ximal
كۆرۈش: 77|ئىنكاس: 2

ئالدىدا (شېئىر) غەنىزات غەيۇرانى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1596
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 527
تۆھپە : 11
توردا: 57
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 00:45:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                    ئالدىدا
                   (شېئىر)
            غەنىزات غەيۇرانى
   (مەرھۇم شائىر ل. مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن)
   
   تۇرىمەن ھۆرمەت بىلەن سۈكۈتتە شائىر ئالدىدا،
   قەدىرلىك ئۇستاز _ شېئىر، سەنئەتكە ماھىر ئالدىدا.

  ئۇ ئىدى سۇمرۇغ ھامان پەرۋاز قىلىپ ئۆرلەيدىغان،
  ئۆرلىگەن، ئۇچقان ھۇدۇقماي، قانچە پامىر ئالدىدا.

   يەلكىگە ئالغانىدى ئەجدادىنىڭ ئارمانىنى،
   تىك تۇرۇپ بەرگەن قەسەم ئۇستازى سادىر ئالدىدا.

  شۇ قەسەمنى ئاقلىدى، ئەۋلادقا داستان قالدۇرۇپ،
  ئارسلاندەك تۇردى مەغرۇر قارا تەقدىر ئالدىدا.

  قانچە ئالۋاستى كۆرەڭلەپ تۇردى تەڭلەپ تىغ، بىراق،
  تىترىدى چاشقان كەبى باغلاقتىكى شىر ئالدىدا.

ئۆز قېنى بىلەن يېزىپ شېئىر، مەڭگۈ تاشقا ئويدى نەقىش،
قىلمىدى قىلچە پىسەنت خەۋپنى باھادىر، ئالدىدا.

تويغا ماڭغاندەك كېلىپ تۇتقاندا ئوققا كۆكسىنى،
قاتتى جەللات مۇردىدەك ھەم دېدى‹‹ياپېر!...››ئالدىدا.

بەردى ئۇ جان تىك تۇرۇپ شۇم رەقىبىنى تىترىتىپ،
ھۆرمىتى ئۆستى تىيانشاندەك، شەھەر، قىر ئالدىدا.

تىنچ يات جايىڭدا ئۇستاز، سەن چېچىپ كەتكەن ئۇرۇق،
ئۈندى ھەم بەردى يېمىش خەلقىڭگە، زاھىر ئالدىدا.

نۇر تۆكۈپ تۇرماقتا تۆھپەڭ خۇددى بىر چولپان بولۇپ،
ھېچ قىزارمايسەن ئەمەس يىل ھەتتا ئەسىر ئالدىدا.

قارغىدى بىر چاغ سېنى شۇم قاغىلار، ئەمما ئۆزى_
بولدى رەسۋا، قونمىدى شەنىگە داغ، كىر، ئالدىدا.

  مەن شېئىر يازماق بولۇپ قىلسام تەپەككۇر ھەرقاچان،
  سەن ھامان يول كۆرسىتىپ تۇردۇڭ بۇلۇپ پىر ئالدىدا.

خەلىق ھاياتكى سەن ھايات ،مەڭگۈ ئۇنىڭ قەلبىدە سەن ،
تىكلىدى خەلقىڭ ساڭا ھەيكەل يەنە بىر ئالدىدا .

ئېھتىرام بىلەن بۈگۈن سەبداشلىرىڭ بولغاندا جەم ،
قەھرىمان سىماڭ تۇرار ئەڭ تۆردە زاھىر ئالدىدا .

سەن يەنە  بايراق تۇتۇپ ماڭماقتا سەن دولقۇن يېرىپ،
چۈنكى روھىڭ بىز بىلەن ھەرئىشقا قادىر ئالدىدا .

1982- يىل نويابىر ئۈرۈمچى .
            
       ( قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى ، شىنجاڭ ئېلېكترون ئۈن - سىن نەشرىياتى  

2009- يىل 12 -ئاينىڭ 1- كۈنى نەشىر قىلغان ‹‹ غەنىزات غەيۇرانى ئەسەرلىرى›› توپلىمىدىن ئېلىندى )

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  334
يازما سانى: 687
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2463
تۆھپە : 18
توردا: 459
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-11-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 11:01:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن  ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان  شېئىرنى يوللاپسىز .دادىمىزنىڭ روبايىلىرىنىمو ياخشى كۇرىمەن. ۋاقتىڭىز يار بەرگەن ئاساستا يوللاپ قويغان بولسىڭىز ،تەڭ بەھىرلەنسەك.

گۇھەر ياتىدو سايدا قازمىسا

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  99
يازما سانى: 911
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2390
تۆھپە : 19
توردا: 502
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-11-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 11:15:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستاز  غەنىزات غەيۇرانى ئاكىمىزنىڭ شېئىرلىرىنى شۇ قەدەر سۈيۈنۈپ ئوقۇيمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش