ximal
كۆرۈش: 157|ئىنكاس: 2

دىلداش- مەۋھۇم دۇنيا ئاتا قىلغان سۆيگۈ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  99
يازما سانى: 911
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2390
تۆھپە : 19
توردا: 502
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-11-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 01:15:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مەۋھۇم دۇنيا ئاتا قىلغان سۆيگۈ

(ھېكايە)

كامىلجان ناسىر(دىلداش)


تىگىسىز خىياللارغا بەنت بولغان ئادىل ئەتىگەنلىك ناشتىنىمۇ ئۇنۇتتۇپ تاماكىسىنى تەكرار شورايتى.ئۇنىڭ بىر جۈپ كۆزىدىن خۇشاللىق نۇرلىرى يىراقلىغاندەك شۇنچە غەمكىن ئىدى.ئۇنىڭ شۇ تاپتىكى ھالىتىگە قارغان ھەر قانداق كىشى ئۇنۇڭ قەلبىدە بىر خىل ئازاپ ھۆكمىران بولىۋاتقانلىقىنى تۇلۇق ھېس قىلالايتى.تېلېغۇننىڭ ئۇشتۇمتۇت سايرىشى ئۇنى سەگەكلەشتۇردى.

- ئەسسالاممۇئەلەيكۇم.

- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.   
- قانداقراق ئەھۋالىڭىز؟كېچىچە ياخشى ئۇخلاپسىزمۇ؟ - رەھمەت ياخشى، خىلى ئوبدان ئۇخلاپتىمەن.ئۇ،شۇنداق دىگەچ خۇنۇكلەشكەن كۆزلىرىنى ئۇۋلاپ قويدى.بەلكىم  
جىددىلەشكەندىن بولسا كىرەك قارشى تەرەپتىن كۆپرەك ئەھۋال سوراشنىمۇ ئۇنۇتقان ئىدى.شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ ھارغىنلىقى ئاللا قاياقلارغا غايىپ بولغان بۇلۇپ چېھرىدە ئىللىق تەبەسسۇم جىلۋىسى پەيدا بولدى.چۈنكى ئۇ   
كېچىدىن بىرى شۇ تاپتىكى تېلېغۇننىڭ كىلىشىگە شۇ قەدەر تەققەززا بولغان ئىدى.چۈنكى تور دىگەن بىر مەۋھۇم   
دۇنيا ئۇنۇڭدا ئەڭ سەمىمى ۋە سەمىيەتسىز ئادەملەرمۇ مەۋجۇد شۇنداق بولغاچقا ئادىل ئىككىلىنىش ئىچىدە توختاۋسىز ئويلۇنۇپ گاڭگىراپ قالغاندى.ئۇلار تېلېغۇندا خىلى ئۇزۇن سۆزلەشكەندىن كىيىن خوشلاشتى.ئادىل خىلى يىنىكلەپ قالغاندەك قىلاتتى.   
ئىنسان تەقدىرى ھامان غايىپ بىلەن باغلانغان بولغاچقا نەچچە يىللىق بويتاقچىلىق ئادىلنى خىلى زىرىكتۈرگەن.قەلبىدە تالاي ئارمانلار بولسىمۇ كەمبىغەلچىلىك سەۋەپلىك ئۈنىنى ئىچىگە يۈتۈشكە كۆندۈرگەنتى.ھەر ھالدا يىتىمنىڭ ئىگىسى خۇدايىم دىگەندەك ئادىلنىڭ يىقىن دوستى بەختىيارنىڭ تۈرلىك ياردەملىرى ئۇنىڭ ئۈچۈن تۇرمۇشقا بولغان قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇپ باردى.گەرچە ئۇ بەختىيارنىڭ ياردىمى بىلەن ئىرىشكەن يىڭى خىزمەت ئورنىغا ئىگە بولغان بولسىمۇ يەنىلا ياخشى بىر لايىققا ئىرشىشنى بارلىق ئارزۇ-ئارمانلىرى بىلەن ھامان تىلەيتى. ئۇ بەزىدە ئۆزىنىڭ ھازىرقى خىزمەت ئورنىنى دەسمى قىلىپ ئۆزى كۆز تىككەن ياخشى قىزغا ئىرىشكىلى بولمايدىغانلىقىنىمۇ ھېس قىلىپ ئۈلگۈرەتتى.

