تاپالمىدىم قەلبىم تۆرىدىن،
كىتىپ قاپسەن بېلمىدىم قاچان؟!
داغلاپ قويۇپ مىنى پىراقتا،
كىتىپ قالدىڭ كېلىسەن قاچان؟!
ھىسلىرىمدا كېزەر قەھرىتان،
ئازاپلىرىڭ بولغاچ زىمىستان.
بىر چاغ ئېدىم ساڭا دىلىستان،
كېتىپ قالدىڭ كېلىسەن قاچان؟!
سېنى كۈتۈپ كۆزلىرىم تالدى،
چۈشلىرىڭدە ئىزلىرىم قالدى،
مېنى ھىجران ئىلكىگە ئالدى،
كېتىپ قالدىڭ كېلىسەن قاچان؟!
ئۆتتى تالاي كۈنلەر بۇ باشتىن،
زېرىكمىدىم سېنى ساقلاشتىن.
يارالغانمۇ يا، باغرىڭ تاشتىن،
كېتىپ قالدىڭ كېلىسەن قاچان؟!
ھاياتىمدا سەنسىز مەنا يوق،
باغلىرىمدا گۈلى رەنا يوق،
بۇ ھالىمغا يىتەر دەنا يوق،
كېتىپ قالدىڭ كېلىسەن قاچان؟!
2012.9.22