قويمىچى
(ساتېرا)
ھەييار بولۇپ ئاسمانغا پىچاق ئاتقان قويمىچى،
دۆت ئېشەكنىڭ كەينىگە تۆگە چاتقان قويمىچى،
بۇلبۇل، لاچىن كۆرسىتىپ ھۆپۈپ ساتقان قويمىچى،
ئالچۇ چۈشۈپ ئوشۇقى لايغا پاتقان قويمىچى،
ئەسكى مازغا يۆگىنىپ ھەپتە ياتقان قويمىچى.
پۇلى بارنى كۆرسەڭلا ئەتراپىنى چۆرگىلەپ،
غوجام، خېنىم، بېگىم دەپ ئويناقشىيسەن ئەركىلىپ.
نەگە بارساڭ ئېغىزدىن چۈشۈرمەيسەن پەپىلەپ،
سوۋغا-سالام يوللايسەن ئۆيلىرىگە پەتىلەپ،
شەيتانغىمۇ قۇۋلۇقتا كۇرىس ئاچقان قويمىچى.
مەن-مەن دېگەن يارەننى ئوڭدا سالدىڭ نەچچە رەت،
مېۋە بولماس تېرەكتىن ئالما ئالدىڭ نەچچە رەت،
مۇغەمبەرلىك سازىنى ھارماي چالدىڭ نەچچە رەت،
گاھ ئېزىقىپ ئۆزۈڭچە دەردكە قالدىڭ نەچچە رەت،
تەڭرىگىمۇ ھېيىقماي شېرىك تارتقان قويمىچى.
يەجۇجى ۋە مەجۇجى ئاناڭ بىلەن ئاتاڭمۇ؟
كىشى بىلمەس گۆش دېسەڭ بەزمىكىن يە پاتاڭمۇ؟
سېنىڭ بىلەن ماڭغاننىڭ يولى دائىم كاتاڭمۇ؟
تاۋار-دۇردۇن دېگىنىڭ ئەسلى سېسىق لاتاڭغۇ!
مۆمىنلەرنىڭ ئېشىغا توپا چاچقان قويمىچى.
شەھەر ئېلىپ ئاغزىڭدا ۋەدە بەردىڭ تېپىپ ئەپ،
«ياغاچ قازان بىر قاينار»-بۇ سېنىڭچۈن قۇرۇق گەپ.
دوزاخقىمۇ كىرگىلى تاس قالىسەن چىقسا نەپ،
ئۆتەر كۈنۈڭ گاھ خۇشال، گاھ تۇيۇقسىز تېپىك يەپ،
تۇيۇق يولغا خىرامان قەدەم باسقان قويمىچى.
ئىككى پۇتقا ھەر ۋاقىت كىيىۋېلىپ بىر ئۆتۈك،
ئۆيۈڭ تۇرۇپ بىر مىنۇت ئۇىلىيالماي بەخۈدۈك،
تىمسىقىلاپ يۈرۈشكە كوچىلاردا سەن كۆنۈك،
شوراپ تۇرار گوياكى قانلىرىڭنى بىر سۈلۈك،
كوچا-كويدا ئۇر-ئۇرغا قالغان چاشقان قويمىچى.
پۇل تاپماقنى ئۆزۈڭچە شۇنداق ئاسان بىلدىڭغۇ!
ئاق كۆڭۈللەر باغرىنى قان چىقارماي تىلدىڭغۇ!
ئورۇق، ۋىجىك تېنىنى كېچە-كۈندۈز شىلدىڭغۇ!
چۈلۈك سېلىپ بۇرنىغا تۇيدۇرماستىن ئىلدىڭغۇ!
دەردە بارغا ھەسسىلەپ دەردنى قاتقان قويمىچى.
قۇربانىڭغا ئايلاندى نەچچە ئادەم، ۋاي ئېسىت!
تار قەپەزگە ئايلاندى كەڭرى ئالەم، ۋاي ئېسىت!
قەلەندەرگە ئايلاندى قانچە ھاتەم، ۋاي ئېسىت!
تويلىرىمىز گوياكى نەزىر-ماتەم، ۋاي ئېسىت!
قانچە جاننى بىگۇناھ دارغار ئاسقان قويمىچى.
تالاي ئالتۇن-كۈمۈشلەر سەندە مىسقا ئايلاندى،
باغلام-باغلام تىزىلار سەندە ئىسقا ئايلاندى،
تالاي ئىللىق ئائىلە ئاياز-قىشقا ئايلاندى،
«رەھمەت!» دېگەن گۈزەل سۆز، ۋاي قارغىشقا ئايلاندى،
جىن-شەيتانغا ھەر ۋاقىت ئىشىك باققان قويمىچى!
سەن قۇرمىغان ئىدارە،شىركەت، زاۋۇت قالدىمۇ؟!
پايدىسىغا ساتمىغان ھەتتا تاۋۇت قالدىمۇ؟!
سەن دەيۈز قول سوزمىغان بىر تال ئامۇت قالدىمۇ؟!
قەسەم ئۈچۈن مۇھەممەد ياكى داۋۇت* قالدىمۇ؟
ھەقىقەتنىڭ سوتىدىن قورقۇپ قاچقان قويمىچى!
بەس! يىغىشتۇر نەپسىڭنى جاھان ساڭا باقمايدۇ،
ئەقلى بارلار ئالتۇننى قۇم-توپىغا چاچمايدۇ،
ھىيلە-نەيرەڭ، شۇملۇقۇڭ ئەمدى ھەرگىز ئاقمايدۇ،
نائەھلىلەر ھېچكىمنىڭ يۈرىكىگە ياقمايدۇ،
ھەر دوقمۇشتا مىكىردىن قۇرئى ئاچقان قويمىچى!
ئىزاھات:
*مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە داۋۇت ئەلەيھىسسالاملار كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
(بۇ ساتېرا ‹‹جۇڭگو مىللەتلىرى (مىللەتلەر ئىتتىپاقى)›› ژۇرنىلى تەھرىراتى تۈزگەن ‹‹جەزبىدار گۈلدەستىلەر-21-ئەسىرگە سوۋغا (2) ناملىق كوللىكتىپ توپلامغا كىرگۈزۈلگەن.)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلتۇغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-22 21:17