بەختىيارنىڭ سەمىمى كۆڭلى.دوستلارچە مېھىرلىك ياردىمى كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇنى خىلى ئۈمۈدلەندۈردى،بەختىيارنىڭ دادىسى راخمان ئاكىمۇ بالىلىقتا يىتىمچىلىكنىڭ دەردىنى كۆپ تارتقان ئادەم بولغاچقا ئادىلنى قەدىرلەيتى.ھەر قىتىم ئىدارىدا يىغىن ئاچسا ئادىلنىڭ خىزمەت ئىپادىسىنى مۇئاييەنلەشتۇرۈپ تەقدىرلەپ قۇياتتى.بۇ خىل غەمخورلۇق ئادىل ئۈچۈن زور ئېلھام بۇلاتتى.شۇڭا ئادىلمۇ كۈندىلىك خىزمەتكە ئاكتىپ قاتنىشىپ ئەمىلى نەتىنجىلىرى بىلەن ئىدارىدىكى بارلىق ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا نائىل بۇلۇپ كەلدى.بۇ ئىشتىن بەختىيارمۇ مەمنۇن ئىدى.خىزمەتتىكى ئەملى تىرىشچانلىق،بىر قاتار نەتىنجىلەر ئادىلگە مەمنۇنلۇق بىرىپ ئادىلنى ئىدارەنىڭ بىر يۈرۈش ئائىلە قوروسىغا ئىگە قىلدى.ئەمدى ئۇنىڭ غەملىرى بىر-بىرلەپ ئاخىرلىشىشقا باشلىدى.توك.سۇ.ئۆي ئىجارە ھەققى ئىلىنمايدىغان شارائىت ئۇنىڭ ئۆزىنى تۇتۇپ ئىختىزاد توپلىشى ئۈچۈن بىر ياخشى پۇرسەت بولغاندى.

تىلىسەڭ تاپارسەن دىگەندەك تىرىشچانلىق ھامان ئىنساننى ئالغا باستۇرۇدۇ.ئادىلدىكى سەمىمىلىك جاسارەت ئۇنى ئۆزىدىن مەمنۇن قىلشقا باشلىدى.ئۆزىدىن ئاشىنىپ بانكىدا پۇل ئامانەتمۇ قويدى.ئازۇسىغا ئاساسەن كومپىئوتۇرمۇ سىتىۋىلىپ بەختىيارنىڭ ياردىمى بىلەن تورغا چىقالايدىغان،چ چ دە باشقىلار بىلەن بىمالال سۆزلىشەلەيدىغان سەۋۋىيەگىمۇ يەتتى.كۈندۈزلىرى ئىدارە ئامانلىقىنى قوغدىسا كچىلىرى تۈ نىسپىگىچە تورغا چىقىپ بىلىم جەھەتتىمۇ مەلۇم ئىلگىرلەشلەرگە ئىرىشكەندىن باشقا چ چ دىمۇ خىلى كۆپ دوستلار بىلەن چىقشىپلا كەتتى.ئۇ ئىككى ئاي ئالدىدىكى بىر كېچەدە چ چ ئارقىلىق <<ئا>> ۋىلايىتىڭ <<ب>> ناھېسىلىك بىر قىز بىلەن تۇنۇشۇپ قالدى.شۇنڭدىن بىرى ئۇ ھەر كۈنى بۇرۇنراق كەچ بۇلۇشنى تىلەيدىغان بوپ قالدى.كەچ بولسىلا كەچلىك تاماقتىن كىيىن چ چ دىكى دوستى ماھىرە بىلەن قانماي مۇڭدۇشۇپ،ئىجتىمائى تۇرمۇش،مۇھەببەت توغرۇلۇق ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا پارڭلىشىشقا ئادەتلىنىپ كەتتى.ماھىرەنىڭ ئەيتىپ بىرىشچە ئۇ ئائىلىسىنىڭ ئارزۇلۇق قىزى بۇلۇپ،ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ مەھەللسىدىكى تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ۋاقىتلىق ئىشلەپ تۇرۋاتقان،تىل-ئەدەبيىيات دەرسى بىردىغان ئوقۇتقۇچى قىز ئىكەن.ئۇنىڭ ھەر بىر سۆزى شۇنچە جەلىپ قىلارلىق بۇلۇپ ھەر قاچان ئادىلنىڭ سولغۇن قەلبىدە قىزىقىش تۇيغۇسى پەيدا قىلىپ ئادىلنى تەققەززالىق ھىجرىگە مۇپتىلا قىلىۋالغاندى.ماھىرەمۇ ئۇنىڭ يۈرەك تاۋۇشىنى ھېس قىشقىمۇ ئۈلگۈرگەنتى.   
ئىنسان ھاياتىدىكى مۇھەببەت شۇ قەدەر باتۇركى ئۇ ھەرگىزمۇ ئۆز پۇرسىتدە قىلچە ئىككىلىنىشكە يول بەرمەيدۇ.شۇڭا مۇھەببەتنىڭ چىگىرىسى يوق.نۆۋىتىدە ئىنساننى شۇنچە باتۇر،شۇنچە ئاجىز قىلىۋىتىشكە قادىر.شۇڭا ھەر قانداق ئادەم مۇھەببەتنىڭ بۇ خىل سېھرى كۈچىدىن ھەرگىزمۇ نىرى بولالمايدۇ.ئادەم ھامان باشقا كەلگەندە باتۇر دىگەندەك ئادىل كۆڭلىدىكىنى ماھىرەگە ئىزھار قىلىشقىمۇ ئۈلگۈردى.شۇڭا ئادىل شۇندىن بىرى نەچچە كېچىنى چەكسىز ئەنسىزلىك تەشۋىش ئىچىدە ئۆتكۈزگەنتى.ئۇنىڭ خىيالى ماھىرە بىلەن تىزراق يۈز كۆرۈشۈشتە ئىدى...ئاخىرى كۈتكەن كۈنمۇ بۈگۈن ئۇنڭغا قۇيان ئاچقان ئىدى.ئەمدىكى مەسىلە ماھرەغۇ ئادىلنى تەكلىپ قىلدى لىكىن ئۇ، ئىدارە باشلىقى رەخمان ئاكىدىن نىمە دەپ رۇخسەت سورايدۇ؟سورسا رۇخسەت بىرەرمۇ؟ ئۇنىڭ بىشى يەنە قاتتى...

