كۈتۈش
تۇرسۇنگۈل ئەمەت
بۈگۈن يەنە ئۆتۈپ كەتتى تىۋىشسىز،
تىلفۇنۇمغا قاراپ كەتتىم نەچچە رەت.
كىملەردىندۇر كىلەر بەزى توخىتىماي،
يانفۇنۇمنى سايراتمىدىڭ سەن پەقەت.
ئاۋازىڭنى ئاڭلىمىدىم پۈتۈن كۈن،
خەۋىرىڭنى كۈتتۈم شۈنچە بىتاقەت.
سەن بىپەرۋا ياكى قەستە قىلدىڭمۇ؟
يۈركىمىنى پارە قىلدى يەنە دەرت.
قولۇم بارماس ھىچبىر ئىشقا سىنىڭسىز،
كەلمىسەڭمۇ خەۋىرىڭنى ئەۋەتكىن .
تىنچلىقىڭ مىنىڭ بەختىم –ئارمىنىم،
يانفۇنۇمنى بولسىمۇ بىر سايراتقىن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كۈتۈش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-22 22:09