ ماڭا ئىشەنمەيۋاتساڭ؟سەن ماڭا ئىشەنمەيلا قالماستىن مىنى پەقەتلا تاشلىۋەتتىڭ، بۇ ئىش سەۋەپلىك قانچىلىك ئازاپ تارتقانلىقىمنى ،شۇنچە ئادەم كۆپ دۇنياداچارىسىزلىك ،بىقۇۋۇللۇقتىن يالغۇز قىلۋاتقانلىقىمنى بىلمىدىڭ .مەن ساڭا تالاي قىتىم دىدىم ‹‹مەن ئۇ ئادەمىنى پەقەت سىنىڭ دوستۇڭ بولغانلىقى ئۈچۈنلا تونۇغان، ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ ،بىللە تاماق يەپ باققانمۇ ئەمەس‹‹ .مانا بۇ سىنىڭ بىزدىن كەچسەڭمۇ كىچەلمەيدىغان ‹‹دوستۇڭ‹‹.
ئۇنىڭ مەخسىتىنى بىلەمسەن ؟ئۇ ماڭا ئىرىشمەكچى. مىنى بارلىق كىشىلەرنىڭ ئىشەنچىسىدىن ،مىھرى مۇھەببىتىدىن ئايرىپ ياردەمگە مۇھتاج بولغان يۆلەنچۈكسىز  تەنھا قالغان ۋاقىتلىرمىدا ماڭا ئىرىشمەكچى .ئۇ مەخسىتىگە يىتىشكە ئاز قالدى .ئۇ مىنى سىنىڭ مىھرى –مۇھەببىتىڭدىن ئايرىدى.ماڭا قەدەممۇ –قەدەم يىقىنلاشتى .
بىلەمسەن؟ئۇ ھەتتا مەن ئىشلەۋاتقان ئىدارىگىمۇ نامسىز خەت يىزىپتۇ، باشلىقلىرىمىنڭ پوزتىسيىسىمۇ باشقىچىلا بولۇپ قالدى.كونىلار ‹‹شامال چىقمىسا دەرەخ لىڭشىمايدۇ 《دەيدىكەن,、ئەمما بەزى كىشىلەر دەرەخنى قەستەن لىڭشتىپ قويدىكەن .مەن ئەزلدىن يۈز –ئابرۇينى ھەممىدىن ئۈستۈن كۆرەتتىم ئەمما يۈز –ئابرۇيىم باشقلار تەرپىدىن يەكسان قىلىندى.
مەن ئۆزۈمنى قوغداپ بولالمىدىم ،ئامالسىز ،چارىسىز قالدىم ،نىمىشقا مەن تەرەپتە تۇرۇپ بۇ ئىشلارنىڭ راست -يالغانلىقىنى ئايرىپ باقمايسەن؟
ھىچبولمىسا ئويلاپ باق ،مەن قاچان سىنىڭ روخسىتىڭسىز بىرەر يەرگە باردىم ،ساڭا دىمەي بىرەر قۇر كىيىم كىيىپ باقتىم ؟مەن زادى سەن گۇمانلانغۇدەك نىمە ئىش قىلدىم؟قاچانلا قارىسا ئىدارە بىلەن ئۆي ئارلىقىدىلا ،بالام ،ئائىلەم دەپلا كۈنۈم ئۆتۋاتىدىغۇ؟
راستىنى دىسەم مىنىڭ ئۆزۈمگە راستىنلا ئۆچلۈكۈم كەلدى .ئىگەم نىمىشقا مىنى بۇنچە چىرايلىق ياراتقان بولغىيتتى؟چىرايمۇ ئاياللارنىڭ دۈشمىنى ئىكەن.
بولدى ،مىنىڭمۇ  بۇنداق ئازاپ ۋە تەشۋىشتە ياشغۇم يوق .تىلفۇننىڭ سايراشلىرىدىنمۇ قورقىدىغان بولۇپ قالدىم،ئايال كىشى بولۇپ قالغىنىمدىن ئۆكۈندۈم .مىنىڭ بىرپەزىلەتلىك ئايال، لاياقەتلىك ئانا بولغۇم بار ئىدى،ئەمما ماڭا بۇنداق بەخىت -تەلەي نىسىپ بولمىدى،سىنىڭ ئىشەنچەڭدىن ئايرىلىپ،مىھرى -مۇھەببىتىڭسىز ياشاشنىڭ ئۆلگەندىن نىمە پەرقى ؟
ساڭا ۋە بالامغا قىيالمايمەن؟ئەمما سىنى ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن، ئۆزۈمنىڭ پاكلىقىنى ئاقلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمەكچىمەن ؟
ئۇ قىلغانلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىشى كىرەك.ئىككى ئائىلە مەن سەۋەپلىك ۋەيران بولدى ،كەچۈرگىن ،بۇ ئالەمدە ياخشى خوتۇن بولالمىدىم ،ئۇ ئالەمدە سىنى پۈتۈن مىھرىم بىلەن كۈتىمەن.مەن بۇ ئاھانەتنى بۇنىڭدىن باشقا ئۇسۇل بىلەن يۇيالمىدىم .
سىلەرنى  سۆيۈپ؛
      بەختسىز ئايالىڭدىن.
ئۇ خەتنى چىرايلىق قاتلاپ ئۈستەل ئۈستىگە قويۇپ قويدى، شۇ تاپتا ئۇ خىلىلا يەڭگىللەپ قالغان ئىدى.سائەت سىتىرلكىسى كىچە سائەت 12نى كۆرسىتىپ تۇراتتى،ئۇ يىتىپ قانغۇدەك بىر ئۇخلىۋالماقچى بولغان بولسىمۇ زادىلا ئۇخلىيالمىدى.