   
2-بۆلەك


ئاپتۇبۇس تاقىرباش تاغلارنى بويلاپ ئۇزۇنغا سۈزۈلغان ئاسبالىت يولدا ئىلگىرلىمەكتە.تىگىسىز خىياللارغا بەنىت بولغان ئادىلنىڭ خىيالى چەكسىزلىك تامان داۋام ئەتمەكتە قارچغۇدا ماھىرەنىڭ سىماسى نۇرلانماقتا...ئۇ نىمىشقىدۇ بىردەم كۆزىنى يۇمۇپمۇ باقتىيۇ-لىكىن يەنىلا ئاپتۇبۇس دەرىزىسىدىن تاقىر باش تاغلارغا كۆز تىكتى.ئۇنىڭ بۇنداق تاغلارنى كۈرۈشى ھاياتىدا تۇنجى قىتىم بولغاچقىمۇ تاغلار ئۇنۇڭغا شۇنداق سىرلىق تۇيۇلدى.تېلېغۇننىڭ تۇيۇقسىز سايرىشى ئۇنىڭ دىققىتىنى بولىۋەتتى.

- ئادىل كىتىۋاتامسەن؟   
- ھە ھە كىتىۋاتمەن بەختىيار.   
- قەيەرگە باردىڭ؟   
- تاغ بويلاپ كىتىۋاتىمىز.   
- يەنە قانچىلىك ۋاقىتتا يىتىپ بارغىدەك؟   
- ھەي بىلمىدىم جۇمۇ.

- بۇلۇدۇ ئاق يول بولسۇن،يىتىپ بىرىپلا تېلېفۇن قىلىۋەتكىن جۇمۇ،

- بۇلۇدۇ بۇلۇدۇ چۇقۇم شۇنداق قىلىمەن.  
ئادىل تېلېفۇننى يانچۇقۇغا سالغاش بەختىيارنىڭ ساداقىتىدىن شۇنچىلىك سۈيۈندى. قارىغۇنى كۆزدىن ئايرىغان خۇدايىم ھاسسىدىن ئايرىماپتۇ دېگەندەك ئۆزەمنىڭ يالغۇزلىقىغا ئۇلۇق ئاللا ماڭا بەختىيارنى يەتكۈزۈپتىكەن.قەدىرلىك دوستۇم ماڭا قەدەمدە دوستلۇق مېھىرنى يەتكۈزۈپ كەلدى.دېگەننى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزگەچ مۇزدەك مىنرال سۇدىن بىر يۇتۇم ئىچىلىۋىلىپ ئىغىر تىندى.

ئاپتۇبۇس سۈرئتىنىڭ ئۇشتۇمتۇت ئاستىلىشى ئۇنى سەگىت بولغاي تېلېغۇننىڭ سائىتىگىمۇ قاراشقا ئۈلگۈدى.شۇ ئەسنادا ئاپتۇبۇسقا كىلىشكەن بىر قىز چىقتى.قىز ئەتراپقا بىرخىل ئەنسىزلىك ئىچىدە قاراۋاتقاندا شوپۇرنىڭ :
ئاۋۇ يىگىتنىڭ يىنىدىكى بوش ئۇرۇندا  ئولتۇرۇڭ. دېگەن قوپال ئاۋازى ئادىلنى ئۇ قىزغا قاراشقا مەجبۇر قىلدى.بۇ قىز شۇنداق كىلىشكەن قىز ئىدىكى ئۇنىڭ شۇتاپتىكى قىياپىتى بەئەينى ماھىرەگە ئوىشاپ كىتەتتى.قىز ئۇنىڭ يىنىدىكى ئۇرۇنغا كىلىپ ئولتۇرغاندا ئۇنىڭ كىيمىدىن تاراۋاتقان خۇشبۇي ئەترە پۇرىقى ئادىلنى يەنمۇ سەگەكلەشتۈردى.ئادىل يەر تىگىدىن بۇ قىزغا نەزەر سىلىشقا باشلىدى.ئۇ ئۆز كۆڭلىدە - بۇ قىز سۈرەتتىكى ماھىرەگە ئەجەپ ئوخشايدۇغۇ؟يا ئۇ مىنىڭ ئالدىمغا كەلگەندىمۇ؟ئەگەرشۇ بولسا نىمىشقا مېنى تۇنمىغاندەك ئولتۇردىغاندۇ؟بىز بىرىمىزنىڭ رەسىملىرىمىزنى توردا ئىۋەتىشىپ تەكرار كۆرگەنغۇ؟.... ياق-ياق ئۇ ئەمەس دەيتى ئۆز -ئۆزىگە.ئۇ بۇ خىياللاردىن بىردەم نىرى بۇلۇشنى ئويلىغان بولسىمۇ يەنىلا كۆڭلىدىكى تەشۋىشلەر پايانسىز خىياللارغا زورلايتى.ئۇ ئۆز كۆڭلىدە ئاللاغا ئىلتىجا قىلاتتى:

