تەنھا تىلەكلەر
تۇرسۇنگۈل ئەمەت
ئۇنۇتقۇم بار جېنىم پۈتۈن كەچمىشنى،
پەقەت سەنلا بولساڭ مىنىڭ يىنىمدا.
كىچەلمەيمەن سەندىن جاندىن كەچسەممۇ،
سۆيگۈ مېھرىڭ ئاققاچ مېنىڭ قىنىمدا.
پىنھانلاردا ئۇچراپ قالسا تەنھا گۈل،
ئەسلەپ قويغىن مىنى يالغۇز قاپتۇ-دەپ.
شامال لەرزان يەلپۈپ ئۆتسە چېچىڭنى ،
مىھرى بىلە يارىم سىلاپ قويدى- دەپ.
ئاڭلاپ قالساڭ بۇلبۇل ئۈنىنى،
يار قىشىغا مىنى چىللاپ كەپتۇ –دە.
سىم –سىم يامغۇر سۆيسە ئەگەر يۈزۈڭنى ،
كۆز يىشىدا يار يۈزۈمىنى يۇيدى –دە.
كۆرگىنىڭدە تولۇنئاينى تۈن ئارا،
يايرىم مىنى چىللىغىلى كەپتۇ –دە.
ئۈمۈدلىرى ئۈزۈلمەپتۇ مىنىڭدىن،
يار مىنلا كۈتۈپ ساقلاپ كەپتۇ –دە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كۈتۈش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-22 21:58