كۆمۈر يەيدىغان قاغا
(ساتېرا)
ئاڭلىغان مەن سېنى يەيدۇ دەپ،
توڭ ياڭاق، نىجاسەت ياكى تاپ.
بۈگۈن بىر سوئال بار كاللامدا،
مەن سوراي ئەي دەيۈز، بەر جاۋاب:
بۈگۈنمۇ قونۇپسەن ئامبارنىڭ،
ئۈستىگە بىر ئوبدان ئەپلىشىپ.
يېسەڭمۇ بىر پاتمان كۆمۈرنى،
قالماپسەن تۈڭلۈككە كەپلىشىپ.
ئۆتكەن يىل بىز قىشنى بەكمۇ تەس،
ئۆتكۈزگەن سوغۇقتىن جاقىلداپ.
سەن شۇ چاغ ئۆگزىدە بوپ گۇۋاھ،
يۈرگەنغۇ سەيلى قىپ، قاقىلداپ.
مەكتەپنىڭ ئىشچىسى كۆمۈرنى،
تارقاتقاندا ئۈچ كۈندە بىر چېلەك.
يەتمىسە بالىلار ئۆيىدىن،
ئەكەلگەن تاراڭگا، شاخ-تېزەك.
ھەر كۈنى قۇيۇلغان قۇلاققا،
تېجەشلىك بولۇشنىڭ شوئارى.
ئېيتقىنا، شۇ سەبىي بالىنىڭ،
ئالدىڭدا نېمىتى گۇناھى؟!
ئاشقانتى توپ-توغرا بەش توننا،
پاك-پاكىز يەپسەن ياز پەسلىدە.
ھە،شۇڭا ئىچىڭمۇ تېشىڭدەك،
قاپ-قارا ئىكەنغۇ ئەسلىدە!
چۈمكىگەن تۈڭلۈكنى نەچچە رەت،
ئەنسىرەپ قورقۇنچ ئىچىدە.
ياكى سەن ياسىتىپ بىر ئاچقۇچ،
ئاچتىڭمۇ ئىشىكنى كېچىدە؟
بۇ قىشمۇ يەۋالساڭ ھېيىقماي،
توشامدۇ مەكتەپنىڭ كۆمۈرى؟
بۇرنا كۈن سەن قونۇپ يوقالغان،
مەكتەپنىڭ رېشاتكا تۆمۈرى!
ئۇۋاڭغا كۆتۈرۈپ قاچتىڭمۇ،
ئىئانە قىلىنغان ئوتۇننى؟
بىلمىدىم قاغىلار مۇشۇنداق،
خۇش قىلىپ يۈرەمدۇ خوتۇننى؟!
يۇقىرى تەكشۈرسە ناۋادا،
تۆھمەتكە قالارمۇ بوغالتېر؟
«سەن يېگەن!» دېسە كىم ئىشىنەر،
بولمىسا تۇمشۇقۇڭ قاڭالتېر؟!
ھە، شۇڭا يېسەڭمۇ مەيلىتتى،
تۇمشۇقۇڭ ئۆتكۈدەك ئاشلىقتىن.
بىچارە مالىيە مۇدىرى،
بەك خېجىل بوپ قالدى باشلىقتىن...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلتۇغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-22 21:25