- ئەي قەدىرلىك ھېممەت ئىگىسى بارلىق پۇرسەتلەرگە سىنىڭ ھېممىتىڭ بىلەن نائىل بولدۇم.بۈگۈنكى بۇ تەۋەككۇلچىلىق سىنىڭ نىسبىتىڭ بىلەن بولدى.يەنىلا ئۆزەڭ شەرمەندە قىلماسسەن!
- ماھىرەنىڭ سۆزلەپ بىرىشچە ئۇنىڭ سۆزىنى ئائىلسىدىكلەر رەت قىلماسمىش.لىكىن ئائىلىسىدىكلەر مىنىڭ بىر يانلانما قارا خىزمەتچى.ئاتا- ئانام يوق يىتىم ئىكەنلىكىمنى بىلسە مىنى قارشى ئالارمۇ؟ماھىرە ئىككىمىزنىڭ ئىنتلىشلىرىگە ھۆرمەت قىلارمۇ؟مەن زادىلا ئىشىنەلمەيۋاتىمەن.ماھىرەغۇ مىنى جىنىدەك ياخشى كۆرىدۇ.ھەمدە مىنىڭ بارلىق ھال ئەھۋالىمنى بەش بارماقتەك بىلىدۇ لىكىن شۇنداقتىمۇ ئۇنى بىقىپ چوڭ قىلغان،ئالى مەكتەپكىچە ئوقۇتقان ئاتا-ئانىسىڭ قۇشۇلىشىغا زادىلا ئىشىنەلمەيۋاتىمەن.ھېچ بولمىغاندا چوڭلار بۇ يول يىراقلىقىدىن قورقۇپ بولسىمۇ قۇشۇلماسلىقى ئىنق...دىگەنلەرنى بىر-بىرلەپ كۆڭلىدىن ئۆتكۈزۈپ باراتتى.ئۇ خىيالغا قانچە چۆككەنسىرى ئۇنىڭ تەشۋىشلىرى شۇنچە ئىشىپ باراتتى.   
ئاپتۇبۇس يەنىلا ئوخشاش رەۋىشتە ئىلگىرلىمەكتە شوپۇرنى مۈگە باستىمۇ قانداق بىردىنلا ئاپتۇبۇسنىڭ vcd ئاپاراتىنى قوزغاتتى.لەرزان مۇزىكىغا ماسلاشقان ناخشا ئۇنى بىر پەس خىيال قوينىدىن ئازات قىلدى.ئۇ بار دىققىتى بىلەن ناخشىغا بىرىلدى.  

   
سەن ئۈچۈن بۇلۇپ شەيدا،

ئىشقىڭدا كۆيۈپ كەلدىم.

  تايىردەك ساداقەتتە،

مېھرىمنى سۇنۇپ كەلدىم.
   
پەرھاددەك شىجائەتتە،

                                                               چىن سادىق بۇلۇپ كەلدىم.
                                                                ھەردەمدە بۇلۇپ شەيدا ،   
                                                               سۆيگۈمنى سۇنۇپ كەلدىم.

   
                                                                ئىشقىڭنى ئاتاپ مەندەك،

                                                                مەڭگۈلۈك سۆيەلەمسەن؟
                                                               ئەھدىڭگە بۇلۇپ سادىق،   
                                                                 قەدرىمگە يىتەلەمسەن؟

  