كاردۇردىن ئۇ ئاڭلاپ كۆنۈپ كەتكەن پۇتنىڭ پەشتاققا ئىغىر -ئېغىر ئۇرۇلغان ئاۋازى ئاڭلاندى،ئەكرەم قايتىپ كەپتۇ-دە؟
ئۇ تىزلىكتە ئورندىن تۇرۇپ ئىشكنى ئاچتى،ئەكرەم قانغۇدەك ئىچۋالغان بولۇپ،كىيم-كچەكلىرى قارغۇسىز دەرىجىدە توپا -قۇسۇقلارغا بۇلغىنىپ كەتكەن ئىدى.ئۇ ئەكرەمىنى يۆلمەكچى بولۋىدى، ئەكرەم ئۇنى سىلكىگىنىچە دەلدەڭشىپ ياتاق ئۆي تەرەپكە ماڭدى.
ئۇنى شۈنچلىك يىغا تۇتتى،ئىچ -ئىچىدىن ھازىرلا بىر نەرسە پارتىلاپ چىقىدىغاندەك ئۈگە -ئۈگىلىرىگە ئاچچىق ئاغرىق ئولاشتى .ئۇ بىر ھازا ئولتۇرغاندىن كىيىن ئاستا ياتاق ئۆينىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلدى،ياتاق ئۆيدىن قاتتىق خورەك ئاۋازى كىلۋاتاتتى ،ئۇ  كىرىپ ئەكرەمنىڭ كىيىم -كىچەكلىرىنى سالغۇزدى ۋە ئۇنى ئوڭشاپ ياتقۇزۇپ قويۇپ كىيىملىرىنى كىر ئالغۇغا سىلىپ يۇيۇشقا باشلىدى .
ئۇ كىرلەرنى يۇيۇپ بىكار بولغاندا كىچە سائەت بىر يىرىم بولغان ئىدى ..ئۇ ئەمدى  ياتسىمۇ ئۇخلىيالمايتتى.بۇ كىچە شۈنچىلىك تەستە تاڭ ئاتتى، ئۇسەھەر تۇرۇپ مۇنچىغا كىرىپ پاكىز يۇيۇنغاندىن كىيىن ئۆزى ئەڭ ئامراق ئاق گىرپىتشىن كۆينىكىنى ئىلىپ كەيدى ۋە سۇس گىرىم قىلىدى.ئاندىن ياتاق ئۆينىڭ ئىشكى ئالدىغا كىلىپ ئەكرەمگە ئىشك يوچۇقىدىن بىر ھازا سەپسالدى.
شۇ تاپتا ئەكرەم ھىچنىمىدىن بىخەۋەر ئۇخلاۋاتاتتى .
-؛خوش ئەكرەم، ئامان بول ،بالىغا ئوبدان قارا -دىدى ئۇ ئۆز -ئۆزىگە پىچىرلاپ.
ئۇ ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ دائىملا ئىتتىك تۇردىغان كىچىك مىۋە ئاقلايدىغان پىچاقنى ئىلىپ سومكىسىغا سالدى.
ئۇ ئىشكىنى يەڭگىل يىپىپ، بىنادىن پەسكە چۈشۈپلا ھىلقى ئادەمگە تىلفۇن بىرىپ، ناھيە ئىچىدىكى بىر رىستۇراندا كورۈشۈشكە كىلىشتى.
يىرىم سائەتلەردىن كىيىن ئۇ ئەڭ يىرگىنىدىغان ھىلىقى ئادەم پەيدا بولدى .شۇ تاپتا بۇ ئادەم ئۇنىڭ كۆزىگە ئادەم ئەمەس چوقۇم يوقۇتۇشقا تىگىشلىك يىرتقۇچ ئالۋاستىدەكلا كۆرۈنۈپ كەتتى .
توختا، ئەڭ ئاخىرقى قىتىم ئۆتۈنۈپ باقاي ،بەلكىم ئۇ ئىنسابىغا كەپ قالار.ئۇ ھىلىقى نەپرەتلىك ئادەمگە نىيىتىدىن يىنىشنى ،ئىككى ئائىلىنى ۋەيران قىلماسلىقىنى ئۆتۈندى.بىراق ئۇ ئىسمىنىمۇ تىلغا ئىلىشىنى خالىمايدىغان، مۇھەببەتنىڭ ،ياخشى كۆرۈشنىڭ نىمىلكىنى ئەسلا بىلمەيدىغان ھايۋان تەبىئەتلىك  ھىلىقى ئادەمىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى.
شۇ تاپتا ئۇنىڭ كۆزىگە قىزىللىق تىقىلىپ، ھەممىلا يەر قىپقىزىل ئوت يالقۇنى ئىچىدە قالغاندەك كۆرۈندى،ئۇ ئەمدى ھىچنىمىنى ئويلىمىدى ھەم ئويلىيالمايتتى، ئۇھىلىقى ئەر دىققەت قىلمىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ،سومكىسىدىن پىچاقنى چىقاردى-دە ئۇنىڭ كۆكرىكگە كۈچەپ تىقىتى.
ھىلىقى ئادەمنىڭ كۆكرىكىدىن چىققان قىپقىزىل قان ئۇنىڭ پاكلىقىنى تەتنتەنە قىلۋاتقاندەك، ئۇنىڭ ئاپپاق كوڭلىكىنىڭ ئىتىكىدە توي كۈنى چىچىلغان گۈل بەرگىلىرىدەك  كۆرۈنىۋاتاتتى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كۈتۈش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-23 01:28  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش