ھىجراننىڭ ئەڭ چوڭقۇر زىندانلىرىغا،
پەرىدە توختاخۇن
ئازاپنىڭ دەرياسى ئاقار تىنىمسىز،
بۇلاقدەك كۆرۈنەر سۇلغۇن چىرايىم.
يېشىللىق قاپلىغان باغلار ماڭا يات،
بىلمىدىم سۆيگۈدە نەدۇر گۇناھىم.
جىسمىمنى قاپلايدۇ مەيۈس بىر ئاھاڭ،
تەشۋىشلەر قول سوزۇپ كېلىدۇ ماڭا
سورىساڭ نەھايەت غەمكىنلىكىمنى،
ھەسرەتتىن سىقىملاپ بېرىمەن ساڭا.
سەكپارە دىلىمنىڭ مۇڭىغا چۆكۈپ،
قەسىدە يازىمەن ساڭىلا ئاتاپ.
ھىجراننىڭ ئەڭ چوڭقۇر زىندانلىرىغا،
بىلمىدىم قاي مەھەل چۈشىدۇ ئاپتاپ....
مەنبە: ئىجادىيەت
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرىدە توختاخۇن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-22 19:09