ئاھ مۇھەببەت سەن شۇ قەدەر يۈكسەك سېھرى كارامەتكە ئىگىدۇرسەن،سىنىڭ كۈچ قۇدرىتىڭ شۇ قەدەر تەڭداشسىز شۇ قەدەر مېھىرلىك.شۇڭا سەن چىگراسىىز بىباھادۇرسەن.ساڭا چىن ئەقىدە بىلەن قانچە شەيدا بولسا شۇ شەيدا بولغانلارغا چەكسىز جاسارەت ئاتا قىلىسەن.چاڭقىغان ۋۇجۇتلارغا جان ھۇزۇرى بەھرىڭدىن قۇدرەت بەخىش ئەيلىسەن.ئادەم ئاتادىن باشلانغان مەنزىلىڭ يۈسۈپنى زىندان ئىچرە،زۈلەيخانى ئىشىق-پىراق باياۋانىدا چاڭقىتىپ تاۋلاپ چىققان خۇپىيانە جاسارىتىڭ.پەرھادنى-شىرىنگە.لەيلىنى مەجنۇنغا.غىرىپنى سەنەمگە.ۋامۇقنى ئۇزراغا.تايىرنى زۆھرەگە.رابىيەنى سەيدىنگە..... ئاشىق بىقارار قىلغان ئەمەسمۇ؟ئەپسۇس،پۇل- مال،شۆھرەتپەرەسلىك ئەۋىج ئالغان بۇ دەۋىردە ئەشۇ مەرھۇملارنىڭ قىنى ۋۇجۇدىدا بار ئوت يۈرەك ئەركەك ياكى ئەجدات ئۇدۇمىنى يار قىلغان قىز زاتى چىقارمۇ؟خۇددى ئۆتكەنلەر دىگەندەك دۇنيا سىرلىق ئادەمنىڭ رىسقى غايىپ شۇنداق بولغاچقا ئادەمدە تەۋەككۇلچى روھ ،قارام مەرت ۋە ۋىجدانلىق ئىرادە بىلەن تەشەببۇسكار ياشاش ئىستىگى بۇلۇش كىرەك.   
يىتىملىك دەردىدە تالاي ئسىق-سۇغۇقلارنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ،قىينچىلىق ئىچىدىن تۇرمۇش جەۋھەرلىرىنى تىپىش كويىدا تالاي ئىزدەنگەن،ئۆمۈر ئېقىنى ئەگرى بۈگۈرى ساھىللارنى بويلاپ 25توچكىغا قادالغان بۈگۈنكى كۈندە ئادىلنىڭ بۇ سەپىرى ئاڭلىماققا نادانلىق ياكى ئەخمەقلىقتەك تۇيۇلۇدۇ.لىكىن ماھيەتتە ئادىل ئۆز ئرادىسگە ئىشنىدىغان چۈشكۈنلىكتىن يىراق،تۇرمۇش داۋانلىرىدا تالاي چىنققان بىر ئەركەك.شۇڭا ئۇ،بۇنڭدىن بۇرۇن ماھىرە بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ،كۆڭۈل ئىزھار قىلىش جەريانلىرىدا ماھىرەگە نىسبەتەن تەكرارئىشنىشتىن،ئۇنىڭ كۈشلىك ئرادىسىگە قائىل بۇلۇشتىن،زور ئۈمۈد ۋە ئىشەنچ ئىچىدە بۇ سەپەرگە تەرەدۇت قىلدى.بۇ ئىككى ياشنىڭ قەلبى ئورتاق ھالدا ئالجاناپ تۇرمۇشقا ئىنتىلگەن.چۈنكى بۇلارئالىجاناپ تۇرمۇش-مۇھەببەتتىن ئېلھام ئالدىغانلىقىغا چىن ئىرادىسىدىن ئىشىنىدۇ.شۇڭا ئۇلار قەلبىدە مەردانە ئىرادە ئالا بۇرۇنلا تىكلەنگەن.بىر-بىرىگە نىسبەتەن ئۆزگەرمەس ئىرادە تىكلەنگەنتى. ئاپتۇبۇس يەنىلا بىر خىل رەۋىشتە ئىلگىرلىمەكتە.تۇمۇز كۈنلىرى بولغاچقىمىكىن ئاپتۇبۇس ئىچى شۇ قەدەر تىنجىق بۇلۇپ،ئادىلنىڭ سۆيگۈ ئىشقىدا كۆيىۋاتقان قەلبىنى يەنىمۇ تەشناللىققا تولدۇراتتى.ئۇنىڭ رتسىز چاچلىرى ئارسىدىن سىرغىپ چۈشكەن ياش تامچىلىرى ئاندا -ساندا ئەگىپ چۈشەتتى.ئۇنىڭ يۈز شەكلىگە تۇلىمۇ ماس ياستىلغان قاپقارا بۇرۇتتىئارلاپ-ئارلاپ تىترەپ قۇياتتى.بەزىدە چىكىلىرىنى تەكرار ئۇۋلاپ قۇياتتى.شۇ تاپتا ئۇنىڭ يەنىلا خىيال بىلەنئولتۇرغانلىقىنى جەزمىلەشتۈرۈش قىين ئەمەس ئىدى.

3- بۆلەك

چۈشلىك تامىقنى ئالدىراش يىگەن ماھىرە يەنە شۇ پايانسىز خىياللارغا چۆمدى.ھېس گۈلۈستانى مەستانە خىياللار زىكرىسىدىن تەكرار رەڭلەندى.مەجبۇريەت بىلەن مەمنۇنيەت تالاش تارتىشلىرى ئۇنى بىماجال قىلىپ باردى.   
- ئاھ تەقدىر سەن مىنى ئۇنۇڭغا تۇنۇشتۇردۇڭ.مەن ئۇنىڭ مۇشاققەت قۇچىقدا تاۋلانغان،شىجائەتلىك يىگىت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.ئۈمۈدلىرىم ئۇنىڭ بىلەن تۇنۇشقان سىرداشقاندىن كۈنلەردىن  بىرى بارلىق تۇيغۇلۇرۇمنىسىغىنىش ىلەن قىيامىغا يەتكۈزدى شۇڭا ئۆزەم ھەققىدىكى زىرىكىشلىك پايانسىز تەسەۋۋۇرلۇرۇمدىن قۇتۇلۇشقا تەرەددۇت قىلدىم.ۋۇجۇت بۇلاقلىرىمدا بۇلدۇقلاۋاتقان بارلىق ئارزۇ-ئارمانلىرىمنى ئۇنىڭ سۆيگۈسىگە باغلىدىم.دىگەنلەرنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزۈپ،مەنۇنلۇق ئىچىدە ئىغىر تىنىۋالغاندىن كىيىن ،ئەنسىز جىددىلىك بىلەن  سائەتىگە قارىدى.  
-ئاپلا ئۇنىڭ يىتىپ كىلىشىگە 15مىنۇت قاپتىغۇ.....دىگەننى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزگەچ ئۆز قىياپىتىنى قايتا بىر تۈزەشتۈرۋالغاندىن كىيىن چەبدەس قەدەم بىلەن قۇل سومكىسىنى كۈتۈرگىنچە ھۇجرىسىدىن چىقتى.  
-ماھىرە قىزىم شۇنچە ئالىراپ نەگە ماڭدىڭىز؟ ئانىنىڭ بۇ سۇئالى ئۇنى سەل گاڭگىراتتى.ماھىرە بىر تىنىق تۇرىۋالغاندىن كىيىن:  
-بىر دوستۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈن خاتىرسىگە باراتتىم.ھايال بولمايلا قايتىپ كىلىمەن ئانا.- قىزىم بۇرۇنراق قايتىپ كىلىڭ.بەك كەچ قالماڭ ھە،- دىدى ئانا ئۇنۇڭغا كۈيۈنگەن ھالاتتە.  
قەلب چەكسىزلىكىگە يىيلىۋاتقان ئۈمۈد،ئىشەنچ،تەسسەۋۋۇر ماھىرە ئۈچۈن زور جاسارەت ئاتا قىلىپ باراتتى.ئۇ،ئۆيدىن چىقىپلا ئارقىغا بۇرۇلۇپ ئۆزىنى ئۇزاتقىلى چىققان ئانىسىغا ئۇزاققىچە تىكىلى قارىدى.ئىشىك ئالدىدىكى ھەر بىر تۈپ دەرەخكە قايتا-قايتا نەزەر سالدى.ئۇنىڭ لىۋىدە ئۈنسىز پىچىرلاش تەكرارلىناتتى.ھېېسسىدىكى بەخىت دەملىرىنىڭ نۇرانە جۇلاسى ئۇنى مەمنۇنلۇققا رىغبەتلەندۈرەتتى.قەدەملىرىنى ئالدىرىتىپ باراتتى.ئۇنۇڭغا تۇنۇش كوچا،ناتۇنۇش ياكى تۇنۇش ئادەملەر ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەجەپلىنىش ئىچىدە قاراتقاندەك،ئاللا كىملەر ئۇنىڭ سەپىرى ئۈچۈن خەئىرلىك تىلىگەندەك تۇيغۇ بىرەتتى.تۇمۇزنىڭ ھارارەتلىك تەپتى ئۇنىڭ سىغىنىش كۈتۈشكە تولغان يۈرىكىنى يەنىمۇ چاڭقاقلىققا چۆكتۈرەتتى.چەبدەس قەدەملىرىنى ئىغىرلاشتۇراتتى ئادەم دىڭىزىغا ئايلانغان ئۇزۇن يوللۇق يۇلۇچىلار بىكىتى ئالدىدا ئادەملەر شۇنچە ئالدىراش يۈرۈشەتتى،ماھىرە ھەر بىر ئادەمگە شۇنچە تەققەززالىق بىلەن تەلمۈرۈپ قاراشقا ئۈلگۈرەتتى.ئۆزىگە تۇنۇش بولغان سىماھنى ئىزدەيتى.ئۇ يەنە سائىتىگە قارىدى.ۋاقىتمۇ ئاللا بۇرۇن توشقان بولسىمۇ ئادىل تىخىچە يىتىپ كەلمىگەن ئىدى. ماھىرە پۈتۈن ئۈمۈدىنى تېلىېىفۇنغا باغلا ئادىلغا تېلېفۇن ئۇردى.لىكىن تېلېغۇن ئۇلانمىدى.ئۇنىڭ قەلبىنى يەنە ئەنسىزلىك باستى.ئۇ شۇتاپتا نىمە قىلىشنى زادىلا بىلەلمىگەن ئىدى.قەلبىگە تامچىۋاتقان ئەنسىزلىك،تەشۋىش ئۇنى كەم ماغدۇر قىلىپ بارماقتا ئېدى.چىگىلىشىپ كەتكەن ئەنسىز خىياللىرى تالاي تەشۋىشلەرگە چۆكتۈرۈپ قەدەملىرىنى قىسقارتاتتى.
- ئاھ خۇدا ئۇنۇڭغا بىر ئىش بولمىغاندۇ؟ دەيتى ئۆزىگە ئۆزى پىچىرلاپ،ئۇ بۇ سۆزلىرىنى بىر كىم ئاڭلاپ قىلىشىدىن ئەنسىرگەندەك ئەتراپقا ئەنسىزلىك ئىچىدە پات-پات قاراپ قۇيۇشقىمۇ ئۈلگۈرەتتى.يولدىكى ماشىنىلارنىڭ پەرۋاسىز سىگىناللىرى ئۇنى چۈچۈتۈشكىمۇ ئۈلەۈرگەندە ئۇ، غەزەپتىن يىرىلغىدەك بۇلاتتى.ئۇنىڭ شۇ تاپتىكى پۈتۈن ئىسيادى يۇلۇچىلار بىكىتىنى كۈزۈتۈش تۇيۇقسىزلا ئادىلنى ئۇچرىتىش بولسىمۇ جىدىلىشىش ئىچىدە كۆز قاچۇغى كۈرۈش ئىقتىدارىنى يۇقاتقاندەك ھېچ بىر ئۈنۈمگە ئىرشەلمىگەنتى.تېلېغۇنىنىڭ تۇيۇقسىز چېقىرىشى ئۇنى سەگەكلەشتۇردى.جىددىلىك ئىچىدە ئۇ تېلېغۇننى ئالدى.

- ئەسسالاممۇئەلەيكۇم.
قارشى تەرەپنىڭ ئاۋازى تۇمان قاپلىغان خىيال ئاسمىننى پاللىدە يۇرۇتقاندەك بولدى.تېلېفۇن قىلغۇچى قارشى تەرەپ ئادىل ئىدى.ئۇنىڭ ھەر بىر سۆزلىرىدىن مەمنۇنلانغان ماھىرەنىڭ ۋۇجۇدى چەكسىز زوقلۇنۇش ۋە ئۈمۈتكە تولدى.قەدەملىرىنى تىزلىتىشكە تۈرۈتكە بولدى.شۇ تاپتا ئۇنىڭ قەلبى ئادىلنى ئۆز كۆزى بىلەن كۈرۈشتەك بۈيۈك ئىسەتەك بىلەن تولغانتى. تاقەتسىز كۈتۈش ۋە ئىنتىلىشكە تولغان ئارمانلار ئۆزىگە يىقىنلاپ بىرىۋاتقان بەخىت تۇيغۇسىغا شاھىد بۇلۇشقا ئالدىرايتى.ئۆز كاللىسىدىكى تەسەۋۋۇرلارنى ئادىلغا تىزراق يەتكۈزۈشكە دالالەت قىلاتتى.ئاشىق مەشۇق ئۈچۈن ئىنتىلگەن دەملەر نىمە دېگەن شىرىن نىمە دېگەن تاتلىق ئازاپ ھە دىگەن نىدالار ئۇنىڭ تۇيغۇسىدا سۈرەن سالاتتى.تەشناللىققا تولغان دەملەر ئاخىرى ئۇلارنى دىدارلاشتۇردى.شەھەرنىڭ گۈزەللىكىنى جۇلاندۇرۋاتقان كوچا چىراقلىرى،كەچلىك بازاردىكى تىجارەتچىلەرنىڭ قاتار -قاتار يايمىلىرى.....بۇ جەلىپكار شەھەرنى شۇقەدەر كۆركەم تۈسكە كىرگۈزگەنتى.دىدارلىشىش دەملىرىگە چۈمگەن بۇ بىر جۈپ ئاشىق مەشۇق شەھەرنىڭ كەچلىك مەنزىرسىنى قانماي تاماششا قىلىپ باراتتى.بۇ بىر جۈپ قەلبىدە نە ئەنسىزلىك ،نە غەم قايغۇ تەشۋىشتىن قىلچىمۇ ئەسەر يوق ئىدى.ماھىرە ھەر بىر قەدەمدە ئادىلغا ئۆز شەھەرنىڭ ئەھۋالىنى ئۈزمەي چۈشەندرۈپ باراتتى....بۇلار كوچا ئايلىنىپ 8قەۋەتلىك بىر بىنا ئالدىغا كەلگەندە ئادىل ئىغىز ئاچتى: - ماھىرە بۇ ياتاق ئىكەن.كەچ قىستاۋاتىدۇ...
- ئادىل ياتاقلىقنى بىلدىم.مەن سىزگە ھەممىنى دىگەنمەن.مىنى ھازىرنىڭ ئۆزىدە يۇرتىڭىزغا ئەپ كىتىڭ، دىدى قەتئى تەللەپپۇزدا.ئارىدا بىردەم جىملىق يۈز بەرگەندىن كىيىن.  
- ماھىرە مەن لەۋزىمىزگە ئىشىنىپ كەلدىم.لىكىن سىزنى ئاتا-ئانىڭىزنىڭ ئالدىغا بىرىپ ئۇلارنىڭ رازىلىقى بىلەن ئاندىن ئەپ كىتەي،   
- ئادىل گۆھەرنى تاشقا ئۇرماڭ.مەن بىر قارارغا كىلىپ سىزگە تېلېفۇن قىلغان.مەندىن ئارتۇق گەپ سورماي taxiتۇسۇڭ.يىنىمدا 3مىڭ يۈەن نەخ پۇل بار.باشقا ئىشلارنىڭ ئويلىماڭ!ماھىرە بىر قارارغا كەپ بولغان تۇرسا ئادىلنىڭ ئىككىلىنىشىگە ھەددىمۇ؟شۇڭا ئۇ ھەممىنى ئۇنۇتقان ھالدا taxi توستى.
كېچە قوينىغا غەرىق بۇلىۋاتقان بۇ شەھەر ئۇلانى ئۈنسىز ئۇزۇتۇپ قويدى.ئۇشتۇمتۇت يۈز بەرگەن بۇ تەقدىردىن ھەيران بولغان ئادىل ئۈنسىز ئولتۇرۇپ ئۆز ئىچىدە ئۆزىگە ئۆزى سۇئال قۇياتتى.بىرىدە ئەنسىزلەشسە بىرىدە ھەيرانمۇ بۇلاتتى.چۈنكى بۇ تەقدىرنىڭ ھەددىيەسى ئۇنى باشقىچە بىر ھېسياتقا كەلتۈرگەنتى.ئۇ،پات-پات ماھىرەگە يۈشۈرۈن نەزەر سالغاچ ماھىرەنىڭ سۆيگۈ ئالدىدىكى باتۇرلىقى تەشەببۇسكارلىقى،ھەممىنى ئۇنتۇش روھىدىن تەسىرلىننەتتى.ئاللاھقا چەكسىز شۈكرە قىلاتتى.   
- ئادىل ھاردىڭىزما؟ماھىرەنىڭ بۇ سۆزى ئادىلنى سەگەكلەشتۈردى.
-ياق-ياق ھارمىدىم.-ئەجەپ جىمىپ كەتتىڭىغۇ؟- بىر پەس مۈگىدىۋالدىم ماھىرە دىدى ئۇ،ئۆزىنى چاندۇرماي.

- سىز بىلمەيسىز ئادىل يەنە 3 كۈندىن كىيىن ئۆيدىكىلەر مىنىڭ تۇيۇمنى قىلماقچى بولغان،ئۇنىڭ سۆزى بۇ يەرگە كەلگەندە ئادىلنىڭ بەدىننى توك سوققاندەك بوپ كەتتى.
- نىمە-نىمە؟، دىدى ئادىل جىددىلىشىش ئىچىدە.  
-ئانا بىلەن ؟ئۆگەي دادام مىنى ئۆگەي دادامنىڭ ئوغلىغا ياتلىق قىلماقچى بولغانتى.مەن بۇ پىكىرنى قەتئى رەت قىلىۋاتقان چاغلىرىمدا سىز بىلەن توردا تۇنۇشۇپ قالدىم.شۇنۇڭدىن بىرى ئۆيدىكىلەرنىڭ بۇ پىكىرىنى ئىزچىل رەت قىلغان بولساممۇ ئۆگەي دادام ئانامغا تۈرلىك بىسىملەرنى ئىشلەتتى.ئاخىرى مەن بۇ دەرتلەرگە چىدىماي سىزگە مىنى ئەپ كىتىڭ دىگەن تەلەپنى قويدۇم.ئەگەر بۇگۈن كەلمىگەن بولسىڭىز مىنى بۇ دۇنيادىن تاپالمايتىڭىز.ئۇلارنىڭ پىلانى بۇيۇنچە ئەتە توي خېتى ئېلىش بىكىتلگەن.شۇ تاپتا سىزگە ھەممىنى ئۇقتۇردۇم.مىنى قەدىرلەڭ،بىزگە مۇھەببەت مەيدانى ھاسىل قىپ بەرگەن تور دۇنياسىغا مەمنۇنلۇق بۈلدۈرۈڭ.بىزنىڭ مۇھاببتىمىز مىنىڭ ئەڭ ئازاپلىق كۈنلىرىمىزدە ئەنە شۇنداق باشلانغان.

-ئەنە ئادىل مۇئەللەقتىكى ئاۋۇ ئايغا بى قارىڭ ھە،دىدى ئۇ نازلىق كۈلۈپ، بەخىت دەملىرىنى قۇتلۇقلاۋاتقان تۇلۇنئاي كۆكتە، مەغرۇر ئۈزۈپ ھەممىگە شاھىد بولغانلىقىدىن پەخىرلەنگەندەك سىخى نۇرىنى زىمىنغا ئايماستىن سەپمەكتە ئىدى.ئادىل كۈلدى.بۇلار ماشىنا كۆزنىكىدىن ئايغا ئۇزاق تىلىدى.ماشنىغا ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئاسپالىت يولدا كېچە قوينىغا ئالدىراش سىڭىپ باراتتى.ئاشىق- مەشۇقلار ۋۇجۇدى تەسۋىرلىگىسىز تۇيغۇلاردىن مەسخۇش بولغان ئىدى.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىلداش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-23 01:19  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2286
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1054
تۆھپە : 0
توردا: 72
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-11-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 19:16:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   يىڭى ئەسىرىڭىزنىڭ   ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۇز كورۇشكەنلىكېدىن خۇرسەن بولدۇم . يەنىمۇ  تىرىشقايسىز !

سەن ئوزۇڭنى  تۇپراق دەۋالدىڭ ، مەن ئوزۇمنى  ياپراق دەۋالدېم ، سىڭېش  ئۇچۇن  مەۋھۇم  يۇرۇگۇڭگە........

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2141
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 555
تۆھپە : 0
توردا: 48
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-11-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 21:09:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تور ئارقىلىق مۇھەببەتلىشىدىغانلار كۆپلەپ قالدى، ئەمما يەنىلا ئېھتىياتچان بولغان ياخشى . ئەسەر ياخشى چىقىپتۇ ، ھەممەيلەن ئۆز بەختىنى تاپقاي  .

بىلىم بەخت سائادەتنىڭ بەلگىسى .
نادانلىق بارلىق جىنايەتنىڭ يىلتىزى .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش